«خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» ھېچكىمنىڭ «مۇبارىكى»گە ھاجەت ئەمەس
ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىۋاستە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرىدىغان ئۇيغۇر«خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»،قازاق،قىرغىز«دۇلدۇل ئەدەبىيات مۇكاپاتى» ، مۇڭغۇل«ئالتۇن ئۈزەڭگە »مۇكاپاتى بولسا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن قوللىشى ۋە كۆرسەتمىسى بىلەن يېقىندا ئۈرۈمچىدە تارقىتىلدى. مۇكاپاتلاش پائالىيىتى تاماملانغاندىن كېيىن ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ۋە قازاقچە تاراتقۇلاردا ئۇ ھەققىدە خېلى كەڭ ۋە ئەتىراپلىق خەۋەرلەر بېرىلدى. مۇئەييەنلەشتۈرگەنلەرمۇ، ئىنكار قىلغانلارمۇ بولدى. ھۇجۇم قىلغانلارمۇ، قوبۇل قىلغانلارمۇ بولدى.
بۇگۈن قارىسام بەزى تورلاردا بىزگە تولىمۇ نامەرتلەرچە ھۇجۇم قىلىنىۋاتقان، بۆھتان چاپلىنىۋاتقان ئىشلارغا خېلى كۈنلەرمۇ بولۇپ قاپتۇ. بىزنىڭ ئۈندىمەسلىكىمىز جاۋابىمىزنىڭ يوقلىقى ھەم تىلىمىزنىڭ قىسلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.ئەڭ مۇھىمى بىر قىسىم زۇغۇي، ئۇششۇق، ئاددىسى ئادىمىيلىك ئەخلاقنىمۇ ھازىرلىمىغان بىر تۈركۈم پىسخىك دىۋەڭلەردىن قورقۇپ قالغانلىقىمىزدىن تېخىمۇ دېرەك بەرمەيدۇ.تۇنجى ئوقنى ئېيتىپ، بىراۋلارغا ھۇجۇم قىلغانلارنىڭلا دەۋالغان پەلپەتىش گەپلىرىنىڭ راست ۋە ھەقىقەت بولۇپ كېتىشى تېخىمۇ ناتايىن. كىم "سۇنى لېيىتىپ بېلىق تۇتىۋاتىدۇ؟" بۇلار ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ئايدىڭلىشىدۇ. قارىغاندا ئۇ ئايدىڭ بولۇپمۇ قالغاندەك تۇرىدۇ. شۇڭا مەن بۈگۈن «ئىزدىنىش»، «مىسرانىم» قاتارلىق تور بېكەتلەرگە «ئەيبۇ ياقۇپ» دىگەن ئۆز نامىمدا تىزىملىنىپ كىرىپ، بۇ قېتىمقى باھالاش پائالىيىتىمىزگە باشقىچە قاراشتا بولۇپ كېلىۋاتقان "دوستلار" بىلەن بىۋاستە سۆھبەتتە بولۇپ بېقىشنى توغرا تاپقان ئىدىم.لېكىن، ئۇ تور بەتلەر 24 سائەت ۋە 48 سائەت ئىچىدە يېڭىدىن تىزىملانغان ئابونىتلارغا نورمال ئىنكاس ۋە تېما يېزىش ھوقۇقىنى بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن ، مەن «ئىزدىنىش»، «مىسرانىم» ۋە بىزنىڭ تورىمىزدىكى بۇ قېتىمقى «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نى باھالاش ھەققىدىكى قاراشلىرىمىز ھەققىدىكى ھەممە گەپلەرنى بۇ يەردە باشلاشنى توغرا تاپتىم. موللامۈشۈك، ئاۋۇ <<مېھمان>> يەنە <<ئۆتكۈر شەمشەر>> ۋە بۇ قېتىمقى پائالىيىتىمىزگە نەزەرلىرىنى كۆپ ئاغدۇرۇپ، چاپلىمىچىلىق قىلىپ كۆپ ھەرەج تارتقان <<شەھلا>>، شۇنداقلا باشقا ھەقەمسايىلەر بىلەن باھالاش پائالىيىتىمىز ھەققىدە بىلگەنلىرىمنىڭ ئورتاقلىشىشقا تەييارمەن.
يەنە بىر گەپ، مەن يازغان تېما، ئىنكاسلىرىمنىڭ ئىملاسى، سۆزلەرنىڭ جايىغا چۈشۈش - چۈشمەسلىكى قاتارلىقلارنى ھەر ۋاقىت تەھرىرلەپ تۇرىمەن. باشقا تورلارغا چاپلىغۇچىلارنىڭ سەل ئالدىرىماي، كۈزۈتىپ بېقىپ چاپلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.