كۆرۈش: 951|ئىنكاس: 11

قومۇلدىن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بايقالدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-12-12 10:07:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
  قومۇلدىن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بايقالدى!!!



-ئەركىم


       ھەممىمىزگە مەلۇم 1950-يىللاردا قومۇل شەھىرى قوراي يېزىسىنىڭ تۆمۈرتى كەنتىدىن << مايتىرى سىمىت>> بۇددا دىنىغا ئائىت قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان كىتاب بايقالغانتى.  تىلچى كىتابقا مۇنۇ قۇرلارنى يازغان ئىكەن.- مەنكى پىرتان راكشىت (بۇددىسىت ئۇيغۇر)  مايتىرى سىمىتنى توخرى تىلىدىن تۈرك ئۇيغۇر تىلىغا ئاغدۇردۇم.  بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان توخرى تىلى 8-9-ئەسىرلەرگىچە ئىشلىتىلىشتىن قېلىپ ئۆلگەن تىللار قاتارىغا كىرىپ بولغان تىل. شۇڭا ئۆز زامانىسىدا مايتىرى سىمىتنىڭ ئۆلگەن تىلدىن ئەمەس جانلىق ئىشلىتىلىۋاتقان دەۋىرلەردە يەنە 9- ئەسىردىن بۇرۇن توخرى تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا ئاغدرۇلغانلىقى بىزگە مەلۇم بولىدۇ. دېمەك، بۇ كىتاب ئىدىقۇت ئۇيغۇر خاندانلىقىدىنمۇ بۇرۇنقى دەۋىرلەرگە توغرا كېلىدۇ.( ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى 860-يىلى قۇرۇلغان ) قومۇلدىن تېپىلغان قىممەتلىك مىراسىمىز بولغان بۇ تەۋەرۈك ھازىر مەيلى جۇڭگونىڭ بولسۇن ۋە مەيلى خەلقارانىڭ بولسۇن ئىزچىل دىققەت ئېتىبارىغا سازاۋەر بولۇپ كېلىۋاتىدۇ! دۇنيادىكى ئۇيغۇرشوناس ۋە ئۇيغۇر، تۈرك تارىخىغا قىزىققۇچىلارنىڭ ھەممىسى بۇ كىتاب ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ھازىر بۇ كىتاب ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق موزىيخانىدا ئەتىۋارلىنىپ ساقلىنىۋاتىدۇ.

        ئەمدى گەپنىڭ نەق ئۆزىگە كەلسەك، يەنە شۇ مۆجىزىلەر ماكانى بولغان تۆمۈرتى بىلەن خوشنا بولغان باتۇرىمىز سېيىت قۇرباننىڭ يۇرتى نېرناسىدىن يەنە بىر پارچە كىتاب بايقالدى! بۇ كىتابنىڭ بايقىلىش جەريانى تولايامان ئۇزۇنغا سوزۇلدى، بىز ھەم ئۇيغۇر يېزىقى ۋە تارىخىغا قىزىققۇچىلار شۇنداق بىر كىتاب يا بولمىسا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ بىرەر تال ھەرىپىنى بولسىمۇ ئىزلەۋاتقىلى 50-100 يىل بولاي دەپ قالغانتى...ئاخىرى ئۇدۇم قىلساڭ ئۇلىشىسەن، دەپ بۇ يىلقى بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە  بىز زارىقىپ كۈتكەن بۇ قەدىمكى ئاتا بوۋىلىرىمىزنىڭ ئەقىل ئەجىرى، قان-تەرى سىڭگەن ئالتۇن كەبى سۆيۈملۈك كۆرۈنىدىغان قەدىمكى ئۇيغۇرچە يېزىقنىڭ ئۇچىرىغا ئېرىشىپ قالدىم.بۇ نېرناسىنىڭ تېخى قىشلىق ئۇيقۇدىن ئۇيغانمىغان كۈنلىرى بولۇپ، ھاۋا تولىمۇ سوغوق ئىدى. شۇكۈنى يەنى 2-ئاينىڭ 13- كۈنى مەن، بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىرىشچان ئوقۇغۇچىسى ئابلاجان يۈسۈپ تەھۇرى، تۈركىيە ئەنقەرە ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ قەيسەر ئوقۇغۇچىسى سەزەن ئۆزقان قاتارلىق ئۈچەيلەن، قومۇل شېۋىلىرىنى يىغقىلى بۇ قەھرىتان قىشتىمۇ بىر خىل سېھىرلىك گۈزەللىككە تويۇنغان، قەدىمى تاغلىق كەنت نېرناسىغا قەدەم باستۇق. توۋۋا نېرناسى خەلقى نەقەدەر ئوچۇق-يورۇق، مېھماندوست خەق ھە؟!مەيلى قايسىلا ئۆيگە كىرەيلى، خۇددى ئۆز تۇققانلىرىمىزنىڭ ئۆيىگە كىرگەندەك قىزغىن قارشى ئېلىناتتۇق. بىز تاغلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقكۆڭۈلىكىنى ھېس قىلغاچ ئۆز ئىش-ئەمگەكلىرىمىز بىلەن كۈننىڭ قانداقلار بولۇپ كەچ بولغىنىنىمۇ سېزەلمەپتىمىز. قايتاي دېسەك يول يىراق، قالاي دېسەك بىز بۇ يەرگە ناتونۇش. ئاخىرى كەنت كادىرلىرى بىزگە ياتىدىغان جاي ھازىرلاپ بەردى.  ئەتىسى نىمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغىنىنى بىر ئاللا بىلىدۇ. بىز سەھەر تۇرۇپ نېرناسىدىكى مېھرىبان ئانىمىز پاتمىخان ئانمىزنىڭكىگە كىردۇق، ئۇ ئۆز قولى بىلەن ئەتكەن قوتۇرماچقا داخىل بولدۇق، ساپ نېرناسى شىۋىسىدە بىزنى سەنلەپ سۆزلەۋاتقان پاتمىخان ئانىمىز بەكمۇ قىزغىن، ساپدىل، مېھرىبان، پاراڭچى ئايالكەن.

