كۆرۈش: 1918|ئىنكاس: 0

ئابدۇراخمان ئەزىز ئوغلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
复件_~1.JPG

ئابدۇراخمان ئەزىز ئوغلى 1976-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى يېڭىشەھەر ناھيىسىنىڭ ئەرمۇدۇن يېزا قىرغىز مەھەللىسىدە تۇغۇلغان. مىللىتى قىرغىز.1984-يىلىدىن 1992-يىلىغىچە ئۆز تەۋەلىكىدىكى باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان.1992 -يىلى جەمىيەتكە قەدەم قويغاندىن كىيىن بىر تەرەپتىن  قول ھۆنەرۋەنچىلىك كەسپى بىلەن مەشغۇل بولغاچ يەنە بىر تەرەپتىن ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان.1996-يىلىغىچە قەشقەر «كۆك بۆرە سىر زاۋۇتى»دا تېخنىكا ئۈگەنگەن. 2006-يىلىغىچە ياغاچچىلىق،سىرچىلىق، دىھقان -چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. 2006-يىلىدىن ھازىرغىچە خاس دىھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كىلىۋاتىدۇ.
ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە 1998-يىلى كىرىشىپ قىرغىز تىلىدا چىقىدىغان «قىزىلسۇ گېزىتى»دە «ساقچىنىڭ خېتى» ناملىق تۇنجى ھېكايىسى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان «قىزىلسۇ گېزىتى»،«قىزىلسۇ ئەدەبىياتى»، «پامىر»، «شىنجاڭ قىرغىز ئەدەبىياتى»،«شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، «قەشقەر»،«تىل ۋە تەرجىمە» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇر ۋە قىرغىز تىللىرىدا پوۋېست، ھېكايە، شېئىر، ماقالە، تېلىۋېزىيە تىياتىرى، كىنو سىنارىيىسى قاتارلىق ھەر خىل ژانىردىكى ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان.2000-يىلى قىزىلسۇ قىرغىز نەشىرىياتى تەرىپىدىن «بالا سىرى»ناملىق بالىلار ھېكايىلىرى توپلىمى،2006-يىلى يەنە شۇ نەشىرىيات تەرىپىدىن «بابۇق بوللا» ناملىق تارىخىي رومانى(باشقىلار بىلەن ئاپتۇرلاش) نەشىر قىلىنغان.«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا «سەھرالىق ئاتا» ناملىق پوۋېستى،«پۈتمەس كۆۋرۈك»، «ھارۋىكەش»، «ئاپتوۋۇزدىكى قىز»،«ئوغلۇمنىڭ ئۆيى»، «يېڭىچە خەتنە توي»، «سۇنۇقخانىدا»، «تاشقارىينىڭ ئۆلۈمى»، «ئايرىمخانىدىكى لەتىپە»، «دىھقان كۆڭلى»، «مەن سېنى ئاكام دەيتتىمغۇ»، «موماي ۋە ئوغۇل» ۋە «سەھرادىكى ھېكايە» ناملىق بىر يۈرۈش چاتما ھېكايىلىرى،«ئىگىسىنى تاپالمىغان بەدنام»، «بىر قىزنىڭ ھاۋالىسى»،«ئەمچەك ماجراسى»، «قىرغىز دىھقاندىن سادا» ناملىق پوبلىستىك ماقالىلىرى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ئارىسىدا خېلى ياخشى تەسىر قوزغىعان. «شىنجاڭ قىرغىز ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا «ئاي نۇرى»،«ئايسىز كېچە»،«ئاتا»،«كېيىنكى پۇشايمان يىگىتكە دۈشمەن»،«بالا قاتىل»، «بۇلۇت» قاتارلىق پوۋېست-سىنارىيىلىرى،«ئۆزىمىز ھەققىدە ئويلىنايلى»، «ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ ئۇۋالى كىمگە؟» قاتارلىق پوبلىستىك ماقالىلىرى، «قەشقەر» ژۇرنىلىدا «قىزىل ياغلىق»،«تۇغۇلغان كۈن مەرىكسىى»، «چوناق»،«مۇزلىغان رىسق» قاتارلىق ھېكايىلىرى، قىرغىزچە «قىزىلسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا «ئەتىنىڭ غېمى»، «ئېكىسكۇرسىيە كەلگەن كۈنى»،«قەرز يىغقاندا» قاتارلىق ھېكايە ۋە  بىر قىسىم ئوبزور- ماقالىلىرى ئېلان قىلىنىپ كەلگەن.قىرغىز تىلىدا يېزىلغان  بىر قانچە پارچە سىنارىيىسى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسسىنىڭ قىرغىزچە ئاڭلىتىشىدا ئاۋازغا ئېلىنىپ ئاڭلىتىلىپ كەلمەكتە.قىرغىز تىلىدا يېزىلغان بىر قانچا پارچە شېئىرىغا مۇزىكا ئىشلىنىپ كەڭرى تارقالغان.ئاتاقلىق ماناسچى يۈسۈپ ماماينىڭ ۋارىيانتىدىكى چوڭ ھەجىملىك تارىخىي داستان «قۇرمانبەك»نى سىنارىيىلەشتۈرگەن.«جۇڭگو قىرغىز يازغۇچىلىرىنىڭ تاللانما ئەسەرلىرى»(1) (2007-يىل)،«جۇڭگو قىرغىز يازغۇچىلىرىنىڭ تاللانما ئەسەرلىرى»(2) (2008-يىل) قاتارلىق كوللېكتېپ توپلاملارغا ئەسەرلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن. قىرغىز يازغۇچىسى گۈلزىيا ۋەلى قىزىنىڭ «تۇمانلىق سەھەر»ناملىق رومانىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ نەشىرگە سۇنۇش ئالدىدا تۇرماقتا.
         «شىنجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىرى»www.xjzjxh.com  دا «ئايتماتوۋنى تەۋەللۇت قىلغان قەيسەر ئانا»،«نوبېل ئەدەبىيات موكاپاتى ۋە ئايتماتوۋ» قاتارلىق تەرجىمىلىرى ۋە بىر بۆلۈك شېئىرلىرى ئېلان قىلىنىپ ياخشى تەسىر قوزغىغان.
2011-يىلى 10-ئايدا «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2009-يىلى4-سانىدا يورۇق كۆرگەن «سەھرالىق ئاتا» ناملىق پوۋېستى 18-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات موكاپاتى»غا نائىل بولدى.
ياش دىھقان يازغۇچى ئابدۇراخمان ئەزىز ئوغلى ئۇيغۇر ۋە قىرغىز تىللىرىدىكى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئۆز-ئارا تەرجىمە قىلىپ قېرىنداش ئىككى مىللەت ئەدەبىياتى ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ كەلمەكتە. 1999-يىلى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەميىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن. يېزا،ناھىيە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇ*تايلىرىنىڭ ۋەكىلى.شىنجاڭ يازغۇچىلار جەميىتىنىڭ،شىنجاڭ خەلق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر جەميىتىنىڭ،قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستلىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ، يازغۇچىلار جەميىتىنىڭ ئەزاسى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللاسى +10 يىغىش سەۋەبى
جامغىر + 10 --------

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش