يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 987|ئىنكاس: 2

شېۋىتسىيەنىڭ لۇنددىكى شىنجاڭ تەتقىقاتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
شېۋىتسىيەنىڭ لۇنددىكى شىنجاڭ تەتقىقاتى

گۇننار ياررىڭ (شېۋىتسىيە)

Gunnar yarring.jpg
گۇننار ياررىڭ

تەرجىمان : ئىمىن تاجى تۈرگۈن

    19 -ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى ئون يىلىدا شىنجاڭدا بىر تۈركۈم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تېپىلىپ دۇنيا ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ جۇڭگۇنىڭ ئەڭ غەربىدىكى ئۆلكە شۇنداقلا يىپەك يولىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي يوللىرىدىكى مۇھىم  ۋە قەدىمىي ئۆتەڭلەرنىڭ بىرى بولغان بۇ زېمىندا خېلى بۇرۇنلا كىشىلەرنىڭ ئىشلىتىش ئىستىمالىدىن قالغان ، ئەمما ناھايىتى مۇھىم ۋە قىممەتلىك بولغان يېزىقلار ۋە بۇ يېزىقتا  قالدۇرۇلغان يادىكارلىقلار تېپىلغان ئىدى. بۇ جەھەتتە چوڭقۇرلاپ ئېلىپ بىرىلغان تەتقىقاتلار ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ھەمدە ئادەمنى خۇشال قىلغۇدەك نەتىجىلەرنىمۇ روياپقا چىقارغان. مانا مۇشۇنداق شارائىتتا، شىۋىتسىيە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنى 1925-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى لۇنددا قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ تەتقىقات ئورنى شىۋىتسىيەنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيانى تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت مەقسىدى ئاساسىدا قۇرۇلغان ئىدى. بۇ تەتقىقات ئورنى يەنە ئىلمىي مەجمۇئەلەرنى تەسىس قىلغان ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇنىڭغا قوشنا رايونلاردا ئېلىپ بىرىلىدىغان ئىلمىي ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەرنى مەبلەغ بىلەن تەمىن ئەتكەن. بۇ تەتقىقات ئورنىنىڭ قوللىشى بىلەن ئىلىم ساھەسىدە نۇرغۇنلىغان مۇنەۋۋەر تىلشۇناسلار ۋە شەرقشۇناس ئالىملار يېتىشىپ چىققان. بۇ تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ھىندىستانلىق ئالىم، شىۋىتسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى ئەڭ چوڭ لۇغەتنىڭ باش تۈزگۈچىلىكىنى ئۈستىگە ئالغان پروفىسسور ئىبۇ تۇنىردر ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە دۇنياغا داڭلىق بولغان خەنزۇشۇناس گاۋ بېى خەن، سىلىشتۇرما تىلشۇناسلىق ۋە سانسېكىرت تىلى مۇتەخەسىسى ئىۋارد لىدىڭ، خىبود بودېسىن، ھىندىستانلىق ئالىم يار شابوس ۋە تۈركلوگ گۇستاپ رەكىت قاتارلىقلارمۇ بار ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە تۇر ئەنەي بۇ ئىشلارغا ئاساس سالغۇچى ئاخېئولوگ ۋە مەدەنىي يادىكارلىقلارنى يىغىپ ساقلىغۇچى ئىدى. سىۋىن ھېدىن سىتوكھولىمدىن لۇندغا كېلىپ ڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان ھەمدە بۇ تەتقىقات ئورنىننىڭ پەخرى باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. بۇ شەخسلەر ئىچىدە لۇند ئۇنۋېرسىتىتى سىلىشتۇرما تىلشۇناسلىق كەسپىنىڭ دوتسېنتى ، جۇڭگۇدا دىنى تارقىتىش بىلەن مەشغۇل بولغان يۇھان شاردىنىڭ ئوغلى خەنسىن شاۋئىر  ئەڭ ئاكتىپ، ئەقىللىق ۋە يىتۈك تىلشۇناس  ئىدى. شاۋئىر تەتقىقات ئورنىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋەزىپىسىنى تۇنجى قېتىم ئۈستىگە ئالغان. ئۇ دەسلەپ شىنجاڭغا بېرىپ ئۇ يەردە ئىككى يىل تۇرۇپ ئاندىن پامىر ۋە قەشقەرنىڭ جەنۇبىدىكى ئىران تىللىق مىللەتلەرنىڭ تىللىرىنى بولۇپمۇ ساركۈل تىلىنى تەتقىق قىلماقچى بولغان. ئەمما بۇ پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان. شاۋئىر كېيىن ئۇزۇن مۇددەتلىك تەييارلىقلار ئارقىلىق سوۋىت ئىتپاقى چىگرىسىدىكى پامىرغا يىتىپ بارغان ھەمدە ئۇ يەردىكى ئىران تىللىق مىللەتلەرنىڭ پامىر تىلىنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ خېلى سەۋىيەلىك بىر پارچە ئىلمىي ئەسەرنى يازغان . لېكىن بۇ كىتاب ئۇ ۋاپات بولغان 1930-يىلىدىن كېيىن ئاندىن نەشىر قىلىنغان.