    بىز تاكى مۇشۇ كۈنگىچە تېلىفۇنلىشىپ تۇرىمىز. ئارىلىقتىكى بىر قانچە ئايلاردا سەزەن بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىتىغا ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغىلى كەتتى. 4-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا سەزەن قومۇلغا يەنە بىر قېتىم كەلدى، بىز ئارتۈركچى مۇئەللىم ئايجاماللار بىرلىكتە  شىۋە يىغىش ئىشىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق.5-ئاينىڭ21-كۈنى بىز سەزەننىڭ كۈچلۈك تەلىپى بىلەن ئۇنىڭ مېھرى چۈشۈپ قالغان خىلۋەتتىكى بۇ نېرىناسىغا يەنە قەدەم باستۇق. بىز ئالدىراشچىلىق ئىچىدە پاتمىخان ئانام قاتارلىق  بىر قانچە ئۆيلەرگە كىرىپ قايتايلى، دېسەك تۈركىيەلىك سەزەن يەنە بىر ئۆيگە كىرىپ ماڭايلى، دەپ تۇرىۋالدى. چۈنكى ئۇ بۇ قەدىمىي ئويۇقلۇق ئۆيلەر بىلەن تولغان، پات ئارىدا تۈزلەڭگە كۆچۈرۈلۈپ كېتىش ئالدىدىكى نېرناسى دېگەن يۇرتنى ۋە بۇ يۇرتتىكى بارلىق ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنى ياقتۇرۇپ قالغانتى. مەن يول مېڭىپ چارچاپ كەتكەچكىمۇ ئۇ ئۆيگە كىرمەي سىرتتا قالغانتىم، توساتتىن ئاشۇ ئۆينىڭ سىڭىرىدىكىلا بىر كىچىك چوققىغا كۆزۈم چۈشتى. ئۇزۇن يىللىق تەجىرىبەمگە ئاساسلانغاندا، بۇ چوققا بىر قەدىمىي خارابىلىكتەك تۇراتتى، مەن ئۇنىڭ يېنىدىن بىر پارچە قەدىمكى ساپال سۇنىقىنى تېپىپ سىنچىلاپ قاراپ تۇرسام، ئۆيدىن بىر ئورۇقراق يىگىتچاق چىقىپ كېلىپ مەن بىلەن ئەھۋاللاشتى. ئۇنىڭدىن بۇ چوققىنىڭ ئىسمىنى سورۇدۇم، بۇ چوقىنىڭ نامى كۆك دۇققا ئىكەن. ئەدەبلىك ۋە ئاقكۆڭۈل بۇ يىگىتنىڭ ئىسمى بۇرھان ئىكەن. ئۇ ماڭا يەنە بۇ چوققىدىن نۇرغۇنلىغان كارساڭ ۋە كىشى سۆڭەكلىرىنىڭ چىققانلىقىنى دەپ بەردى. گەپ ئارلىقىدا ئۇ مەندىن - ئاكا سەن قەدىمكى يېزىق تونۇمسەن؟ دەپ سوراپ قالدى. شۇ تاپتا بەك ھاياجانلىنىپ كەتسەممۇ ئۆزەمنى بېسىۋېلىپ -تونۇيمەن ئەمما ئوقۇيالماسلىقىم مۇمكىن، ئۇ يېزىق يېنىڭدا بارمۇ؟ دەپ سورۇدۇم. ئۇ بۇ يېزىق بار قەغەزلەرنى قومۇلدىكى بىر دوستىنىڭ يېنىغا يۈرتىۋەتكەنلىكىنى ئېيىتتى. بۇرۇندىمۇ بۇنداق يېزىق رىۋايەتلىرىگە تولا ئۇچىرىغانلىقىم ئۈچۈن ئانچە كوش قىلماپتىمەن گەپ شۇيەردە قالدى. شۇنداقتىمۇ بۇرھانگاڭنىڭ تېلېفۇن نومۇرىنى ساقلىۋالدىم. ئارىدا بىر نەچچە ئايلاردا بىر تېلىفۇن ئۇرۇشۇپ تۇردۇق. ئارىدىكى بىر كەملەردە بۇ يېزىق ئۇچۇرىنى  بېيجىڭ مىللەتلەر نەشىرىياتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بۆلىكىدە خىزمەت قىلىدىغان تارىخچى ئاغام ئابلېز ئۇرخۇنغا يەتكۈزدۈم. چۈنكى ئۇرخۇن ئاغام ماڭا كۆپ قېتىم، قومۇلدا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى چىقىدۇ،بۇ ھەم ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت دائىرىلىرىدىكى ئىش(مەن قومۇل ۋىلايەتلىك مىللەت تىل- يېزىق، قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىدا ئىشلەيتتىم)، چوقۇم كۆز-قۇلاق بولۇپ تۇرسىلا، دەپ كۆپ تاپىلىغان ئىدى. شۇ جەرياندا ساقا ئارتامدىكى ئۇيغۇرشار خارابىلىكىنىڭ كۈن پېتىش تەرپىدىكى يوغان تاشلىقتىن ئىككى تال قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقنى تاپتىم. ئۇنى بۇ يىل قومۇلغا كەلگەن يەنە بىر ئەزىز مېھمان تۈرك دوكتۇر خاقان مۇئەللىم ئوقۇپ بەردى، <ساقا سۈيى> دەپ يېزىلغان خەتكەن.بىز ئۇنى <ساقا سويان> دەپ خاتا ئوقۇۋالغانتۇق. شۇ يىلى دكلەت بايرىمىنىڭ ئالدىدا بايرام باھانىسى بىلەن ئابلېز ئۇرخۇن ئاكام ئائىلىسىنى ئەگىپ قومۇلغا كەلدى. 9-ئاينىڭ 28- كۈنى كۆز قارايغان كەملەردە، بىز بۇرھانگاڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇ ئىشلەۋەتقان ئورۇنغا باردۇق. بىز قىسقىغىنە تېنچلىق-ئامانلىق سوراشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن يېزىقنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلدۇق. ئۇ  يانچۇقىغا سالغان پۇلداندىن بىر كىچىككىنە قەغەزگە ئورالغان، سارغىيىپ كەتكەن بىر پارچە قەغەزنى قولىمىزغا تۇتقازغىنىدا ھاياجانلىق ياشلىرىم چاناقلىرىمدىن چاچىراپ كېتەي دېدى. بۇ دەل بىز تالاي يىللاردىن بۇيان ئىزلەۋاتقان خەت ئىدى...ئۇرخۇن ئاغاممۇ شۇ ھالەتتە، بۇرھانگاڭ بولسا ئۆز ئىشى بىلەن مەشخول ئىدى. بىز ئۇنىڭ رۇخسىتى بىلەن بۇ قەدىمكى ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن مىڭ تەسلىكتە بىزگىچە ئۇلۇشۇپ كېلەلىگەن تەۋەرۈك خەتنى رەسىمگە تارتىۋالدۇق.

       بىز بۇ قەغەزنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى سورىساق، بۇرھان قالغان قىسمىنىڭ يەنە بىر بۇرھان ئىسىملىك نېرناسىلىق مۇئەللىمنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى دېدى. بىز ئۇنىڭمۇ تېلېفۇن نومۇرىنى سورىۋالدۇق. ئارىدىن بىر نەچچە كۈنلەر ئۆتۈپ،2012年10月5日 16:26:04  كۈنى چۈشتىن كېيىن، بۇرھان مۇئەللىم بىلەن ئايشەم تورتىخانىسنىڭ ئالدىدا ئۇچىرىشىپ، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللار بۇرۇنقى سەلتەنەتلىك تارىخىنىڭ نامايەندىسى بولغان ئۇششاق پارچىلارغا ئايلىنىپ كەتكەن، جۈپ ئالقانغا لىق تولغۇدەك قەغەزلەرنىڭ سىماسىنى كۆردۇق. بۇرھان مۇئەللىم تولىمۇ كەمتەر، ئالدىن كۆرەر ،چىچەن بالىكەن. ئەگەر شۇ بۇرھان مۇئەللىم بولمىغان بولسا، بەلكىم بۇ كىتاب بىزگىچە مەڭگۈ يېتىپ كېلەلمىگەن بولاتتى. بىز ئۇنىڭ رۇخسىتىنى بىلەن، كىتاپ پارچىلىرىنى ئېلىپ قالدۇق. كەچتە ئۇرخۇن ئاغام ئۇلارنى ئۇخلىماستىن تاڭ سۈزۈلگىچە رەتلەپ چىقىپتۇ. نەچچە كۈندىن كېيىن بۇ خەتلەرنى بۇرھانگاڭ، موسا ( بۇرھان مۇئەللىمنىڭ ئۇكىسى، بۇندىن 8 يىل مۇقەددەم نېرناسى تۇڭڭۇز جىلغىسىدىن ئەسلى كىتابنى تاپقۇچى ۋە ساقلىغۇچى)،ئاقنۇرلارنىڭ سۈيلىشى بىلەن كۆزىمىز قىيمىغان ھالدا ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇردۇق. (ئەسلىدە بۇرھان مۇئەللىمنىڭ قوشۇلىشى بىلەن ئۈرۈمچىگە بېرىپ، ئۇرخۇن ئاغامنىڭ ئۆيىدە بىر كۈن تۇرۇپ قالغان كىتاب قاتناش بىلەن يەنە ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك يۇرتى قومۇلغا قايتىپ كەلدى.) بىز يۈرىكىمىزنى نەچچە يۈزمىڭ مۈشۈك تاتىلىغاندەك بولۇپ ئارامسىزلىنىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، يەنى ئارىدىن بىرەر ئايدىن ئوشۇقراق ۋاقىت ئۆتكەن كۈنلەردە، شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسىدا ئىشلەيدىغان يۈنۈس ئىبراھىم ئاكامنىڭ بۇ كىتاب ئۇچۇرىنى بىلىپ، ئۇ بالىلارنى ئىزلىگەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇلىشى ھەم ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كىتاب پارچىلىرىنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا تاپشۇرغانلىقىنى ئاڭلىدۇق.  ئەي سۆيۈملۈك نېرناسى ئوغلانلىرى بەلكىم سىلەر ئاشۇ كىتابنى تېپىۋالغانلىق ۋە ئۇنى تەتقىقات ساھەسىگە تەقدىم ئەتكەنلىك ئىش ئىزىڭلار بىلەن دۇنيا يېزىق تارىخىنىڭ قامۇسىغا كىرىشكە مەڭگۈ ھەقلىقسىلەر!

بۇ كىتاب ئالدى بىلەن نېرناسىغا تەۋە! ئاندىن قالسا قومۇلغا ھەم پۈتكۈل ئۇيغۇرغا ۋە دۇنياغا مەنسۈپتۇر! مۇشۇ كۈنلەردە، بۇ كىتابنىڭ ئۇچۇرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق موزىي قاتارلىق ئورۇنلارغا، بېيجىڭدىكى تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ۋە شەخىسلەرنىڭ قۇلىقىغا يېتىپتۇ. يەنە تېخى گېرمانىيەدىكى بىر قىسىم دۇنياۋىي دەرىجىلىك ئۇيغۇرشوناسلارمۇ خەۋەردار بولغانمىش. ئۇلارنىڭ شۇ بىر پارچە ئۇۋۇلىنىپ كەتكەن كىتابنىڭ پۇچەك بەتلىرىدىكى بىر، ئىككى تال قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئوقۇپلا، بۇ كىتابنىڭ قومۇل تۆمۈرتىدىدىن تېپىلغان <<مايتىرى سىمىت>>نىڭ يوقالغان قىسمى ئىكەنلىكىنى بايقاپتۇ. بۇ يېرىم ئەسىر مابەينىدە دۇنيادىكى ئۇيغۇرشوناس، تۈركشوناس ئالىملار زارىقىپ كۈتكەن مۆجىزە ئىدى.

   دېمەك، بۇ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى << مايتىرى سىمىت>>نىڭ قالدۇق قىسمى تېپىلغان نېرناسىدا، بۇنىڭدىن مىڭ يىللار ۋە نەچچە مىڭ يىللار بۇرۇنلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇراقلاشقانلىقىنى بىلەلەيمىز. نېرناسى ۋە تۆمۈرتىلەر ئاشۇ بىزگە نامەلوم دەۋىرلەردە دۇنيا مەدەنىيتىگە تەسىر كۆرسەتكەن تۆرت چوڭ دىننىڭ بىرى بولغان بۇددا دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى بولغان. بىزنىڭ بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇ قەدىم ماكاندا ئۆزىنىڭ شانلىق تارىخىنى ۋە يېزىق مەدەنىيتىنى ياراتقان...بۇ يەر چوقۇم قوغدىلىشقا ھەقلىقتۇر! مەلىكىتىمىزنىڭ  نۇرغۇن جايلىرىدىن كىچىككىنە بىرەر مەدەنىيەت يادىكارلىقى چىقىپ قالسىمۇ ئۇ جايدا قۇرۇلۇش قىلىش ۋە ئۇيەرنى ئېچىش چەكلىنىدۇ. ئۈمىدىم مۇشۇ <<مايتىرى سىمىت>>نىڭ تېپىلىشى سەۋەپلىك تولىمۇ ئۇزاق ھەم سىرلىق تارىخىمىزنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان بۇ مۇققەددەس تاغلارنىڭ ھەقدات ئىگىلىرى بولغان يەرلىك ئاھالىلىرى تۈزلەڭلەرگە كۆچۈرۈلمىگەن ئاساستا، ئۇ كەنتلەر دۇنيا دەرىجىلىك ۋە ياكى دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىنىش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇلغان بولسا، تېخىمۇ كاتتا تەبرىكلىگۈدەك ئىش بولغان بولاتتى!...


2012-يىلى11-ئاينىڭ21-كۈنى  قومۇل

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-12-12 10:42:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلىرىڭىزنى، تارتقان جاپالىرىڭىزنى يازمىڭىزدىن ئوقۇپ چىقىپ سىزگە بولغان ھۆرمىتىم ئاشتى بوغۇم. سىزدىكى مەسئۇلىيەت، سىزدىكى سوغۇققانلىق سىزگە ھۆرمەت ئۇرغۇتىدۇ. مۇشۇنداق يوللارغا كىرىپ قالسىڭىز ئېرىنمەي مېڭىڭ. سىزگە ئامەت تىلەيمەن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-12 11:16:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قومۇل ئەدەبىياتىدىن رۇخسەت ئېلىپ بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلى يېزىلغان ‹‹ مايتىرىسىمىت ھەققىدە يېڭى رىۋايەتلەر››نىمۇ يوللىۋېتەي.

ۋاقتى: 2013-12-12 12:36:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شۇنداق قىلىڭ قېرىندىشىم...!

ۋاقتى: 2013-12-12 13:02:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركىم   بۇرادەر   بۇ  ھەقتىكى  ئىزدىنشىڭىز  نەتجىلىك  بولغاي.

ۋاقتى: 2013-12-13 16:02:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەتتە مۇشۇنۇڭغا ئوخشاش خەۋەر ياكى تېمىلارنى مۇنبەر ياكى ژورناللاردا كۆرسەم مىللى ئىپتىخارلىنىش،تارىخنى سېغىنىش ھىسىياتى ئىلكىدە زوق شوق بىلەن ئوقۇپ كېتىمەن.قومۇل ئەدەبىياتى ژورنىلىنىڭ قايسى بىر سانىدا<<مايتىرى سىمىت>> نىڭ تېپىلىشى توغۇرسىدىكى ئادەمنى چەكسىز ھاياجانغا سالىدىغان  ماتېريالنى ئۇقۇپ ،<<مايتىرى سىمىت>>نىڭ قالدۇق قىسمىنى تېپىۋېلىپ ساقلىغان ھەم تاپشۇرۇپ بەرگەن ئاقكۆڭۈل شۇ يەرلىك يىگىتلەرگە ئىختىيارسىز ھۆرمىتىم قوزغالغان ئىدى،مۇشۇ يولدا ئىزدىنىۋاتقان ئۇكام ئەركىم  ھەم شۇ قاتارلىق كىشىلەرگە چەكسىز  ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

ئېلى ياسىن بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2013-12-13 16:02:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2013-12-13 18:37:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشىڭىز دەسلەپكى ئۇتۇققا ئېرىشىپتۇ، ئاخىرقى ئۇتۇققا ئېرىشىشىگىمۇ چىن دىلىمىزدىن تىلەكداشمىز، ئەل سىزدەك ئوغلانلىرىنى مەڭگۈ قەدىرلەيدۇ

ۋاقتى: 2013-12-13 23:02:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىغا دىققەت قىلىۋاتىمىز. ياخشى ئەمگەك ئىكەن.

ۋاقتى: 2013-12-13 23:55:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



            سىزنىڭ تىل ۋە تارىخ ھەققىدىكى ماقالىرىڭىزنى «قۇمۇل ئەدەبىياتى» ئارقىلىق كۆپ كۆرگەنىكەنمەن. سىزگە قۇت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2013-12-14 01:12:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە ئۇتۇق يار بولسۇن قېرىندىشىم

ۋاقتى: 2014-12-3 19:32:08 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇمۇل ھەقىقەتەنمۇ مەدەنىي يادىكارلىق ئۇچىقى ئىكەن ھە.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش