يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1497|ئىنكاس: 9

غەربكە ساياھەت(كۈلدۈرگە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                     
                                       غەربكە ساياھەت

                                                  (كۈلدۈرگە)


                   تاڭ  راھىبلىرىنىڭ بۇدساتۋا ھۇزورىدا مېھمان بۇلۇشى

                                                    (1-قىسىم)

     تاڭ سىڭ شاگىرتلىرى بىلەن‹‹گۆھەر نېيشىن ئىبادەتخانىسى››غا نوم ئالغىلى بارغان چاغدا،ئاۋارۈك سۇۋارا ئۇلارنى قۇبۇل قىلىپ،ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپتۇ ۋە قىزغىن كۆرۈشۈپتۇ.ئۇلارنىڭ يولبۇيى نۇرغۇن  مۈشكۇلاتلارنى مىڭ بىر جاپادا يىڭىپ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىدىن مەمنۇن بۇلۇپ،ئۇلارغا نوم بەرمەكچى بولۇپ مۇنداق دەپتۇ:

-ئەسسالامۇئەلەيكۇم راھىب ھەزرەتلەر،بىزنىڭ بۇ غېرىب كۈلبىمىزگە قەدەم تەشىرىپ قىلغانلىقىڭلاردىن تۇلىمۇ خۇرسەن بولدۇك.قەدىمىڭلارغا مەرھابا.ھەر قايسىلىرى ئۇزۇن يىللار سەرپ قىلىپ نوم ئىلىش ئۈچۈن بۇ يەرگە كېلىشتىلە.كۆپ رىيازەت چىكىشتىلە، كۆپ رىيازەت چىكىشتىلە.قېنى   ئازراق ئارام ئالغاچ شىنجاڭنىڭ ئۈزۈم،قوغۇن-تاۋۇزلىرىدىن ھوزۇرلانغايلا،قېنى مەرھەمەت.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ تۇرغان تۆت راھىب خۇشال بۇلۇپ ئالدىدىكى نازۇ-نېمەتلەرگە قول ئۇزارتىپتۇ.ئەڭ بۇرۇن گەپ باشلېغىنى قۇرساققا كەلگەندە ھېچنېمىدىن ئۇيالمايدىغان جۇباجيې بولۇپتۇ:

-ھەي ئاۋارۈك سۇۋارا خانىم،بۇ ھۆل مېۋە-چېۋىلەرنى يېگەنگە قۇرساق تۇيامتى؟قېنى ئاۋۇ شىنجاڭنىڭ نانلىرىنى،ئەتكەن چاي قېتىقلىرىنى ئەكەلمەمدىلا؟قۇرساقنى راسا بىر تويغۇزايلى.

جۇباجيېنىڭ گېپىنى قوللاپ تاڭ سىڭ مۇنداق دەپتۇ:

-توغرا دېدىڭ باجيې،سەن قاچانلا بولسا ئادەمنىڭ ككڭلىدىكىنى تېپىپ گەپ قىلىسەن جۇمۇ!دېمىسىمۇ شۇنداق ئاۋارۈك سۇۋارا خانىم،بۇ قوغۇن-تاۋۇزلار ئادەمنىڭ ئىچىنى سۈردۈرۈپ،بىردەم-بىردەم تاھارەت ئېلىشقا مەجبورلايدىكەن.كونىلار دەپتىكەن‹‹چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە››دەپ.بىز نومنى ئېلىپ تۇرپاندىن ئۆتكەن چاغدا،پىژغىرىم ئىسسىققا قارىماي ئۈزۈم ئۈزۋاتقان ساخاۋەتچىلەر بىزگە سويغان توقسۇننىڭ يەرلىك قارا قوي گۆشى ناھايىتى يېيىشلىك ئىكەندۇق.شۇڭا خانىم تۇقسۇندىكى قارا بوران ئالۋاستىسىنى بويسۇندۇرغان چاغدا سىز مۇسادىرە قىلىپ ئېلىپ كەتكەن قارا قويلاردىن بىرەر-ئىككى پاخلان سويسىلا بوپتىكەن.قانداق دېدىم ۋۇكۇڭ؟

سۇن ۋۇكۇڭ بىلەن شيا ۋۇجىڭمۇ شۇ خىيالدا بولغاچقا،دەرھال باش لىڭشىتىپ ماقۇللىقىنى بىلدۈرۈپتۇ.شۇ سەۋەبتىن ئاۋارۈك سۇۋارا ئامالسىز ئەرش ئوردىسىدىكى ئامبارچى يىگىتكە تې؛ىفون ئۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ:

-ياخشىمۇسەن ئامبارچى يېگىت؟مەن ئاۋارۈك سۇۋارا بۇلىمەن.قايسى كۈنى توكسۇندىن مۇسادىرە قىلىنىپ ئېلىپ كېلىنگەن ئلجىلارنى دەرھال مېنىڭ يېنىمغا كەلدى-كەتتىدىن يەتكۈزۈپ بەرگىن.ھازىر ھۇزورۇمدا تاڭ سىڭ ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى بار.شۇڭا بۇ ئەزىز مېھمانلارنى كۈتمەكچى ئىدىم.

ئامبارچى ئاۋارۈك سۇۋارانىڭ تاپشۇرۇقىغا بىنائەن ئۇ بۇيرۇتقان نەرسىلەرنى كەلدى-كەتتى ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بېرىپتۇ.ھەش-پەش دېگۈچە داستىخان ئۈستىدە ئۈزۈم،چىلان،قوغۇن-تاۋۇز،نان،قېتىق،لەغمەن قاتارلىق نازۇ-نېمەتلەرۋە كىشى بېشىغا بىر لېگەندىن توغرا كېلىدىغان ھور چىقىپ تۇرغان گۆش ۋە بىر پىيالىدىن شورپا پەيدا بولۇپتۇ.ئاۋارۈك سۇۋارا راھىبلارنى داستىخاندىكى ئېسىل نازۇ-نېمەتلەردىن تېتىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلىپتۇ ۋە مۇنداق دەپتۇ:

-قېنى...قېنى...مېھمانلار ئېلىشقايلا...قېنە تاڭ سىڭ ھەزرىتىم،يولدا كۆپ رىيازەت چېكىشتىلە.

بۇ چاغدا تاڭ سىڭ‹‹تۇلۇمدىن توقماق چىقتى››دېگەندەك ئاۋارۈك سۇۋاراغا قاراپ مۇنداق دەپتۇ:

-ئامىي توبو،ئاۋارۈك سۇۋارا خانىمنىڭ ھىممىتىگە تەشەككۈرلەر ئېيتىمىز.لېكىن بۇ نان،گۆش،لەغمەنلەرنىغۇ يەيدىكەنمىز،ھەي ئېسىت،شۇ تاپتا بۇلارنى مۇزىكا ئاڭلاپ تۇرۇپ يېسەك نېمىدىگەن ياخشى بۇلاتتى-ھە!رادىئودىن ئاڭلىشىمچە،مۇزىكا ئاڭلىغاچ تاماق يېسە،ئاشقازاننىڭ ھەزىم قېلىش ئېقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا پايدىسى بارمىش.شۇڭا بىزگە قۇيۇپ بەرگۈدەك ناخشا-پاخشا يوقما؟مەسىلەن،يېقىندا توردا چىكىلىش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ بولغان‹‹گاڭنام ستايل››دېگەن دېسكو ناخشىلىرى بار ئىدىغۇ؟شۇلاردىن بىر-ئىككى شىڭگىل ئاڭلىمامدۇق؟

بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئاۋارۈك سۇۋارانىڭ ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ،لېكىن مېھمانلارنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۈنئالغۇنى قۇيۇپتۇ.ئۈنئالغۇدىن ئاق توشقاننىڭ‹‹شيالىۋۇ››ناملىق ناخشىسى ياڭراشقا باشلاپتۇ.تاڭ سىڭ بۇ ناخشىنى ئاڭلىغاچ چوڭقۇر خىياللارغا چۆكۈپ،بېشىنى تۆۋەن ساڭگىلاتقىنىچە ئاھ ئۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ:

    -ئاھ ئاڭلىدىم،ئاھ ئاڭلىدىم،

      ناخشىلىرىڭ تاپتى مېنى.

ئاۋازلىرىڭ سىرتماق بۇلۇپ،

ياقىلىرىمدىن ئالدى مېنى.

دائىم تاڭ سىڭغا خۇشامەت قىلىپ ئۆگىنىپ قالغان جۇباجيې ئۇستازنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ مۇنداق دەپتۇ:

-بولدى،بولدى،بۇ ناخشىنى ئاڭلىمايلى.بۇ ناخشىنى يەنە ئاڭلاۋەرسەك ئۇستاز رەپىقىسىنى سېغىنىپ كۆڭلى يېرىم بۇلۇپ قالمىسۇن.ئۇستاز مۇشۇ كۈنلەردە نېمە بولدىكىن قۇشاقچىلا بۇلۇپ قىلۋاتىدۇ.

تاڭ سىڭ جۇباجيينىڭ گېپى تۈگىمەي تۇرۇپلا :

  -شۇ تاپتا كاللامغا ئاجايىپ قۇشاقلار تېزىلىپ كەتتى.ئوقۇپ بەرسەم ئاڭلاپ بېقىڭلار.  

           بىر كۆرۈپ بىقارار بولدۇم ساڭا مەن

           ئاھ ئەمدى يېتەرمەن ۋەسلىڭگە قاچان

           ئالىمەن مەن سېنى ئالىمەن چۇقۇم

           تۈنۆگۈن بازاردا مەن كۆرگەن چاپان

بۇ بىر كوپلېتنى مەن توردىن كۆرگەن.شۇنىڭ ئاساسىدا ئۆزۈم يازغاننى دەپ باقاي.

       ھەر ئاخشىمى ياتساڭكەن ھەمراھ بوپ ماڭا،

       بولساڭكەن مېنىڭكى ئامراق مەشۇقۇم.

       ھەر كەچتە قۇچاقلاپ ياتسام مەن سېنى،

       (باجيې مۇشۇ يەرگە كەلگەندە كۆزلىرىدىن ياشلار تۆكۈپتۇ،تاڭ سىڭغا‹ئۇستاز بولدى،شۇ كۈنلەرمۇ كېلىپ قالار،كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ›دەپتۇ.تاڭ سىڭ باجيېنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ ئاخىرىنى داۋام قىلىپتۇ.)

       بېشىمنى گەۋدەڭگە قويسام ياستۇقۇم.

                    

                   مەن ساڭا ئەزەلدىن بوپ كەلگەن ئاشىق،

                   بولمىساڭ گەر ماڭا بۇلىمەن چۇل-چۇل.

                   چىن دىلدىن سۈيىمەن مەن سېنى جىنىم،

(مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئاۋارۈك سۇۋارا‹نېمىدىگەن تەسىرلىك،بۇ قۇشاقنى ئاڭلىسا ئايالىڭىز چۇقۇم كۆز يېشى قىلماي قالمايدۇ›دەپتۇ.تاڭ سىڭ ئوخشاشلا ئۇنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ،شېئىرىنى داۋام قلىپتۇ)

                   ئېيتقىنا نەدىسەن،ئېيتقىنا پۇل-پۇل.

بۇ شېئىرلارنى ئاڭلىغان شاگىرتلار ۋە ئاۋارۈك سۇۋارا ئاچچىقى كېلىپتۇ.
   جۇباجيې:

-ئۇستاز،مۇشۇمۇ شېئىر بولدىمۇ ئەمدى؟بولدى قىلىڭە.ئادەمنى ئەخمەق ئېتىۋاتقىنىنى كۆرمەمدىغان.ھەي مايمۇن ئاغا، ئىسىڭىزدىمىكىن؟بىز ئۈرۈمچىدىكى ھېلىقى تەرەققىيات ئالۋاستىسىغا تۇتۇلۇپ قالغان چاغدا،ھېلىقى ئالۋاستى توردا يازغۇچىلار مۇنبىرىغا چىقىپ داڭلىق شائىرلىرىمىزنىڭ شېئىرلىرىنى كۆرۋېتىپتىكەنغۇ؟
جۇباجينىڭ گېپىنى ئاڭلاپ تاڭ سىڭ قۇشاق تۇقۇشتىن توختاپ :

-ھە توغرا.ھېلىقى ئاجايىپ ئېسىل شېئىرلار بار مۇنبەرنى دەيسەنغۇ؟ئاشۇ مۇنبەردىكى يازغۇچىلارنىڭ شېئىرلىرىنى كۆرۈپ باقايچۇ راست.
جۇباجي:

-ۋاي-ۋۇي،ئۇستاز،بىز بىر-بىرىمىزنىڭ گېپىنى بەك چۈشىنىمىز جۇمۇ؟توغرا شۇ مۇنبەرنى دېمەكچى ئىدىم.ئەمسە ئاۋارۈك سۇۋارا ھوزۇرىڭىزدىكى كومپىيوتېرنى ئېلىپ چىقسىڭىز تورغا چىقمايلىمۇ؟
ئاۋارۈك سۇۋارا:
-ماقۇل،مېھماننىڭ ھۆرمىتى ھەممىدىن ئەلا.ئەمىسە قول ئاستىمدىكىلەرگە دەپ ھېلىقى كالا دېۋىنىڭ خانىمى تۈمۈر يەلپۈگۈچلۈك مەلىكىدىن ئېلىۋالغان كومپيوتېرنى ئەكەلدۈرەي.قايسىڭ بار؟دەرھال مېنىڭ ھۇجرامدىكى  كومپيوتېرنى ئېلىپ چىقىڭلار.

تاڭ سىڭ:

-باجيې،سەنمۇ نېمە دەپ بۇرۇنراق دېمىدىڭ دەيمەن.ھەجەپ ئۇنتۇپ قاپتىمەن بۇ مۇنبەرنى.
جۇباجيې:
-بولدى ئۇستاز كومپىيوتېرنىمۇ ئەكىردى مانا.

ئاۋارۈك سۇۋارا:

-قايسى تور بەتنى ئاچىمەن؟
جۇباجيې:

-يازغۇچىلار مۇنبىرىنى ئېچىڭ..

ئاۋارۈك سۇۋارانىڭ يازغۇچىلار تورىنى ئېچىشى بىلەن تەڭ ھەممەيلەن مۇنبەردىكى ئېسىل شېئىرلارنى ئوقۇشقا باشلاپتۇ.




                            تاڭ راھىبلىرىنىڭ نومنى ئېلىش جەريانى

                                                    (2-قىسىم)

بۇدساتۋا ھۇزورىدا مېھمان بۇلۇشقان تاڭ راھىبلىرى قۇرساقلىرىنى تويغۇزغاندىن كىيىن،نوملارنى ئېلىپ بۇدساتۋانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن‹‹ئەرشتىن پەرشكە ئۇچىدىغان تۇىجى نۆۋەتلىك ئايرۇپىلان››دا تاڭ مەملىكىتىگە قايتماقچى بولۇپتۇ. ئۇلار ئايرۇپىلانغا ئۈلگۈرەلمەسلىەكىدىن ئەنسىرەپ،ئۇزۇن قاشلىق ئىككى راھىب ئېلىپ بەرگەن نوملارنى قارىمايلا ئېلىپ،چامدانلىرىغا سالغاندىن كىيىن ئالدىراپ-تېنەپ ئايرۇدورۇمغا قاراپ مېڭىپتۇ.ئۇلار ئايرۇپىلانغا ئاران دېگەندە ئۈلگۈرۈپ،نوملارنى ئايرۇپىلان خادىمىنىڭ ياردىمىدە،ئايرۇپىلان مال بۈلۈمچىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ.

ئۇلار بېلەتكە ئاساسەن ئورۇنلىرىنى تېپىپ بولغاندىن كىيىن تاڭ سىڭ:

-ئامىي توبو،ھەرنىم بولسا نوملارنى تېنچ-ئامان ئېلىۋالدۇق.ئەمدىغۇ تاڭ مەملىكىتىگە بارسام بىرەسى مېنى تاك ئېتىپ چىكەلمەس؟ئەگەر ئۇلار مېنى بوزەك قىلغۇدەك بولسا،ۋۇكۇڭ سەنمۇ قاراپ تۇرماسسەن؟

سۇن ۋۇكۇڭ:

-ئەلۋەتتە ئۇستاز،ئەلۋەتتە قاراپ تۇرمايمەن.ئەگەر سىزنى بىرەسى بوزەك قىلسە قۇلىقىمدىكى گۈرزەم بىلەن راسا ئەدىبىنى بېرىمەن-دەڭا.

تاڭ سىڭ:

-ئەگەر شۇنداق بولسا ئۇلارنى ئۆلتۈرۋەتسەڭمۇ مەيلى.ئەگەر ساقچى ئىدارىسى بايقاپ قالغۇدەك بولسا ،ئۇلارنى پادىشاھقا دەپ خىزمىتىدىن بۇشىتىۋېتىمەن.

ئۇلار شۇنداق كۈلكە-چاقچاقلار بىلەن ئۇخلاپ قاپتۇ.ئۇلارنىڭ گەپلىرى ئاڭلاپ تۇرغان،ئايرۇپىلان كۈتكۈچىسى سىياقىغا كىرۋالغان ئاۋارۈك سۇۋارا بۇدساتۋا يېنىدىكىلەردىن سوراپتۇ:

-تاڭ سىڭ ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى جەمئىي قانچە مۈشكۈلاتقا ئۇچرىدى؟

-80 مۈشكۈلاتقا ئۇچرىدى بۇدساتۋا،

ئاۋارۈك سۇۋارا:

-بۇ بولماپتۇ،بۇددىدا تۇققۇز يەردە تۇققۇز سەكسەن بىر بۇلۇشى كېرەك.تاتىھاگاتۇ ئەپەندىمگە تېلىفون ئۇرۇپ سوراپ باقاي.(تېلىفوننى قولىغا ئېلىپ)تاتىھاگاتۇ ھەزرەتلىرى،ياخشىمۇ؟تاڭ راھىبلىرى يولبۇيى 80 مۈشكۈلاتقا ئۇچراپتۇ.يەنە بىر مۈشكۈلات كەم قاپتۇ.قانداق قىلساق بۇلار؟

تاتىھاگاتۇ:

-مۇشۇنچىلىك ئىشنىمۇ مەندىن سوراپ يۈرەمسىز؟ھازىر ئەرشنىڭ كەلگۈسى ستراتىگىيلىك تەرەققىياتى ئۈستىدە تەھلىل ئېلىپ بېرىۋاتىمەن.مېنى ئاۋارە قىلماڭ.ئۆزىڭىز قاراپ بىر تەرەپ قىلىڭ.

ئاۋارۈك سۇۋارا بۇدساتۋا ئۇيان ئويلاو،بۇيان ئويلاپ ئاخىرى بىر ئامال تېپىپتۇ.ئۇ قول ئاستىدىكىلەرگە دەپ تاڭ راھىبلىرى ۋە نوملارنى پاراشوتقا چىگىپ پەسكە تاشلىۋېتىپتۇ.تاڭ راھىبلىرى ئۇيقۇسىنى ئىچىپ قارىغۇدەك بولسا يەرگە چۈشۈپ بولغان ئىكەن.نوملىرى بولسا قالايمىقان چىچىلىپ كىتىپتۇ.جۇباجيې:

-ۋوي ئۇستاز،بۇ نېمە ئىش ئەمدى؟بىزنى نېمىشقا ئايرۇپىلاندىن تاشلىۋېتىدۇ؟ بىز ئۇخلاپ قىلىپ چۈشۈپ كەتتۇقمۇ-يا؟

شيا ۋۇجىڭ:

-بۇ مۇمكىنمۇ ئاغا؟شۇنچە يۇمشاق ئورۇندۇقتا ئۇخلىغان تۇرساق،قانداق چۈشۈپ كېتىمىز؟بۇ زادى نېمە ئىش بولۇپ كەتتى ئۇستاز؟ھەي ئەمدى قانداق قىلساق بۇلار...؟

تاڭ سىڭ:

-بولدى شاگىرتلىرىم،نوملارنى يىغايلى.

ئۇلار نومنى يىغىۋاتقان چاغدا،سۇن ۋۇكۇڭ تۇيۇقسىز ۋارقىراپ كىتىپتۇ:

   -ھە!ئۇستاز بۇ نېمە ئىش ئەمدى؟نوملار قۇپقۇرۇق تۇرىدىغۇ؟بۇ نوملاردا ھىچقانداق خەت يوقكەن.بىز...بىز...بىز ئالدىنىپتۇق.

ئۇلار چۆچۈپ ھەممە نوملارنى ۋاراقلاپ قارىسا ھەممىسى قۇرۇق تۇرغۇدەك.ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئالدانغانلىقىنى بىلىپ ناھايىتى ئاچچىقى كېلىپ،قوللىرىغا قۇرال ئېلىپ‹‹گۆھەر نەيشىن ئىبادەتخانىسى››يىتىپ كەپتۇ.سۇن ۋۇكۇڭئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرە-كىرمەيلاۋارقىراشقا باشلاپتۇ:

  -ۋۇ ئەبلەخلەر،غۇجاكاڭنى ئالدىغۇدەك بۇلۇشۇپسەندە.سىلەر ‹‹ئۇخلاپ ياتقان يولۋاسنىڭ تۈكىنى يۇلماق››بۇلۇشتۇڭ.ئۆزەڭلارغا ئۆزەڭلار قىلدىڭلار.مەندىن رەنجىشمە.ئەمدى ئاتالمىش ئىبادەتخاناڭلارنى گۈرزەم بىلەن تۈپتۈز قىلىپ تۈزلىۋەتمىسەم.

جۇباجيې:

  -ئاغام تۇغرا دەيدۇ.تىز ئاغامغا يالۋۇرۇشمىساڭ،كۆرگىلىكىڭنى كۆرىسەن.

بۇ چاغدا ئاۋارۈك سۇۋارا سەۋرچانلىق بىلەن مۇنداق دەپتۇ؛

  -مايمۇن جانابلىرى،مۇنداق دېسىلە بولمايدۇ.بۇددىدا تۇققۇز يەردە تۇققۇز سەكسەن بىر بۇلمىسا بولمايدۇ.شۇڭا سىلەرنى بۇ پالاكەتكە ئۇچراتقان،ھەر قايسىلىرى خاپا بۇلۇشمىغايلا!

سۇن ۋۇكۇڭ:

  -كۆتۈرۈڭ ئۇنداق پەلپەتىش گەپلىرىڭىزنى.مەن ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان ئىش-باشقىلارنىڭ مېنى ئالدىشى.

ئاۋارۈك سۇۋارا:

  -بولدى،خاپا بولمىغايلا.مەن ناماقۇل بۇلدۇمغۇ؟بولدى.بولدى-ھە.ھازىر سائەت بەش بوپتۇ.ھېلىقى سىلەر ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان يازغۇچىلار مۇنبىرىغا يەنىمۇ ئېسىل مەزمونلەر قۇشۇلغاندۇ بەلكىم.مەن كومپيوتېرنى ئىچىپ تەق قىلىپ قويغان.قېنى مېنىڭ ئىشخانامغا مەرھەممەت.

جۇباجيې:

  -ھە!‹‹يازغۇچىلار مۇنبىرى››؟ئاغا بولدى قىلىڭە.تىز كومپىيوتېرنى ئاچايلى.قانداق دېمىدىم شيا سىڭ ئىنىم؟

سۇن ۋۇكۇڭ:
-بوپتۇ،يازغۇچىلار مۇنبىرىدىكى داڭلىق ئەدىبلىرىمىزنىڭ يۈزىنى قىلاي.

    تاڭ راھىبلىرى ئاۋارۈك سۇۋارانىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ،يازغۇچىلار مۇنبىرىدىكى يىڭى مەزمونلارنى كۆرۈپ،ئۇلار ھەممىنى ئۇنتۇپ كومپىيوتېرغا قاراپ ئولتۇرۇپتۇ.



                                    تاڭ راھىبلىرىنىڭ ئۇنۋانغا ئېرىشىشى

                                                       (3-قىسىم)

سۇن ۋۇكۇڭ يازغۇچىلار مۇنبىرىدىكى ئېسىل ئەسەرلەردىن بەھرىمان بولۇپ،ئاچچىقىنى بېسىۋېلىپ ئۇخلاپ قاپتۇ.ئەتىسى خۇددى يامان چۈش كۆرۈپ قالغاندەك،تاڭ سەھەر ھەمراھلىرىنى باشلاپ بىۋاستە تاتىھاگاتونىڭ ھۇزورىغا يېتىپ كەپتۇ.ئۇ ئاچچىقلىنىپ مۇنداق دەپتۇ:

-تاتىھاگاتۇ جانابلىرى،بىز شۇنچە كۆپ يول بىسىپ بۇ يەرگە كەلسەك،بىزنىڭ ئازراقمۇ يۈزىمىزنى قىلمىدىلا جۇمۇ؟ئەجەپ بىزنىڭ ئالدىمىزغا چىقىپمۇ قويمىدىلا-يا؟ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخى بىزنى ئالداشقا پېتىنىپلا.بۇ نېمە قىلىق ئەمدى؟

تاتىھاگاتۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ:

-ھە بۇ مايمۇن جانابلىرىنى-زە.ھېچنېمىنى نېسىي قويمايدۇ-ھە؟بىز بۇددىدىكى قائىدە بۇيىچە ئىش كۆردۇق.سىلەرنى مالال قىلىپ قويدۇق.خاپا بۇلۇشمىغايلا.مەن سىلەرگە ناماقۇللىقىمنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ھەقىقىي نومنى ئۆزۈم ئېلىپ بېرەي.

شۇنداق قېلىپ ئۇلار تاتىھاگاتۇنىڭ كەينىدىن مېڭىپ ھەقىقىي نومنى ئاپتۇ.ماڭار چاغدا سۇن ۋۇكۇڭ:

-تاتىھاگاتۇ،بىز تۆتىمىز شۇنچە يىل ئۇزۇن يول يۈرۈپ،مۇشۇ بىر نەچچە چامدان نومنى ئېلىش ئۈچۈن كەپتۇقتە؟ھەي...ئىسىت...بەك ۋاقىت ئىسراپچىلىقى بۇلۇپتۇ.

شيا ۋۇجىڭ:

-شۇنى دەڭا چوڭ ئاغا،مۇشۇ نومنى ئېلىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان ۋاقتىمىزنى ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇشقا سەرپ قىلساقچۇ؟

تاڭ سىڭ:

  -شاگىرتلىرىم،راست دەيسىلەر.سىلەر مېنىڭ كەينىمگە كىرىپ ۋاقتىڭلارنى بەك ئىسراپ قىلۋېتىپسىلەر.بۇنىڭ ھەممىسى قۇرۇق ئاۋارە بولغانلىققۇ؟لېكىن تاتىھاگاتۇ جانابلىرى مېنى ۋە سېلەرنى ھەرگىز ئۈمىدسىزلەندۈرمەيدىغۇ-دەيمەن.شۇنداقمۇ تاتىھاگاتۇ ھەزرىتىم؟

تاتىھاگاتۇ:

-ھەممىلىرىگە ۋۇكۇڭ ھەزرەتنىڭ بىرەر ئىشنى نېسىي قويمايدىغان خاراكتىرى يۇقۇپتۇ.بوپتۇ،ئەمىسە ھەر قايسىلىرى ئىبادەتخانىمىزنىڭ يىغىن زالىغا يىغىلىشقايلا.

ھەممايلان بىردەمدىلا يېغىن زالىغا يېغىلىشىپتۇ.تاتىھاگاتۇنىڭ كاتىپى ئاۋارۈك سۇۋارا يېغىنغا رىياسەتچىلىك قېلىپتۇ.ئۇ يېغىن زالىنىڭ مۇنبىرىگە چىقىپ سۆز باشلاپتۇ:

-تاڭ مەملىكىتىنىڭ راھىبلىرى تاڭ سىڭ،سۇن ۋۇكۇڭ،جۇباجيې ۋە شياۋۇجىڭلار نوم ئېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن يوللارنى بېسىپ كۆپ ۋاقتىنى سەرپ قىلۋەتتى.شۇڭا ئۇلارنىڭ بۇ ۋاقىتلىرىنى تولدۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ئۇلارغا ئۇنۋان بېرىلدۇ.نۆۋەتتە ئىبادەتخانىمىزنىڭ باش دېرىكتورى تاتىھاگاتۇ ئەپەندىنى ئۇلارغا ئۇنۋان تارقىتىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلايلى!

قىزغىن ئالقىش-چاۋاكلار بىلەن تەڭ تاتىھاگاتۇ سەھنىگە چىقىپ سۆزلەپتۇ:

-سۇن ۋۇكۇڭ يولبۇيى سەگەك ۋە چىچەن بۇلۇپ ئۇستازىنى ۋە ھەمراھلىرىنى ئالۋاستىلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قوغداپ ناھايىتى چوڭ تۆھپە كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ماگىستىرلىق ئۇنۋانى بېرىلدى.(قىزغىن چاۋاكلار چېلىنىپتۇ)شيا ۋۇجىڭ يولبۇيى سەۋرچان ھەم سەگەك بۇلۇپ،مۇھەببەت نەپرىتىنى ئېنىق ئايرىپ،ئېغىر يۈك-تاقلارنى كۆتۈرۈپ جاپا تارتقانلىقى ئۈچۈن،ئۇنىڭغا تۇلۇق كۇرس ئۇنۋانى بېرىلدى. (قىزغىن چاۋاكلار چېلىنىپتۇ).تاڭ سىڭ بىلەن جۇباجيې يوبۇيى كاللىسىنى ئىشلەتمەي،داۋاملىق ئالۋاستىلارنىڭ دامىغا چۈشۈپ،سۇن ۋۇكۇڭغا ئىشەنمەي،شۇنداقلا ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنى تېپىپ كەلگەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇددىغا خىلاپلىق قىلىپ توي قىلغان.لېكىن ئۇلارنىڭ نومنى ئېلىش ئۈچۈن كەتكەن ۋاقتىنى ۋە بۇددىغا بولغان مۇھەببىتىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇلارغا مەخسۇس كۇرس دېپلومى بېرىلدى. (قىزغىن چاۋاكلار چېلىنىپتۇ).ئاق ئات بولسا يولبۇيى تاڭ سىڭنى ۋە يۈك-تاقلارنى كۆتۈرۈپ كۆپ رىيازەت چەكتى.شۇڭا ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بولغان تېنچ ئوكياندىكى ئالىي بىلىم يۇرتىدا داۋاملىق بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىلىدۇ.ئۇنىڭ بىلىم ئېلىش ئۈچۈن كەتكەن بارلىق خىراجىتىنى ئىبادەتخانىمىزنىڭ مالىيە بۆلىمى ئۈستىگە ئالىدۇ. (قىزغىن چاۋاكلار چېلىنىپتۇ).

بۇدساتۋا:

  -بىز بۇ تۆتەيلەننىڭ تارتقان جاپاسىغا چۇشلۇق ئالغان ئۇنۋانلىرىغا يەنە بىر قېتىم ئالقىش ياڭرىتايلى. (قىزغىن چاۋاكلار چېلىنىپتۇ).بىز ئۇلارنىڭ بۇندىن كىيىنكى سەپىرىنىڭ ئۇڭۇشلۇق بۇلۇشىنى،ئۇلارغا ئامىرىكىچە ئامەت،قاھىرەچە قامەت،جۇڭگوچە جاسارەت،ئاي شارىدەك بەخت ۋە يەر شارىدەك گۈزەللىكنىڭ يار بۇلىشىنى تىلەيمىز.

تاڭ سىڭ:

-مەن ئىتىراز بىلدۈرىمەن.نېمىشقا مەن ئۇستاز تۇرۇپ شاگىرتلىرىمدىن تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇپ قالىمەن.ئەگەر مەن نوم ئېلىشقا تەمشەلمىگەن بولسام،ئۇلار مۇشۇنچىۋالا ئابرويغا ئىگە بۇلالامتى؟مەن بۇنىڭغا نارازى.

تاتىھاگاتۇ:

-ئىتىراز بىلدۈرۈش ئىناۋەتسىز.بۇ دېگەن ئىشلىگەن چىشلەيدىغان زامان.سىز يولبۇيى نېمە ئىش قىلىپ بەردىڭىز؟قېنى سىز بىزگە‹‹ماۋۇ ئىشنى مەن قىلدىم››دەپ بېرەلەمسىز؟

تاڭ سىڭ:

-ئەجىبا مەن ئالۋاستىلارنىڭ توزىقىغا قەستەن چۈشۈپ قالدىممۇ؟سىلەر بىلمەيسىلەر،يولبۇيى ئەڭ جاپا تارتقان ئادەم مەن جۇمۇ بىلىپ قۇيۇڭلار.ۋۇكۇڭ كۈنبۇيى پۇتى ككيگەن توخۇدەك ئۇيان-بۇيان سەكرىسە،بىردەم يەل تاپاندەك كۆكتە پەرۋاز قىلىپ يۈردى.سەگەك ھەم چىچەنمىش تېىى؟بۇنى قانداقمۇ سەگەكلىك،چىچەنلىك دېگىلى بولسۇن؟

جۇباجيې:

-شۇ ئەمەسمۇ ئۇستاز،ماختاپ ئۇچۇرۇپ كەتكىنىنى تېخى.يولبۇيى بىزگە ئاۋارىچىلىك تېپىپ بەرگەن ئادەم مۇشۇ ئىككىسى.

سۇن ۋۇكۇڭ:

توۋۋا شيا سىڭ ئىنىم،بۇ قارا يۈزلەرنىڭ بىزنى كۆرەلمەيۋاتقانلىقىنى قارا.بىز بولمىساق ئىككىڭ بۇددىغا خىلاپ نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشاتتىڭ قۇمۇ؟

ئاۋارۈك سۇۋارا:

-بولدى،بولدى..تالاشماڭلار.بۇ يۇقىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى.ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.قېنى ئەمىسە كۆپچىلىك،بىز ھازىر كومپيوتېرنى ئاچايلى.يازغۇچىلار مۇنبىرىغا بىزنىڭ ئۇنۋان تارقىتىش مۇراسىمىمىزنى چىقىرىپتۇ.

ئاۋارۈك سۇۋارانىڭ كومپيوتېرنى ئېچىشى بىلەن تەڭ ھەممىسى كومپيوتېرنىڭ ئەتراپىغا ئۇلىشىپ  بايىقى نارازىلىقىنى ئۇنتۇپ قاپتۇ.




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ماھىنۇر ئوسمان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-9 17:17  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-12-10 00:27:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمانداق قىززىق.ھارمىغايسىز.

ۋاقتى: 2013-12-10 00:44:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر  بىر  قىسمىغا  بىر  پارچە  يازغان  بولسىڭىز  ھە!
بەك يۇمۇرىستىك چىقىپتۇ.ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

ۋاقتى: 2013-12-10 11:14:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى يېزلىپتۇ،ھارمىغايسىز،ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2013-12-10 12:43:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولۇپمۇ ئاۋۇ شېئىر بەك ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ.

ۋاقتى: 2013-12-10 21:58:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن كۈلكىلىك چىقىپتۇ، قۇلىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.

ۋاقتى: 2013-12-12 14:43:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك قىزىقارلىق چىقىپتۇ

ۋاقتى: 2013-12-12 22:47:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىشقا بىزدە غەرپكە ساياھەت توغرىسىدا تېمىلار جىقلاپ كېتىدۇ؟ بۇ ئىشقا ھەيرانمەن.

ۋاقتى: 2013-12-13 00:59:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەھنە ئەسەرلىرىگە تەۋە ژانىرلاردا يەنىمۇ ئىزدىنىپ باققايسىز!

ۋاقتى: 2014-1-24 18:26:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر-بىرىدىن قىزىقارلىق ئىكەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش