كۆرۈش: 1184|ئىنكاس: 0

رۇزى گۈلباي

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
未标题~1.JPG
روزى گۈلباي 1954-يىلى تاشقورغان تاجىك ئاپتونۇم ناھىيسىنىڭ داتوڭ يىزىسى كىچىك تۇڭ كەتنىدە تاجىك چارۋىچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى داتۇڭ يىزىسدا، تاشقورغان ناھىيە بازىرىدا تۈگۈتۈپ، 1972-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 1976-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ تارىخ فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ تاشقورغان تاجىك ئاپتونۇم ناھىيىسىدە ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ كەنىت پارتىيە ياچايكا شۇجىسى، يېزا ئىتتىپاق كومتىتىنىڭ شۇجىسى، ناھىيلىك پارتىيە مەكتىپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، يىزىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ناھىيلىك مەدەنىيەت-مائارىپ ئىدارىسى پارتىيە گورۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى، ئاپتونۇم ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى، ناھىيلىك پارتىكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمەت پارتىيە گورۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ھاكىم قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. 2006-يىلىدىن بىرى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىكومنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە.2001-يىل2-ئايدا شىنجاڭ يازغۇچىلارجەنئىيىتىگەئەزا بۇلغان.
روزى گۈلباينىڭ ئەدەبى ئىجادىيىتى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا باشلانغان، ئۇ دەسلەپتە جۇڭگۇ تاجىك تىلىدا شېئىر، ناخشا تىكىستى، قوشاقلارنى يازغان. ئۇنىڭ جۇڭگۇ تاجىك تىلىدا يازغان شېئىر، ناخشا تىكسىتى، داستان ۋە قوشاقلار 700 پارچىدىن ئارتۇق بولۇپ، نۇرغۇنلىرى مۇزكىغا سېلىنىپ خەلق ئارسىغا كەڭ تارقالغان.
روزى گۈلباينىڭ جۇڭگۇ تاجىك تىلدا يازغان «مانگۇل» داستانى (1974)، «ھۆرنە ما» داستانى (1975)، «خۇشرۇي تەڭگېف» داستانى (1984)، «مودىل ئەۋەس» داستانى(1985) ۋە «سۈرۈد-سۈرۈد گۈلەم زوكىت» داستانى (1986) ئىنتايىن مۇۋەپىقيەتلىك چىققان بولۇپ، تىل بەدىئىيلىك جەھەتتە چوڭقۇرلۇقنى، ئوبرازلىقنى، ھىكمەت ۋە ھەققى ئىجادچانلىقنى جارى قىلدۇرغان.
روزى گۈلباينىڭ ناخشا تىكسىلىردىن مۇزىكىغا سېلىنىپ خەلق ئارسىغا تارقالغىنى ناھايىتى كۆپ. ھازىرغىچە توي-تۆكۈن، يىغىلىش، مەشرەپ-ئولتۇرۇشلاردا ئورۇندىلىپ كىلۋاتقان نوقتىلىق ناخشىلاردىن «مانگۇل»، «ھۆرنەما»، «سىرەد جىنىج گۈل»، «رەنا»، «پومەيىر بۇلبۇلى»، «تەڭتۇش مېھىر»، «گەۋەرۇت»، «گۈلى سەتبەرگ»، «زەرەپشان»، «پومەير دوختەر»، «پومەير بىيۇرى»، «تاش قەلە»، «دە بۇلبۇل»، «زىرىد كىتورج»، «مو گۈلشەن»، «كوي نازگۇل»،«زەرەپشان پەزلەب»، «گۈل پەرى»، «مودىل ئەۋەس»، «مو گۈل بىلەنىد»، «مو گۈل چىراي»، «تارىسىم» قاتارلىقلىرى بار.
روزى گۈلباي 1979-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىل يېزىقىدىكى ئىجادىيتىنى باشلىدى. شۇ يىلى «جەڭچى» دىگەن شېئىرى قەشقەر گېزىتىدە ئېلان قىلىنىپ ئۇيغۇر تىلدىكى ئىجادىيەتنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باستى.
روزى گۈلباينىڭ ھازىرغىچە كۆپلىگەن شېئىر، نەسىر، يومۇر، ھېكايە، پوۋسىت، سىنارىيە، رۇبائى، ئەدەبى ئاخبارات ۋە ئىلمى ماقاللىرى ئاپتونۇم رايونمىزدىكى ھەر قايسى گىزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلنىپ، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرىلىرى «خۇش ئامەدى»، «مۇز تاغ سۆيگۈسى»، «شىنجاڭ تاجىك ئەدىبلىرى»، «جۇڭگۇ تاجىكلىرى» قاتارلىق مەجمۇئەلەرگە كىرگۈزۈلگەن.
ئۇنىڭ «سەيلىگاھ» ناملىق تاللانغان شېئىرلار توپلىمى 2004-يىلى شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى تەرپىدىن نەشىر قىلنىپ تارقىتىلدى.2012-يىلى 4-ئايداقەشقەر ئۇيغۇرنەشىرياتى ئاپتۇرنىڭ «سېسەد رۇبائيى»(ئۇچيۇزرۇبائيى)نى نەشىر قلىپ تاقاتتى.ئۇنىڭ «بەش قوي»، «چۈشۈنۈش»، قاتارلىق ھىكايىلىرى «پامىر ھىكايىلىرى» توپلىمىغا، «جىددى پەيىتتە» ناملىق ھىكايىسى «جىلغىدىكى مەقبىرە» دىگەن ئەدىبى مەجمۇئەگە، «دوختۇر چاقىرىش»، «ئاۋازنىڭ سىھرى كۈچى»، «مەن ياششىم كېرەك» قاتارلىق خېلى كۆپ ھىكايىلىرى «شىنجاڭ تاجىك ئەدىبلىرى» ناملىق توپلامغا كىرەۈزۈلگەن. ئاپتورنىڭ    «قاشتېشى نىمە ئۈچۈن شۇنچە سۈزۈك» ناملىق كىنو سىنارىيىسى، «بۈركۈت نەي ساداسى» تىلۋىزيە سەنئەت فىلىمى ۋە بىر قانچە ئوبروز تەتقىقات ماقاللىرى بار.روزى گۈلباينىڭ «ئاھ دىل پارە»ناملىق پوۋسىتى تارىم ژۇرنىلنىڭ 2000-يىلى 11-سانىدا ئېلان قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. 2001-يىلى بۇ پوۋسىت تۇنجى قېتىم تارىم ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 2001-يىلى شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى تەرپىدىن ئاپتورنىڭ «ئاھ دىل پارە» ناملىق پوۋسىت، ھىكايىلەر توپلىمى نەشىر قىلىندى.
2008-يىلى خەنزۇچە «قەشقەر» دىگەن ژۇرنىلىنىڭ 3-4-سانىدا «قاشتىشى نىمە ئۈچۈن شۇنچە سۈزۈك» ناملىق سىنارىيسىنى ئېلان قىلىنىپ، جەميەتتە يەنە بىر قېتىم كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ئاپتورنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى خەنزۇتىلدا تەرجىمە قىلىنىپ تونۇشتۇرۇلدى.
  روزى گۈلباي جۇڭگۇ يېزا مائارىپ تەتقىقات جەمئىيەتنىڭ ئەزاسى، ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيەتنىڭ ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيتنىڭ ئەزاسى.


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش