يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 601|ئىنكاس: 1

ئېركېش قۇرمانبېك: بېيتىك تېغى خاتىرىلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بېيتىك تېغى خاتىرىلىرى



ئېركېش قۇرمانبېك (قازاق )



زۇلفىيە ئابدۇرېھىم تەرجىمىسى



    بۇ ئىشقا 28 يىل بولدى،38 يىلدىن كېيىن مەن تۇغۇلغان يېرىم بەيتىك دەپ ئاتىلىدىغان بۇ يەرگە ئىككى قېتىم قايتتىم ، ھەر ئىككى قېتىمدا ئوغلۇمنى بىللە ئېلىپ باردىم .

ئۆيگە ئىككى قېتىم قايتىشىمنىڭ ھەممىسى بالىلىق چاغلىرىمنى ئىزدەش ،ئۆزۈمنىڭ بالىلىق چاغلىرىمنى ئوغلۇمغا دەپ بېرىش ،شۇنداقلا ھازىر ئۇ يەردە ياشاۋاتقان بالىلارنىڭ بالىلىق چاغلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئىدى .

مەن ئىلگىرى ئىزچىل تۈردە  مېنىڭ بالىلىق چاغلىرىم ئۇنچىلا كەمبەغەللىكتە ئۆتمىگەن دەپ قاراپ كەلگەنىدىم ،يېنىمدىكى خوشاللىق خاپىلىقلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن.بىراق ئىلگىرى كېيىن ئىككى قېتىم يۇرتقا قايتقاندىن كېيىن ،ھەر قېتىمدا ئۆزۈمنىڭ بالىلىقتىكى نادانلىقىمنى تېخىمۇ كۈچلۈك ھېس قىلدىم . چۈنكى ، مەن پەقەت خاپىلىق ۋە خوشاللىقنىلا كۆرۈپ ، ھەسرەتنى كۆرمىگەنىكەنمەن . ئاتا – ئانامدىن تارتىپ خوشنا- خۇلۇمغىچە ؛ساۋاقداشلىرىمدىن تارتىپ ئوقۇتقۇچىلىرىمغىچە ؛ مەكتىپىمدىن مەيدانغىچە ؛ مەيداندىن چىگرىغىچە ، ئىچكىرى ئۆلكىگىچە ، چەتئەلگىچە ،تارىختىن ھازىرغىچە .......مېنىڭ بەيتىك تېغىم خۇددى ئالادىننىڭ سېھىرلىك چىرىغىدەك ،بىر جخمجىت تاغ ئۆڭكۈرىدە ئۆزىنىڭ ھېكايىسىنى ئېيتىپ كەپتۇ . 1974- يىلى مەن ئۇ يەردىن ئايرىلغاندا مەن 13ياشقا كىرگەن ،ئەتراپىمدىكى دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى ئىلغا ئالغۇدەك ،كەلگۈسۈمگە يۈزلىنىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدارغا ئىگە بولىدىغان چېغىم ئىدى . بىراق مەن ھېچنىمىنى بىلمەيلا بۇ يەردىن ئايرىلىپتىمەن .گەرچە شۇنچە يىللاردىن بېرى مەن ھەقىقەتەن بەيتىك تېغىنى يېزىپ كەلگەن بولساممۇ بىراق ،مېنىڭ يازغان كىتابىم ئۇنىڭ بىلەن ىېلى ئارلىقتا ئىكەنلىكىنى بايقىدىم . يېزىپ بولۇپ قارىسام تاغمۇ تۈگەپتۇ ، سۇمۇ قۇرۇپ كېتىپتۇ ، مېنىڭ نادانلىقىم چېكىگە يەتكەنىكەن .

     2002- يىلى مەن بەيتىك تېغىغا بارغاندا زەينېل ئىسىملىك بىر پېشقەدەم مالچىنى زىيارەت قىلغانىدىم . ئۇ ئالتۇن ئوبادا 60-يىللىرىنىڭ بېشىدا يۈز بەرگەن بىر ۋەقەنى تىلغا ئېلىپ قالدى .جۇڭگو مۇڭغۇلىيە ئىككى دۆلەت چىگرىسى ئايرىلغاندىن كېيىن چىەرىدا بىر قېتىم چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەنىكەن .

زەينېل بوۋاينىڭ ئېيتىشىچە ،شۇ قېتىمقى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدە ئات بەيگىسى ئۆتكغزۈلگەن ئىكەن . بىز تەرەپنىڭ بىر قارا ئېتى بىرىنچىلىككە ئېرىشىپتۇ ،موڭغۇل تەرەپنىڭ سەيتىپ ئىسىملىك بىر ئەفىسەرىنىڭ بۇ ئاتقا كۆزى چۈشۈپتۇ . بۇ ئات ئۈستىگە تۈغۇلغان ئەزىمەت ئاتنى قېنىدىن ئېزىز كۆرىدىكەن ،شۇڭا بىز تەرەپكە بۇ ئاتنى ئۆزىگە ھەدىيە قىلىشنى ئۆتۈنۈپتۇ . بىراق بۇ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشماپتۇ . ئۇ ئۆكۈنۈش بىلەن دۆلىتىگە قايتىپتۇ .قايتىش سەپىرىدە ئۇنىڭ جېپ ماشىنىسى ھازىرقى ئولاستاي چىگرا ئېغىزىغا يىراق بولمىغان بىز تەرەپتىكى يېرىدە ئۆرۈلۈپ كېتىپتۇ . ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئېسىلزادە خانىمى ماشىنا ئىچىگە قاپسىلىپ قاپتۇ ، بىز تەرەپتىكى چىگرا خەلقى ئۇنى ۋە خانىمى ،كانىۋىيىنى ماشىنا ئاستىدىن قۇتۇلدۇرۇۋاپتۇ .كېيىن ئەينى چاغدىكى مەيدان باشلىقى ما شاڭجى ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنىڭ ماشىنىسىنى ياسىتىپ ،ئۇلارنى چىگرىدىن  بىخەتەر  ئۆتكۈزۈپ قويۇپتۇ . ئۇ ۋەتىنىگە قايتىپ كېتىپتۇ .شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر ئۇنى قايتا كۆرۈپ باقماپتۇ . بۇ ئىش خېلى ئۇزاققىچە بەيتىك تېغىدىكى قازاق چارۋىچىلارنىڭ تاماقتىن كېيىن قىزغىن مۇنازىرە قىلىشىدىغان تىمىغا ئايلىنىپ قالغانىكەن .

    مەن بۇ تېمىغا قىزىقىپ قالدىم ، مەن بوۋايدىن ھېلىقى كىشىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغان پائالىيەتنىڭ قەيەردە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى سورىدىم . بوۋاي ئالتۇن ئوبادا دېگەندەك قىلدى . ئالتۇن ئوبا مەن بالىلىق چاغلىرىمدا دۇنيادىكى ئەڭ ئىگىز چوققا دەپ ئويلايدىغان جاي ئىدى .

    بۇ بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش يىغىنى توغۇرسىدىكى ئىشلار مېنىڭ بالىلىق چاغلىرىمدا يۈز بەرگەن ،ئوتتۇز يىلدىن كېيىن ئاندىن مېنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشىمنى قوزغىغانىدى . چىگرىنى ئايرىش ئۇرۇش بىلەن باشلىنىپ ،بىرلىشىپ كۆڭۈل ئېچىش بىلەن ئاخىرلاشقان ، بۇ ئارلىقتا قانداق ھېكايىلەر يۈز بەرگەن بولغىيتى ؟ بولۇپمۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرى شىڭخەي ئىنقىلاۋىدىن كېيىن جۇڭگونىڭ ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھلىقىنىڭ ھالەك بولىشى بىلەن چىن سۇلالىسىنىڭ لياۋبۇدودا قۇرۇپ قويغان دىپلوماتىيە مەسلىھەتچىلىرى موڭغۇلىيەنىڭ مۇستەقىللىقى بىلەن تارىخ سەھنىسىدىن چېكىندى .يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىككى دۆلەتنىڭ بەيتىك تېغىدىكى چىگرىسىنىڭ ئېنىقلىنىشى ،يەنە مېنىڭ يۇرتقا ئىككى قېتىم بالىلىرمنى ئېلىپ بېرىشىم ،شۇ ئارلىقتا جۇڭگو تارىخىدا بۇ كىشىلەرگە نامەلۇم بولغان جايدا نۇرغۇن ئىشلار يۈز بەردى . ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتمىغان ھالەتتە ئۇخۇددى ئۆمۈر بويى بەيتىك تېغىدا مال بېقىش بىلەن ئۆتكەن پىشقەدەم پادىچىغا ئوخشاش  تارىخ ۋاراقلىرىنى تولدۇرۇپ كەلدى .

     1986-يىلى مەن مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي «يازلىق كۈن توختىغان كۈن ››دېگەن بىر ھېكايىنى يازدىم .ھېكايىدە بىر پېشقەدەم چارۋىچىنىڭ بەيتىك تېغىدا ئۆلۈپ كەتكەنلىكى تەسۋېرلەنگەنىدى . مەن ھېكايىدىكى جومارت ئىسىملىك بۇ بوۋاينى بىر ئۆمۈر ئۆيلەنمىگەن ئوبراز قىلىپ يازدىم .ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتى ئاىىرلىشىدىغان بىر كۈن كىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ  ،ئۇ ئۆز ئۆلۈمىنى كۆرىدۇ .ئۇ ئۆزىدەك بالا-چاقىسىز بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كىشىلەرنىڭ قانداق ئۇزىتىدىغانلىقىنى بىلگۈسى كېلىدۇ. نەتىجىدە ئۇ ئۆزى خاتىرجەم بولغۇدەك كۆرۈنۈشنى كۆرىدۇ . ئۇ ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ ئۇنى سەمىمىي ياد ئەتكەنلىكىنى كۆرىدۇ. بىر يىلدىن كېيىن ،يازلىق كۈن توختىغان كۈنى ئەتتىگەندە ،قۇياش شەرىقتىن كۆتۈرۈلگەندە كىشىلەر بوۋاينىڭ ئالتۇن ئوبادا تېنچ ھالدا قۇياشنىڭ كۆتۈرۈلىشىگە قاراپ ئولتۇرغانلىقىنى ،ئۆمرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بايقايدۇ .

     2003-يىلى مەن يەنە بىر پارچە «دادامنىڭ نەۋرە ئاكىسى ›› دېگەن نەسىرنى يازدىم .بۇنىڭدا ھاياتقا نىسبەتەن سېرلىق ھېس قىلىش كۈچىگە ئىگە بىر بوۋاي تەسۋېرلەنگەن .بۇ بوۋاي دادامنى ئۆزىنىڭ ئانا جەمەت تۇققىنى دەپ بىلىدىكەن ، دادام بەيتىك تېغىدىكى چارۋىچىلىق مەيدانىغا خىزمەتكە چۈشكەندە ئۇ دادام بىلەن ۋىدالاشقىلى كەپتۇ .ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيادىكى كۈنلىرىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى ، ئۇ ئالەمگە كېيىدىغانلىقىنى ،بۇ دۇنيانىڭ ئۆزىگە بەرگەن ھەممە نىممەتلىرىدىن مىننەتدارلىقىنى،دوست –يارەنلىرى،ئۆزىنى باققان تاغ – دەريالار بىلەن خوشلىشىۋالماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ . ئۇ شۇنچە خاتىرجەم ئىكەنكى خۇددى يىراققا سەپەرگە چىقىدىغاندەكلا ئىكەن . راس دېگەندەك بىر نەچچە كۈن ئۆتمەي بوۋاي ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ .دادام ھەتتا ئۇنىڭ نامىزىغىمۇ قاتنىشالماي قاپتۇ .

ھەرگىز خاتا چۈشۈنىپ قالماڭ ، بۇ ئىككى بوۋاي ئۆز ئۆزىنى ھالەك قىلغان ئەمەس ،ئەكسىچە ئۇلار بۇ دۇنيادىن ئايرىلغان چاغدا، بۇ ھاياتلىقتىكى  دۇنياغاچوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن .

    بۇ ئىككى بوۋاينىڭ ئوبرازىنىڭ ھەممىسى بەيتىك تېغى ،مېنىڭ بالىلىق ئەسلىمىلىرىمدىن كەلگەن . ئالدىنقىسىنىڭ ئىسمى قۇرمانقان ،كېيىنكىسىنىڭ ئىسمى ئىسرايىل .بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇلارنىڭ بالىلىرى چوڭ بولۇپ ،ئوتتۇرياشقا كەلدى ،ھەتتا نەۋرە كۆردى . بىز ئۇلارنىڭ جىسمىدىن ،بۇ  ئاددى – ساددا چىگرا خەلقلىرىنىڭ    ئەۋلاتتىن ئەۋلات ۋەتەننىڭ تۇپرىقىنى قوغداپ ،ئانا يۇرتقا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز .

   بۇ يىل 8-ئايدا بەيتىك تېغىغا قايتىپ بېرىشىمدا نىشانىم ئېنىق بولۇپ ئەينى يىللىرى ئىككى دۆلەتنىڭ چىگرا ئىنىقلىمىسىنى ئىشلىگەن ىىزمەتچىلەر ،ئىككى دۆلەتنىڭ چىگرا خەلقى ،ئىككى دۆلەتنىڭ ئەسكەرلىرى بىر لەشمە كۆڭۈل ئېچىش يىغىنى ئاچقان يەرنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ئىدى . مېنىڭ ئەينى يىلىدىكى ئەشۇ كاتتا بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش يىغىنىنىڭ ئەھۋالىنى ،بەيگە مۇسابىقىسى ،سېرىك ئويۇنىنى تەسەۋۇر قىلىپ باققۇم بار ئىدى . شۇنداق ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ ، زەينىل بوۋاي شۇ قېتىمقى كۆڭۈل ئېچىش يىغىنىدا بىز تەرەپنىڭ بىر سېرىك ئارتىسىنىڭ يالاڭئاياق قىلىچ شوتىغا دەسسەم چىقىپ ، پۈتۈن مەيداندىكىلەرنى ھەيران قالدۇرغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن . كىشىلەرنىڭ ئاغزى ئېچىلىپلا قاپتىكەن . ئاندىن كېيىن بىر سېھرىگەر ئارتىس سەيتىپ تۇەنجاڭدىن ئۇنىڭ شىۋىتسارىيىنىڭ قويۇن سائىتىنى ئارىيەت ئالغانلىقى ، ئاندىن ئۇ سائەتنى يوقىتىۋەتكەنلىكىنى ،ئارتىسنىڭ سەيتىپ قا بىشىنى چايقاپ ،قولۇمنىڭ ئالدى كەينى ئوخشاشلا گۆش ،سائەت يوقاپ كەتتى ،دېگىنىنى ،سەيتىپ نىڭ چىرايىنىڭ سەتلىشىپ كەتكەنلىكىنى ،بىر مىنۇتتىن كېيىن ئارتىس قوينىدىن سائەتنى چىقىرىپ سەيتىپكە قايرتۇرۇپ بەرگەنلىكى ،سەيتىپنىڭ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتكىنىنى ، كۆپچىلىكنىڭمۇ قاتتىق كۈلۈپ كەتكىنىنى سۆزلەپ بەرگەنىدى . كېيىن يەنە ئىككى دكلەتنىڭ موڭغۇلچە چىلىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەنلىكى ، بىز تەرەپنىڭ ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقىنى دەپ بەرگەن ئىدى .

   مەن زەينىڭ بوۋاي مېنى ئالتۇن ئوباغا باشلاپ بارىدۇ ،ياكى بالىلىرىنى ماڭا قوشۇپ قويىدۇ دەپ ئويلىغانىدىم .بىراق ، مەن بەيتىك تېغىغا يىتىپ بارغان ئاخشىمى بوۋاينىڭ مەيداندا بار يوقلىقىنى سورىغىنىمدا كىشىلەر ماڭا بوۋاينىڭ بىر نەچچە يىل ئىلگىرىلا تۈگەپ كەتكەنلىكىنى ،ئۇنىڭ بالىلىرىنىڭمۇ بەيتىك تېغىدىن كېتىپ قالغانلىقى،ياقا يۇرتلارغا تىرىكچىلىك قىلغىلى كەتكەنلىكىنى ئېيتتى . بۇ  ھال مېنى گەپ قىلالماس ھالەتكە ئەكىلىپ قويغانىدى .

    كېيىن مەن بۇ ئىشنى باشقىلاردىن سوراپ كۆردۈم ،بىراق كۆپىنچىسى بېشىنى چايقىدى .چۈنكى ئۇلارنىڭ يېشى مەن بىلەن تەڭتۈش بولۇپ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كېيىنرەك تۇغۇلغانلار ئىدى . ئۇ ئىشلارنى بىلىدىغانلارمۇ مەنچىلىكلا بىلەتتى .بەزىلىرى ئۇ ئىشنى ئاڭلاپمۇ باقمىغانىدى .

ئۆتكەن ئىشلار !

    شۇ كۈنى كېچىسى بەيتىك تېغىدا تۇغۇلۇپ شۇ يەردە چوڭ بولغان ماڭتاي دېگەن بىر يىگىت ماڭا بىر ناخشا ئېيتىپ بەردى ، مەن قاتتىق ھاياجانلاندىم . ناخشىنىڭ ئىسمى «مېنىڭ يۇرتۇم بەيتىك تېغى ››:

قارلار ئاپئاق ،قىپقىزىل تاغلار،

چوققىلاردا بۈركۈت ئۇۋىسى.

ئاقار ئېقىن قىرلارنى بويلاپ،

قىيالاردا بۇلاقنىڭ كۆزى .



تاغقا قاراپ بارىدۇ بوۋام،

بۇندا مومام ئوچاق ئەتمەكتە.

ھېكايىسى تۈگىمەس يىگىتنىڭ ،

مەرتلەر كۈيى ئۇچار پەلەكتە.



سەكرەپ يۈرەر يايلاقتا بۆكەن،

ياۋا ئاتلار يۈرەر ئورماندا.

چۆپلۈكلەردە سايرار قىرغاۋۇل،

قۇشلار نەغمە قىلار دالىدا.



ھېكمەتلەرنى سۆزلەر بوۋايلار،

تارالسۇن دەپ ئەۋلاتقا ئەبەت.

كۈيلىنىدۇ كۈيدە ئانا يۇرت،

تاغ –دالىغا تولدى مۇھەببەت.



قارلار ئاپئاق ،قىپقىزىل تاغلار ،

كىندىك قاندىن پۈتەر داستانلار .

بەيتىكىمنى كۈيلەپ مەڭگۈگە،

يۈرەر ، دالىلارنى قاپلاپ پادىلار .



   بۇ ناخشىنى ماڭتاي ئكزى يېزىپ ئۆزى ئاھاڭغا سالغانىكەن .قىزىل قىيا تاغ،بۈركۈت ، ئىگىز تاغ،بوما،موما ،باتۇر ئەزىمەت ، باتۇر پەلۋان ، ياۋا ئات ، قىرغاۋۇل ،داستان .....بەيتىك تېغى شۇنداق بىر  سۈكۈتتىكى باتۇر ئەزىمەت ئىكەن  ،ئۇ مېنىڭ بالىلىقىمدا سەل قارىغانلىقىمغا ئۆكۈنۈش،بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ئۈن –تۈنسىز كۆتۈرۈپ كەپتۇ .

     1947-يىلى بۇ يەردە خەلقئارادا «ۈچۈنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پىلىكى ››دەپ ئاتالغان بىر مەيدان جەڭ بولغان . سابىق گومىنداڭنىڭ ئالى قوماندانى ،مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشنىڭ ئەزاسى جۇ شىليەن «شىنجاڭ ئەسلىمىسى ››دە بۇ جەڭنى تەپسىلى تەسۋىرلىگەن .

    ئۇ 1947-يىلى 6- ئاينىڭ 2-كۈنى باشلانغان ئىش .ئاۋال ئىككى مۇڭغۇلىيە ئەسكىرى پۇخراچە كىيىنىپ ئەينى چاغدىكى ئالتۇن ئوبادا تۇرۇشلۇق دۆلەت چىگرا مۇداپىيە ليەنىگە كېلىپ ما شىجىن ليەنجاڭغا بىر ھۆججەتنى تاپشۇردى .ھۆججەتتە بەيتىك تېغى مۇڭغۇلىيەگە تەۋە ،جۇڭگو ئارمىيىسى بەيتىك تېغىدىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشى كېرەك دېگەندەك يولسىز تەلەپ يېزىلغانىدى . ما شىجىن ئىشنىڭ ئېغىرلىقى ھېس قىلىپ يېتىپ ،ئەسكەر ئەۋەتىپ ئەھۋالنى يىراق گۇچۇڭدىكى دۆلەت مۇداپىيە ئورنىغا دوكلات قىلىدۇ ،بىراق خەۋەرچى ئەسكەر قايتىپ كەلمەي تۇرۇپلا موڭغۇل ئارمىيىسى قورال كۈچى ئىشلىتىپ ،بىر ئېغىر پىلىموت ئەترىتى ،بىر كىچىك زەمبىرەك ئەترىتى ،بىر خەۋەرچى ئەترەت ،بىر تاغ زەمبىرىكى ئەترىتى  بىر كۈچەيتىلگەن ھەربى كۈچىنى ئەۋەتىدۇ . دۆلەت تەۋەلىكى نامەلۇم ئۇرۇشچى ئايرۇپىلاننىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا ئالتۇن ئوبا تاغ چوققىسىدىكى دۆلەت  غا قاتتىق ھۇجۇم قىلدى .جەڭ بىر نەچچە كۈن داۋام قىلدى ،تا 7- ئاي ۋە 8- ئايلاردىمۇ يەنە ئۈزۈك ئۈزۈك ئوق ئاۋازى بەيتىك تېغى ئاسمىنىدا ئاڭلىنىپ تۇردى . شۇ قېتىمقى جەڭ ئەڭ ئاخىر يەنىلا جۇڭگو تەرەپنىڭ ھەققانىلىقى بىلەن غەلبە قىلىپ ئاخىرلاشتى .يەنە بىر كىچىك زەمبىرەك،ئۈچ پىلىموت، 20نەچچە مىلتىق ،ئىككى تاپانچا ،بىر سىمسىز تىلىگىراف،ھەربىي بايرىقى ھەمدە ھۆججەت، خەرىتىلەر ئولجا ئېلىندى . ھەر ئىككى تەرەپ ئېغىر بەدەل تۆلىدى .بىزنىڭ ئارمىيىمىزدىن 20 نەچچە ئەسكەر ،14 جەڭ ئېتى ، مۇڭغۇل تەرەپتىن 30 نەچچە ئەسكەر ئۆلدى. شۈبھىسىزكى ئۆلگەن 20 نەچچە ئەسكەرنىڭ ھەممىسى ماڭتاينىڭ ناخشىسىدا تەسۋېرلەنگىنىگە ئوخشاش  بەيتىك تېغىنىڭ سۈكۈتتىكى قەھرىمانى بولۇپ قالدى .

    ئەمەلىيەتتە مېنىڭ بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم ،ئەشۇ سۈكۈتتىكى باتۇرلارنىڭ كەينىدە يەنە بىر كۆرۈنمەس كۈچ مەۋجۇت ،ئۇ بولسىمۇ شۇ يەرلىك پۇخرالار ـ قازاق چىگرا ئاھالىلىرى . ئۇلار ئوخشاشلا ۋەتىنىمىزنىڭ چىەرىسىنىڭ ئامانلىقىنى ،چىگرا رايۇننى قوغداش ئۈچۈن زور بەدەل تۆلىدى ۋە قۇربانلىق بەردى .

    جۇ شىليەن ئەپەندىنىڭ ئەسلىمىسىدە مۇنداق دېيىلگەن ،1947-يىلى يازدا ،بەيتىك ۋەقەسى يۈز بېرىشتىن بىر يىل ئىلگىرى ،بەيتىك تېغىنىڭ قارغاي جىلغىسىدا ، چىگرا ئاھالىلىرى چىگرىدا چارلاش ئېپ بېرىۋاتقاندا موڭغۇلىيە ئارمىيىسى بىلەن ئۇچرۇشۇپ ،توقۇنۇشۇپ قالدى .ئاقتاي ئىسىملىك بىر قازاق يىگىتىنى موڭغۇلىيە تەرەپنىڭ ئەسكەرلىرى ئېتىپ يارىلاندۇرۇپ قويدى .ئۇنىڭ بىلەن چارلاشقا چىققان قېرىنداشلىرى ئىسسىق قېنى ئېقىپ تۇرغان ئاقتاينى كىگىزگە قويۇپ قارغاي جىلغىسىدىن تا ئۇلۇنبۇلاققا ،ئۇنىڭ ئۆيىگىچە كۆتۈرۈپ كەلدى . بىراق ئۆي ئالدىغا كەلگەندە ئاقتاي قانسىراپ ئۆلۈپ كەتتى .ئۇنى يېزىپ قالدۇرسا تېگىشلىك  ئەڭ ياخشى ئەزىمەت .

     1947- يىلى بەيتىك ئۇرۇشى پارتىلىغان چاغدا ،قازاق چىگرا ئاھالىلىرى مۇھىم كۈچ بولۇپ بەيتىكنى قوغداش جېڭىگە قاتناشتى . بۇ ھەقتىكى ئىشلار جۇ شىليەننىڭ ئەسلىمىسىدە بار . بىراق جۇ شىليەننىڭ ئەسلىمىسىدىكى ئادەم ۋە ۋەقەلەر نېمىلا دېگەن بىلەن بىزگە بىراز يىراق .بىز كىچىك چاغلىرىمىزدا دائىم ئازادلىقتىن بۇرۇنقى  ئىشلارنىڭ خاتىرىمىزدىكى رەڭسىز فىلىم دەپ قارايتۇق.خۇددى ئۇ دەۋىرنى پەقەت ئەسلەشلا كېرەكتەك ئويلايتۇق .ئەمەلىيەتتە بىز بۇ دەۋرنىڭ بىزدىن پەقەت بىر قەدەملا نېرىدىلىقىنى ، خۇددى تۈنۈگۈنكى ئىشتەكلا يېقىنلىقى بىلمەيتۇق .مېنى خوشال قىلىدىغىنى مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ھايات يېشىل ئورماندەك باتۇر  ئەزىمەت ،جارقاي دېگەن كىشى بىلەن كۆرۈشتۈم .

    ئۇ كىشى بويى ئانچە ئىگىز بولمىغان كىلې قەبىلىسىدىن ئىدى.ئۇلار ماللىرىنى ھەيدەپ قىشلاققا كۆچىدىغان چاغدا كىگىز ئۆيىنىڭ جازىسىنى ۋە كىگىزلىرىنى بىزنىڭ ئۆينىڭ ئالدىدىكى كۆمۈرخانىمىزغا قويۇپ قويغانىدى .نەتىجىدە بىر نەچچە قىزچاق مېھماندارچىلىق ئوينايمىز دەپ بۇ نەرسىلەرنى ئوت يېقىپ كۆيدۈرۈپ كۈلگە ئايلاندۇرىۋەتتى .دادام ،ئاپام يەنە مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى چىقىپ تەلەنگە –چىلەكلەر بىلەن يۈز مېتىر نېرىدىكى سازلىقتىن سۇ توشۇپ چېچىپمۇ ئوتنى ئۆچۈرۋالالمىدى .  ئوت كەتكەندە كىگىز ئۆينىڭ ئىگىسى جارقاي قىشلاقتىكى گەمىسىدە بولۇپ ،يازلىق ئۆيىدە نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىدىن بىخەۋەر ئىدى ......

كېيىن خېلى كۈنلەرگىچە ھەدەم جىمغور بولۇپ قالدى ،كىگىز ئۆينىڭ ئىگىسى جارقايغا قاراشقا پېتىنالمايتتى . چۈنكى ئۇ بۇ قېتىمقى ئوت قويۇش ۋەقەسىنىڭ باش جىنايەتچىسى ئىدى . جارقاي تاغام بىزنىڭكىگە كەلسىلا چىرايىنى ئۆزگەرتىپ ھەدەمگە كۆزىنى چەكچەيتىپ ،كىگىز ئۆيىنى سوراپ قورقىتاتتى .شۇنداق چاغلاردا بىز سىرتقا مۈكىۋېلىپ ،ئۆيگە كىرىشكە پېتىنالمايتتۇق . ئەشۇ تۇيغۇ خۇددى جارقاي ئورماندىكى بىر ئالۋاستى پادىشاھىغا ،بالىلار بىلمەي ئۇنىڭ ئەڭ ئامراق بىر سېھرىگەرلىك قورالىنى بۇزىۋەتكەنگە ئوخشايتى .تۆلىيەلمەسلىك  ،چەكسىز ئۈمۈدسىزلىنىش .

    30 نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى ،ھەدەم بەلكىم بۇ ئىلگىرى ئورماندا تۇرىدىغان ئالۋاستى پادىشاھى نى ئۇنتۇپ كەتكەندۇ ،بىراق مەن ئۇنى ئىزچىل ئېسىمدە ساقلاپ كەلدىم .ئۇنىڭ بېشىغا چىگىۋالىدىغان ياغلىقى ، كۆك كۆزى ،چىرايلىق بۇرۇتى ،يەنە قارا چاپىنىنىڭ ياقىسىدىن قايرىپ چىقىرىۋالىدىغان قازاقچە كۆينىكىنىڭ ياقىسى .بەيتىك تېغىدا يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇنى خۇددى بىر ئەزىمەتنىڭ ئىسمىنى ئېسىدە ساقلىغاندەك ئەسلىشىنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن . مېنىڭ نۇرغۇن تەڭتۈشلىرىمنىڭ ئېيتىشىچە ،چىگرىنىڭ ئۇ يېقىدا جارقاي قالتىس ‹ئورمان ئوغرىسى ›ئىكەن .ئۇلار ئىزچىل تۈردە ئۇنى يوقاتماقچى بولۇپتۇ ،تا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى ،مەن تۇغۇلغاندىن كېيىنمۇ ،يەنىلا قارشى تەرەپ يوقاتماقچى بولغان بىر ئادەم ، بەيتىك چەرۋىچىلىق مەيدانى ئۈچۈنچى ئەترەتنىڭ باشلىقى جارقاي ئىكەن .

    ئۇلار ماڭا جارقاينىڭ ناھايىتى ياش چېغىدىلا بەيتىك تېغىنى قوغداش جېڭىگە قاتناشقانلىقىنى ئېيتىپ بەردى . ئۇ چاغدا ،زىبۇدۈي نىڭ ئەزاسى ئىكەن .بۇ زىبۇدۈي دېگەن سۆزدىنلا بۇنىڭ يەرلىك قوراللىق كۈچلىكى بىلىنىپ تۇرىدۇ ، بىراق مەن بۇ سۆزنىڭ خەنزۇچە ئاھاڭىدا خاتالىق بارمىكىن دەپ قارايمەن . مەن ئىلگىرى جۇڭگو ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسىدىكى تارخشۇناس ياڭ ليەن مۇئەللىمدىن ،بەيتىك تېغىدا ، شۇ چاغدا ،زىبۇدۈي دەيدىغان شۇنداق يەرلىك كۈچ بولغانمۇ دەپ سورىغان . ياڭ مۇئەللىم ، بولغان ،ئەمما زىبۇدۈي ئەمەز ،بەلكى زىبۇدۈي دېگەن ئىدى . شۈبھىسىزكى بۇ ھەقىقەتەن ئىسمى جىسمىغا لايىق يەرلىك كۈچ ئىدى . بۇ يەردە بىز ۋاقتىنچە بۇ كۈچنىڭ تارىختا ،ئىلگىرى قانداق رول ئالغانلىقى ئۈستىدە مۇنازىرە قىلمايمىز ، يالغۇز بەيتىك تېغىنى قوغداش ئۇرۇشىنىلا تىلغا ئالساقمۇ ،تارىخقا يېزىپ قويۇش كېرەكلىكىگە گەپ كەتمەيدۇ . جارقاي ئىلگىرى زىبۇدۈينىڭ قالتىس بىر ئەزاسى ئىدى .

1947 –يىلى جۇڭگونىڭ شەر*قىدە ئۇلۇغ ئۈچ چوڭ ئۇرۇش باشلاندى ، قەھرىمانلار بىر بىرلەپ تارىخ سەھنىسىگە چىقتى . جۇڭگونىڭ غەربىدە ئوخشاشلا قەھرىمانلار چىقتى . بەلكىم شۇ چاغلار بىرەر باتۇرلۇق كۆرسەتسىلا قەھرىمان بولالايدىغان دەۋر بولغىيتى . 1047-يىلى 6- ئايدا ، ئالتۇن ئوبادا ،ئۇرۇش ئەۋجىگە چىققان چاغ بولۇپ ، قاپاس ئىسىملىك بىر ياش يىگىت تاجاۋۇزچىلارنىڭ گازارمىسىغا بىر بومبىنى باتۇرلارچە ئاتقانلىقى ئۈچۈن بىر كېچىدىلا نام چىقارغان ئىدى . ئادەتتە كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە قاپاس پەقەت بىر خىجىلچان يىگىت ئىدى .

    جارقاي ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى .بىز ھازىر پەقەت تەسەۋۇرىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ شۇ چاغنى ئەسلەيمىز . بەلكىم قاپاسنىڭ قەيسەرلىكى جارقايغا تەسىر قىلغان بولىشى مۈمكىن . تەخمىنەن 6- ئاينىڭ 4- كنى ياكى 7- كۈنى ، تاغ چوققىسىدىكى دۆلەت ئارمىيە گازارمىسى قارشى تەرەپنىڭ ئايروپىلانى تەرىپىدىن پارتىلىتىلىپ ۋەيرانە بولۇپ كەتكەن ، ئادەملەر قاتتىق يارىلانغان چاغدا ،تاجاۋۇزچىلارنى توسۇش ئۈچۈن ، جارقاي ۋە ئۇنىڭ  داگىستان ئىسىملىك بىر سەپدىشى ، جەڭ ئارلىقىدىكى بىر كەچقۈرۈنلىقى ، قارقايلىقتىن ئايلىنىپ ئۇ تەرەپكە ئۆتۈپ  ، قارشى تەرەپنىڭ گازارمىسىغا كىرىپ قالايمىقانچىلىق چىقىرىدۇ . ئۇلار بىر ئەسكەرنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن نەتىجىدە 17 ئەسكەرنىڭ قوغلاپ ئۆلتۈرۈشىگە ئۇچرايدۇ .جارقاي داگىستاننى باشلاپ يول بويى ئۆزىنىڭ ئىسمىنى توۋلاپ چېكىنىدۇ .شۇنىڭدىن كېيىن قارشى تەرەپنىڭ ئارمىيىسى بۇ جارقاي ئىسىملىك قازاق كىشىنى ئېسىدە ساقلاپ قالىدۇ . ئازاتلىقتىن كېيىن ،ئۇ چارۋىچىلىق مەيدانى ئۈچۈنچى ئەترەتنىڭ ئەترەت باشلىقى بولىدۇ .ئۈچۈنچى ئەترەت ھازىرقى ئولاستاي چىگرا ئېغىزىنىڭ يېنىدا ، بېشىڭىزنى كۆتۈرسىڭىزلا دۆلەت چىگرا لىنىيىسىنى كۆرىسىز . تا 1963-يىلى 6- ئايدا جۇڭگو مۇڭغۇلىيە بېيجىڭدا «جۇڭگو موڭغۇلىيە چىگرا كىلىشىمى ››نى ئىمزالاپ،دۆلەت چىگرىسىنى ئايرىغانغا قەدەر،بىز تەرەپتىكى چىگرا ئاھالىلىرى موڭغۇلىيە تەرەپنىڭ كۆپ قېتىم پاراكەندىسىگە ئۇچرىغاندا  ،قارشى تەرەپ يوقىتىشقا بەل باغلىغان بىر ئادەم جارقاي ئىدى .چۈنكى ئۇ چىگرا مۇداپىئە جېڭىدىكى ئاساسى كۈچ ئىدى.ئۇمۇ كۆپ قېتىم بالايى ئاپەتتىن قۇتۇلۇپ قالدى ......

    مېنىڭ ئاتا- ئانام 1961-يىلى ئۈرۈمچىدىن بەيتىك چارۋىچىلىق مەيدانىغا يۆتكىلىپ كەلگەن . ئۇنىڭدىن بۇرۇن ،دادام ئۈرۈمچى شەھەرلىك 17- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ،ئاپاممۇ ئوقۇتقۇچى ئىدى .ئۇلار بەيتىك تېغىغا كەلگەندە بۇ چارۋىچىلىق مەيدانى قۇرۇلغىنىغا پەقەت 5يىللا بولغان بولۇپ ،كۆپلىگەن ئىختىسات ئىگىسىگە مۇھتاج ئىدى .دادام گۈزەل ئىلى ۋادىسىدىن كەلگەن ،يېڭى جۇڭگو تەربىيىلىگەن بىرىنچى تۈ*ركۈم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ ،ئۇ ئاپام بىلەن بىللە جاپالىق چىگرا رايۇنغا ئەۋەتىلگەن  نۇرغۇنلىغان زىيالىلارغا ئوخشاش بەيتىك تېغىغا كەلگەن . ئۇلار بىلەن تەغدىرداش كىشىلەر ئىچىدە چىگرا رايۇنغا ياردەمگە كەلگەن  مېنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچۇم تيەنجىنلىق ۋاڭ سۈنكەي،بېيجىنلىق شۈ رۇچېڭ ،شياۋ چاڭلىلارمۇ بار ئىدى .

     دادامدىن ئاڭلىشىمچە ، 1961-يىلى ئۇ ئاپام بىلەن ھەدەمنى ئېلىپ قارا ماشىنغا ئولتۇرۇپ بەيتىك تېغىغا بىرىنچى قېتىم كەلگىنىدە ، يېزا ئىگىلىك 6-شىسىنىڭ گۇچۇڭدا تۇرۇشلۇق سېتىۋىلىش پونكىتىدا بىر مالچىنى ئۇچرىتىپتۇ . ئۇ مالچىنىڭ چىراي تۇرقى جەنۇبىي ئاسىيا قۇرۇقلىقىدىكى ئادەملەرگە ئوخشىشىپ قالىدىكەن .بويى ئېگىز ،كۆزى يوغان ،ئورا كۆز،قاش –كىرپىكى قۇيۇق ھەم قارا،تېرىسىمۇ قارا ئىكەن . مالچى دادامغا قىزىقىپ ئۇنىڭدىن نەگە بارىسىز ،دەپ سوراپتۇ . دادام :«بەيتىك تېغىغا ›› دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ . مالچى دادامغا ناھايىتى قىزىققاندەك ھەم ھەۋەس قىلغاندەك نەزەردە قاراپ كېتىپتۇ . بەلكىم ئۇنىڭغا بۇ زىيالى چىراي ئادەمنىڭ بەيتىك تېغىغا چىقىمەن دېگىنى كۈلكىلىك بىر ئىشتەك تۇيۇلغان بولسا كېرەك . ئۇ ئادەم دېگەنكىدەك  ئىنتايىن         تەلەپپۇزدا دادامغا :«ۋوي ،ئەسلىدە مۇنداقكەندە ......بەيتىك تېغى باتۇر ئەزىمەتلەرگە خاس جاي ،پەقەت خەتەرگە تەۋەككۈل قىلالايدىغان ھاياتىنى دوغا تىكەلىگەن ئادەملا بېرىشقا پېتىنالايدۇ ئۇ يەرگە ...... تاغقا چىقتىڭىزمۇ ،ئىش باشقىچە بولىدۇ ،ئائىلىڭىزگە دالالەت يەتمەيدۇ دېگىلىمۇ بولمايدۇ ، ئات –ئۇلاقلىرىڭىزنىڭ ئالدىغا ئوت – چۆپ دۈۋىلىنىپ تۇرمايدۇ ......،-دەپتۇ . بۇ ئاڭلىماققا سەل تەتۈردەك قىلغان سۆزلەرنى دادام تا ھازىرغىچە ئېسىدە ساقلىدى ،ئۇنىڭغا بۇ سكزلەر خۇددى تۈنۈگۈنلا ئاڭلىغان سۆدەك بىلىنىدىكەن . بۇ سۆزنى قىلغان كىشى ،بايام تىلغا ئېلىنغان ،بەيتىك تېغىنى مەدھىيىلەپ ئۆز قولى بىلەن ناخشا يازغان ياش يىگىت ماڭتەينىڭ دادىسى  بولۇپ ئىسمى ئوسمان ئىدى . ئوسمان ئىلەىرى نۇرغۇن يىل ئەترەت باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن . 1962- يىلى ، قارشى تەرەپنىڭ ئارمىيىسى بىز تەرەپنىڭ چارۋىچىلىق مەيدانىنى پاراكەندە قىلىپ ، ئۆيلىرىنى مەجبۇرى بۇزغاندا ،غەزەپلەنگەن ئوسمان بۆشۈكتە ئۇخلاۋاتقان قىزىنى بۆشۈكى بىلەنلا كۆتۈرۈپ بىر يانغا تاشلىغانىكەن .قارشى تەرەپنىڭ ئارمىيىسىگە :«بۇ بىزنىڭ يېرىمىز ،خالىغانچە پاراكەندە قىلىشىڭلارغا يول قويمايمىز ، يەنە ھەددىڭلاردىن ئاشىدىغان بولساڭلار ،سىلەرگە جىنىمنى تىكىپ قويدۇم ، ››دەپتۇ .

     شۇنىڭ بىلەن قارشى تەرەپتىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ كونتروللىقىدىكى تەرەپكە ئۆتۈپ كىتىپتۇ .ئۇلار :

-ئۆزىنىڭ بالىسىنىمۇ تاشلىغاندىكىن ،بۇ ئادەم راستىنلا جىنىدىن تويغان ئادەم ئوخشايدۇ !- دېيىشىپتۇ.

كېيىن خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىل ئوسمان دادام بىلەن خۇددى ئەينى يىللىرى بەيتىك تېغىدىكى ياخشى دوستى مەيدان باشلىقى ما شاڭجىغا ئوخشاش  ياخشى دوستلاردىن بولۇپ ئۆتتى . دادام ،قارىماققا ئاجىز كۆرۈنىدىغان زىيالى بەيتىك تېغىدا ھەقىقەتەن ئوسماننىڭ ئېيتقىنىدەك :«شۇ بىر ئەۋلات كىشىلىرىنىڭ ياشلىق باھارىنى دوغا تىكىپ ، ئات – ئۇلاقلىرىنىڭ مول يىمەكلىكىگە ئېرىشتى ››.

مېنىڭ بەختىيارلىق ھېس قىلىدىغىنىم مەن ئوسماننى ،ما شاڭجىنىمۇ كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم !

    ما شاڭجى بويى ئانچە ئىگىز ئەمەس ، كۆزى كىچىكرەك ، كالپىكى نېپىس كىشى ئىدى . پىشاينىسى سەل تاقىرلاشقان ، چېچىنى دائىم كەينىگە تارىۋالاتتى .ئۇ ئۇچىسىغا  دائىم بىر يۈرۈش سېرىق كونا ھەربىيچە كىيىم،پۇتىغا قارا لاتا كەش كىيىپ يۈرەتتى . ئارلاپ بىزنىڭكىگە كېلىپ چاي ئىچكەچ دادام بىلەن پاراڭلىشاتتى .دادام مەيداندا كۆپ ئۇچرىمايدىغان زىيالى ھەم بۇ مەيداندىكى بىردىن بىر ئالىي مەكتەكپ گۇۋاھنامىسى بار كىشى ئىدى . ئىلگىرى ئۇ ئىككىسىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى توغۇرسىدا سۆلەشكىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم . مەن ئۇنىڭدىن جەڭچىلەر رەھىمسىز ئۇرۇش ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ كىچىك تەرىتىنى ئىچىشكە مەجبۇر بولغانلىقى ئاڭلىغان . مەن بۇ ھېكايە ئېيتالايدىغان ئادەمنى ئىزچىل ئېسىمدە تۇتۇپ كەلدىم .

    دادامنىڭ ئېيتىشىچە ، دادام ئاپام بەيتىك تېغىغا كەلگەندىن كېيىن، ما شاڭجى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئاندىن بەيتىك چارۋىچىلىق مەيدانىدا بىرىنچى رەسمىي قازاقچە مەكتەپ قۇرالىغان ئىكەن . دادام يەنە ،دادام ئدپدم كەلگەندە مەكتەپتە بىر نەچچە بالىلا بارلىقىنى ،ھېلىقى دەرىسخانا قىلماقچى بولغان .ئۆينىڭ ئىچىگە مەيداندىكى كادىرلارنىڭ بىر نەچچە ئېتى باغلاقلىقى دەپ بەرگەن ئىدى . ما شاڭجى يا يىغلىشىنى يا كۈلىشىنى بىلەلماي قاپتۇ ، دادامغا، سىز ئاۋال بۇ ئاتلارنى چىقىرۋىتىڭ ، ئاندىن ئۆينىڭ ئىچىنى پاكىزە تازىلايلى ،تاغدىكى بالىلارنى يىغىپ كىلىپ ،دەرس باشلايلى ،دەپتۇ .

بۇنىڭدىن بۇرۇن ما شاڭجى مەكتەپكە ياتاق قىلىش ئۈچۈن  مەيداندا ئىككى كۇرپىس ئۆي سالغان ئىكەن . ئۇ يەنە مەيداننىڭ يىغىن زالىنى ، ئۇنخانا ، ئاشخانا ،ئىلىكتىر ،تىككۈچىلىك ئۆيى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى سالدۇرۇپ بولغان ئىكەن .ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرى   خۇددى تۇرمۇشقا پۇختا،ئۆيدە بولۇشقا تىگىشلىك نەرسىلەرنى تەق ئورۇنلاشتۇرغان پەملىك  چوكانلارغىلا ئوخشايدىكەن  .

    دادام ماشاڭجىنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ئاۋال بىر ئۆينى تازىلاپ ،ئۇ يەرگە ئۆزى كۆچۈپ كىرىپتۇ .ئاندىن كېيىن ئاپام بىلەن  قالغان ئۆيلەرنى تازىلاپ ، ئىشخانا قىپتۇ . ياز كەلگەندە دادام راستىنلا ما شاڭجى بەرگەن ظ اتقا مىنىپ قارقاي جىلغىسى تەرەپكە ،يەنە كۇپۇ جخلغىسى ، تۇرانخې تەرەپلەرگە بېرىپتۇ . ئەلۋەتتە يەنە ئالتۇن ئوبا ،چاقاتېلارغىمۇ بارىدۇ . ئۇ بالىلارنى بىردىن بىردىن چاقىرىپ كېلىدۇ .چارۋىچىلار بالىلىرىنى بەس بەستە مەكتەپكە ئەكىلىپ بېرىش مودىغا ئايلىنىدۇ . شۇ مەكتەپ ھازىرغىچە تاقىلىپ قالمىدى . ھازىر مەيداندىكى كىشىلەردىن ئاڭلىسام دادام ئاپام تاغقا چىقىشتىن ئىلگىرى مەكتەپتە چارىپقان دېگەن بىر ئوقۇتقۇچى بالىلارغا بىر نەچچە كۈن كونا يېزىقنى ئۆگەتكەنىكەن .  ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى مەن سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ «سەھرادىكى ئايال ئوقۇتقۇچى››ناملىق فىلىمىنى كۆرگەن ئىدىم . مېنىڭچە ئاپام دادامنىڭ بەيتىك تېغىدىكى كەچۈرمىشلىرى شۇ فىلىمدىكى ئايال ئوقۇتقۇچىدىن قېلىشمىسا كېرەك دەپ ئويلايمەن . ما شاڭجىمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە .

    ما شاڭجى دېگەن بۇ ئىسىم ماڭا دائىم شەر*قى شىمال ياپونغا قارشى ئۇرۇشى بىرلەشمە ئارمىيىسىدىكى جاۋ شاڭجىنى ئەسلىتىدۇ . بۇ يىل 10- ئايدا مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىر قانىلىدا جاۋ شاڭجىنىڭ يۇرتداشلىرى ئىلگىرى جاۋ غاڭجى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان جايدىن ئۇنىڭ باش سۆڭىكىنى تېپىپ ، كېيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ  بۇ ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش قەھرىمانىنى مەڭگۈ ياد ئېتىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ باش سۆڭىكىنى داغدۇغا بىلەن يۇرتىغا ئەكىلىپ يەرلىككە قويغانلىقى خەۋىرىنى  كۆردۈم .

بۇ خەۋەر نىمىشقىدۇ مېنى بەلكىم بۇ دۇنيادىكى شاڭجى ئىسىملىكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تەغدىرىگە قەھرىمانلىق، تارىخقا يېزىلىش پۈتۈلۈپ قالغانمۇ نېمە دېگەن ئوي پەيدا قىلدى .

     1951- يىلى بەيتىك تېغىدىكى ما شاڭجى تۇنجى قېتىم بەيتىك تېغىغا چىققان چېغىدا ،ئارانلا 20ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ئىدى . ئۇ گۇچۇڭ ۋە مورىدىكى چارۋىچىلارنىڭ قولىدىن چاي ،چاقماققەنت ، رەخت تۇز دېگەندەك نەرسىلەرگە تىگىشىپ كەلگەن قويلارنى ھەيدەپ بەيتىك تېغىغا چىقىپ ،چارۋىچىلىق مەيدانىنى بەرپا قىلدى . ئۇ چاغدا چىگرا مۇداپىيىسى جىددى بولۇپ ،ئەمدىلا  قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەت نۇرغۇن قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن ئىدى . بەزى چاغلاردا ھاۋا سوغۇق كۈنلىرىگە توغرا كېلىپ قالسا ما شاڭجى ئۆزى يالغۇز ئاتلىق بەيتىك تېغىدىن ئىككى يۈز كىلومېتىر كېلىدىغان گۇچۇڭغا چىگرا ئەھۋالىنى دوكلات قىلىشقا باراتتى .ئۇ بەك ياش بولغاچقا قارا دالىدىن يالغۇز ماڭغاندا سۈيدىكى قىستىسا ،ئاتتىن چۈشۈشكىمۇ پېتىنالماي ، ئات ئۈستىدىلا مەسىلىنى ھەل قىلىۋىتەتتى –دە ، ئاندىن مۇزلاپ ئىشتان بېغىنىمۇ چىگەلمەي قالاتتى .

بەيتىك تېغىدا ما شاڭجىنىڭ ھېكايىسى خۇددىمەخسۇس بىرى توقۇپ بېرىدىغاندەكلا جىق .ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەقىقىي بولغان ئىشلار . ئۇنىڭ ھېكايىسىنى ئەڭ كۆپ توقىيدىغانلار يەنىلا شۇ يەرلىك قازاق مالچىلار بولسا كېرەك . ئۇلار مۇنداق تەرىپلىشىدۇ : تاغلار ئىچىدە بۇغدا چوققىسى ئەڭ ئىگىز ،ئادەملەر ئىچىدە مد شاڭجى باققان قويلار ئەڭ ياخشى .ئۇلار يەنە : ما شاڭجى قازاق تىلىدا سۇدەك سۆزلەيدۇ ؛ما شاڭجى قازاق ئەرلىرىنىڭ كىيىم – كېچىكىنى كىيىدۇ ؛ما شاڭجى دائىم قازاق مالچىلار بىلەن تاغدا بىللە تۇرىدۇ ،ئۇلار بىلەن بىللە كۆچىدۇ ، دەيدۇ .

      1959-يىلى ئالتاي تەرەپلەردە قاراقچىلار قۇترىدى ، بەيتىك چىگرىسىمۇ ئىنتايىن جىددى ھالەتكە ئۆتتى .شۇ يىلى يازدا بىر توپ مالچى ۋاڭغىيۇرت تەرەپتە ئات بېقىۋاتاتتى . شۇ كۈنى كېچىدە بىر مالچى ئۆڭ سۆلى يوق كېلىپ بابدۇللا ئىسىملىك بىر مالچىنىڭ قاراقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى دوكلات قىلدى .

بىردەمنىڭ ئىچىدە چىگرا ئاھالىلىرىنىڭ كۆڭلىنى ۋەھىمە قاپلىدى . گايى كىشىلەر كىگىز ئۆيلىرىنى سۆكتى ،بۇلاپ كېتىلىشىدىن قورقۇپ ئۆيىدىكى بارلىق نەرسىلىرىنى يېقىن ئەتراپتىكى تاغ ئۆڭكۈرىگە  يۇشۇرۇپ قويۇشتى . تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئامراق ئاتلىرىنىڭ قاراقچىلار تەرىپىدىن بۇلاپ كېتىلمەسلىكى ئۈچۈن ئاتلىرىنىڭ تۇيۇقىغا ھەم توم ھەم قاتتىق مىقلارنى تاقىلاپ قويدى . بۇ خىل تۇيغۇ ،خۇددى چوڭ بالا قازا كېلىۋاتقاندەكلا ئىدى .شۇ كۈنى كېچىسى ،كىشىلەر تاغقا يۇشۇرۇنۇپ ،ئاپەتنىڭ تېزراق ئۆتۈپ  كېتىشىنى كۈتۈپ ياتتى . ئاسماندا يورۇق ئاي ،ئەتراپ جىمجىت ئىدى ، كىشىلەر قاراقچىلارنىڭ ماللارنى بۇلاپ ،بەجبۇرى ئېلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرمىدى .يېرىم كېچىدە ،ھەممە ئادەم ئۇيقۇغا كەتكەن ئاتلارمۇ ھېرىپ ھالىدىن كەتكەندە ،تۇيۇقسىز ئورانبۇلاق تەرەپتىن  ئات توپىنىڭ كېلىۋاتقان ئاۋازى ئاڭلاندى . كىشىلەر ، ھە ئەمدى قاراقچىلار كەلگەن بولسا كېرەك ، دەپ ئويلاشتى . بىراق بىر ئازدىن كېيىن ما شاڭجىنىڭ قازاق تىلىدا بىراۋنى  ئۈنلۈك تىللىغان ئاۋازى ئاڭلاندى .  ئاساسەن مەنىسى كەبى ئىسىملىك بىرمالچىنى تىللاۋاتاتتى ،«كەبى ساراڭ بوپتۇ ،يالغان خەۋەر يەتكۈزۈپ ،كۆپچىلىكنى ئەنسىزلىككە سالدى .›› تا ھازىرغىچە بەيتىكتىكى قازاقلار ما شاڭجىنىڭ قازاقلارنى تىللىغىنىنى ئۇنتىمىدى .بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ،شۇ قېتىم ئۇ پۇخادىن چىققۇچە تىللىغانمىش . شۇ كۈنى ئۇلار ئالتۇن ئوبادا چېكەتكە ئاپىتىنىڭ ئەھۋالىنى كۈزىتىۋاتقان ئىكەن ،قاراقچىلارنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ ،ئېتىنى چاپتۇرۇپ ۋاڭغىيۇرتقا كېلىدۇ ،دۆلەت چىگرىسى ۋاڭغىيۇرتىن يىراق ئەمەس ئىدى .

     1957-يىلىدىن 1961-يىلىغىچە ،بايام تىلغا ئېلىنغان جارقاي دېگەن ئەزىمەت بىلەن ما شاڭجى ئىككىسىنى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ۋاڭغىيۇرت دېگەن يەردىن  موڭغۇلىيە ئارمىيىسى تۇتۇپ كەتتى . ما شاڭجى ئەڭ ئۇزۇن تۇتۇپ قېلىندى ،ئۇ مۇڭغۇلىيە تەرەپنىڭ بۇلغۇن ناھىيىسىدە بىر ھەپتە تۇتۇپ قېلىندى . كېيىن بىز تەرەپنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئارلىشىشى بىلەن ئۇلار ئۇنى قويىۋەتتى  .

     دادام دائىم ما شاڭجىنى ئەسلەپ قالاتتى . ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئېتىنى تىلغا ئالاتتى. ئۇ ئات ئۇنى گىنىرال سېيىدىن ئېلىپ چىققان ئات ئىدى . دادامنىڭ ئېيتىشىچە ،شۇ چاغدا بەيتىكتە پەقەت ئىككى ئات بار ئىكەن . بىرى ما شاڭجىنىڭ ئېتى ،يەنە بىرى ئەينى چاغدىكى قازاق رەھبەر ئىدرىس دېگەن كىشىنىڭ ئېتى ئىكەن . كىشىلەر دائىم بۇ ئىككى ئاتنى دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە دەپ بىلىدىكەن ، نۇرغۇن مالچى ئۇلارغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن . ھازىرمۇ ئەل ئارىسىدا ما شاڭجىنىڭ ئېتى ۋە ئىدرىسنىڭ ئېتىنى يۈز ئاتقا ،يۈز قويغا تىگىشكىلى بولمايتى ، دېگەن گەپلەر بار . ئۇلارنىڭمۇ ئىگىلىرىگە ئوخشاشلا بەيتىك تېغىغا قوشقان تۆھبىلىرى بار .بەزىلىرىنى بەلكىم ئاقكۆڭۈل كىشىلەرئازگەرتىۋەتكەن ۋە  قوشۇۋالغان بولىشى مۈمكىن   .

      ئەل ئارىسىدا يەنە ما شاڭجىنىڭ ئېتىنى،شىمالى جۇڭگو رايۇنلىرىدا  ئۈچ چوڭ ئۇرۇشقا قاتناشقان دېگەن رىۋايەتلەرمۇ بار .ئەمەلىيەتتە ئۇ گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ ئېتى بولۇپ ، گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ ئىككى ساندۇق بومبىسىنى يۈدۈپ ،جەڭگاھنىڭ ئىس تۈتەكلىرى ئارىسىدىن ئۆتۈپ ، بىزنىڭ ئارمىيىمىزنىڭ ئىستىھكامىغا ئېلىپ كەلدى . ئۇ يۈدۈپ كەلگەن ئىككى ساندۇق بومبا شۇ قېتىمقى جەڭدە غەلبە قىلىشقا چوڭ تۆبە قوشتى .كېيىن ئۇ غەرىپكە يۈرۈش قىلغان ئارمىيە بىلەن شىنجاڭغا كەلدى ،يەنە گۇچۇڭغا ،كېيىن بەيتىك تېغىغا كېلىپ ، ياش ما شاڭجىنىڭ قولىغا چۈشتى . ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى ،ھېلىقى يۈز ئات يۈز قويغىمۇ تىگىشكىلى بولمايدىغان ئات قېرىپ ئۆلدى . ما شاڭجى ئۇنىڭغا بىر قەبرە قەتۇرۇپ ،ئۇنىڭغا ئوردىن قىلىپ بەردى .

    مەن بەيتىك تېغىغا بارغاندا ئۇ ئاتنىڭ نەگە نەپن قىلىنغانلىقىنى بىلىش ئويىدا كۆپ تەرەپتىن سۈرۈشتۈردۈم ،بىراق تاپالمىدىم .قارىغاندا بىر ھايۋاننى ئېسىدە تۇتىدىشدنلاردىن كۆپ بولمىسا كېرەك ،بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇ پەقەت بىر ئاتلا بولسا كېرەك . ئەمما مەن بۇنىڭلىق بىلەن ئۈمۈدسىزلەنمىدىم . نېمىلا دېگەن بىلەن ئالدىمدىكى بۇ يېزىقلاردا شۇنداق بىر ئات يېزىلغان ئىدى .

     ئىلگىرىكى گەپكە كېلەيلى. مەن بەيتىك تېغىغا بېرىشىمدىكى ئاساسلىق بىر مەقسەت ئەينى يىللىرى ئىككى تەرەپنىڭ چىگرىسى ئايرىلغاندىن كېيىنكى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش يىغىنىنىڭ خارابىسىنى تېپىش ئۈچۈن دېمىگەنمىدىم ؟ئەپسۇسلىنارلىقى ،كىشىلەر ما شاڭجىنىڭ ئېتىنى ئۇنتۇپ كەتكىنىدەك شۇ قېتىمقى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش يىغىنىنىمۇ ئۇنتۇپ كەتكەنىدى . ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا مەن بىر خاتىرىگە باي ئادەمكەنمەن ،كۆپچىلىكنى شۇ قېتىمقى ئىشلارنى ئەسكە ئېلىشقا يىتەكلىدىم .قىزىق يېرى ،شۇ قېتىمقى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى مېنىڭ ئاۋال تەسەۋۇر قىلغىنىمدەك ،ئالتۇن ئوبادا ئۆتكۈزۈلگەن بولماستىن ،بەلكى تاغ ئېتىكىدىكى ئىنچىكسۇ تەرەپتە بولۇپ چىقتى . شۇنىڭ بىلەن مەن ئىنچىكسۇغا قاراپ يۈرۈپ كەتتىم .

    ئولاستاي چىگرا ئېغىزىغا بارىدىغان يولدا ،يەنى چىگرا مۇداپىيە تەكشۈرۈش پونكىتىدىن شىمالغا تەخمىنەن ئىككى كىلومېتىر ئۆتكەندە ، مەن دادامنىڭ بەيتىك تېغىدىكى تۇنجى قارار ئوقۇغۇچىسىنى ئۇچراتتىم . ئۇ ياشانغانلار قاتارىغا كىرىپ قالغان كىشى بولۇپ ،بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ چارۋىچىلىق مەيدانىغا بىر يۇرتدىشىنىڭ ئوغلىنىڭ تويىغا ماڭغانىكەن .ئۇ ماڭا ئىنچىكسۇ دېگەن يەردە  كۆپچىلىكنىڭ كۆزىنى ئاچقان  شۇنداق بىر پائالىيەت بولغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى  .ئۇ شۇ چاغدا كىشىلەرنى قىستاپ تۇرۇپ شۇ ئويۇننى كۆرگەنلىكىنى ئەسلەپ بەردى .ئۇنىڭ كىچىككىنە كاللىسىنى  يولسىز بىر چوڭ ئادەم يوغان قوللىرى بىلەن ئىتتىرۋىتەتتى .ئۇنىڭ كۆزىگە بولسا ھەيرانلىق ،قىزىقىش تولغان ئىدى .ئۇ بىر ئايالنىڭ قانداق قىلىپ ئىگىز بىر ئورۇندۇق ئۈستىدە كىينىگە ئىگىلىپ ،ئورۇندۇق ئاستىدىكى بىر تال گۈلنى چىشلەپ ئالغانلىقىنى چۈشەنمەيتى .بۇ ئايال ئىككى قولىدا ئىككى تەخسىنى پېرقىرىتىۋاتاتتى ،ئۇ ئايالنىڭ بىلى خۇددى بىر  يىلاندەك يۇمشاق ئىدى.ئۇ يەنە ، شۇ قېتىمقى ئويۇننى مۇڭغۇلىيىلىك مېھمانلارغا قويپ بەرگەن دېگەندىن كۆرە بالىلارغا قويۇپ بەرگەن تۈزۈك دېدى . بۇ بىر مەيدان چوڭ تىپتىكى ئويۇن ئىدى، دېدى . ئۇ مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ .ھازىرمۇ ئارلاپ ئىنچىكسۇدىن ئۆتكەن چاغلىرىدا ئۇ يەنە ئەينى يىلىدىكى ئەشۇ كەچۈرمىشىنى ئەسكە ئالىدۇ .

   ئۇ يەنە ، ئۇ چاغدا مەن ئەمدىلا بىرىنچى سىنىپقا كىرگەنلىكىنى ، دادامغا ئەگىشىپ كىتاپ ئوقۇشنى ئۆگۈنىۋاتقان چاغلىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى . ئۇ ئىنتايىن مەدھىيىلىگەن تەلەپپۇزدا ماڭا :«دادىڭىز مېنىڭ ئوقۇتقۇچۇم ،كۆپنى بىلىدىغان كىشى ئىدى . ئۇ شۇ چاغلاردىلا ماڭا :بۇ دۇنيا مۇشۇ پېتى تۇرىۋەرمەيدۇ ، چوقۇم ئۆزگىرىدۇ .كەلگۈسىدىكى بىر كۈنى ،سىلەر چوقۇم ئۆز ئۆيۈڭلاردىلا ئولتۇرۇپ كىنو كۆرەلەيسىلەر . تېلىفونىڭلار بەلكىم يانچۇقىڭلارغىلا پاتىدىغان بولىشى مۈمكىن ، ئاندىن سىلەر ئاتقا مىنىپ ئۆيگە قايتمايسىلەر ،ھارۋىلاردا سەپەر قىلمايسىلەر .سىلەر تېخى يەنە نەگە بارساڭلارمۇ رادىئو ئاڭلىيالايدىغان بولىسىلەر . مۇشۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر چوقۇم ماتىماتىكىنى ياخشى ئوقۇشىڭلار كېرەك .كەلگۈسىدە تولۇق ئوتتۇرىغا چىقىسىلەر ،يەنە فىزىكا دەيدىغان ياكى خىمىيە دەيدىغان دەرىسلەرنى ياخشى ئۈگۈنىشىڭلار كېرەك ، دېگەن ئىدى ،دېدى . مەن ئۇنىڭ بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقاندا كۆزىگە ياش تولغانلىقىنى،تۈكۈرۈكىنى يۇتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم . مېنىڭ كۆڭلۈممۇ سەل بۇزۇلدى . ئاندىن كېيىن مەن دادامنىڭ ئوقۇغۇچىسى بىلەن نەزىرىمنى ئۇلۇنبۇلا قۇرامتېشى تەرەپكە ئاغدۇردۇم ،يىراقتىكى يېبۇ تېغىنىڭ قىزىل رەڭلىك قىيا تېشىدا تېنچ ياتقان ئەشۇ ئاتىلىرىمىزنىڭ ئەينى چاغلىرىدىكى ئارزۇلىرى بەلكىم بىز بىر ئەۋلاتتا ئەمەلگە ئاشقاندۇ ، شۇ چاغلاردا بولسا ئۇلار ئۆزلىرى يوقسۇل ھەم تايانچسىز ،ھېچنېمىسى يوق دېيەرلىك ئىدى .

  ئاندىن كېيىن ئۇ يەنە ماڭامۇنداق گەپلەرنى قىلدى:

- ئەينى يىلى دادىڭىز يۆتكىلىپ كېتىدىغان چاغدا ماڭا :- مەن سېنى چوڭ شەھەرگە ئەكىتىپ ئوقىتىمەن ،چۈنكى سەن بىر ئىنتايىن ياخشى مايسا ،ئۆزۈڭنى نابۇت قىلىۋەتسەڭ بولمايدۇ ،- دېدى . بىراق مەن ئائىلەمدە قېيىنچىلىق، ئاتا – ئانامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىسام بولمىغانلىقتىن بىللە ماڭالمىدىم . ھازىرغىچە پۇشايمان قىلىمەن . بولمىغان بولسا ...... ئۇ تۆۋەندىكى سۆزىنى قىلمىدى ، ئەمما مەن ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلدىم . ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئەشۇ قېتىمقى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدىكى ئات بەيگىسىنى دەپ بەردى . سەيتىپ تۇەنجاڭنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئۆرۈلۈپ كەتكىنىنى ، سۆزلەپ بەردى .بۇ زەينىل بوۋاينىڭ دەپ بەرگىنىگە ئوخشاش ئىدى .

ئۇنىڭدىن كېيىن مەن ئىنچىكسۇغا باردىم .

    نەتىجە مېنى ھاڭتاڭ قالدۇردى .ئۇ ئاللىبۇرۇن ئىسمىدىكىدەك ئۇنداق گۈزەل ئەمەس بولۇپ قالغان ئىكەن . ئىنچىكسۇ ، قازاقچە مەنىسى ئەسلى كىچىك سۇ ياكى كىچىك ئېرىق دېگەن مەنىدە . ئاڭلىماققىلا ئادەمگە  گۈزەل بىر غايىۋى جەننەتنى  ئەسلىتىدۇ .  ئەمما كۆز ئالدىمدىكى ئىنچىكسۇ ،ھەقىقەتەن بىر كىچىككىنە تاغ ئارىسىدىكى بوش يەر بولۇپ ،ئوت چۆپ قاپلاپ كەتكەن ، شورلۇق يەر ئىدى .  گۈزەل ئېرىق قۇرۇپ قالايلا دەپ قالغان ئىدى . مەن تەسەۋۇرۇمنى ئىشقا سېلىپ ئۇنىڭ ئەينى يىللىرىدىكى ھالىتىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم . نۇرغۇن يىللار تالاش تارتىشتىن كېيىن بەيتىك تېغى ۋەتىنىمىزنىڭ خەرىتىسى ئىچىدە   خاتىرجەم   يېتىپتۇ ،ئىلگىرى مۇشۇ تاغ ئۈچۈن ھاياتىنىدىن ئايرىلغان كىشىلەرمۇ ئەمدى ئاخىرەتتە خاتىرجەم ياتالايدۇ .

    بىز بۇ بىر ئەۋلات كىشىلىرى ،ھەقىقەتەن قىزىل تەربىيەنى قۇبۇل قىلىپ چوڭ بولغان ،باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا تيەنجىندىن كەلگەن ئايال ئوقۇتقۇچى ۋاڭ سۈنكەي بىزگە مۇنداق دېگەن ئىدى :

- ساۋاقداشلار ، ئېسىڭلاردا بولسۇن ، شەھەر ئالماق ئاسان ، شەھەرنى ساقلىماق تەس !

ھازىر ئويلىسام ئۇ چاغلاردا بىزگە بۇنداق داۋلىلارنى سۆزلەش بىزگە نېسبەتەن سەل ئېغىر بولۇپ كېتىپتۇ .چۈنكى ئۇ چاغدا بىز ھەتتا  تېخى  نېمىنىڭ شەھەر ئېلىش ئىكەنلىكىنى ئېنىق چۈشەنمەيتۇق ؛بىز تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى بەيتىك تېغى قانداقلىقىنى بىلمەيتۇق  ؛ شىڭخەي ئىنقىلاۋىدىن كېيىن جۇڭگونىڭ خەرىتىسىدە قانداق ئۆزگۈرۈشلەر بولدى ، بەيتىك تېغىدا نېمە ئىشلار يۈز بەردى بىلمەيتۇق ؛ 1947يىلى تاغ چوققىسىدىكى ئەشۇ ئۇرۇشنى بىلمەيتۇق ؛ما شاڭجى ،جاۋ جېنچاڭ دېگەن كىشىلەرنىڭ بىزگە نېمىلەرنى قىلىپ بەرگەنلىكى ،بۇ تاغقا نېمىلەرنى قىلىپ بەرگەنلىكىنى بىلمەيتۇق ...... بىز پەقەت ،مەيداندىكى ئەشۇ قىزىل تاغدا ،ئىلگىرى بىر توپا ئىستېھكام بارلىقى ،نۇرغۇن قارا تۆشۈك  بارلىقىنىلا بىلەتتۇق . بىز ئۇنى ئۆزىمىزنىڭ چۆچەك باغچىسىغا ئايلاندۇرىۋالغان .

بىر ئادەمنىڭ بىر داۋلىنى چۈشىنىشىگە بەلكىم بىر ئۆمۈر كەتسە كېرەك .ۋاڭ مۇئەللىمنىڭ ئەينى يىلى دېگەن سۆزىنى مەن 30يىلدىن كېيىن ھەقىقى چۈشەندىم دىسەم بولىدۇ . ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ دېگەن سۆزى بىر ئادەمگە ئوخشاش ،بىر ئۆمۈر كۈچ سەرىپ قىلىپ ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ۋە تۇرمۇشىنى قوغداپ تۇتۇپ تۇرغىنىغا ئوخشاش قىيىن بىر ئىش ئىكەن .

      بۇ يەردە مېنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ تۆتىنچى سىنىپتىكى سىنىپ مەسئۇلۇم ،بېيجىڭدىن كەلگەن شاۋ چاڭلى مۇئەللىمنىڭ بىر پارچە ئەسلىمىسى بار ، ئۇ مۇنداق يازغان : «1970-يىلى مەن تۇنجى قېتىم تۆتىنچى سىنىپنى ئالدىم ،پۈتۈن سىنىپتا 20 نەچچە ئوقۇغۇچى بار ئىدى ، مەن سىنىپ مەسئۇلى بولۇپ ،ئۇلارغا ئەدەبىيات دەرىسى ،يەنە پۈتۈن مەكتەپتىكى باشقا سىنىپلارغا دەرىس بەردىم . چۈنكى مەن شۇ چاغدا مەكتەپتە تۇراتتىم ،كۈندە ئۇلار بىلەن پاراڭلىشاتتىم .بۇ ئوقۇغۇچىلار ھەر كۈنى ئوقۇغاندىن  باشقا ، دەرىستىن سىرتى پائالىيەتلەرنىمۇ ئىنتايىن ياخشى ئورۇنلاشتۇراتتى . بىز دائىم دالىدا يىلان تۇتاتتۇق ،قاپقان قويۇپ توشقان ئوۋلايتۇق ،تور تاشلاپ قۇشقاچ ۋە كەكلىك تۇتاتتۇق . مېنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغىنى ئۇلار كېرەكسىز ماشىنىنىڭ بالۇنىنى مەكتەپ يىنىدىكى تاغقا سۆرەپ ئەپچىقىپ ، ئاندىن تۆۋەنگە ئىتتىرەتتى ، بالۇن تېز سۈرئەتتە تۆۋەنگە شۇڭغۇپ سېرىلاتتى ،بىرەر مىڭ مېتىر يىراققا سېرىلىپ چۈشەتتى ، ئاندى كېيىن ئۇلار يەنە ئۇنى كۆتۈرۈپ تاغ چوققىسىغا چىقاتتى ، ئۇلار گەرچە ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن بولسىمۇ ، ئەمما بۇنىڭدىن خوشاللىنىپ سەكرەپ تاقلىشىپ كېتەتتى .....

    بۇ پارچىدە يېزىلغىنى دەل بىزنىڭ سىنىپ . نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن شياۋ مۇئەللىمنىڭ بۇ ئەسلىمىسىنى ئوقۇغىنىمدا ،كۆڭلۈم يېرىم بولدى .

بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر 1974-يىلى يازدا بەيتىكدىكى چارۋىچىلىق مەيدانىدىن ئايرىلدى . ئاپامنىڭ دېيىشىچە بەيتىكتىن كېتىشىمىزدىكى  مۇھىم بىر مەقسەت ، بىز 6بالىنىڭ ياخشىراق تەربىيە ئېلىشى ئۈچۈن ئىكەن .ئۇلار  بۇ مەقسەتكە يەتكەنىدى ......

بىراق ،نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن ، مەن ئاز تولا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ھېسسىياتى بىلەن ، ئوغلۇمنى ئېلىپ ،بۇ ئىلگىرى قەھرىمان ، ھېلىھەم قەھرىمان تاغقا كەلگىنىمدە ،ھېسسىياتىم ئېغىر بولدى . شۇ كۈنى مەن ئوغلۇم بىلەن چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە ، ئىلگىرى ما شاڭجى، يەنە مېنىڭ ئاتا – ئانام ھەم ئىسمى تىلغا ئېلىمىغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆز قولى بىلەن قۇرغان مەكتىۋىگە كەلدىم . مەن مەكتەپتىكى بالىلارنىڭ چىرايىدىن ئۆزۈمنىڭ بالىلىق چاغلىرىنى ، پۈتكۈل بالىلىق دەۋرىمنى كۆرگەندەك، شياۋ چاڭلى مۇئەللىم تەسۋېرلىگەن تاغدىن سېيرىلىپ چۈشۈۋاتقان بالۇننى كۆرگەندەك بولدۇم . بۇ يەردىكى كىچىك دوستلار مېنىڭ بىر نەچچە ئېغىز سۆز قىلىپ بېرىشىمنى ئۈمۈد قىلىشىتى .

مەن ئۇلارغا :

-  بالىلار ،بۇ مەكتەپنى  بىزنى سۆيىدىغان نۇرغۇن نۇرغۇن ئادەملەر ئۆز قولى بىلەن قۇرۇپ چىققان.بىز ئۇلارنى ئۇنتۇپ قالساق ھەرگىز بولمايدۇ .بىز مىننەتدار بولۇشنى ئۆگۈنىشىمىز كېرەك . ئەڭ ياخشى مىننەتدارلىق ياخشى ئوقۇش ،بىكارتەلەت ئادەم بولۇپ قالماسلىق ،-دېدىم .





ـ «مىللەتلەر ژۇرنىلى››خەنزۇچە 2009-يىللىق 3- سانىدىن


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-2-28 00:12:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ياخشى چىققان تېمىنى كۆرمىگىلى تاسلا قاپتىمەن دېسە، كۈمۈلۈپ ياتقىلى خېلى ئۇزۇن بۇلاپتۇ ئەمەسمۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش