يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 879|ئىنكاس: 3

رەئۇف پەرفى ئۆزتۈرك شىئېرلىرىدىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
رەئۇف پەرفى ئۆزتۈرك شىئېرلىرىدىن


ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:  بەرقى



      تالانتلىق ئۆزبېك شائىرى رەئۇپ پەرفى ئۆز تۈرك 1943-يىلى 27-سىنتەربىردە تاشكەنت ۋىلايىتىنىڭ شورئەلىساي قىشلىقىدا تۇغۇلغان.ئۆزبەكىستان خەلق شائىرى.تاشكەنت دۆلەتلىك ئۇنۋېرسىتىنىڭ فىلولوگىيە فاكولتىتىنى تۈگەتكەن.ئىجادىي ھاياتى 1960-يىللاردىن باشلانغان.1968-يىلى >>كارۋان يولى<<،1970-يىلى>> ئەكس سادا<<،1973-يىلى>> تەسۋىر <<،1976-يىلى>> كۆزلەر<<،1981-يىلى >> قايتىش<<،1986-يىلى >>سەبىر دەرىخى<<.1991-يىلى>> سۈكۈنات<<،2001-يىلى >>تەۋبە<<،2006-يىلى >>ئاخىرىقى خوشلىشىش<< ناملىق شېئىر توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان.نۇرغۇن چەتئەل شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى ئۆزبەك تىلىغا تەرجىمە قىلغان .2005-يىلى تاشكەنتتە ۋاپات بولغان.


1.سەترىلەر



كۆزلەرىڭگە قارايمەن،

سەن  قارايسەن ئۆزگىلەرنىڭ كۆزلىرىگە ،

كىمنىڭ كۆزلىرىدىن ئىزدەيسەن مېنى؟   

                                            

ھايات جامى ئىچرە ئاقىمىز،

گاھى خۇرسەن ،گاھىدا ۋەيران.

تەۋەررۇككە ھەيران باقىمىز،

تەۋەررۈكنى قالدۇرۇپ ھەيران.





ۋۇجۇدۇم ياللۇغلىنار نەپىسىڭدىن،

سەن شۇنداق يېقىنسەنكى جانغا ئوخشاش ئاخىر،

بەرىبىر سېنى سېغىنىمەن سۆيگۈنىم.



ئېيتچۇ،مېنى ئۇنتۇدىڭمۇ؟

گۈللىرىم قانلار يۇتتىمۇ؟

ئۇنۇتتىڭمۇ ئاھ بىر يولى،

يۇرۇق دۇنيادىن كەتتىمۇ،

مۇھەببىتىم تېرىغان گۈللەر؟



سېنى تاپقانغا قەدەر،

قانداق ياشىدىم مەن؟

  ياشىمىدىممۇ يا؟

ئۆپۈپ خىيالىڭنى قانايدۇ دەردىم،

يىغلار خاتىرەمنىڭ غېرىپ باغلىرى .

سېنى چۈشلىرىمدىن سوراپ ئاقتۇردىم،

قايتۇرۇپ بولماس ھىچ ئاشۇ چاغلارنى.



كۆڭلۈمگە قىل سىغماس،

سەن بولساڭمۇ شۇنچىلىك شىرىن،

سەن بولساڭمۇ شۇنچىلىك تاتلىق.



بوران ،دوستۇم نىچۈن جىمسەن،

نىچۈن جىمسەن چاقماق ئۇكام؟

سىڭلىم سۈكىناتنىڭ بېشىدا؟



مۆلدىرلەپ قاراپ تۇرىسەن قۇشقىچىم،

نىمىشقا شۇنداق قارايسەن؟

بەرىبىر ماڭا ئىشەنمەيسەنغۇ؟



بىر چوڭ تاغ مىدىرلايدۇ ئاۋازسىز،

بىر يېڭى چەكسىز قىر ئۇخلايدۇ ئۇيقۇ.

ئوتتۇرىسىدا بىر قەبرە كۆزگە چېلىقماس،

ھايقىرىپ ئويغىتار دۇنيالارنى ئۇ.



2.سېنى ماڭا بىتاب دىدىلەر



سېنى ماڭا بىتاب دىدىلەر،

بۇ سوز يامان، بۇ سوز بەك ئېغىر،

سېنى ماڭا بىتاب دىدىلەر،

ئاقتى يېشىم مىسالى يامغۇر.



سېنى ماڭا بىتاب دىدىلەر...

ماڭا دۇنيا  غەمكىن  تۇيۇلدى.

بۇلۇتلارغا تولدى ئاسمان -

ئاچچىق-ئاچچىق يېشى قۇيۇلدى.



سېنى ماڭا بىتاب دىدىلەر...

لېكىن كەلدىڭ، كەلدىڭ سەن ئۆزۈڭ.

قارا بۇلۇت تامام يوقالدى،

ھالبۇكى مەن... يىغلايدۇ كۆزىم.



3.قولىڭنى قويغىن يار



ئايلىنىب چۈشەر قار يولىمغا،

قولىڭنى قويغىن يار، قولىمغا.



سەن قالدىڭ مۆھىر كەبى لىبىمدە،

سەن - بىر دەرد ئەسەبىي - قەلبىمدە.



كۆزلىرىمگە بىكىتەي ۋە لېكىن

ياشتەك ئېقىب كەتمە، سۆيگىنىم



4.پۈتۈن كىچە ئويچان ۋە جىمجىت



پۈتۈن كىچە ئويچان ۋە جىمجىت،

خانە ئىچرە قالدۇق بىز تەنھا.

بىر ئويچانلىق روھىمغا ھاكىم،

شۇنداق ھاكىم روھىمغا ھەم سەن.



ئاھاڭ ئاقار ،تاملاردا  سۈرەت،

كۆپ-كۆك دېڭىز ئۈستىدە كېمە.

ھۆكۈم سۈرەر تەنھالىق مۇندا

ۋە سۆيگۈگە ئوخشاش بىر نىمە.



مەن ئويلايمەن نەدىن باشلاي گەپ،

سەن ئويلايسەن نە قىلاي جاۋاپ.

ھەم يىغلايدۇ ھەم كۈلۈپ قەلب،

قاراقلىرىم ياشلىغان شاراب.



پۈتۈن كىچە ئويچان ۋە جىمجىت،

خانە ئىچرە قالدۇق بىز تەنھا.

مەن دىمىدىم سۆيىمەن سېنى،

سۆيەلمەيمەن دىمىدىڭ سەن ھەم.



5.تاڭ ئاتماقتا



تاڭ ئاتماقتا .تاڭ ئوقلار ئاتار،

تاڭ ئاتماقتا قۇياش زەمبىرەك.

يارىلانغان يەر شارى ياتار،

باشلىرىدا يېشىل چەمبىرەك.



تاڭ ئاتماقتا ،    بۈگۈزەل    تاڭغا ،

يۈرىكىنى تۇتار ئادەملەر.

شۇ تاڭ ئۈچۈن كەلگەن جاھانغا،

شۇ تاڭنى دەپ ئۆتەر ئادەملەر.

   

تاڭ ئاتماقتا.....





6.ياش تۆكمە ئانا



نېمىدۇر ئۇ كۆزۈڭگە كەلگەن،

خىيالىڭغا ئانا نە كەلدى؟

يىغلاپ تۇرۇپ ھەتتاكى كۈلدۈڭ،

نېمىدۇر ئۇ كۆزۈڭگە كەلگەن؟



ماڭا بەكلا ئوخشايدۇ ئانا،

كۆزلىرىڭدە يالتىرىغان ياش.

مەندە ئەشۇ كۆز، ئەشۇ قاش،

ماڭا بەكلا ئوخشايدۇ ئانا.



ئانا، ئۇنى تۆكمە ئىلتىماس؟

كۆزلىرىڭدىن تۆكىلەي ئەگەر.

سېغىنچىڭدىن بەرمىسەم خەۋەر،

ئانا ئۇنى تۆكمە ئىلتىماس.



7.ئاپپاق چۈش



دەېرىزەمگە  ئۇرىلىدۇ قار،

جاراڭلايدۇ، جاراڭسىز كۈمۈش.

دەېرىزەمگە  ئۇرىلىدۇ قار،

قارغا ئوخشاش  ئاپپاق بولدى چۈش.



بىر ئاجايىپ قار ياغار بۇ كەچ،

ئۇچۇپ چۈشەر مېنىڭ يېنىمغا...

مەڭگۇ سېنى ئويلىماسمەن ھېچ،

سەن چۈشەرسەن ئەمما يادىمغا....



8.مەن ئالەمدىن ئۆتكەندە جېنىم



ئىشىق ۋاپادىن سۆزلىگەنلىرىم،

يېتۇر ساڭا ئاھۇ پىغانىم.

ئەسكە چۈشەر بوزلىغانلىرىم،

مەن ئالەمدىن ئۆتكەندە جېنىم.



قالدۇرارسەن ئېچىپ سەزگۈدىن،

ھەربىر سۆزۈم–ئوچۇق جاھانىم.

جۇدا بولدۇڭ بۈيۈك سۆيگۈدىن،

مەن ئالەمدىن ئۆتكەندە جېنىم.



سەن قېشىمدىن كەتكىن ئۆلمەسسەن،

كۆزلىرىڭدە تۇرايمەن يېنىپ.

سۆيگۈمنى رەت ئەتكىن ئۆلمەسسەن،

مەن ئالەمدىن ئۆتكەندە جانىم.



9.كۆزۈمدىكى مەنە



مەنە ئوقۇ كۆزۈمدىن

مەن كۆيۈپ مۇھەببەتتە

ئاداشسام گەر سۆزۈمدىن،

قېشىڭدا خىجالەتتە .

مەنە ئوقۇ كۆزۈمدىن.

سەن جەبىرگە ئۇستا سەن،

ئەمما مەندە كۆپ مېھىر.

سۆيۈمەن ،ھەتتا ئىستىسەم

تەرك ئەتمەككە مەن قادىر.

مەن مۇھەببەت ،مەن سىتەم.

چاڭگا ياساپ بېشىمدا

سېنى ئېلىپ قالغايمەن.

غەمكىن بىر قارىشىمدا

ئۆز دېڭىزىمغا سالغايمەن.

ئۈزەرسەن كۆز يېشىمدا



10.مېنىڭ يۈرىگىمگە كىتەيلۇق



ياسىتىپ قويۇپتۇ ساڭا بىر دۇنيا،

ئارزۇ قىپ كۈتىدۇ بۈگۈن يۈرىگىم.

مېنىڭ يۈرىگىمگە كەلگىن مەرھابا،

مېنىڭ يۈرىگىمگە كەلگىن مەلەكىم.



مۇھەببەت بەختىنى تاپىدۇ ئۇندا،

كەلگىن ئەپسانىلەر ئېيتماقتا باغلار.

ئەزىز بېشىڭ ئۈستىدە يالتىراپ كۈندە،

ئالتۇنغا ئايلىنار كۈيچى ياپراقلار.



مېھرىبان يەللەرنىڭ قاناتلىرىدا،

قېنى يۈر ،بارايلىق ،لالە تەرگىلى.

ئاجايىپ گۈللىرىم  باردۇر نېرىدا،

گۈلۈم كۆرمىگەنسەن ئۆمرىڭدە تېخى.



قارىغىن نەقەدەر تىنىقتۇر ئاسمان،

ئۇنىڭ ھوزورىغا يۈرگىن بارايلىق.

ئۇ يەرگە قارا تۈن يولىماس ئەسلا،

بۇلۇتلار قايغۇدىن كەتمەس قارىيىپ.



قېنى قوللىرىڭنى قولۇمغا قويچۇ،

مېنىڭ يۈرەگىمگە كېتەيلى بىللە.

كەتمەيلى ئۇ يەردىن ھەرگىزمۇ كۆچۈپ،

ئاچچىق تەجرىبىلەر ئارتىپ تەقدىرگە...



11.سېنى كۈتتۈم كۆيۈپ ئاتەشتە



ئايلار ئۆتتى ۋە يىللار ئۆتتى،

لېكىن سەندىن بولمىدى خەۋەر.

يالغۇز سېنى، مەن يالغۇز كۈتتۈم،

كۈتىۋۋېرىپ خۇن بولدى جىگەر.



مانا ئاخىر سەندە نامايەن،

مۇھەببىتىم ،كۆزۈم ،ئىسمىتىم.

ئوڭۇممۇ ،چۈشمۇ،ياشىرىن ئارمان؟

بىردىن يىراقلىدى قىسمىتىم.



سەن ئەشۇغۇ خىيالدا كۆرگەن،

ئەشۇ نىگاھ ،ئەشۇ تەبەسسۇم.

ئەشۇ ئاھۇ كۆزلەر تىغ ئۇرغان،

ۋە يۈرەككە باشلىغان ھۇجۇم.



ساڭا بەكمۇ غەلەت تۇيۇلار،

بەلكىم سۆيگۈڭ بىلەن يانغىنىم.

ماڭا ئوغا كەبى قۇيۇلار،

شۇنداق بۈيۈك ئىشقتىن تانغىنىڭ.



ئايلار ئۆتتى ۋە يىللار ئۆتتى،

يۈرەك لېكىن ئىشەنچ ۋە غەمدە.

كۈتتۈم ،كۈتتۈم شۇنچە ئۇزاق ۋاقت

سېنى كۈتتۈم كۆيۈپ ئاتەشتە.



12.ئارتۇق كۆرۈشمەيمىز



ياق،كۆرۈشمەيمىز خەير ئەمدى،

ئارتۇق كۆرۈشمەيمىز يۈزمۇيۈز.

سەھرالاردا سۆيگىمىز قالدى،

قار ئاستىدا قالدى سۆيگىمىز.



ئارتۇق كۆرۈشمەيمىز يۈزمىيۈز،

مېھىر تولا يېنىق يۈز بىلەن.

ياق،ياق ئەمدى ھېچ قارىمايمىز،

ئوتتۇرىدا بىر قارا تۇمان.



سەھرالاردا سۆيگىمىز قالدى،

كۆيگەن يانتاق مىسال قۇياشتا.

خاتا سۆيگۈ قوشۇلۇپ تامدى،

زەھەر-زوقۇم بولۇپ كۆز ياشتا.



قار ئاستىدا قالدى سۆيگۈمىز،

شورلۇق سۆيگۈ تاپمىدى ئامان.

يەككە -يەككە بولدى ئىسمىمىز،

ھەرخىل يولدىن كەتتۇق ھەر تامان...



13.قايتماسمەن ھېچ



خەير ساڭا ياخشى قال ئەمدى،

پەرياد ئۇرار كۆزۈڭدە سېغىنىچ.

خىياللارغا چۆمگىن سەن ئەمدى،

ھوزۇرىڭغا مەن قايتماسمەن ھىچ.



سېنى ئۆرتەر ئاچچىق پۇشايمان،

ئايرىلماقتىن قورقمايسەن مەندىن.

سۆيگۈ ئۈيى قىلىنغان ۋەيران ،

بىر تەسەللى تىلىمەس سەندىن.



بىر كۈن كۆرۈپ مېنى كوچىدا،

ئەنە ئۇ دەپ قولۇڭنى سوزغىن.

يادىگارلىقتەك سوڭغى كېچىدە،

يول ئۈستىدە بىر پەس توختىغىن  .



بېشىڭ ئېگىپ كەلمە مەن تامان،

سەن كېتىۋۋەر يېنىمغا قايتما.

كۆرۈپ قالساڭ ئۇندىن ھەم يامان،

ياق،ياق مېنى كەچۈر دەپ ئېيتما.



خەيرى ساڭا كېتەر بولدۇمممەن،

كېتەر بولدۇم شۇ قاپ-قارا كەچ.

قايتمىسام گەر مۇھەببىتىمدىن

ھوزۇرىڭغا قايتماسمەن ھېچ.



14.ئەتراپتا باھار



تەلمۈرىمەن چەكسىز ئۇپۇققا،

پاتقان كۈندىن قالمىشتۇر داغلار.

يامغۇر  ئۇرار قاراڭغۇلۇقتا،

سوغۇققىنە شىۋىرلار باغلار.



يەنە كەلدىم مەھزۇن كوچىغا،

بۇندا بىر نەي يېتىپتۇ سۇنۇپ.

قوي سېغىنما ئارتۇق ئۇ ساڭا،

قوي سېغىنما ئۇنى سۆيگىنىم.



مەن ھىچ نەرسە سورىماسمەن دىلبەر،

ئۆتمۈشىڭدىن سۆزلىمە زىنھار.

مەن ھەم بىر چاغ سۆيگەنمەن يېتەر،

قارىساڭچۇ ئەتراپتا باھار...



15.ئارىسال سۆيگۈ



بەكمۇ بەختلىك ئىدىڭ ئۇ بىلەن،

دۇنيانى تولدۇرۇپ يۈرەتتىڭ.

سەن ئۇنى ئويلايسەن ھامان،

ئۇنىڭ بىلەن بەند يۈرىگىڭ.



ئۇنىڭ بىلەن كەچكەن دەملەردىن،

ساڭا قالغان شىرىن خاتىرە.

مېنىڭ ئەمما ئاچچىق غەملەردىن ،

تارتىپ كەتتى كۆزلىرىم خىرە.



لېكىن سۆيگۈم جاي تاپالمىدى،

خاتىرىلەر ياتقان قەلبىڭدىن.

سەن ئۇنى ھىچ ئۇنۇتالمىدىڭ،

مەن ھەم كېچەلمەي قالدىم سەندىن...



16.خازان قوشىقى



شىۋىرلايدۇ ئايىغىمدا ياشاپ ئۆتكەن خازانلار،

كۆزلىرىمگە يىڭنە يەڭلىغ سانچىلماقتا مېزانلار.



ھۇۋۇلدىغان قىشلار ئارا قويۇق تۇمان چۆكمەكتە،

يىراقلاردا نەي كۆڭلىنى سوڭغى نۆۋەت تۆكمەكتە.



دالا بوم-بوش كۆمۈلگەندەك ئاڭا كونا سۇئاللار،

پەقەتقىنە كېزىپ يۈرەر شۇ ئىزغىرىن شاماللار.



پەقەتقىنە كۆرىنەدۇر كۆيگەن دەرەخ مۇڭلىنىپ،

قايدا قالدى مەڭگۈ باھار،نەگە بولدىڭ سەن غايىپ.



17.قولىڭنى قويغىل يار



ئايلىنىپ چۈشەر قار يولۇمغا،

قولىڭنى قويغىل يار قولۇمغا .



سەن قالدىڭ مۆھۈر كەبى لېبىمدە،

سەن بىر دەرد ئەسەبىي قەلبىمدە.



كۆزلىرىمگە بىكىتەي ۋە لېكىن،

ياشتەك ئېقىپ كەتمە سۆيگىنىم.



18.ھەي بالا



ھەي بالا-بالا ،ھەي بالا،

بەس قىل شادلىق راۋابىن.

مانا دۇنيا بىر پىيالە ،

تۇتار ساڭا شارابىن.



ئىەي بالا-بالا ،ھەي بالا،

ھىچ قورقماستىن ئۇنى ئال.

بىر پىيالە ،بىر پىيالە ،

دۇنيا غېمى ئىچىۋال.



19.بىر قۇشقاچ



بىر قۇشقاچ دەرىزەم يېنىدا،

ئولتۇرار پەرىشان ۋە غېرىپ.

يىغلايدۇ كۆزلىرى يانىدۇ،

كۆزىدە ئىككى تال مەرۋايىت.



  ئوخشايدۇ ئاجايىپ ناۋاغا،

شائىرغا ئوخشايدۇئۇ ئەجەپ.

مىسكىن ساز چالماققا شەيدادۇر،

دەردىگە بار چوقۇم بىر سەۋەپ.



مەن ئاڭا قارايمەن  پەرىشان،

مەن قۇشقاچ ھالىغا يىغلايمەن.

ۋە لېكىن بىلمەيمەن نە ئىستەر،

بىلمەيمەن ھېچقاچان بىلمەيمەن.



20.بىرگە تۇغۇلدۇق يۈرىگىم



بىرگە تۇغۇلدۇق،يۈرىگىم

جاھاننى كەزمەككە پىيادە

قەدەملىرىمىز بىردۇر بىزنىڭ،

شۇ بەختلىك ،شۇ بەدبەخت دۇنيادا.



بىر گە تۇغۇلدۇق يۈرىگىم،

نېسىپ ئەتكەندە ھەم مەڭگۈلۈك

سەن ياشاۋۋەر ،سەن مېنى كۈتمە،

مەن ئىسمىڭمەن خالاس،

ۋە لېكىن

يۈرىگىم ئىسمىڭنى ئۇنتۇما.



21.رەئۇپ پەرپى دىگەن بىر ئادەم



رەئۇپ پەرپى دىگەن بىر ئادەم،

كۆزەينەكلىك،چېچى ئاق دەرۋىش.

ئېغىر-ئېغىر باسىدۇ قەدەم،

يەلكىسىدە ئۇخلاپ قالغان قىش.



رەئۇپ پەرپى دىگەن بىر ئاسمان،

ئاغرىق يۇلتۇز چاراقلاپ تۇرار.

ئازاپ تولغان ،دەرتلىك بىر داستان،

كۆكتە تىغدەك يالتىراپ تۇرار.



رەئۇپ پەرپى دىگەن بىر دەريا،

شاقىرايدۇ تىنماي ھەمىشە.

سەھەرلەردىن قېچىپ چاڭقىغىن،

قاندۇرىدۇ تۈندە بىنەپشە.



رەئۇپ پەرپى دىگەن بىر دەرەخ،

ياپراقلىرى سېرىق ،سارغايغان.

قۇياش لېكىن ئۇنىڭ شېخىدىن،

بەرگ ھەركۈن ئۇچۇپ چۈشىۋاتقان .



22.ماۋزۇسىز



ئاپتۇبۇس دەرىزىسىدىن قاراپ كەتسەڭ

ئۇزاق-ئۇزاقلارغا،

مۇساپىلەر سۈرىتىنى ئېلىپ كۆزلەرگە،

خۇسۇسەن ئاي بۇلۇتلار ئارىسىغا بېكىنىپ تۇرسا.



خۇسۇسەن يۇلتۇزلار پاتقاندا،

خۇسۇسەن يورۇۋاتقان تاڭ چېغى،

شۇنداقلا شەھەرنىڭ شاۋقۇنى سېنى زېرىكتۈرسە،

شۇنداقلا سۆيگۈنىڭ سۆيمىسە سېنى...



شۇنداقلا  غەيۋەتلەر تارقىسا،

دوستلىرىڭ:

يىراقلارغا قاچار قىسمەتلەر،

ئاپتۇبۇس دەرىزىسىدىن قاراپ كەتسەڭ.



23.مەڭگۈ تاش



-ئەزىزخان قەيۇمۇۋغا بېغىشلاپ



پىردەۋس بىر چاغدا ئېيتقان كەبى،

ھەر نە ئۆتكۈنچىدىدۇر،فانانىڭ ئۆزى،

پەقەت ئىككى نەرسە قالار ئەبەدىي،

باتۇرنىڭ شەۋكىتى ،دانانىڭ سۆزى.



ئەجداتلار ۋەتەن دەپ جان پىدا قىلغان،

بىھۇدە گەپ سېتىپ يۈرمىگەن ئۇلار.

مانا مىڭ يىللار كۆتۈرۈپ كەلگەن،

مەڭگۈ تاش ئانا- يەر ھەققىدە كۈيلەر.



ۋاقت قۇيىنىدا نە دەۋرۇ دەۋران،

بۇ تاشلارغا ئايلانغان ئەركتۇر ،بەرداشتۇر.

بۇ ۋەتەن ئاتالغان مۇقەددەس ئارمان.



ئاڭا قارايمەنۇ بىر ھىس تۇيىمەن،

بۇ يۇرتۇم مىسالى بىر مەڭگۈ تاشتۇر.

يۈرىگىم تېشىغا شېئىرىم ئويىمەن.



24.قايدا سەن؟



يامغۇر يېغىپ چىقتى تۈن بويى،

تاڭ ئاقاردى، تىنمىدى يامغۇر.

بۇزۇلغاندەك ئاسماننىڭ ئۆيى،

يەرگە قاراپ يىغلايدۇ ئېغىر.



مەن خانەمگە كىرمەيمەن ئەلھال،

يۈرەگىمدە كونا دەرت-ئۇھلار.

دەرىزەمگە ئۇرۇلار شامال،

قايدىسەن ؟قايدا شۇ روھلار؟



25.يادىڭدىمۇ سۆيگۈنىم



يادىڭدىمۇ سۆيگىنىم بىر كۈن،

چىقىپ كەلدىم يولۇڭغا.

بىنەپشىلەر تەردىم سەن ئۈچۈن،

ۋە ئۇزاتتىم قولۇڭغا.



يەنە ئەشۇ يولدا بارىمەن،

ھەر تەرەپنى كىزەر بۇ كۆزۈم.

خىيالىمنى ھەريان تارايمەن،

لېكىن سەن يوق ،مەن بىر ئۆزۈم...



ئاھ ياشلىغىم قالغان جايلاردا ،

ئۆرتىنىمەن مەن يېنىپ.

ئېيت ئىزلەيمەن سېنى قەيەردىن،

قانداق جايدىن تاپىمەن جېنىم؟



26.يالغۇز سەن ئۇخلايسەن



يالغۇز سەن ئۇخلايسەن يالغۇزۇم بالام،

مايسىلار شىۋىرلار ھايقىرىدۇ تاغ.

شاقىرار دەريالار ،دالىلار ئويغاق

سۈكۈتكە  پاتىدۇ تۈۋى يوق ئالەم.



ئۈمىدنىڭ كۆزى كور ،ئاچچىقتۇر پىراق،

ئاخىر مەن ئالەممەن،توۋلايدۇ ئالەم.

بۇ غالىپ تۇرقىدا بولار ئىدى جەم،

ئانا يۇرتۇم،ئېلىم،بۇ قارا تۇپراق.



ئويغان،ئويغان  بالام،ئويغانغىن ،ئەي دىل،

ئويغاندى  تامامەن ئۇخلىغان دۇنيا.

شاتلان،سېنى ئويلاپ كەتمەكتىمەن بىل.



ساڭىدۇر جان بالام مۈشكىلات -غەۋغا،

ئويغان ئويغان دەپ ئىڭرايدۇ ناۋا.

ساڭا بۇ  ۋەتەندۇر ،ساڭا تۈ*ركىي تىل.



27.سېنى ئويلاپ



سېنى ئويلاپ بۇ جېنىم ئاغرىر،

سېنى ئويلاپ قاندۇر ئويلىرىم.

مەنزىلىم ھەم يىراق ۋە ئېغىر،

تىغ ئۈستىدە بارار يوللىرىم.



تەلۋە،ئاتەش دەپ مېنى پىنھان،

ئويلىما سەن مېنىڭ يۇلتۇزۇم.

سېنى ئويلاپ ئۆتتى كۈن   ئىشەن،

ئۆزۈمنى ھەم ئويلايمەن ئۆزۈم.



28.يۇلتۇزلارغا قارايمەن



يۇلتۇزلارغا قارايمەن،

يۇلتۇزلار ساماۋىي بىر خىيال.

مەن كۆپرەك زىمىنغا يارايمەن،

ماڭا كېرەك يەردىكى ھايات.



يۇلتۇزلارغا قارايمەن،

يۇلتۇزلار چاقنىغان ئارزۇلار.

ئالەمنى كىزىدۇ مىسكىن بىر ئادەم،

كۆكسىگە قونمىغان يۇلتۇزلار.



يۇلتۇزلارغا قارايمەن،

بەزىدە كېلىدۇ ھەۋىسىم.

بەزىدە باسىدۇ ئېغىر غەم،

بەزىدە يەتمەيدۇ نەپىسىم.



29.لەيلى



بەلكى ئۆچكەن ئىدىم يادىڭدىن،

شىرىن خىيالىڭنى بۇزدۇممۇ؟

لەيلى لەيلى ،سېنىڭ يېنىڭدا ،

ياپراق كەبى كۆردۈم ئۆزۈمنى.

شىرىن  خىيالىڭنى بۇزدۇممۇ؟



سېنى ئويلاپ كەلمەيدۇ ئۇيقۇ،

قارا تۈننىڭ ئۆزگە سەھىرى بار.

چۈشلىرىمدە  تاپاي دەپ گۇلرو

مەن ئۇخلارمەن مەڭگۈ ئېھتىمال.

گۈزەل چۈشلەر تىلەرمەن لەيلى.



يەنە پەيدا بولدۇڭ يولۇمدا،

يەنە يوللىرىڭدا بۇزلىدىم.

بىچارە قەلب سېنىڭ قولۇڭدا،

كۆزلىرىڭدە مېنىڭ كۆزلىرىم.

نىچۈن پەيدا بولدۇڭ يولۇمدا؟



30.ئويغان ئەي مەلەگىم



ئويغان ئەي مەلەگىم،تۇر ئورنىڭدىن تۇر،

ئاتەشلىك مۇزلاردا ئىسىنايلۇق يۈر.



ئۇ دەريادا غۇلاچ ئاتايلۇق،

بۇ يەردىن كېتەيلى ،پەقەت كېتەيلۇق.



ئۇندىن ھەم يىراق كېتەرمىز ھېلى،

ئۇندىن ھەم گۈزەلراق مېنىڭ گۈزىلىم.



قارىغىن ئەڭ يارقىن بىر يۇلتۇز يانار،

يورۇق بىر چىمەن بۇ ...كېتەرمىز يەنە.



بۈگۈن شاھ  ئېرۇرمەن ،تىلەك تىلىگىن،

بۈگۈن مەن گادامەن ،تىڭشا ،مەلەگىم.



31.ۋان گوك



بۈيۈك سۆيگىنىڭ رەڭگىنى ئىزدەپ يۈرەتتى،

يازار كۆپ-كۆكلىىككە رەڭلىك قەسىدە.

بىراق ھەيرەت ئىچەر سوقار يۈرىگى،

ياخشىلىق يامانلىق چېگرىسىدا.



ھىچ نەرسىسىىز ،لېكىن مېھرى زىيادە،

ئىزلەر تىرىكلىكنىڭ سىرلىق بويىقىنى.

بۇنداق غېرىپ ۋە رەزىللەر كۆپ دۇنيادا،

كېسىپ بەرسەكمىكىن قالغان قۇلىقىنى.



قېرىنداش،ئۇرۇغ ،دوست ،يار ،خوتۇن،

ئۇنى ئاڭلىمىدى مەغرۇر ئالىمان.

يۈرىگى بەك چوڭقۇر ھەسرەتكە تولدى



شەنىگە خىيانەت قىلىشتىن بۇرۇن،

بىلمەكچى بولدى ئۇ بۇ قانداق زامان؟

يۈرىگىنىڭ رەڭگىنى كۆرمەكچى بولدى....



32.يېگىشە چارىنىس خاتىرىسىگە



مەن

ئالەمدىن

ئۆتتۈم.



مەن ئالەمدىن ئۆتتۈم،

ئەركىلەتمەڭ ئۆلگەن ئادەمنى.

يەلكىلەردە كۆتۈرمەڭ.



ئەتراپتا

ئوغرىلىقچە

يۆتەلمەڭ.



رەھمەت ئۆزۈم باراتتىمغۇ،

ئېھتىياج بارمىدى تاۋۇتقا .

بەرىبىر ...ياندۇرۇڭ.

مەن ئاخىر ئۆچ ئىدىم ئوتقا.



33.نىكولاي روبىتسوۋ خاتىرىسىگە



1



قار ئاستىدا كۆكلەم ،تۈن قوينىدا تاڭ،

ئالىم ھەققىدىكى ئويلاردۇر ھايات.

كۆزۈمنى يۇمسام

كۆرۈنگەن بىر نوقتا

قىزىرىپ بارار ئاستا-ئاستا.



2



تىنىچ ،ئېغىر شېئىرلار يازماق بولىمەن،

شەنىڭگە.

كېتىۋاتىمەن سۆزلەرنى چايناپ،

تۈپلەپ تاشلىماق بولىمەن قاپىيەسىنى،

ئاغرىقنى يېڭىپ.

جىمجىت ،ئېغىر شېئىرلار يازماق بولىمەن.



3



ھىچكىم ئېيتىشنى بىلمەس

سەن ئېيتماي كەتكەن قوشاقنى.

چۈشەنسىچۇ بۇنى قاتىللار چۈشەنسىچۇ ئاخىر؟

پايانى يوق ئۇلۇغ روس كۆكسىدە ھەسرەت قاينار،

روسىيە ئۆزۈڭنى ئاسرىغىن ئاسرا،

سېنىڭ بىر مىسرا شېئىرىڭ ئەمدى ئەبەدىي.

....................

خەير مېنى تاشلاپ كەتكەيسىز بىر-بىر،

پەردە چۈشۈرۈلدى تاماشا تامام.

بىراق سەھنە ئۆزرە ھەل بولغان تەقدىر،

مېنىڭ يۈرەگىمدە قىلماقتا داۋام...



34.ئىسىكىۋا تاكۇبوكۇ خاتىرىسىگە



ھەسرىتىمنىڭ

سۇيۇق تاشلىرىدىن

قەسىر قۇرماقچىمەن

ئۆزۈمگە

ئىچىدە ئۆز جەسىدىم بولسۇن



35.ئايبەك خاتىرىسىگە



تاغلار ئارا ئايدىڭ بىر بۇلاق،

ئەتراپىدا شىۋىرلار ئوتلاق.

بۇلاقتا سالاپەتلىك ۋە ئېغىر بېسىق بىر چىراي.

نۇر يولىدەك ئۆيلىرى يىراق،

سۇدا مەڭگۈلۈكتە ئۈزەر ئاي.



بىراق ھەيھات بىر قۇيۇن كەلدى،

ئايدىڭ بۇلاق نەگە مۆكۈندى؟

قايدىدۇر سالاپەتلىك ئېغىر بېسىق شۇ چىراي،

پەلەكلەرگە قارايمەن ئەمدى،

پەلەكلەردە ئۈزۈپ يۈرەر ئاي.



36.تەۋپىق پىكرەت كىتابىغا يېزىلغان شېئىر



نىچۈن يولنىڭ ئاخىرى يارلىق؟

                                   -تەۋپىق پىكرەت



مەن ئۇخلايمەن،مەن ئۇخلايمەن،

گۇنالارغا پاتىمەن.

چۈشلىرىمدە مەن يىغلايمەن،

بۇلۇتنى ئويغىتىمەن.



باقمايمەن يەرلىك ناۋالارغا،

بىلمەيمەن قاچان قايتىمەن.

مەن دەردىمنى ھاۋالارغا ،

شاماللارغا ئېيتىمەن.



مەن ئۇخلايمەن ،مەن ئۇخلايمەن،

ئاستا يۇمغايمەن كۆزۈم.

چۈشلىرىمدە مەن يىغلايمەن،

سەن كۈلۈپ تۇر يۇلتۇزىم.



37.بېتخوۋىن



ھازىر سوڭ زەرب بىلەن ئۈزۈلدى تار،

ھەر مەنىسىزلىك ،ھەممىسى تۈگەر.

ئۆزۈڭ قوللا مېنى ئەي بۈيۈك تالانت،

قانداق سائادەتتۇر بۇ سوڭغى سادا؟



شىۋىرلار ،ھايقىرار بىپايان دېڭىز،

سېلىپ قارماق ئىزدەيمەن تەنھا.

سەن پەقەت كۆزۈڭنى بېغىشلا زىيا،

سەن پەقەت جاسارەت قولۇڭنى بەر تېز.



بەلكى بۇ ئاسمان ئارزۇ ساداسى ،

دېڭىز خىياللىرىڭ سادىسىدۇر بۇ.

ھەقىقەت قېشىدا قەسەمدۇر ئېزگۈ.



سۆيگۈچى ئىنسانغا بەلكى ۋىداسى،

ھازىر سوڭ زەرب بىرلە ئۈزۈلگەن تار-

سوڭ زەرب ھاياتىنى ياشىماق دەركار (زۆرۈر).



38.سۇنبۇلە



تولغانغان ساچلىرىڭ قارا ئىلاندۇر،

ۋۇجۇدۇمغا تاشلار ئاۋازسىز قورقۇنچ.

ئېچىلغان باغرىمنىڭ دەردى بەكمۇ چوڭ،

سېنىڭ كۆزلىرىڭدەك تىرەن ،قاراڭغۇ.



ئىلان ساچلىرىڭنى شامال ئوينايدۇ،

ئۈزۈلگەن بەرگ كەبى سىقىرايدۇ جان.

ئېزىلگەن يۈرەكنى ئېزىپ تويمايدۇ،

گۈلۈم كۆزلىرىڭگە بېكىنگەن جاھان.



جىمىرلار كېچىنىڭ قاپ-قارا تېنى،

ساچلىرىڭ ئىلانى تىنىمنى ياقار.

باغرىمنى ئېزىشكە يەنە تەييارلىنىپ.



دەريا بولۇپ سېنىڭ كۆزلىرىڭ باقار،

ئۇزايىپ،جىمىرلاپ ،سۇغا ئايلىنىپ.

دەرياغا لىق تولۇپ ۋۇجۇدۇم ئاقار.



39.زەراپەت



دەريا مەۋجلىرىگە يېزىلغان غەزەل،

مايسىلار يىغىلىپ ئوقۇيدۇ كىتاب.

شاتلىنىپ خەندىلەر ئاتار بىر لەھزە،

بىر لەھزە ئۇھ تارتىپ قويىدۇ ئاپتاب.



قومۇشلار شىۋىرلار دەريا تاماندا،

كۆكتە ئاق بۇلۇتلار كىزەر بىماجال.

بىر تىرىك نەپاسەت بارلىق جاھاندا،

كىمگىدۇر يىلىنار ،قىلار ئىلتىجا.



بۇ قەدەر گۈزەللىك قايسى ئىقلىمدا،

بۇقايسى كىتابتۇر ،كىمنىڭ دەپتىرى؟

كىمنىڭ ئالىمىدۇر قىلىچ ئۇچىدا؟



يالتىراپ پارلايدۇ بىر چىراق غېرىپ،

بىر قۇشقاچ سايرايدۇ روھىم ئىچىدە.

بىر قۇشقاچ يىغلايدۇ مېنى ئاقتۇرۇپ.



40.خاپا بولماڭ ئانىجان



قانداق گۈزەل ،شۇنچىلىك كۆپ-كۆك،

خىيال كەبى كۆرىنەر جاھان.

لېكىن مېنىڭ يۈرىگىمدە دەرت،

مەندىن خاپا بولماڭ ئانىجان.



ئۇخلىماسمەن تاڭغىچە ئانا،

تاڭدا يايرىم چىقار بىگۈمان.

كۆزۈڭىزگە ئۇيقۇ بىگانە،

مەندىن خاپا بولماڭ ئانىجان.



سۆيگۈنىمنىڭ يېنىغا باراي،

يۈرىگىمدە قالمىسۇن ئارمان.

يىغلاپ يەنە ئاڭا يالۋۇراي،

مەندىن خاپا بولماڭ ئانىجان.



ئىشىق يار  بولدى مىسكىن كۆڭلۈمگە،

مېنى ئادا ئەتتى ئۇ جانان.

كۆز تىكمەڭىز بۈگۈن يولۇمغا ،

مەندىن خاپا بولماڭ ئانىجان.



41.تۈندىكى سېغىنىش



مۈدرەر يېرىم كېچە ئۇيقىدا،

بۇلۇت ئۈزەر ۋە ئاينى ياپار.

ئاينى ياپار لېكىن بىھۇدە،

يەنە بىر ئان ئۆتمەستىن يانار.



كېچە ئالار ئۇيقىسىدا دەم،

كىچە ئۇزرە پاسىبان- چىراي.

سېنى كۆرگۈم كەلدى بەكمۇ ھەم،

تۇيۇقسىز قوشاق ئېيتقان چېغى ئاي.



42.يالغۇز مېنى ئويلا



بۇنچە غەمكىن بولمىسا ئويلار،

ھىجران بۇنچە بولمىسا ئۇزاق.

مېنى ئويلا سېغىنىپ ئويلا ،

ئويلا يالغۇز  بولۇپ ئىنتىزار،

بۇنچە غەمكىن بولمىسا ئويلار.



ھىجران بۇنچە بولمىسا ئۇزاق،

ھالبۇكى بىر قەدەم ئارقىدا.

ئارىمىزنى كىم بۇزدى ئۆزى،

شاتلانغىن ،بىھۇدە ئۆرتىدى.

ھىجران بۇنچە بولمىسا ئۇزاق.



مېنى ئويلا ،سېغىنىپ ئويلا،

ئۈسەك سأزدىن سۆيگۈ بۇزۇلغان،

شۇنداق ئىشەنچىسىزلىك تۈپەيلى.

خاپا بولما مەندىن ئۆزۈڭدىن،

مېنى ئويلا سېغىنىپ ئويلا.



يالغۇز مېنى ئويلا ئىنتىزار،

ئويلارىڭدا مەن ياشاي يەككە.

چۈنكى سۆيگۈ دەپ ئاتالغان ئازاپ،

قادىر ئەمەس تاق ياشىماققا.

يالغۇز مېنى ئويلا ئىنتىزار..



43.كەل جىمغىنە ۋىدالىشايلى



كەل جىمغىنە ۋىدالىشايلى ئەمدى،

يېنىڭدىن ئۆتىمەن بۇ سوڭغى سەپەر،

ئۆتۈپ كەتمەكتىمەن ساڭا قانماستىن.

شۇ گەپلەر ،شۇ گەپلەر راست بولسا ئەگەر،

نىمىشقا جىم تۇرىسەن ئاخىر سۆيمەستىن.



شۇ گەپلەر راست بولسا يالغۇزىم يىغلاپ،

ساڭا ئۆلۈم تىلەپ قالار ئىدىم مەن.

ياق،ياق ،مازارىڭنى ئۆپۈپ تاتىلاپ،

قايتا تىرىلدۈرۈپ ئالار ئىدىممەن.



راستىنى ئېيت ،مەن ئازلىق قىلدىممۇ ساڭا،

ئېيت ،بىر يۈرەك ئازمۇ ،مانا تويدۇمغۇ!

تۇيۇقسىز سۆيۈپ تەگدىم جېنىڭغا،

كەچۈر رەشكىم بىلەن قىيناپ قويدۇمغۇ.



كەچۈر ئەمدى مېنىڭ قۇياشىم پاتتى،

ساڭا ئىشەنمىدىم،سەن مەندىن تاندىڭ.

بىر تۈۋەن نامىڭنى لايلارغا ئاتتى،

رەزىل كىشىلەرگە نىچۈن ئىناندىڭ؟



ئىمان بارمۇ،دەردىم يېنىپ،سېغىنىپ،

پارلاق تىمسالىڭغا ،سۆيگۈنۈم بىراق.

تاشلاپ كەتمەكلىكنى ئۈگەندۇق كۆپراق،

كەل ۋىدالىشايلى ئەمەدى سېىنىپ.



ماڭا ئېغىر كۆرمەك سېنىڭ كۆز يېشىڭ،

بېشىڭدا غەملەرنىڭ تاشلىرى سىندى.

كۆرۈپ تۇرۇپسەنغۇ ،تاش بولسۇن بېشىڭ،

كەل جىمغىنا ۋىدالىشايلى ئەمدى.



بۇ يۇرۇق دۇنيادا ۋاپا قېنى؟ كەل،

ساڭا ئىنانمىدىم ،مەن تەلۋە-غېرىپ.

قايغا ئېلىپ بېرىپ كۆمەيىن ئېيتقىن،

يۈرەگىمنىڭ جەسىدىنى كۆتىرىپ .



بۇ مىسكىن يۈرىگىم شاندىن لىباس كەيسۇن،

يايرىسۇن قالغۇچە تەندە ئاخىرقى بىر جان.

كۆڭسىڭگە باش قويۇپ ،بىر ئۇخلاپ قانسۇن،

ياق ،ئۆزگىچە سۆيۈلمەسمەن ھىچقاچان.



ھىچ بىر مازار قوبۇل ئەتمەس ،يوللار ئېتىك،

بۈگۈن يۈرەگىمنىڭ ئاۋازى تىندى.

سۆيگىنىم،ئاخىرقى بىر ئىزنايىڭنى بەر،

كەل جىمغىنە ۋىدالىشايلى ئەمدى.



44.مەن كىمنىدۇر كۈتكەيمەن مەھزۇن



مەن كىمنىدۇر كۈتكەيمەن مەھزۇن،

كىملەرگىدۇر يىغلىمىقىم شەرت.

تەنھالىقتا تۇرىمەن يالغۇز،

مېنىڭ بىلەن ھەمرادۇر زۇلمەت.



يىراقلاردا ئىڭرار ياپراق ھەم،

قۇلىغىمغا بۇزلايدۇ پۇرقەت.

ھوزۇرۇمغا چىقماس بىر ئادەم،

مەن بەرىبىر كۈتكەيمەن پەقەت.



ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ ئاختۇرىمەن نۇر،

قاراڭغۇدا بولغايمەن ئادا.

قوڭغۇراقلار جاراڭى كېلۇر،

قانداق مەشئۇم بۇ گۈزەل سادا.



قۇلىلىدەك تولغىنار ئېرىق،

سوۋۇنىمەن بەكمۇ سەت تالغا.

ئاسمان يۈزى ئەجەپمۇ سېرىق،

سوغۇقلۇقنى قايەردىن ئالغان؟



كۈلگىنىچە ئۈزۈپ بارار ئاي،

ئۇ ھاياسىز ،شۇنداق يالىڭاچ.

قىمنى ئالداپ بالقىپ بارار ئاي،

قورشاپ تۇرار كېچە قارىچاچ.



مەن كۈتىمەن،يولىماس ئۇيقۇ،

كىمگىدۇر ھەم يىلىمىقىم شەرت.

ئېيتىڭ ،نىچۈن تاشلاپ كەتتى ئۇ،

نىچۈن تاشلاپ كەتتى مۇھەببەت؟



تۈگەپ بارار تۈن يەڭلىق تاقەت،

سەھەرلەرگە بەرگەيمەن ھىساپ.

نەگە كەتتى،نەگە مۇھەببەت؟

يۈرىگىمدە مۇقەددەس ئازاپ.



45.خەيرى ساڭا



كۆزلىرىمنىڭ ئاسمانلىرىدا ،

پەقەت ئۆزۈڭ ،پەقەت سەن ئۆزۈڭ.

ئاي ۋە يۇلتۇزلارنىڭمۇ نېرىدا،

كۆزۈم ئىچرە سېنىڭ يۇلتۇزۇڭ.



چۈشلىرىمدە ئۇچۇپ يۈرەتتىم،

مەن بىلەن بىر ئازاد چۈشلىرىم.

مەن چۈشمۇ يا دەپ سەندىن  سورايتتىم،

ئالدامچىدۇر بارچە چۈشلىرىم.



مېنى كۈتمەس ئەمدى ئۇ باغلار،

مېنى كۈتمەس قەلەم قاشلىغىم.

چۈشدە قالدى شۇ گۈزەل چاغلار،

ئېھ ھۇۋۇلداپ قالغان ياشلىغىم.



شەپقەت نەدۇر -قاغجىراق -تاقىر،

مەن يولسىزمەن رەڭگىمدۇر سامان.

پاتماقتىدۇر قۇياشمۇ ئاخىر،

ھالسىرايدۇ باغرى قان ئاسمان.



بۇ يەرلەرگە بىھۇدە كەلدىم،

سۇغا چۆككەن چوغدەك سۆزلىرىم.

گۈزەللىكنىڭ مەن قۇلى ئىدىم،

سەن ئىگەمسەن مېنىڭ گۈزىلىم.



قايەردە سەن ،بۇ كۈن بىھۇدە،

ھەسرەت بىلەن كويىڭدا ياندىم.

سېنىڭ ئوتلۇق مېھرىڭدىن جۇدا،

ساپ-سارغايغان سەھرادا قالدىم.



دەۋەت ئەمەس ،شۇنداق ئەلۋىدا،

تالغان بولار تاغلارنىڭ تېشى.

سۇنىۋاتقان ئاپتار نۇرىدا ،

مېنىڭ كىرسىز ئونتۇققۇز يېشىم.



تامىقىمدا قاتقان سۆزلىرىم،

چېچىلىڭ ،ساماغا چېچىلىڭ.

مانا تاڭ،تاڭلارنىڭ گۈزىلى،

تاڭ ئاقاردى ،تاڭ چېچىم مېنىڭ.



خەير ساڭا ئېتىلغان ئاھۇ،

دۇنيالارغا ۋىدا ئېيتۇرمەن.

ئىللىتماقتا چوڭ قۇدرەت ئۇيقۇ،

چۈشلىرىمگە يەنە قايتۇرمەن.



46.ياشلىق



يۈرەگىڭدە ،سېنىڭ قولۇڭدا ،

پاكىز چىچەك كەبى ئوينىدىم.

ياشلىغىم مەن سېنىڭ يولۇڭدا،

سۆيۈندۈردىم، سېنى قىينىدىم.



ناھات خاپا كۈنلىرىڭ ئۆتكەن،

ئۆزۈڭ بەردىڭمۇ بىباشلىقنى؟

لېكىن مېنى ئاتمىدىڭ ئوتقا،

نەقەدەر ياخشىسەن ياشلىقىم.



بىر دەرد بولۇپ ،بىر سۆيۈنۈش بولۇپ،

ۋە بىر دانىشمەن بولۇپ گاھ.

كۆزلىرىڭگە قاراپ يۈرگىن دەپ،

ئېيتقىنىڭ بار ياشلىقىم،ئاگاھ.



پەقەت سەن ئۆچكىن نەپىسىمدىن،

سەندىن بەھرە تاپسۇن بۇ ئالەم.

ئېيتىلمىغان سۆزلىرىم سەندىن،

قىلىنمىغان زەخمەتلىرىم ھەم.



مەن بىلەن بول دائىما بىرگە،

ئايرىلىپ كەتمە مەندىن ياشلىقىم.

تازا ساقلاي پۈتۈن ئۆمۈرگە،

پۈتۈن ئۆمرۈم ،قارا قاشلىقىم.



يۈرىگىڭدە ،سېنىڭ قولۇڭدا،

پاكىز چىچەك كەبى ئوينىدىم.

ياشلىغىم مەن سېنىڭ يولۇڭدا،

سۆيۈندۈردىم،سېنى قىينىدىم.



47.بىناۋاسەن نىچۈن؟



سابالاردا ئوينايدۇ ناۋا،

ئېرىقلاردا سۇلار شادىمان.

ئاھاڭلارغا تولۇپتۇ ھاۋا،

بىناۋاسەن ،نىچۈن يالغۇز سەن؟



كۈزگى باغلار شىۋىرلىشار جىم؟

كۈزگى باغلار كۈيچى زەپىران.

كۈيلەرمىكەن شۇنداق يۈرەگىم،

قوللىرىڭنى قويغىن مېھرىبان.



بىناۋاسەن نىچۈن دىلبىرىم،

ھايات سېنى ئەتمەسمۇ مەپتۇن؟

مەپتۇن ئەتمەسمۇ سېنى گۈل بەرگى؟

مەپتۇن ئەتمىدىمۇ شېئىرىي تۈن؟



قارا قانداق پارلاق ئىرۇر كۆك؟

تىڭشا ،قوشاق ئېيتار يۇلتۇزلار.

بۇ ئاي تۆككەن شولا ئەمەس،ياق،

بۇ ناۋاغا ئايلانغان سۆزلەر.



ئۇپۇقلاردا يېنىق ئەپسانە،

ئالغىن ئەركىن ۋاھىد شېئىرلارىن.

ئايدىڭ يوللار قوشىغىن ،مانا،

يوللار ئۆزى ئېيتار دىلبىرىم.



سابالاردا ئوينايدۇ ناۋا،

ئېرىقلاردا سۇ ئاقار شادىمان.

ئاھاڭلارغا تولۇپتۇ ھاۋا،

بىناۋاسەن نىچۈن يالغۇز سەن ؟



48.شائىر قىسمىتى

-چولپان خاتىرىسىگە



سۆزدىن ئۆلۈكنىڭ تېنىدە روھى پاك،

روھ تېغى تەن ئارا سۆزدىن ھالاك.

                           -ئەلىشىر ناۋايى

شۇ ئاجىز ھالىمدا شائىرمەنمۇ مەن...

             -چولپان



1



ئانا تىلىم سەن روھىمنىڭ قانىتى،

ئۇلۇغ تۈ*رك نەپىسى،ئالتاي چىچىكى.

ھۇن دەۋرىدىن ئامان كەلدى ۋۇجۇدۇڭ،

قۇتلۇق ئاناساينىڭ ئېزگۈ قوشىقى.



ئۇرخۇن بويلىرىدا تاشقا ئايلاندىڭ،

پەلەككە سانچىلدىڭ ،تۇران بولدۇڭ سەن.

مەڭگۈلۈك سەپەرگە قاچان يول ئالدىڭ؟

قاچان بۇ ئالەمگە-كۈچكە تولدىڭ سەن؟



پارلاق ئاسمىنىڭدا قوزغۇنلار ئۇچتى،

رەزىل ياغىلارىڭ سالدى ياغمىنى.

ياغىيلارىڭ جىگەر -قانىڭنى ئىچتى.



جىگەر -قان قاراڭغۇ تۇتتى جاھاننى،

ئانىسەن ،كەچىردۈڭ ،قېنىدىن كەچتىڭ.

بىراق كەچىرمىدىڭ يالغاننى.



2



دۇنيا ئاق ئەمەستۇر،ياق ،قارا بەرداش،

كۈيىب يادىمىزدىن كەچكەنلەر ئېيتسۇن.

سۆزلىرىدە زەھەر ،كۆزلىرىدە تاش،

تىلىدىن ،ئېلىدىن كەچكەنلەر ئېيتسۇن.



تۈنلەر بېسىپ كېلەر دۇنيا ھەسرىتى،

كۈنلەر قىزىل تۇغيان،بېسىپ كېلەر شېئىر.

نىچۈك قىسمەت ئىرۇر شائىر قىسمىتى؟

چۈشلىرىمنى بۇزار ھەزرەت ئېلىشىر.



يىللار باھارىمنى ئۆچۈردى چالغىپ،

مۇزلارغا كۆچۈردى ئوتلۇق يېزىمنى.

ئاختۇردۇم ئوكياندا مۇز كەبى قاڭقىپ.



مەن ئۆز يۇلتۇزۇمنى ،ئۆز قۇياشىمنى...

يۇلتۇزسەن ،قۇياشسەن ،سەن ئانا خەلقىم.

سەن ئۈچۈن سۇندۇردىم سۇنماس سۆزۈمنى.



3



ئاھ شائىر قىسمىتى يالتىراق،گۈلگۈن،

زەۋقلەرگە تولار ئۇ ،  بىر سۆزنى ئىزلەر.

دۇنيادا ھىچ بىر كىشى بىلمەس  نە ئۈچۈن،

باشقىچە كۈيلەر ئۇ ،باشقىچە بۇزلار.



يولسىزلىق يولدىشى  تۇيار قايسى كۈن؟

تويارمۇ دۇنيادا ئاخىر ياۋۇزلار.

بۇ خەلق دۈشمىنى دەپ تۇتسا بىر كۈن،

بەرىبىر بۇ خەلقنىڭ نامىدىن سۆزلەر.



بېشىدا قارا قىش ،ئاپپاق باھارلار،

يۈرىگى يارىمۇ ،پۈتۈن ئىمانى.

تالا تۈن ئالەمنى شىۋىرلاپ چارلار .



تېنى ئامانەتتۇر ،نەق ئېرۇر جېنى،

كۆكرەك قەپىسىدە لاۋۇلداپ چارلار،

بۈيۈك مۇھەببەتنىڭ قانلىق نىشانى.






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-1 18:32  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-4-24 12:03:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەيبۇكا ئېسىل شېئىرلار بىلەن ئۇچرۇشۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت! ئېسىل كىتابلاردىن ئۇچۇر بېرىۋاتىسىز،ئەجرىڭىزگە رەھمەت ئېيتىمەن!

ۋاقتى: 2012-4-24 13:02:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەيبۇ ۋە بەرقى ئەپەندىلەرنىڭ ئىجادىي ئەمگەكلىرىگە  كۆپ تەشەككۈر. ھەممىسىنى چۈشۈرۈۋالدىم.

ۋاقتى: 2014-8-1 18:15:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمانچە تاتلىق چىققان شېئىرلار ھە.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش