كۆرۈش: 804|ئىنكاس: 10

تەڭرىقۇت: ي.چ. تۆمۈر (يۇغۇر)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-12-11 19:00:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
                                                           "  تەڭرىقۇت "
                                             

                                                --- قىزىمغا يېزىلغان خەتلەر


                                                ي . چ . تۆمۈر ( سېرىق ئۇيغۇر )

                                             
                                               ئابدۇخالىق ئابلىمىت تەرجىمىسى


ي . چ . تۆمۈر ( تولۇق ئىسمى يۇغۇر چامدىغىن تۆمۈر ، قىسقارتىلىپ ي . چ . تۆمۈر ياكى تۆمۈر ، دەپ ئاتىلىدۇ ) ، تونۇلغان سېرىق ئۇيغۇر يازغۇچىسى ۋە مىللەتلەر تارىخى تەتقىقاتچىسى  .  1963 – يىلى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ سۇنەن يۇغۇر ئاپتونۇم ناھىيەسىدە تۇغۇلغان . 1987 – يىلى غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى ( ھازىرقى غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتى ) نى ، 2005 – يىلى 1 – ئايدا لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى 4 – قارارلىق ئالىي مۇھاكىمە سىنىپى ( ئاز سانلىق مىللەت ياش يازغۇچىلىرى سىنىپى ) نى پۈتتۈرگەن .
  ئۇ   ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ، جۇڭگو مۇڭغۇل تارىخى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى .  گەنسۇ ئۆلكىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى . << ئايدىڭدىكى ئۇلاجىن >> ناملىق نەسرلەر توپلىمى ۋە << يۇغۇر مىللىتى --- سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىللىق تارىخى >> ناملىق كىتابى نەشىر قىلىنغان . گەنسۇ ئۆلكىلىك 7 – قېتىملىق ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتىنىڭ 3 – دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر نەتىجە مۇكاپاتى  ، گەنسۇ ئۆلكىلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى << مىس تۇلپار >> مۇكاپاتى ، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ دۇنخۇاڭ ئەدەبىيات – سەنئەت مۇكاپاتى ، گەنسۇ ئۆلكىلىك خۇاڭخې ئەدەبىيات مۇكاپاتى ، << مىللەتلەر ئەدەبىياتى >> " لوڭخۇشەن " لوڭقىسى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى يېڭى كۈچ مۇكاپاتىغا ، 2008 – يىلى << ئايدىڭدىكى ئۇلاجىن >> ناملىق نەسرلەر توپلىمى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ ئالىي مۇكاپات << تۇلپار مۇكاپاتى >> غا ئېرىشكەن .


.... بىلەمسەن قاتقارا  ، ھەر قېتىم ئاتقا مىنىپ ياكى ماشىنىغا ئولتۇرۇپ چىلىيەنشەن تېغىغا بارغىنىمدا ، بۇ يەردىكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان گۈل – گىياھ ، دەل – دەرەخ  ، تىك قىيا ۋە  تۆپىلىكلەرگە زەن سېلىپ ، سىرلىق چوققا ئامىغانقىردىن كەلگەن مەغرۇر ، جىمجىت ھەم سوغۇق ، ئاجايىپ ھىدلارنى سېزىمەن ، سىرلىق چوققا ئامىغانقىر ھەر قېتىم مېنى چوڭقۇر ھېس - تۇيغۇلارغا غەرق قىلىدۇ .
كۆپ ۋاقىتلاردا ، مېنىڭ كۆرىدىغىنىم تاغ باغرىدىكى  بوز يەر ، كان ئېچىش سەۋەبىدىن قۇرۇپ كەتكەن دەريا ئېقىنلىرى ، تولا كېسىلىپ چۆلدەرەپ قالغان دەرەخزارلىق ۋە بارغانچە كىچىكلەپ كېتىۋاتقان قار – مۇزلۇق . 2012 – يىلى كۈزدە ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىدىن لەنجۇغا قايتىش سەپىرىمدە ھاۋا ئوچۇق ئىدى ، يىراقتا قەد كېرىپ تۇرغان چىلىيەنشەن تېغى ماڭا ئېگىزدىن ناھايىتى تونۇش كۆرۈندى . بوشلۇقتىن نەزەر سالغىنىمدا چىڭخەي كۆلى بىلەن خارا كۆلى ، چېپىپ كېتىۋاتقان ئات پادىسىدەك بۇلۇتلار ، كۈمۈش رەڭلىك قارلىق چوققىلار ، قاپقارا ، قويۇق ئورمانلار ، كەچكۈزدىكى يايلاقلار خۇددى قۇلاندەك تۈسكە كىرگەن ئىدى . ئۇ يەردە ئىلگىرى قانچىلىغان ئاجايىپ قەۋملەر ياشىغان ، ئادەمنىڭ باغرىنى ئېزىدىغان تەسىرلىك ھېكايىلەر بارلىققا كەلگەن -- ھە .... .
بىلىمەن ، مەن كۆرگەن بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى تەڭرىقۇتنىڭ ماڭا قىلغان ئىلتىپاتى .
ھەر قېتىم مۇشۇ تاغ باغرىدىكى يايلاقتىن ئۆتكىنىمدە يۇمران چۆپلۈكلەر ئارىسىدا ئېچىلغان ئاپئاق پىلىكئوتلار ، فېيشىر سۈتلۈكئوتلىرى ، تاراشا ئاۋۇلىدىكى خارگانا گۈللىرى ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ھەرخىل گۈل – چېچەكلەر ، چىڭخەي – شىزاڭ ئېگىزلىكىدە زاھىر بولغان شەپەقنى ئالتۇن رەڭدە تاۋلىنىپ تۇرسىكەن ، دەپ ئويلايمەن . تاراشا ئاۋۇلىدىكى قارامتۇل يېشىل تاغ سۆگەتلىرى ئارىسىدا مۆرەۋاتقان قىزىل بۇغا ، گاھى چاغلاردا ئۇزۇن يايلىلىق بۆرىنىڭ قارىسىنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ ..... بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ ، ئېنىق سۈرەتلەپ قەلب خاتىرەمگە كۆچۈرۈپ ئالغانمەن . كۆزلىرىمنى تىك قىيا ، تاغ بۇلاقلىرى ، قارىغايلاردىن ئالالمايمەن  . نېمە ئۈچۈنلىكىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن ، ھەر قېتىم چىڭخەي – شىزاڭ ئېگىزلىكىدىن ئۆتكىنىمدە يول – يول تاغ تىزمىلىرى ، ئارامبەخىش يايلاق ، ئورمانلارغا قارىغىنىمدا  ۋە كۆپكۆك ئاسماندا ئۈزۈپ يۈرگەن بۇلۇتلار پەسلىگەندە  ، ئاخىرقى قېتىم بۇ كەڭ زېمىنغا نەزەر سېلىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىمەن .  خۇددى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرىكى ئاشۇ ئاۋاز قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ " بۇ كەڭ زېمىنغا نەزەر سال ، مېنى ئۇنتۇپ قالما ........ " دەۋاتقاندەك .
..... قاتقارا ، بەلكىم سەن بىلىسەن ، " چىلىيەنشەن " دېگەن ئىسىم قەدىمكى دەۋردىكى ھونلارنى مەنبە قىلغان ، قەدىمكى ھون تىلىدا " چىلىيەن " دېمەك " تەڭرى " دېمەكتۇر ، شۇڭا ، چىلىيەنشەن تېغى " تەڭرى تېغى " دەپ ئاتالغان . قەدىمكى خەنزۇتىلىدا " چىلىيەن " بىلەن " چېڭلى " ئوخشاش تەلەپپۇز قىلىناتتى .
سىماچىيەن " تارىخنامە " دە : سۇترىشانا سانغۇنى لى گۇاڭلى ئوتتۇز مىڭ ئاتلىق لەشكەر بىلەن ھونلارنىڭ سول قول بىلىكخانى بولغان چىلىيەن تىيەنشەن " تېغىغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغانلىقىنى خاتىرىلىگەن  . " تارىخنامە " دە ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 99 – يىلى يازدا ، غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ مەشھۇر سانغۇنى لى گۇاڭلى ئوتتۇز مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇننى باشلاپ غەربكە يۈرۈش قىلىپ ، ھونلار بىلەن چىلىيەنشەن تېغىدا قاتتىق جەڭ قىلغانلىقى بايان قىلىنغان .  
  << خەننامە >> نىڭ ئەللىك بەشىنچى جېلدىدىكى << خوچۈيبىڭ قىسسەسى >> دە : يۈەن سۇلالىسىگە ھۇجۇم قىلىپ ئىككىنچى يىلى يازدا چۈبېينىڭ بېيدى ۋىلايىتىگە چىقىپ چىلىيەنشەن تاغلىرىغىچە بارغانلىقى خاتىرىلەنگەن . يەنشىگۇ " چىلىيەنشەن تېغى ---  تەڭرىتېغىدۇر ، ھونلار" چىلىيەن "  دەپ  نالە قىلغان ، " چىلىيەن " بىلەن چېڭلى " ئەمەلىيەتتە بىر تاۋۇش بىلەن پەرقلىنىدۇ . دەپ مەركەزلەشتۈرگەن .  " چېڭلى " سۆزى تەبىئىي ھالدا كىشىنى ھونلاردىكى مەشھۇر " تەڭرىقۇت " دېگەن نام بىلەن ئويغا سالىدۇ . " تەڭرىقۇت " ھون خاقانىنىڭ ھۆرمەت نامى .
" تەڭرى " دېگەن سۆز  تەبىئىي ھالدا كىشىگە ھونلارنىڭ مەشھۇر خاقانى " تەڭرىقۇت " نى ئەسلىتىدۇ . << خەننامە . ھون تەزكىرىسى " دە خاتىرىلىنىشىچە ، ھونلار " كۆك " نى " تەڭرى " دەپ ئاتاپ ، بۇنىڭغا " قۇت " دېگەن سۆزنى قوشۇپ تەرىپلىگەن .  "تەڭرىقۇت " دېگەن سۆز قەدىمدە " چەنيۈ " دەپ تەلەپپۇز قىلىنغان بولۇپ ، ھون تىلىدا ئەڭ ئالىي ئاتامان ، دېگەن مەنىدە ،  مەن بۇ سۆزگە تولىمۇ خۇشتار  . ھونلار يەنە : " ئايرىلىپ چىلىيەنشەن تېغىدىن ، مال – چارۋىمىز كەتتىغۇ كەملەپ . ئايرىلىپ يەنجىشەن تېغىدىن ، رەڭسىزلەشتى بىزنىڭ توي – مەشرەپ " دەپ مۇڭلۇق ناخشىلارنى ئېيتقان .
...... قاتقارا ، ئالدىنقى قېتىم ماڭا يازغان خېتىڭدە قوۋم نامىمىزنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئىسمىمىزنىڭ يېزىلىش ئۇسۇلى توغرىسىدا سوراپسەن . مېنىڭ ئىسمىم تۆمۈر ، ئىجادىيەت بىلەن شوغۇللانغاندىكى قەلەم نامىم ي . چ  .تۆمۈر ، مەن سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇش ئادىتىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن . قوۋمىمىزنىڭ ئىسىم – فامىلىسىگە كەلسەك  ،  مەن ئاتامنىڭ ئىسمىنى ئۆزۈمنىڭ ئىسمىغا قوشۇپ ئىشلىتىمەن . ئىجادىيەت بىلەن شوغۇللانغاندىكى قەلەم نامىم يۇغۇر چامدىغىن تۆمۈر ، كېيىنچە ئاددىيلاشتۇرۇپ ي . چ  .تۆمۈر ، دەپ قوللىنىپ كېلىۋاتىمەن . سېنىڭ ئىسمىڭ يۇغۇر تۆمۈرىن قاتقارا ،  يەنى ئاددىيلاشتۇرۇپ  ي. ت . قاتقارا  ، دەپ يېزىلىدۇ . مانا بۇ بىزنىڭ ئىسىمىمىزنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى .
مىڭ يىللاردىن بۇيان ، ئانا مەدەنىيىتىمىزدە ئۈزۈكچىلىك بولۇش ، تارىخىي ئەستىلىكلەر يوقىلىپ كېتىش سەۋەبىدىن تالايلىغان كىشىلەر ئۆزىنىڭ كىملىكىنى يوقاتتى ، ئۆزىنىڭ توغرا ئىسىملىرىنى ئۇنتۇپ كېتىشتى ، لېكىن بىز ئۆزىمىزنىڭ كىملىكى ، ئەسلى ئىسمىمىزنى مەڭگۈ ئەستە ساقلىشىمىز كېرەك .......
بىز ھونلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىدىن بىرى بولغان يۇغۇر كۆچمەن چارۋىچى قوۋمىغا تەۋە ، ھازىرقى خەنزۇتىلىدىكى " يۇ گۇزۇ " ، يەنى سېرىق ئۇيغۇر قوۋمىغا تەۋە . جۇڭگو تارىخىدا  " سېرىق ئۇيغۇر " ، " سېرىق قۇر " ، " سېرىق تاتار " دېگەندەك ئوخشاش بولمىغان ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلدۇق . بىز ، ھونلار ياشىغان چىلىيەنشەن تاغلىرىدا ئۆسۈپ يېتىلدۇق . مەن توققۇز يېشىمدا چېدىر ۋە يايلاق بىلەن خوشلىشىپ ، خەنزۇتىلىدىكى مەكتەپتە ئوقۇدۇم . نەچچە ئون يىللىق ئوقۇش ۋە خىزمەت  مەزگىلىدە ، بوش ۋاقتىم بولسىلا  يۇرتۇمدىكى يايلاققا بېرىپ پادا باقتىم . شەھەردىكى ئوقۇش ۋە خىزمەت يايلاقتىكى چارۋىچىلىق تۇرمۇشى بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدۇ . ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان تۇرمۇش رېتىمى مېنىڭ دۇنيا قارىشىمغا زور بۇرۇلۇشلارنى ئاتا قىلىپ ، مېنى ئىجادىيەت يولىغا باشلاپ كىردى . قاتقارا ، ساڭا شۇنى ئېيتىمەنكى ، مەن تەبىئەت دۇنياسى ، ئىنسانىيەت تارىخى ، مەدەنىيىتى ، بولۇپمۇ ، كۆچمەن چارۋىچى خەلق ، كۆچمەن چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى ئۈستىدە كۈزىتىش ، تەپەككۇر قىلىشتىن توختىمايمەن ؛ ھۆل يېغىن مىقدارى 400 مىللىمېتىرغا يېتىدىغان غەربتىن شىمالغا سوزۇلغان رايونلارغا ساياھەتكە چىقىش پىلانىمدىن ۋاز كەچمەيمەن  ، شۇنداقلا ،  ئاسىيا قىتئەسىدە گۈللەنگەن ئەنلىڭ ، مېلجە تېغى ، چىلىيەنشەن تېغى ، تاڭگۇلاتېغى ،  ھىمالايا تاغلىرىدىن شەرقىي ياۋرۇپاغا سوزۇلغان ۋولگا دەرياسى ۋە قارا دېڭىز بويلىرىدىكى ئاسىيا – ياۋرۇپا چوڭ يايلاقلىرىغا بېرىشتىن يانمايمەن . چۈنكى بىز مۇشۇ يايلاقنىڭ پەرزەنتلىرى ،  " تەڭرىقۇت " نىڭ قوۋملىرى .
...... بىلەمسەن  قاتقارا ، چارۋىچىلار ماڭا ئەڭ زور ئىلتىپات كۆرسەتتى ، بولۇپمۇ ، چىلىيەنشەن تاغلىرىنىڭ جەنۇب ، شىمالىي چوققىلىرىدا ياشاپ كېلىۋاتقان يۇغۇرلار ، ئۇلارنىڭ ئاجايىپ ئۆزگىچە تارىخى ماڭا ئەڭ زور ئىلھام بەردى . ئىچكى موڭغۇل ، شىنجاڭ ۋە چىڭخەي – شىزاڭدىكى ھەر مىللەت چارۋىچىلىرى ماڭا  مەدەت بەردى . ھاياتىمدىكى ئەڭ خۇشال بولغان چاغلىرىم --- كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشى ۋە تەبىئەت دۇنياسىغا چۆككەن چاغلىرىم  ، باھار ، ياز پەسىللىرىدىكى گۈلدۈرماما ، بوران – چاپقۇن ، كۈز ، قىش پەسىللىرىدىكى سوغۇق ھاۋا  ، كۆكتە بىمالال ئۈزۈپ يۈرگەن بۇلۇتلار ۋە  بىپايان زېمىندىن ھوزۇر ئالغان چاغلىرىمدۇر . يايلاقتىكى چۆپلۈكلەر ئارىسىدا  تۇخۇم بېسىۋاتقان قۇش ، قارلىق تاغنىڭ چوققىلىرىدا جۇلالىغان يۇلتۇزلار  ، چېدىرلارنى چۆرىدەپ ماڭا ھەمراھ بولۇپ ئۇخلاۋاتقان چارۋىلار ئەسلا خىيالىمدىن كەتمەيدۇ . پادىچى بالا بولۇپ يۈرگەن چاغلىرىمدا ئەقلىم يايلاقتىكى ئوت – چۆپلەر بىلەن تەڭ يېتىلدى .  خۇددى تىك قىيالار كۆكتە مەغرۇر پەرۋاز قىلغان تاغ بۈركۈتلىرىنى كۈتۈۋالغاندەك . يۈرىكىمدە ئۆركەشلەۋاتقىنى بەختىيارلىقتىن ۋۇجۇدقا كەلگەن ئىسسىق قان  ، سۆڭىكىمگە تولغىنى ئەركىنلىك ۋە غورۇرنىڭ يىلىكىدۇر . بۇلارنىڭ ھەممىسى پادىچى بالا بولۇپ يۈرگەن چاغلىرىمنىڭ ماڭا قىلغان سوۋغىسى ، پادىچى بالا " تەڭرىقۇت " نىڭ ئۆزى شۇ .
   ...... بىلەمسەن قاتقارا ، يايلاقتىكى كۆچمەن چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى ، مەن تۇغۇلغان ، قوي يۇڭىدىن ياسالغان ئاق كىگىز ئۆي  ؛  مەن ئۆسۈپ چوڭ بولغان ، قوتاز يۇڭىدىن توقۇلغان قارا چېدىر ؛ چىلىيەنشەن تاغلىرىدىكى يول – يول تىزمىلار ، بۇلۇت سۆيگەن ئېگىز چوققا ۋە يايلاقلار ؛ بالىلىق چاغلىرىمدا باققان قوتاز موزىيى ؛  مەن مىنگەن ئات ؛ چېدىر ئەتراپىدا قىيغىتىپ چېپىپ يۈرگەن قوزىلار ؛ يىراق ئۆتمۈشتە كۆچمەن چارۋىچى قوۋمنىڭ چەككەن ئازاب – ئوقۇبەتلىرى ؛ شىمالدىكى ئېگىزلىكلەرنى بويلاپ ئاققان خۇاڭخې دەرياسىنىڭ مۇھەببىتى ۋە نەپرىتى ...... مېنى ئەدەبىيات يولىغا باشلاپ كىرگەن ، مانا بۇ ھاياتىمنىڭ مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى . مېنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىم بىلەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشى چەمبەرچاس باغلانغان . يەرشارىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئائىلىدە ياشاۋاتقان بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيىتى مېنىڭ ئۆگىنىش مەنبەيىم ۋە كۈچ – قۇۋۋەت بۇلىقىم . ئەڭ مۇھىمى - مەن چوقۇم ئوخشاش بولمىغان مىللەت ۋە مەدەنىيەت نۇقتىسىدا تۇرۇپ دۇنياغا نەزەر سېلىشىم ، تېخىمۇ مۇھىمى – سۆز قىلىش ھوقۇقى بولمىغان كىشىلەر نۇقتىسىدا تۇرۇپ دۇنياغا نەزەر سېلىشىم كېرەك ........
  
                             ئاۋۇل

....... قاتقارا  ، ئېگىزلىكتىكى ھېلىقى سالقىن ، نەمخۇش ئاۋۇل ھېلىمۇ يادىڭدىمىكىن ؟  ئىلگىرى ، ھەر قېتىم ئاشۇ ئاۋۇلدىكى چېدىرغا قايتىپ كەلگىنىمدە ، قۇياشنىڭ قويۇق ، ياپيېشىل چاتقاللىقلار ۋە قىزىل قىيا ئارىسىدا غايىپ بولغانلىقىنى كۆرەتتىم ، سازلىقلار ئارىسىدىكى يىراققا سوزۇلغان چىغىريوللارغا ئۇزاققىچە قاراپ كېتەتتىم ، چاتقاللىقلار ئارىسىدىكى  كىچىك ئېقىنلارنىڭ شارقىراپ ئېقىشلىرىغا تولىمۇ ئامراق ئىدىم .  قۇياشنىڭ ئاخىرقى نۇرلىرى ھەيۋەتلىك تۇرغۇت ئابىدىسىدە ئاستا – ئاستا غايىپ بولاتتى  ،  كېچە پەردىسى يېيىلغاندا ، يىراقلاردىن قوتازلارنىڭ مۆرىگەن ئاۋازى ئاڭلىناتتى . تولۇنئاي تاغ چوققىسىغا تىكلىنىپ ، چولپان يۇلتۇزى كۈمۈش قارلار ئېرىگەن قىزىل قىيادا جۇلالايتتى . چېدىر مورىسىدىن كۆتۈرۈلگەن ئىس – تۈتەكلەر ھاۋادا لەيلەپ يىراقلارغا كېتەتتى ، كېچە شامىلى چاچلىرىمنى يەلپۈپ ئۆتۈپ ، تاغ باغرىدىكى چاتقاللار ۋە يۇمران مايسىلارنى سۆيەتتى ، ئۇ كائىناتنىڭ ۋە زېمىننىڭ پىچىرلاشلىرى ئىدى .
قاتقارا ، ھېلىقى كۈنى بوۋاڭ تېلېفوندا ، ئاۋۇلغا كەلكۈن كەلگەنلىكىنى ، قوتانلىرىمىزنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ئېيتتى . ئەمدى يېڭىدىن تۆمۈر سىم سېتىۋېلىپ ئاۋۇلدا يېڭى قوتان سېلىشىمىز كېرەك . بىلىشىڭ كېرەككى ، ھازىر يايلاقلاردا  قوتانلارنى تۆمۈر سىمدىن رىشاتكىلاپ سالمىسا ، چارۋىلارنى ئوبدان باققىلى بولمايدۇ .
  بىزنىڭ ئاۋۇلدىكى ھېلىقى كۆمۈر كېنىنى 2006 – يىلى جېجىياڭلىق غوجايىنلار ئاچتى ، بۇ كۆمۈر كېنى ھازىرغىچە بىزنىڭ يۈرىكىمىزدىكى يارا بولۇپ كەلمەكتە . كۆمۈر كېنى قانداق پەيدا بولۇپ قالدى ؟  شۇ چاغدا بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ مەسئوللىرى كېلىپ ، ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭ بۇ يەردە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىدىغانلىقى ، بىزنىڭ ئاۋۇلدا كۆمۈر كېنى ئاچىدىغانلىقى ، بىزگە ھەريىلى يىگىرمە مىڭ يۈەندىن تولۇقلىما بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى ، بوۋاڭ ئويلىمىغان يەردىن بۇنىڭغا قوشۇلدى . غوجايىنلار قانداق قىلدى ، دېمەمسەن ؟  دەسلەپكى ئىككى يىلدا ئازغىنە پۇل بېرىپلا كېيىن قارىسىنىمۇ كۆرسەتمىدى . يايلاقتا كۆمۈر كېنى ئېچىشنىڭ ئاقىۋىتىنى بوۋاڭ ئويلاپ يېتەلمىگەن ئىدى .
  2008 – يىلى يازدا  ياغقان قارا يامغۇردىن كېيىن ئاۋۇلغا بېرىپ يۈرىكىم ئېچىشىپ كەتتى . بۇ يەردىكى قويۇق چاتقال ۋە ئارچىلارنىڭ ئورنىغا توپا – شېغىللار دۆۋىلەنگەن ، توپا قېزىش ماشىنىلىرى ۋە باشقا ئاپتۇموبىللار توختىتىپ قويۇلغان ، ئەتراپقا ئىشچىلارنىڭ تۇرالغۇ ئۆيلىرى سېلىنغان ، تۆمۈر رىشاتكىلىق قوتانلار ۋەيران بولۇپ پاتقاققا كۆمۈلگەن ، ئەتراپقا ئەخلەتلەر چېچىلغان ئىدى ، قاراڭغۇ كۆمۈر قۇدۇقى بۇ بىپايان زېمىننى يۇتۇپ كېتىۋاتقاندەك ئەندىكىپ كەتتىم . بىر نەچچە كۈن ئاۋۋال ياغقان قارا يامغۇردىن كېيىن ، كۆمۈركان ئىشچىلىرىنىڭ ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ ، تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشتى .
شۇ كۈنى چاقماق چېقىپ ، گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەپ ، يامغۇر خۇددى ئاسماندىن سۇ قۇيغاندەك يېغىپ كەتتى . يامغۇر كەلكۈننى پەيدا قىلىپ ، تاغلارنىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈشىگە سەۋەب بولدى ، گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز خۇددى يەر تەۋرىگەندەك تاغلارنى تىترەتتى . قارلىق تاغ باغرىدىكى يىلپىز ئۇۋىلىرىنىمۇ شۇ كەلكۈن يۇتۇپ كەتتى .  
كېيىنكى كۈنلەردە كۆمۈر كېنى ۋەيران قىلغان نەچچە مىڭ مو كۆلەمدىكى چاتقاللىق ، ئارچىزارلىقلارغا قاراپ كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم بولدى ، چۈنكى بۇندىن كېيىن بۇ يەردىكى ئالقانچىلىك جايدىمۇ ئوت – چۆپ ئۈنەلمەيدۇ ، بۇ يەرنىڭ مۇھىتى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاندى ، بۇ يەردە قېپقالغان چارۋىچىلارنىڭ ئىچىۋاتقىنى بۇلغانغان سۇ ، كەڭرى كەتكەن سازلىقلار قارا توپىلارغا كۆمۈلۈپ كەتكەن ئىدى .  
بوۋاڭ ئىككىمىز بىر ماشىنىنى كىرا قىلىپ يېڭى ياسالغان رىشاتكىلىق قوتاننى ئاۋۇلغا يېقىن جايغا كۆچۈردۈق ، ئات ، ئېشەك بىلەن قالغان نەرسىلەرنىمۇ يۆتكىدۇق . بىز ياللىغان بىر نەچچە ئىشلەمچى بىلەن ئات – ئېشەكلەرگە يۈك – تاقلارنى يۈدۈپ ،  ئېقىن بويىدىكى چاتقاللىقلاردىن ئۆتۈۋاتقىنىمىزدا ، ئۈستى – بېشىمىز يامغۇر – يېشىندىن ھۆل بولۇپ كەتتى . يىراقتىكى تاغ چوققىسىدىمۇ قار ياغقان ئىدى . يۈگۈرۈپ يۈرۈپ چېدىرغا يېتىپ كەلگۈچە توڭلاپ تىترەپ كەتتۇق . سوغۇق شامال چېدىرنىڭ يوچۇقلىرى ، كات ئاستىلىرىدىن ئۇرۇلۇپ بىزنى بەك بىئارام قىلدى . مەن كات ئۈستىدە تۈگۈلگىنىمچە يوتقاننى چىڭ يېپىنىپ يېتىۋالدىم ، لېكىن ، يەنىلا سوغۇقتىن تىترەپ چىشلىرىم چاكىلداپ كەتتى . بىزگە كېچىچە يوتقان يېتىشمەي كونا يېپىنچىلارنى ئۈستى – ئۈستىلەپ يېپىنىشقا مەجبۇر بولدۇق . سىرتتا يامغۇر سۇ بولۇپ ئاقاتتى ، يامغۇرنىڭ شارقىرىغان ئاۋازى ئەتراپقا تارالماقتا ئىدى  .
تاغدا يايلاقنىڭ بولغىنى ئەيىپمىكەن ؟ مەن بىر چارۋىچىغۇ ؟  ئېسىمدە قېلىشىچە ، ئىلگىرى ئاۋۇلدا بۇنداق قاتتىق سوغۇق بولمايتتى .
ئىككىنچى كۈنى ھاۋا ئېچىلدى ، ئېگىز تاغ چوققىسىنى قېلىن كۈمۈش قار قاپلىغان ئىدى . ھاۋانىڭ ئېچىلىشىدىن كۆڭلۈم تەسكىن تاپتى . مەن بىر نەچچە چېدىرغا بېرىپ ، قوشنىلارنى ياردەمگە چاقىردىم . شۇ كۈنى ئون بەش چارۋىچى بىزنىڭ تۆمۈر رىشاتكىلىق قوتان سېلىشىمىزغا ياردەملەشتى .
تۆمۈر سىملارنى ئات – ئېشەكلەرگە ئارتىپ ، تاش – شېغىل ، پاتقاققا تولغان چاتقاللىق ۋە ئېقىننى بويلاپ قوتان سالىدىغان جايغا يېتىپ كەلدۇق .
بوۋاڭ ئون بەش چارۋىچى يىگىت بىلەن بىللە ئىشلىدى ، ئۇ قار سۈيى شارقىراپ ئاققان  ئېقىن ئىچىدىن يوغان تاشلارنى كۆتۈرۈپ كېلەتتى ، ئاندىن گۈرجەك بىلەن توپا دۆۋىلەيتتى . بەزىدە گۈرجەككە توپا چىقماي ، ئوت – چۆپلەر ئۈستىدە تېيىلىپ كېتەتتى .
....... بىلەمسەن قاتقارا ؟  بوۋاڭ ئىش قىلغاندا خۇددى جەڭگە چۈشكەن پالۋانلاردەك چەبدەسلىشىپ كېتىدۇ ، بۇ ئۇنىڭ ئىش قىلغاندىكى ھاياجانلىنىشىمۇ ؟  ئۇنى بۇنداق كۈچتۈڭگۈر قىلغىنى زادى نېمە ؟   مەن ئۇنىڭ ھەرقانداق ئىشنى جان پىدالىق بىلەن قىلىشلىرىدىن -- بىر كىشىنىڭ ئىجادىيەت ياكى جەڭ مەيدانىدىكى ئېتىقادى ، قىزغىنلىقى ۋە مۇھەببىتىنى كۆرۈپ يەتتىم .
رىشاتكىلىق قوتان سېلىش ئۈچۈن ئاۋۋال قوتان ئورنىنى بېكىتىۋېلىپ قىرلىق تۆمۈرنى يەرگە قېقىشقا توغرا كېلىدۇ ، چاتقاللىقنىڭ ھەممە يېرىدىن يوغان ھەم قاتتىق سۆگەت كۆتەكلىرىنى ، تىكەنلىك قىرغاۋۇللارنى ، شۇنداقلا ، پاتقاقتا داتلىشىپ ئۈزۈلۈپ كەتكەن تۆمۈر سىملارنى ، چىرىپ كەتكەن سۇ ئۆسۈملۈكلىرىنى ، لىقلىنىپ تۇرىدىغان توختام سۇلار ۋە تاش – شېغىللارنى ئۇچراتقلىقى بولىدۇ . بىز تاش بىلەن قىرلىق تۆمۈرنى ئۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ، رىشاتكىلاشقا ئىشلىتىدىغان سىمنى چىڭ تارتتۇق . چۈش مەزگىلىدە پىشۇرۇلغان قوي گۆشى ۋە تاۋۇز كەلتۈرۈلدى ، بىز جىلغا ئىچىدە چۈشلۈك تاماق يېدۇق . غىزالىنىپ بولۇپ تاكى كۈن ئولتۇرغىچە ئىشلەپ ، ئاندىن جابدۇقلارنى ئېلىپ چېدىرغا قايتىپ كەلدۇق . مەن تاش – شېغىللار ئىچىدە پۇتۇمنى قايرىۋالدىم . پۇتۇمنىڭ ئاغرىقى مېنى ئوبدانلا ۋايجانلاتتى .
كۈن بويى تاش – شېغىل دۆۋىسى ، چاتقاللىق ۋە سازلىقتا قاتراپ يۈرۈپ قۇلىقمىغا كىرگىنى كىچىك ئېقىن سۇلىرىنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازى ، كۆزۈمگە تولغىنى زۇمرەتتەك يېشىللىق بولدى . كۆز ئالدىمدىكى قار سۈيىدىن ھاسىل بولغان كىچىك ئېقىندىن بىر سەكرىسىلا ئۆتۈپ كەتكىلى بولىدۇ . بۇ خاتىرجەم ، مۇلايىم ئېقىن شىددەتلىك كەلكۈن قوينىدا نابۇت بولىدۇ . كەلكۈن ئىنسانلارنى تالاي قېتىم تەبىئەت بىلەن ئويناشماسلىققا ئاگاھلاندۇردى .
قاتقارا ، بىز شۇ قېتىم يەتتە كۈنگىچە قاتتىق ئىشلىدۇق ، ئېغىر ئەمگەكتە ياداپ ۋە قارىداپ كەتتۇق . بوۋاڭ ، داگۇ ۋە نيۇگۇەننىڭ تارتقان جاپاسىدىن تولىمۇ ئازابلاندىم . ئۇنداق ئېغىر ۋە جاپالىق ئەمگەك قىلغاننى پەقەت تۈرمىدىلا كۆرگىلى بولىدۇ . شۇ چاغدا  قەلبىم خىجىللىق ، ئۆكۈنۈش ۋە ئىلاجىسىزلىق ئىچىدە ئۆرتەندى . ئىلگىرى مەن ئۇلار بىلەن بىللە ئىشلەپ باقمىغان ئىدىم . لېكىن ، ھازىر ئازادە ئۆيۈمدە كىتاب ئوقۇپ ، يېزىقچىلىق قىلىۋاتىمەن ، مېنىڭ تۇرمۇشۇم ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭكىدىن باياشاد  ئەمەسمۇ .....
بىر كۈنى كەچتە ، بىر پارچە كۈلرەڭ بۇلۇت غەربتىن سۈرۈلۈپ كېلىپ ، بورانلىق يامغۇردىن بىشارەت بەردى . مەن ئىختىيارسىز ھالدا كىچىك چاغلىرىمدىكىدەك خۇشاللىقىمدىن ۋارقىراپ تاشلىدىم . ئىشلەمچىلەر قايتىپ كەتتى . كەچتە قېلىن يوتقانلارنى يېپىنىپ ئۇيقۇغا كەتتۇق . بىر چاغدا ئويغانسام ، ئۆگزىگە سىمىلداپ يامغۇر يېغىۋېتىپتۇ .
  بىز شۇ چاغدا ئۇدا يەتتە كۈن ئىشلىدۇق . يەتتىنچى كۈنى چۈشتە مەن چېدىر ئىچىدە قېتىق ئىچتىم . نيۇگۇەن مېنى موتسىكلىت بىلەن بازارغىچە ئۇزىتىپ قويدى ، موتسىكلىت تاغ قىرلىرىنى بويلاپ ماڭدى . ئاۋۇلدىكى پاتقاقلىق ، سوغۇق ھاۋا  ۋە ئېغىر ئەمگەك يىراقتا قالدى  .
...... بىلەمسەن قاتقارا   !   ئىلگىرى چىلىيەنشەن تېغى ياد كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە سوغۇق ھەم نامرات جاي ھېسابلىناتتى ، ئەمما بىزنىڭ نەزەرىمىزدە خانتەڭرى ۋە زېمىن ئانا دۇرجىن . ئەكىر بۇ گۈزەل يايلاقتا بەختىيار ياشىغان ، ئۇ شۇنچىلىك جەسۇر ، گۈزەل ھەم مۇقەددەس . بىز دائىم ئابىدىگە قاراپ باش ئۇرۇپ ، ئۇنىڭغا بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز . ھەرقانداق مىللەتنىڭ يېزىقى چىلىيەنشەن تېغى ئارقىلىق بايان قىلىنىدۇ . ئەمما بۈگۈنكى كۈندە كۆز ئالدىمدىكى بارلىق نەرسىلەر مېنى ئازابلىماقتا ........
تاغ قىرلىرىغا قۇياشنىڭ ئىللىق نۇرلىرى سېپىلدى ، قوتان ئەتراپىدا  بىر توپ قوتاز ئوتلاۋاتاتتى ، بىر يوغان مۈڭگۈزلۈك قوتاز بىزگە سوغۇق  نەزەردە قاراپ قوياتتى . ئۇ بەلكىم ئۆزىنىڭ تۆمۈر رىشاتكا ئىچىگە سولانغانلىقىدىن ئەجەبلىنىۋاتسا كېرەك . ئادەملەر نېمىشقا بۇ كەڭرى ۋە گۈزەل زېمىننىڭ قەلبىنى جاراھەتلەيدۇ ؟
كۆز ئالدىمدا سوزۇلۇپ ياتقىنى مەن بالىلىق چاغلىرىمدىن باشلاپ چۈشلىرىمدىمۇ ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان ئاۋۇلدىكى قارلىق تاغ ۋە يايلاق ، دۇنيانىڭ شاۋقۇن – سۈرەنلىرىدىن بىزار بولغان چاغلىرىمدا كېلىپ كۆڭلۈمگە تەسەللىي تاپىدىغان ئىللىق ماكان .  بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە مەن ئۇ يەردىن يىراقلاشتىم . بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە چىلىيەنشەن تېغى ئەتراپىغا سانسىزلىغان كۆمۈركان ، سۇ ئېلىكتىر پونكىتى ، كان رايونى ۋە يېڭى شەھەر قۇرۇلۇپ ، خۇددى چىرىگەن يارا ئېغىزىدەك بۇ مۇقەددەس تاغنى يۇتۇپ كەتمەكتە  .
...... ئېسىڭدىمۇ ، قاتقارا  ؟ توماس . فېلدمان : ئۇزۇن ئۆتمەي " پۈتۈن دۇنيا ئىسسىپ ، تىنجىق ۋە قىستاڭچىلىققا تولىدۇ " دەپ ، ئېيتقانىدى . مەن بۇ ئۆزگىرىشنىڭ يۈز بېرىشىنى ئەسلا خالىمايمەن . لېكىن ، مەن بىر چارۋىچى ئائىلىسدىن چىققان يازغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ، بۇنىڭدىن ئۆزۈمنى قاچۇرالمايمەن . يېشىم ئەللىككە يېقىنلاشتى ، يېشىمنىڭ چوڭىيىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ ، يايلاقتىكى ھاياتىمدىن باشقا كۈنلىرىمنىڭ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلماقتىمەن .
تۆۋەندىكى ناخشا تېكىستىنى مەن سېرىق ئۇيغۇر تىلىدا يېزىپ چىقتىم ، ئەسلى تېكىستىنى لاتىن يېزىقىدا يازغان ئىدىم ، بۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە :
            
  ئايرىلىپ مەن يايلاقتىن تولدى قەلبىم ھەسرەتكە ،
               بىلەلمىدىم شەھەر يا  گۈزەلمىكىن  تاغلاردىن .
               ئاھ ، بىلىمەن پەقەتلا  قەلبىمدىكى سىرلارنى
               ئايرىلمىدىم جىمجىت تاغ ، يېشىل يايلاق ، چارۋامدىن .

            
ماشىنا ۋە بىنالار مېنى قورشاپ ئالماقتا ،
               ھەممە نەرسە كۆزۈمگە كۆرۈنمەكتە باشقىچە ،
              شۇ  ۋەجىدىن بىر ئازاب تور توقۇيدۇ قەلبىمگە .
              گەر كۆز يۇمسام تاغلار ۋە يايلاقتىن ياد جايلاردا ،
              يەتكۈز شامال ، روھىمنى ئاشۇ يىراق تاغلارغا .

               
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-11 23:52  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-12-12 01:04:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرقى تۈگەللىمىسى بەك ياخشى ئاخىرلىشىپتۇ.

ۋاقتى: 2013-12-12 12:18:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇخالىق يازمىنى ئوبدان تەرجىمە قىلىپسىز، تېخىمۇ تىرىشىڭ!
مەن تۆمۈر ئەپەندىم بىلەن تونۇشقىلى 10 يىل بولاي دەپ قاپتۇ، سېرىق ئۇيغۇر (يوغۇر) تىلىدا چىلىيەنشەن - دېڭىرداۋان دەپ ئاتىلىدىكەن، دېڭىر- تەڭرى، داۋان - تاغ مەنىسىدە كېلىدىكەن. شۇڭا چىلىيەنشەننى بىۋاستە تەڭرى داۋان دەپ ئاتىساق توغرا بولىدۇ.  يەنى خارا كۆلى دېگەن چوقۇم قارا كۆل، چۈنكى سېرىق ئۇيغۇر تىلىدا قارا سۆزى بار، سېرىق ئۇيغۇر تىلى قومۇل، پىچان شەرقى-شىمال ئۇيغۇرلىرىنىڭ شىۋىسىگە بەكرەك يېقىن كېلىدىغانلىقىنى سېرق ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىغا بارغاندا ھېس قىلغانتىم.
قارىقاتنى سېرىق ئۇيغۇرلار قاتقارا دەيدۇ.

سېرىق ئۇيغۇرلار يۇرتىغا سەپەر
مەن يازغان تېما ئوقۇپ بېقىڭ.forum.php? ... ;tid=13720#lastpost
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەركىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-12 12:19  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-12 12:46:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركىم ئەپەندى ، تۆمۈر ئاغىمىز بىلەن ئۆتكەن يىلى قىشتا ئۇ تۇرپانغا كەلگەندە تۇرپاندىكى قەلەمكەشلەر قاتارىدا مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن ئىدىم . ئۇ شۇنچىلىك كىچىك پېئىل ئادەم ئىكەن . مەن بۇ ئەسەرنى تەرجىمە قىلغۇچە ئۇنىڭ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن ئىدىم ، مېنىڭ ئۆزىنىڭ ئەسىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىۋاتقانلىقىمنى بىلىپ ناھايىتى خۇش بولۇپ كەتتى . ئەسەر ھەققىدە قىممەتلىك تەكلىپ - پىكىر بەرگەنلىكىڭىزگە رەھمەت ، مەن چوقۇم سىزنىڭ ماقالىڭىزنى ئوقۇپ چىقىمەن .

ۋاقتى: 2013-12-12 16:22:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئابدۇخالىق، تەرجىمەڭ ئىنتايىن جانلىق، راۋان ھەم ئوبرازلىق چىقىپتۇ. پات ئارىدا مەتبۇئاتتا كۆرۈش نىسىپ بولسۇن!

ۋاقتى: 2013-12-12 16:30:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹تەڭرىقۇت››نى ئازراق ئوقۇشۇمغىلا يەنە مەن قىلىشقا تېگىشلىك بولغان نۇرغۇن ئىش چىقتى،شۇڭا ئۇنى كومپىيۇتېردا ساقلىۋالدىم،ئاللا خالىسا بوش ۋاقتىمدا ئوقۇيمەن ئۇنى كىچىك بالا ئۆز ‹‹توقىچى››نى كۆز-كۆز قىلىپ يىگەندەك؟!.

ۋاقتى: 2013-12-12 17:45:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئابدۇخالىق تەرجىمىڭىزنى تۇلۇق ئوقۇپ چىقتىم ھەم ساقلىۋالدىم ، تەرجىمىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ ، تەرجىمىڭىز ئارقىلىق   بۇ يىل 6- ئايدا سۇنەن سېرىق ئويغۇر يۇرتىغا بارغان چاغلىرىمنى يەنە بىر قېتىم ئەسلەتتىڭىز .تېنىڭىز ساغلام بولۇپ ، قەلىمىڭىزگە تېخىمۇ چوڭ بەرىكەتلەر نىسىپ بولغاي !

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-13 10:16:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمامغا دىققەت نەزەرىنى ئاغدۇرغان تىمسال ئەپەندى ، ئۇستازلىرىمدىن ئۈمىدى ، قۇرۇلچى ، ئابلەت باھايىدىنلارغا تەشەككۈر !

ۋاقتى: 2013-12-13 11:16:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ئىنتايىن قىممەتلىك تېمىدىن بىرنى تەرجىمە قىپسىز ئۇكام. قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن جۇمۇ. بولسا بۇ كىشىنىڭ ئەسەرلىرىنى تولۇق تەرجىمە قىلىشقا ئۇرۇنۇپ باققايسىز. ئۆز قېرىنداشلىرىمىز بولغان سېرىق ئۇيغۇرلارنى ھەممىمىز چۈشىنەيلى، ئۇلار بىلەن بولغان قېرىنداشلىق ئالاقىسىنى كۈچەيتەيلى. يىراقتا قالغان بېغىرداشلار مېھىرلەنسۇن.

ۋاقتى: 2014-6-25 18:32:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەروزان يوللىغان ۋاقتى  2013-12-13 11:16
ئىنتايىن قىممەتلىك تېمىدىن بىرنى تەرجىمە قىپسىز ئۇ ...


      ئابدۇخالىق  ئۇكام تېچلىقمۇ ، بۇ ئەسىرىڭىز  بەكمۇ چۈشۈنىشلىك  ،ياخشى  چىقىپتۇ .

ئەجىرىڭىزگە ئاپىرىن ! تۆمۈر ئەپەندىنىڭ  سۈرەتلىرىنى كۆرگەن ،ئەمدى  ئۆزى  بىلەن

بىللە يۈرگەندەك  بوپ قالدىم . تېخىمۇ نادىر  ئەسەرلەرنى  تەرجىمە  قىلغايسىز .سۇ ئىچكەندە

قۇدۇق  قازغۇچىنى  ئۇنتۇمايمىز  ،ئەلۋەتتە .

ۋاقتى: 2015-1-5 16:49:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
<< خەننامە >> نىڭ ئەللىك بەشىنچى جېلدىدىكى << خوچۈيبىڭ قىسسەسى >> دە : يۈەن سۇلالىسىگە ھۇجۇم قىلىپ ئىككىنچى يىلى يازدا چۈبېينىڭ بېيدى ۋىلايىتىگە چىقىپ چىلىيەنشەن تاغلىرىغىچە بارغانلىقى خاتىرىلەنگەن .بۇ جۈملىدە قىزىل رەڭلىك خەت خاتا تەرجىمە قىلىندىمۇ قانداق،بەنگۇ خەننامىنى يازغان ۋاقىتتا يۈەن سۇلالىسى تىخى قۇرۇلمىغان.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش