مەيخانا*ھەققىدە
كىم مېنى بۇيەرگە باشلىغان بولسا شۇ مېنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويسۇن!
جالالىدىن رۇمى
مەقسۇت ئەمىن ئەركيار تەرجىمىسى
مەيخانا-مولچىلىققا تولغان جاي.بۇ يەردە ھەرخىل مەيلەرنى تېتىپلا قالماي،ئەقىلگە پايدىلىق مۇنازىرىلەرمۇ بار.ئاجايىپ ھېكايەتلەرنى ئاڭلىغىلى،روھتىن چىقىۋاتقان ناخشا ئاۋازىنى ئاڭلاپ ھوزۇرىنى سۈرگىلى بولىدۇ.مەيخانىدىكىلەر تۇڭلاردا ئېچىتىلغان ئۈزۈم سۈيىدەك سۈزۈك ئېقىپ چىقىپ بىر-بىرىگە قوشۇلۇپ كېتىدۇ.بۇ دەل ئىككى مەستنىڭ ئاخىرىغا كېلىپ دوستلىشىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر.ئېزىقىش-ئېزىقتۇرۇش،ھاۋايى-ھەۋەس گاھ يۇشۇرۇن،گاھ ئاشكارا دۇنيانى باشقا ئىبارە بىلەن تەرىپلەش بىھاجەت. ئەمما،مەيخانىدا تۇرىۋەرگەندىن كېيىن،بىرئايرىلىش نۇقتىسىغا ئۇچرايسەن.بۇ ۋاقىتتا،ئادەم يەنە بىرجاينى ئەسلەيدۇ،ئۆزىنىڭ كېلىش مەنبىيىنى سېغىنىدۇ.شۇنىڭ بىلەن،قايتىش سەپىرى چىقىدۇ.قۇرئاندا مۇنداق دېيىلىدۇ:«ھەممەيلەن قايتقۇچىدۇر».رۇمىنىڭ كۆرسىتىشىچە،مەيخانا خەتەرلىك جاي،بەزىدە ساختا قىياپەت زۆرۈر بولۇپ قالىدۇ.ئەمما،ھەرگىزمۇ ئۆزۈڭنىڭ يۈرىكىگە مۆكۈۋالما،باشتىن-ئاخىرى يۈرىكىڭنى ئېچىۋەت.ئايرىلىش ۋاقتى كەلگەندە،روھىڭ قاتتىق توۋلىغىنىچە مەيخانىدىن چىقىپ،چوڭ كوچىغا ئۆتۈپ قايتىش يولىنى ئىزدەيدۇ.
سەھەر سائەت تۆتتە نەسىردىن مەيخانىدىن ئايرىلدى،شەھەردە مەقسەتسىزلا ئايلىنىپ يۈردى.بىر كۆزەتچى ئۇنى چاقىرىپ سورىدى:
ـــ يېرىم كېچىدە نېمىشقا يەنە كوچىدا لاغايلاپ يۈرۈيسەن؟
ـــ بۇرادەر،ئەگەر جاۋابىنى بىلىدىغان بولسام،بىرنەچچە سائەت بۇرۇنلا ئۆيگە قايتىپ بولمامتىم! ـ دەپ جاۋاب بەردى،نەسىردىن.
مەيخانا* ــ مەي(ھاراق) ئىسلامدا قەتئى چەكلەنگەن.بىراق،سۇفىلىق يولىدا ماڭغۇچىلار مەنىۋى كامالەتتىكى مەستخۇش ھالەتنى مەي ئارقىلىق ئىپادىلىگەن.شۇڭا،بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان مەي ھاراقنى كۆرسەتمەيدۇ. بۇ رۇمى ئەسەرلىرى ۋە بىرقىسىم سۇفىستىك شېئىرلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان ئوخشىتىش.
رۇمىنىڭ"باھاردا مېۋىلىك باغقا كىرىش"ناملىق كىتابىدىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا م.ئەمىن ئەركيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-16 04:16