يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 426|ئىنكاس: 5

قاسىم سىدىق :فىزىكىلىق ئالەم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-12-16 14:32:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

فىزىكىلىق ئالەم


قاسىم سىدىق




كىلاسسىك ئىدىيىلەر «ئالەم»نى «بارلىق»، «ھەممە» دەپ چۇشۇنۇدۇ ۋە ئونى «ماددا»، شۇنداقلا «ماكان»دىن ئىبارەت بىر-بىرىدىن كەسكىن پەرىقىلىنىدىغان ئىككى خىل ئوبىكتىپ رىئاللىقنىڭ بىر پۈتۈنلىگى دەپ قارايدۇ. فىزىكىلىق شەكىل نەزەريىسىنىڭ «ئالەم» قارىشىمۇ ئېينشتيىندىن ئىلگرىكى (ئارستوتىلدىن باشقا) يۇقۇرقىچە ئالەم قارىشى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە.
«ماددا» ۋە «ماكان»دىن ئىبارەت بۇ خىل ئىككى مەنبەنىڭ خۇسۇسيەتلىرىنى ئايرىم-ئايرىم تەسۋىرلىسەك، «ماددا» ئۆزى چەكلىك، ھەجىمى مۇتلەق بولغان ئوبىكتىپ رىئاللىق، ماكان بولسا ئومومىلىقتا چەكسىز، ھەربىر كونكىرتلىقتا چەكلىك، جىملىغى مۇتلەق بولغان ئوبىكتىپ رىئاللىقتىن ئىبارەت.
يۇقۇرقى تەشەببۇستىن شۇنداق نەتىجە كىلىپ چىقىدۇكى؛ بىز «ئالەم»دىن ئىبارەت بۇ ئاتالغۇنى ئىشلەتكەندە نوقول «ماددا»دىن ئىبارەت بىر قاتلام (مەنبەنى)كۆزدە تۇتۇۋاتامدۇق ياكى ماددا ۋە ماكاندىن ئىبارەت بىر پۇتۇن ئالەمنى كۆزدە تۇتۇۋاتامدۇق؟- بۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ ئىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە.
بۇ يەردە شۇنداق ئىتىشقا بولىدۇكى؛ ماددا ۋە ماكاندىن تۈزۈلگەن بىر پۇتۇن ئالەم چەكسىز ئالەم بولۇپ ئۇنى پەلسەپەۋى ئالەم دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. چۇنكى پەلسەپەنىڭ تەتقىق قىلىدىغىنى «ھەممە» بولۇپ كونكىرىت تەبىئەت پەنلىرى «ھەممە»نى تەتقىق قىلىپ ئولتورمايدۇ. ماكاننىڭ ئومومىيلىقتا (بىر پۈتۈنلۈكتە) چەكسىزلىگى بۇنداق پەلسەپەۋى ئالەمنىڭ چەكسىزلىگىنى بەلگىلىگەن.
كونكىرىت تەبىئەت پەنلىرى، جۇملىدىن فىزىكا ماددا ۋە ئۇنىڭ ھەركىتىنى تەتقىق قىلىدىغانلىقى ئۇچۇن ماددا بولمىغان ۋە ماددا ھەركىتىنىڭ يىتەرلىك ئىھتىياجدىن ھالقىغان «نوقۇل ماكان»نى ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئوبىكىتى قىلمايدۇ. شۇڭا تەبىئەت پەنلىرى جۇملىدىن فىزىكا نەزىرىدىكى «ئالەم» ھامان چەكلىك بولىدۇ. ماددىنىڭ گىئومىتىريىلىك مىقدارىنىڭ چەكلىكلىگى بىلەن بۇ ماددىنى ئۆز قوينىغا ئالغان ماكاننىڭ ھەربىر كونكىرىتلىقتا چەكلىكلىگى «فىزىكىلىق ئالەم» (تەبىئەت ئالىمى) نىڭ چەكلىكلىگىنى بەلگىلىگەن. «فىزىكىلىق ئالەم» ئاتالغۇسى ۋە ئۇقۇمىنى تەشەببۇس قىلىشتىكى ئاساسى سەۋەبمۇ دەل مۇشۇ يەردە.
بىزگە مەلۇمكى كىۋانتلىق فىزىكىلىق ئالەمنىڭمۇ ئىككى مەنبەلىك بولىشىنى شەرىت قىلىدۇ. يەنى «كىۋانىت» پەقەت فىزىكىلىق شەكىل نەزەريىسى مەنىسىدىكى «ماكان» (يوقلۇق-ھەققىي بوشلۇق) شەرتى ئاستىدىلا ئاندىن رىئاللىققا ئاينىلالايدۇ.
فىزىكىلىق ئالەمنىڭ ھامان چەكلىك بولىدۇ دىيىشىمىزدىكى سەۋەپ شۇكى، خالىغانچە يىراقلىقتا، قارمۇ-قارشى يونولۇشتە غايەت زور تىزلىكتە بىر –بىرىدىن يىراقلىشىپ كىتىۋاتقان ئىككى ماددى نوقتا بار دەپ پەرەز قىلساق ئۇلارنىڭ ئارلىغى ھامان چەكلىك بولىدۇ. بىز بۇ ئىككى ماددى نوقتىنىڭ ئارلىغىنى فىزىكىلىق ئالەمنىڭ رادىئوسى ۋە ياكى دىئامىتىرى دەپ تەسەۋۋۇر قىلغاندا ئوخشاشلا فىزىكىلىق شەكىل نەزەريىسىدىكى ئاق قەغەز مودىلى2-ۋە 3-رەسىمگە ئىرىشىمىز.
فىزىكىلىق ئالەم كىڭەيگەنچە زىچلىقنىڭ كىمىيىپ باردىغانلىقى، تارايغانچە زىچلىقنىڭ ئارتىپ باردىغانلىقى- فىزىكىلىق ئالەمنىڭ ھەرقانداق پەيىتتە كىۋانتلىغى ۋە ئىككى مەنبەلىكلىگىنىڭ يىتەرلىك دەلىلى. دىمەك، چەكلىك فىزىكىلىق ئالەم ئوخشاشلا ئىككى مەنبەلىك ئالەمدۇر.
فىزىكىلىق ئالەم ئۈقۇمى تۇرغۇزۇلمىغان ئەھۋال ئاستىدا پەيلاسۇپ بىلەن فىزىك ئوتتورىسىدىكى مۇنازىرە ئاياغلاشمايدۇ. بۇ ئۇقۇم تۇرغۇزۇلغاندىن كىيىن ھەر ئىككەيلەن قانائەتلىنىدۇ.
ئەمدى قەپقالغىنى: ئالەمدىكى ماددىنىڭ (ماسسا –ئىنىرگىيە) مۇتلەق ھەجىمىنى نىمىلەرگە ئاساسەن بىكىتىش مەسىلىسى.
قارائۆڭكۇرنىڭ كىرتىك زىچلىغى ئاساسىدىكى مۇتلەق ھەجىم ئۇستىدە بىز دەسلەپكى خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق. ئاتوم يادروىسىنىڭ زىچلىغى ئاساس قىلىنغان غۇۋا ماددا ۋە غۇۋا ئىنىرگىيمۇ ھىساپقا كىرگۇزۇلگەن (ئو مەۋجۇت دەپ قارالغان ئەھۋال ئاستىدا) ئالەمدىكى ماددىنىڭ مۇتلەق ھەجىمى ئۇستىدە ئىزدىنىش بىزنىڭ نۆۋەتتىكى خىزمىتىمىز.
شۇنى ئەسكەرتىش زۆرۇركى؛ فىزىكىلىق شەكىل نەزەريىسى غۇۋا ماددا ۋە غۇۋا ئىنىرگىيەنىڭ ئىھتىماللىقىنى چەتكە قاقمايدۇ. پەقەت ئۇنىڭ مىقداىنى ئۆزىگە خاس مەۋقەدە تۇرۇپ ئويلىشىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك بۇ نەزىرىيە «غەيرى نوقتا» دىن ئىبارەت مۇشۇنداق غەلىتە بىر رىئاللىقنىڭ ئىھتىماللىغىنى چەتكە قاقمايدۇ. ئونى ساقلىنىش قانونلىرى يەنىلا ئورۇنلۇق بولۇش شەرتى ئاستىدا بىر خىل مۇمكىنلىك دەپ قارايدۇ. ھەر ئىككى ئەھۋال ئاستىدا مۇتلەق ھەجىمنىڭ گىئومەىتىرىيىلىك مىقدارىدىلا ئۆزگىرىش بولىدۇكى، فىزىكىلىق شەكىل نەزەريىسىگە پىرنسىپال قىيىنچىلىق كەلتۈرۈپ بىرەلمەيدۇ. يۇقارقى ئاساسلارنى كۆزدە تۇتۇپ «فىزىكىلىق ئالەم» گە تۆۋەندىكىچە ئىنىقلىما بىرىشكە بولىدۇ:
فىزىكىلىق ئالەم ـــ چەكسىز ماكان (يوقلۇق) نى تاشقى چىگرا شەرتى قىلغان، ماددا (ماسسا- ئىنىرگىيە) ۋە ماكاندىن ئىبارەت ئىككى خىل ئوبىكتىپ رىئاللىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ ئۆلچەملىك، ئىككى مەنبەلىك چەكلىك مەۋجۇتلۇك.
فىزىكىلىق ئالەمنىڭ خۇسۇسيەتلىرى:
1. گىئومىتىرىيىلىك ھەجىمى ئۆزگۇرۇشچان بولىدۇ.
2. ئۆزگۇرۇشى دەۋرى بولىدۇ.
3. ھەرقانداق پەيىتتە ئىككى مەنبەلىك (قاتلاملىق) ھالتىدىن ئايرىلمايدۇ.

2010-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۇنى.



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-17 10:42:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما ئاستىغا «ئالەم»ھەققىدىكى تېما ،ئۇچۇرلارنى يوللاپ،مۇلاھىزە-مۇنازىرە ئېلىپ بارساق بولىدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-17 10:43:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالەم ئۈچ ئۆلچەملىك گولۇگىراپىك پىرويىكسىيە
模型计算显示惊人结果 宇宙或为"三维全息投影
      http://www.kexue.com 2013-12-16 10:50:14 新浪科技  发表评论

ئالەم ئۈچ ئۆلچەملىك گولۇگىراپىك پىرويىكسىيە(تەسۋىر،سۆرەت) نەزەريىسىنىڭ قارىشىچە ئالەمدىكى تارتىش كۈچى تىنمسىز تەۋرىنىپ تۇرىدىغان"تار"لاردىن شەكىللەنگەن.بۇ تارلارتۇز(تەكشى-ت)،ئاددى بولغان ئالەمدە يۇز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ گولۇگىراپىك سۆرىتىدىن ئىبارەت.
ياپۇنىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ھېساپلاش نەتىجىسى بۇ خىل گولۇگىراپىك تەسۋىر نەزەريىسىنىڭ توغرا بولۇشنىڭ مۇمكىنلىكىنى كۇرسەتتى

بۇ نەزەريىچە بولغاندا سىز كۇرىۋاتقان بارلىق نەرسىلەر ،ھەتتا مۇشۇ ماقالىنىڭ ھالىتى،سىزنىڭ يېنىڭىزدىكى ھەممە نەرسىلەربىر ئىستىرونۇمىتىرىيىلىك پىرويىكسىيەدىن ئىبارەت.
بۇ خىل نەزەريىنىڭ يىلتىزى  1997-يىلى نەزەريە فىزىكا ئالىمى جۇئان مالداسېنا(Juan Maldacena)  ئوتتۇرىغا قويغان بىر مودىلغا چېتىلىدۇ.بۇ نەزەريە ئاڭلىماققا بەكمۇ ئۇزگىچە بىلىنسىمۇ ،لىكىن،ھازىرغىچە ھەرقانداق بىر تەكشۆرۆش ئۆتكىلىدىن ئۆتمىگەن.پەقەت يېقىندىكى بىر ماتىماتىكىلىق مودىلدىن قولغا كەلتۆرۆلگەن نەتىجە بۇ فىزىكىلىق مودىلنىڭ ئەمەليەت بولۇشى مۇمكىنلىگىنى كۇرسەتتى.
بۇگۆن تارقىتىلىدىغان"تەبىئەت"ژورنىلىدا ياپونىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ گولۇگىراپىك تەسۋىر نەزەريىسىنىڭ توغرىلىغىنى ئىسپاتلىشى مۇمكىن بولغان ماتىماتىكىلىق ئىسپاتقا ئالاقىدار ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.




 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-17 10:52:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىملار ھېساپلاش ئارقىلىق«پال»ئېچىشتى:ئالەم تارىيش ئارقىلىق بەربات بولىشى مۇمكىن
科学家给宇宙"算命" 或存随时"坍缩毁灭"可能性
  http://www.kexue.com 2013-12-17 09:10:51 腾讯科学  发表评论
                    

相变论认为当宇宙出现某个突变的“泡沫”时,就会以光速在宇宙中蔓延,最终导致整个宇宙坍缩

تولۇقى بۇ يەردە:
http://space.kexue.com/2013/1217/36678.html

قىسقا ئوبزۇر:
ئاز بولمىغان  ئالاقىدار تەتقىقات نەتىجىلىرىگە قارىغاندا "ئالەم"نىڭ تارىيىپ بەربات بولىشى ناتايىن.ئالەم تارايغاندىن كىيىن يەنە پارتىلاپ قايتا دەۋرى قىلىدۇ.ساقلىنىش قانونلىرى بۇنداق دەۋرىلىكنىڭ ئاساسى.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-18 15:45:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئالەمنىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى قىياسلار: رەسىمدىكى Ω_m ئالەمنىڭ  زىچلىقىنى، Ω_v ئالەم قاراڭغۇ ئىنىرگىيە زىچلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئالەمنىڭ كىڭىيىش تىزلىكىنى ھابىل كونىستانتىنى ئۆلچەش ئارقىلىق بىلگىلى بولىدۇ، لىكىن بۇ كونىستانتنىڭ ھازىرقى قىممىتى بىلەن بۇرۇنقى ئالەمدىكى قىممىتى ئوخشىماسلىقى مۇمكىن، يەنى بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئالەم زىچلىقىغا باغلىق بولىدۇ. رەسىمدە ئاستىدىكى قوڭۇر سىزىق زىچلىقى يۇقۇرى ئالەمنى ئىپادىلەيدۇ، بۇ ھالەتتە ئالەم مەلۇم مىليارد يىللار كىڭىيىپ ئاندىن يەنە يىگىلەپ ئۆز ئەسلىگە قايتىدۇ. يىشىل سىزىق ئىپادىلەيدىغان ئالەم تەقدىرى بولسا، بۇ خىل ئالەمنىڭ زىچلىقى كىرىتىك زىچلىققا تەڭ بولۇپ، كىڭىيىش بارغانچە ئاستىلاپ بارىدۇ. كۆك سىزىقتىكى ئالەمنىڭ زىچلىقى سەل تۆۋەن، بۇ خىل ئالەممۇ داۋاملىق كىڭىيىپ بارىدۇ، لىكىن كىڭىيىش تىزلىكى ئانچە تىز بولمايدۇ. ئەڭ ئۈستىدىكى قىزىل سىزىق بولسا "قاراڭغۇ ئىنىرگىيە" سەۋەبلىك كىڭىيىشى تىخىمۇ تىزلىشىپ بارىدىغان ئالەمنى ئىپادىلەيدۇ، ھازىرقى تەرجىبە نەتىجىلىرى ئالەمنىڭ بەكىرەك مۇشۇ خىل ئىھتىماللىق بويىچە ماڭىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا.

مەنبە:
http://achinuq.blogbus.com/logs/97530604.html
__________________

زىچلىقنى ۋە تارتىش كۈچىنى ھەممىنى بەلگىلەيدۇ دەپ قارايدىغان بۇ خىل پەرەزلەرنىڭ ھەممىسى دىگىدەكلا  شەكىل نەزەريىسىدىكى ھەركەت شەكلى ئىدىيىسى،29-41-تىئورمىلار ئورۇنلۇق بولغان ئەھۋالدا ئەھمىيىتىنى يۇقۇتۇدۇ.لىكىن بۇ بىر ياخشى تېما ئىكەن.



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-22 13:56:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئالەم بوشلۇقىدىكى 50 يۇلتۇزلار سىستېمىسىدا ئىلغار تاشقى پىلانت جانلىقى مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن




ئەنگلىيە «ئەينەك گېزىتى» نىڭ 16-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە ئىشتاتى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىمى روگېر گىرىففىس 100 مىڭغا يېقىن يۇلتۇزلار سىستېمىسىنى كۆزىتىش ئارقىلىق، ئالەم بوشلۇقىدىكى 50 يۇلتۇزلار سىستېمىسىدا تاشقى پلانېتا جانلىقى مەۋجۇت بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خەۋەر قىلىنىشىچە، يۇلتۇزلار سىستېمىسىدىن تارقىتىلغان يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى نۇردىن بۇ تاشقى پلانېتا جانلىقلىرىنىڭ ئىلغار جانلىقلاردىن ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدىكەن.


http://www.nur.cn/news/2015/04/221085.shtml


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش