ئىككى غەزەل
موھەممەدروزى ئابدۇقادىر
1
جان ئاتا قەلبىمدە تاغسەن ھەر قاچان،
بارلىقىم مىھرىڭگە زاردۇر مېھرىبان.
يالغۇزلۇق قىينار شەھەردە ئىت بولۇپ،
كىرىسەن چۈشۈمگە نۇردەك ناگىھان.
بالىلىق تۇرار يىراقتا گۈل تۇتۇپ،
سېغىنىش ياسار ئىزىمدا مۇڭ-قىيان.
تالجىققان روھىمدا باردۇر كەڭ دالا،
چېگراسىز ئۇسساپ ئاقارغان بىر پايان.
تەقدىرىم سۇنغان ھاياتنىڭ قوينىدا،
شېئىرىم ياتار يېنىمدا زەپىران.
بۈركۈتۈم بارار جىرانى ئايلىنىپ،
سۈرىتىڭ باقسام قاياققا، تاڭ ئايان.
بار پەقەت باغرىڭغا چۆككۈم باش قۇيۇپ،
ئوت بولۇپ يانغان دىلىمنى قىپ ئايان.
2
كۈن سىياق كۆردۈم يۈزۈڭنى چوغ بولۇپ ياندى تىنىم،
ئەركىلەپ كەتتىڭ يىراق سۇسىراپ باردى بېغىم.
ئاسمىنىم باقتى يولۇڭغا كەپتىرىم چاچتى خىيال،
كەلمىدىڭ گۈللەر تۇتۇپ مۈكچىيىپ كەتتى تېغىم.
پەنجىرەڭ تۈۋىدە ئىزلار، كۈن كۆرۈپ چەكتى ئەلەم،
ئىشىكىڭ تۈۋىدە ياتتىم سەۋرىسىز پۈتتى ئۈنۈم.
سۇندۇڭ ئاي پىيالىنى چاكلىنىپ قاپتۇ قىرى،
مەن كېتەي يوللار ئېلىپ چاي قۇيۇپ بولماس يېرىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا روزى قادىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-16 16:11
|