شىۋىتسىيە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ۋاقتى ئۇزۇن ئەمەس شۇنداقلا چوڭ تەتقىقات پىلانلىرىنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرالىغان ئەمەس. ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن تەتقىقات ئورنى ھېچ بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغان. بۇ تەتقىقات ئورنىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ئىلمىي يىغىنى ئالاھىزەل 1927-يىلى چاقىرىلغان ئىدى.
لۇنددىكى شىنجاڭ تەتقىقاتىمۇ مۇشۇ سەۋەبلەر بىلەن توختاپ قالغان. 1924-يىلى لۇند ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ تۈرك تىلشۇناسلىقى بويىچە دوتسېنتلىق كەسپىي ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن گۇستاپ رەكىت دوختۇر ۋە دىن تارقاتقۇچى سالاھىيىتى بىلەن شىنجاڭغا غەربىي جەنۇبىدىكى قەشقەر ۋە يەكەندە ئون نەچچە يىل تۇرغان. ئۇ مۇشۇ ۋاقىتلاردا شەرقىي تۈرك تىلى (شۇ چاغدا ئىلىم سەھەسىدە ئۇيغۇر تىلىنى مۇشۇ نام بىلەن ئاتاش بىر مەزگىل ئومۇملاشقان ـ تەرجىماندىن ئىزاھات) ھەققىدە بىر نەچچە پارچە ئەسەرنى يېزىپ ئېلان قىلدۇرغان. ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتا ئېلان قىلغان بۇ ئەسەرلىرى خەلقئارادا ناھايىتى داڭلىق ئىدى. شەرقى تۈرك تىلى ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر تىلى دەپ ئاتالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئەڭ داڭلىق ئەسىرى «شەرقي تۈرك تىلى گرامماتىكىسى» (1914-1912-يىللاردا يېزىلغان) ئۈچ بۆلۈمگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى بۆلۈمى «قېسقىچە ئۇيغۇرچە ـ ئېنگىلىزچە لۇغەت» ئىدى. ھازىر شىنجاڭدا تۈزۈلگەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسىغا سىلىشتۇرغاندا، گۇستاپ رەكىت  تۈزگەن« شەرقي تۈرك تىلى گرامماتىكىسى»نىڭ  ۋاقتى ئۆتتى. ئەمما بۇ كىتاب قەدىمكى ئەرەب يېزىقىنى تەتقىق قىلىشتا ناھايىتى مۇھىم ئىلمىي قىممەتكە ئىگە. 1965-يىلىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلار لاتىن يېزىقى ئېلىپبەسىنى ئىشلىتىشكە باشلىغان. ئەمما ئۇيغۇر يېزىقى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بارلىق ئالىملارغا نىسبەتەن ئەرەب يېزىقى بىلىملىرىگە ئىگە بولۇش بىر شەرتكە ئايلانغان.
گۇستاپ رەكىت لۇند ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ تۈرك تىلشۇناسلىقى بويىچە دوتسېنتلىق ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن ۋە ئۇنىڭ ئاساسىي خىزمەتلىرىنى ئۈستىگە ئالغان ۋاقىتلاردا ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر ئېغىز تىلى مەسىلىلىرىگە چېتىلىدۇ. 1927-يىلى ئۇ قەشقەر ۋە يەكەن شېۋىلىرى ھەققىدىكى تەكشۈرۈشلىرىگە ئاساسەن «ئېنگىلىزچە ـ تۈركچە (ئۇيغۇرچە) لۇغەت» نى تۈزۈپ چىققان. بۇ كىتاب تا ھازىرغا قەدەر بىردىنبىر ئېنگىلىزچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت لۇغەت بولۇپ كەلمەكتە. 1909-يىللاردىلا، گۇستاپ رەكىت خېلىنىسكىيدا چىقىدىغان فىن-ئۇگۇر(ئۇيغۇر) ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مەجمۇئەسىدە ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا دائىر نۇرغۇنلىغان ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. 1930-يىلى ئۇ يەنە ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ھېكايىلىرى توپلىمى «تەجى بىلەن زۆھرە»Täji bilä Zohra)) نى نەشىر قىلدۇرغان. 1967-يىلى مەن بۇ كىتابقا سۆزلۈك ئىزاھاتى يېزىپ چىقتىم. گۇستاپ رەكىت يەنە شىنجاڭدىكى ۋەخپە تۈزۈمىنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ «تۈركىستاندىكى ۋەخپە يەر تۈزۈمى» (Eine Kaschigarische Waqf _Urkundc ausder Khodscha _Zeit Ost _Turkestans) ناملىق ئەسىرىنى 1930-يىلى نەشىر قىلدۇرغان. ھەل قىلىش ناھايىتى تەس بولغان بۇ تېمىغا قانۇنشۇناسلىق ۋە ئىسلام دىنىغا ئائىت مەخسۇس ئاتالغۇلار كىرگۈزۈلگەن ئىدى. تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغان يەنە بىر تەرەپ شۇكى، گۇستاپ رەكىت ماننىرھىمنىڭ شىنجاڭنىڭ ئېلىپ كەتكەن شەرقي تۈركچە قوليازمىلارنى مەخسۇس تەتقىق قىلغان. ئۇ  بۇ ھەقتىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ماننىرھىمنىڭ «ئوتتۇرا ئاسىيانى كېسىپ ئۆتۈش» (1940-يىلى نەشىر قىلىنغان) ناملىق كىتابىنىڭ 2-قىسىمىغا كىرگۈزگەن. ئۇنىڭ يەنە بىر پارچە دىنىي-تارىخى ئەسىرى »مۇھەممەدنىڭ دىنى ـــــــــ ئىسلام دىنىنىڭ سىياسى، دىنىي تۇرمۇشى ۋە ھازىرقى تەرەققىقاتى ھەققىدە ئانالىز» ناملىق ئەسىرىدە ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭ جەمئىيىتىدىكى ئورنى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالغان.
        1930 -1929-يىللىرى مەن شىنجاڭدا بىر نەچچە يىل تۇرغان ھەمدە 1933-يىلى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونتېكىسى ھەققىدىكى دوكتۇرلۇق ئىلمىي ماقەلەم «شەرقي تۈرك تىلىنىڭ فونتېكىسى ھەققىدە تەتقىقات» نى يېزىپ شۇ يىلى لۇند ئۇنۋېرسىتىتىدا دوتسېنتلىق ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن. گۇستاپ رەكىت 1937-يىلى پىنسىيىگە چىققاندىن كېيىن مەن ئۇنىڭ خىزمىتىنى ئۆتۈشكە باشلىغان. ئاۋۋالقى ۋەزىپەمگە ئوخشاشلا مېنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتىم ئاساسلىقى شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئېغىز تىلى ھەققىدىكى تەتقىقاتقا مەركەزلەشكەن. 2-دۇنيا ئۇرۇشى سەۋەبلىك مېنىڭ لۇند ئۇنۋېرسىتىتىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتلىرىم بىز مەزگىل ئۈزۈلۈپ قالغان . شۇنىڭدىن كېيىن مەن دىپلۇماتىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. ئەمما مېنىڭ شىنجاڭ ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىم ئۈزۈلۈپ قالماي، كۆپ قېسىم تەتقىقات نەتىجىلىرىم لۇند ئۇنۋېرسىتىتنىڭ نەشىر ئەپكارلىرىدا ئېلان قىلىنىۋەرگەن. گەرچە تۈرك تىلشۇناسلىقدىن ئىبارەت بۇ ئىلىم ھەققىدىكى ئوقۇتۇش بىر مەھەل توختاپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما لۇند ئۇنۋېرسىتىتدا شىنجاڭ ھەققىدىكى تەتقىقات ئەنئەنىسى بۈگۈنگىچە توختام قالماي داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ.
گۇستاپ رەكىت ئۆزىنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر تىلشۇناسلىق ساھەسىدىكى ئىلمىي ئەمگەكلىرىدە، ئاساسلىق زېھنى كۈچىنى قىلىپلاشقان ئەدەبىي تىل ھەققىدىكى تەتقىقاتقا قاراتقان. ئۇنىڭ بىلەن ئوخشىمايدىغىنىم ، مەن ئۇيغۇر  ئېغىز تىلىنى تەتقىق قىلغان ئىدىم. مېنىڭ بۇ ھەقتە يازغان ئەڭ چوڭ ئىلمىي ئەسىرىم «شەرقي تۈرك تىلى تەتقىقات ماتېرىياللىرى» (تۆت قېسىم بولۇپ، 1951-1946-يىللىرى نەشىر قىلىنغان) بولۇپ، مەن بۇ ئەسەردە شىنجاڭنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى خوتەن ۋە قەشقەر ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە ماددىي مەدەنىيىتى ھەققىدە توختالغان ئىدىم. بۇلارنى مەن 1935-يىلى كەشمىردە مەككىدىن ھەق قىلىپ قايتىپ كېلىۋاتقانلاردىن خاترىلىۋالغان تىل مدتېرىياللىرى بولۇپ، كۆپ قېسىمى ئاۋام خەلقنىڭ تىلى. بولۇپمۇ بۇنىڭ ئىچىدە يەنە كۆپ قېسىمى خەت تونۇمايدىغان ساۋاتسىز پۇقرالارنىڭ تىلى ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا مەن شىنجاڭغا بىرىپ تەكشۈرۈشنى نىيەت قىلغان ، لېكىن سىياسى ۋەزىيەتنىڭ قالايمىقانلىقى تۈپەيلى ، مەقسىدىمگە يىتەلمەي، كەشمىردە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن بىر نەچچە يىل ئارلىشىش ئارقىلىق خاتىرلىۋالغان ئىدىم.
بۇ يېزىق ماتېرىياللىرى ئاساسىدا مەن 1964-يىلى ئۇيغۇرچە-ئېنگىلىزچە شېۋىلەر لۇغىتى  «شەرقىي تۈركچە ـئېنگىلىزچە شېۋىلەر لۇغىتى» نى تۈزۈپ چىققان. ئۇيغۇر فولكلورى ۋە ئېرىقشۇناسلىقىنى چۈشىنىشكە ياردىمى تېگىدىغان ئەسەرلىرىمدىن يەنە «ئوتتۇرا ئاسىيا ئەپسانە –رىۋايەتلىرى» (1973-يىلى يېزىلغان، گۇستاپ رەكىتنىڭ شىنجاڭ ئەھۋالى يازغان تېخىچە ئېلان قىلىنمىغان توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن، 1975-يىلى)، يېقىندا يازغان شېۋىت مىسسئۇنىرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ فولكور ئادەتلىرىنى تەكشۈرۈشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شېۋىت مىسسئۇنىرلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدىكى مىللەتشۇناسلىققا ئائىت خەۋەرلەر» ناملىق ئەسەرنى يېزىپ چىقتىم (1979-يىلى)
مېنىڭ ئىلمىي ئەسەرلىرىم ئاساسلىقى ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە فولكلورىغا ئائىتتۇر. ئەمما بۇ مېنىڭ يازما ئەدەبىياتقا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىمدىن دىرەك بەرمەيدۇ. 1930-يىلى مەن ئۇيغۇر تىلى بىلەن كىشلەرگە ئانچە تونۇشلۇق بولمىغان Munazarah (مۇنازىرە ژانىرى)ناملىق مەسەل خاراكتېرلىك شېئىرىي شەكىلدىن پايدىلىنىپ «مېۋىلەرنىڭ مۇنازىرىسى ــ شەرقىي تۈرك خەلق مەسەلى» ناملىق ئەسىرىمدە ئوخشىمىغان مېۋىلەرنى ئۆز-ئارا مۇنازىرىگە سېلىش ئارقىلىق ئارتۇقچىلىق ۋە سەۋەنلىكنىڭ بىر-بىرىگە قارمۇ-قارشى بولغان دېئالىكتىك مۇناسىۋىتىنى ئېچىپ بىرىدىغان ئەسەرنى يېزىپ چىقتىم. مەن يېقىندا يەنە خېلى چوڭ ھەجىمدىكى «قەشقەر يازمىلىرى» ناملىق ئەسەرنى يېزىپ چىقتىم، بۇ ئىسلام-ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ئائىت ئەسەرلەر توپلىمى بولۇپ، ئۇيغۇرچىدىن ئېنگىلىزچىگە تەرجىمە قىلىنغان. ئاخىرىدا ئىزاھات ۋە سۆزلۈك قىسىمى قوشۇمچە قىلىنغان.
شىنجاڭ يەر ناملىرى لۇند ئۇنۋېرسىتىتىدىكى مۇھىم بىر تەتقىقات مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى ئىدى. 1928-يىلى گۇستاپ رەكىت لۇند ئۇنۋېرسىتىتى جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ نەشرى ئەپكارىدا «ئوتتۇرا ئاسىيادا تۈرك تىلىدىكى بىر قانچە جۇغراپىيەلىك يەر جاي ناملىرى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسىدە ئاساسلىقى تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەتراپىدىكى يەر ناملىرى ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بارغان. 1961-يىلى مەن ئىلىك نورىننىڭ 65 ياشقا توشقانلىقىنى خاتىرلەش ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمىغا «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركچە يەر ناملىرى قېسقىچە ئىزاھات» ناملىق ماقالەمدە at öLgän dawan (ئات ئۆلگەن داۋان دېگەن مەنىدە) دېگەندەك يەر ناملىرىنىڭ ئۇيغۇرچە يەر ناملىرىدىكى ئالاھىدە بىر خىل شەكىل ئىكەنلىكىنى، يەر ناملىرىنىڭ بىر جۈملە سۆز ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىغانلىقىدەك بىر خىل ئالاھىدىلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقتىم. بۇلاردىن باشقا مەن يەنە ئىلىك نورىننىڭ نەشىر قىلدۇرغان سىۋىن ھېدىننىڭ «ئوتتۇرا ئاسىيا خەرىتىلەر توپلىمى» غا تۈرك تىلىدىكى يەر ناملىرى ھەققىدىكى ماتېرىيالنى يېزىپ چىقتىم (1967-يىلى)
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، لۇند ئۇنۋېرسىتىتى كۈتۈپخانىسىدا كۆپ مىقداردىكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى قول يازما ئەسەرلىرى ساقلانماقتا. بۇلار ئاساسلىقى گۇستاپ رەكىت توپلىغان قالدۇرغان قوليازمىلار، شېۋىتسىيە دىنىي جەمئىيىتى سېتىۋالغان يازمىلار ۋە مەن شىنجاڭدىكى ۋاقتىمدا يىغىۋالغان قوليازمىلار ئىدى.
ئەڭ ئاخىرىدا لۇند ئۇنۋېرسىتىتىدىكى ئەڭ ياش تارىخشۇناس راش.ئەيكى نىۇيمەن ۋە ئۇنىڭ شىنجاڭ ھازىرقى زامان تارىخى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىنى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. ئۇ 1977-يىلى لۇند ئۇنۋېرسىتىتىدا «1934-1918-يىللىرى بۈيۈك بېرىتانىيە، جۇڭگۇ، روسىيە ۋە ياپۇنىيەنىڭ شىنجاڭدىكى مەنپەئەتى» ناملىق ماقالىسى بىلەن دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن شۇنداقلا  «لۇند ئۇنۋېرسىتىتى دۇنيا تارىخى تەتقىقات ئىلمىي ژورنىلى» دا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ئەسىرى لۇند ئۇنۋېرستىتىدىكى شىنجاڭ تەتقىقاتى ئەنئەنىسىدىكى يېڭى بىر ئالاھىدىلىك بولۇپ قالغان.
30-يىللاردا لۇند ئۇنۋېرسىتىتىدا شىنجاڭ ھەققىدىكى تەتقىقاتلار ئەڭ جانلانغان ئىدى. يۇقىرىدا ئېيتىلغانلىرى ئىجتىمائىي پەن جەھەتتىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىدۇر. ئەمەلىيەتتە لۇند ئۇنۋېرسىتىتىدا شىنجاڭدىكى تەبىئىي پەن تەتقىقاتىدىمۇ خېلى كەڭ كۆلەملىك تەتقىقاتلارمۇ ئېلىپ بىرىلغان. سىۋىن ھېدىننىڭ ئەڭ ئاخىرقى جۇڭگۇغا سەپەر قىلىش ئەترىتىدىكى ئىككى مۇھىم ئەزا ئىلىك نورىن ۋە نورس ئامبورتلار ئەينى لۇند ئۇنۋېرسىتىتىدا خىزمەت قىلاتتى. جۇغراپىيۇن ئىلك نورىن 1937-يىلى «» ناملىق دوكتۇرلۇق ئىلمىي دېسىرتاتسىيەسىنى يېزىپ ئېلان قىلغان ۋە شۇ يىلى دوتسېنتلىق كەسپىي ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن. ئاستېرونۇم نورس ئامبورت 1938-يىلى «شىنجاڭ ۋە شىزاڭنىڭ شىمالىدىكى چىگرىنىڭ بەلگىلىنىشى» ناملىق دوكتۇرلۇق ئىلمىي ماقالىسى بىلەن دوتسېنتلىق كەسپىي ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن. بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى شېۋىتسىيە شىنجاڭ تەتقىقاتىدىكى ناھايىتى نوپۇزلۇق ئالىملار ئىدى. ئەمما ، كېيىن ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى ئۇپسالا ۋە سىتوكھۇلىمغا يۆتكەپ كەتكەن. 1935-يىلى نورس ئامبورت «ساياھەت ئەترىتى» ناملىق ناھايىتى ئېسىل بىر پارچە شىنجاڭ ھەققىدىكى ساھاھەت خاتىرىسىنى ئېلان قىلغان. بۇ بىزنىڭ شىنجاڭ تەتقىقاتى ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى تىلغا ئالغان ۋاقتىمىزدا قوشۇمچە قىلىشقا تېگىشلىك بىر مۇھىم مەزمۇندۇر.
      1978 -يىلى مەن جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بېيجىڭ، ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرلەردە زىيارەتتە بولۇپ، شۇ چاغدىكى جۇڭگۇدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەققىدىكى تەتقىقات خىزمەتلىرىدىن خەۋەردار بولۇش پۇرسىتىگە ئىرىشتىم. شۇڭا مەن بۇ يەردە لۇند ئۇنۋېرسىتىتىدىكى شىنجاڭ ھەققىدە ئېلىپ بىرىلغان تەتقىقاتلاردىن دوكلات بىرشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم. بۇنىڭدىن باشقا مەن «قەشقەرگە قايتا سەپەر» (1979-يىلى) ناملىق ئەسلىمەمدە جۇڭگۇدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەققىدە ئېلىپ بىرىلغان تەتقىقاتلار ۋە بۇ جەھەتتە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ھەققىدە تەپسىلىي توختالدىم.
ئاپتۇر : گۇننار ياررىڭ ( شېۋىتسىيەلىك مەشھۇر ئۇيغۇرشۇناس ئالىم، خەلقئارادا يۇقىرى نوپۇزغا ئىرىشكەن دىپلۇمات)
بۇ ماقالىنى ۋاڭ رۈي جى شېۋىتسىيەدە چىقىدىغان «جۇڭگۇ يىلنامىسى : مايمۇن يىلى»مەجمۇئەسىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان .
ئىمىن تاجى تۈرگۈن خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلدى.
مەنبە : «مىراس» ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 5-سان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-7 00:43  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-12-9 20:43:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەمبەھرلىۋالدىم.گۇننار يارىڭ نوپۇزلۇق تۈركۈلوگ،ئۇيغۇرشۇناس ئالىم.ئىمىن تاجى تۈرگۈننىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر.تېما يوللىغۇچىغىمۇ تەشەككۈر.

ۋاقتى: 2013-12-10 12:34:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شىۋىتسىيلىكلەرگە تەشەككۈر................!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش