كۆرۈش: 3378|ئىنكاس: 8

ئابدۇمىجىت مۇھەممەد: ئۇلۇغلۇق يولى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۇلۇغلۇق يولى
ئابدۇمىجىت مۇھەممەد


مەلۇمكى، كىشلىك تۇرمۇشتا ھەممە ئادەمنىڭ ئۇلۇغ ئادەم بولغۇسى كىلىدۇ. بىرقىسىم ئەرلەر دائىم ئۆزى ھەققىدە توختىلىپ، «مىنىڭ بىر ئۇلۇغ ئادەم بولغۇم بار ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن جان جەھلىم بىلەن تىرىشپ باقتىم، پۇلمۇ تاپتىم، يۈزمۇ تاپتىم، ئازتولا يولمۇ تاپتىم. بىراق ئۇلۇغلۇق پەللىسىگە يىتەلمەيلا قالماستىن بىر مۇئەللىمچىلىك ھۆرمەتكە، يۈز ئابرۇيغىمۇ ئىرىشەلمىدىم. ئاخىرى ئۆز مەغلۇبىيەتلىرىمگە تەن بىرىشكە مەجبۇر بولدۇم» دېيىشىدۇ. ھەتتا بۇ مەغلۇبىيەتلىرىنىڭ سەۋەبىنى دەۋردىن، جەمئىيەتتىن يەنە قانداقتۇر كىشىلەرنىڭ ئۆز يولىنى تورىغانلىقى، دۈشمەنلىك قىلغانلىقلىرىغا باغلاپ توختىماي داتلىشىدۇ.
بىرقىسىم ئاياللار بولسا ئۆز قەلبىدىكى كۈچلۈك ھېسسىياتلىرىنى، ياۋايى ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى يۇشۇرۇپ ئولتۇرماستىنلا «مېنىڭ بىر ئۇلۇغ ئايال بولغۇم بار ئىدى. كىچىك ۋاقىتلىرىمدىن باشلاپ ئۇلۇغ ئادەم بولۇش ئۈچۈن قانچە تىرىشقان بولساممۇ تىرىشچانلىقلىرىمنىڭ ھەممىسى يوققا چىقتى. كېيىن تۇيۇقسىز بىر مەشھۇر ئادەمنىڭ ئايالى بولۇش ئارقىلىق مەشھۇرلۇققا ئۇلۇغلۇققا ئىرىشمەكچى بولدۇم. ئەمما قانچە قىلىپمۇ بۇ پۇرسەتكە ئىرىشەلمىدىم. ئاخىرى بىر مەشھۇر ئادەمنىڭ، ئۇلۇغ ئادەمنىڭ ئۇقۇتقۇچىسى بولۇش، بۇ ئارقىلىق ئۇلۇغلارنىڭ ئۇلۇغى، مەشھۇرلارنىڭ مەشھۇرى بولۇشنى خالاپ قالدىم» دېيىشىدۇ.
بىزگە مەلۇمكى يەسلىي، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن، تولۇق ئوتتۇرا، ئالى مەكتەپ ئوقۇش باسقۇچلىرىغىچە، ھەتتا ئاسپىرانىتلىق  ئوقۇشىدىن دوكتۇر، دوكتۇر ئاشتىلىق پەللىرىگىچە ھەممە باسقۇچ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆيۈنىشى، ئاسىرىشى، يىتەكلەش ۋە تەربىيىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئوقۇتقۇچى يالغۇز شەخىسكىلا ئەمەس بەلكى، بىر پۈتۈن جەمئىيەت ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىمدۇر. ھەتتا تۇغما تالانىتلىق ئادەملەرمۇ ھامان ئۆزىگە قوزغاتقۇچى بولۇپ بىرىدىغان بىرسىگە مۇھتاج بولىدۇ. يىغلاپ تۇغۇلغان ئىنساننىڭ مەيلى ئۇ داڭلىق شەخىس بولسۇن، ئۇلۇغ ئالىم بولسۇن، رەھبەر ياكى ئادەتتىكى ئىشچى، ھېچ بولمىغاندا بىر ئاددى دىھقان بولسۇن ئۇنىڭ ھاياتى تىراگىدىيە ۋە ھېكايەتلەرگە تولۇپ كەتكەن بولىدۇ، بىز دىققەت بىلەن كۈزۈتسەك ئەشۇ تىراگىدىيە، ھېكايەتلەرنىڭ مەركىزى نوقتىسىدا يەنىلا بىر ئۇلۇغ مۇئەللىم تەبەسسۇم قىلىپ تۇرغان بولىدۇ. ئۇنتۇلمايدۇ، ئۇلۇغلىنىدۇ ۋەياكى بىر مەبۇد، ئەپسانىۋى قەھرىمان سۈپىتىدە تىلدىن تىلغا كۆچۈپ مەڭگۈلۈك ئىپۇس قەھرىمانىغا ئايلىنىدۇ. مەسىلەن ئۇيغۇر مائارىپ تارىىدىكى مەمتىلى ئەپەندى، ئابدۇقادىر دامۇللا، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرلار، تىخىمۇ ئۇزاقنى مىسالغا ئالساق تاتاتۇڭا، ئەبۇ ناسىر سامانى، كومىراجىۋا، ئوغۇزقاغانلار بۇنىڭ مىسالىدۇر.

ئۇنداقتا نىمىشقا ئوقۇتقۇچىلار شۈنچە ئۇلۇغ بولىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبلىرى شۇكى،
بىرىنچىدىن ئوقۇتقۇچىلىق بەدەل تۆلەشنى تەلەپ قىلىدىغان كەسىپتۇر. ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى تەربىيىلەش ئۈچۈن سىز چوقۇپ پۈتۈن زىھنىڭىزنى، مۇھاببىتىڭىزنى ۋە ۋاقتىڭىزنى ئوقۇغۇچىلارغا بىغىشلىشىڭىز كىرەك. شۇندىلا ياش نوتىلارنىڭ تىلىدىن «ھەرقاچان ئىسىمدىن كەتمەيدىغان سۆز، ماڭا ئىلھام بىرىدىغان، مىنى روھلاندۇردىغان ئىددىيە پەقەت ئۇستازىمىنىڭ تىلدىنلا چىقىدۇ» دېگەندەك سادالار ياڭرايدۇ.
ئىككىنچىدىن ئوقۇتقۇچىدا بىرنەرسىمۇ كەم ئەمەس. گەرچە ئوقۇتقۇچىلىق دېگەن بۇ كەسىپ، «نامدا بار ئەمەلدە يوق»، «نامى ئۇلۇغ سۇپىرىسى قۇرۇق» خىزمەتتەك كۆرۈنگىنى بىلەن، سەمىمى ئۇقۇتقۇچىلار شۇنى بايقايدۇكى ئۇلارنىڭ ھاياتىدا بىر چىن ئىنسانغا كىرەكلىك بولغان ھىچ بىر نەرسە كەم بولمايدۇ. گەرچە ئېشىپ-تېشىپ تۇرغۇدەك پۇلى بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ ھاياتىنى كاپالەتلىك قىلغۇدەك بايلىغى بولىدۇ. بۇزۇپ چاچىدىغان، يەپ ئىچىدىغان، يىمەل ئىچمىكى بولمىسىمۇ ئەمما كىشىلىك ئىھتىياجىنى قامدىغۇدەك، باشقىلارنىڭ قولىغا تەلمۈرۈپ نامەرتلەرگە باش ئىگىدىغان نامراتچىلىق بولمايدۇ. گۈزەللىك ۋە نام شۆھرەتتە باشقىلارنىڭ «كۆزىدىن ئوت چىقىرالمىسىمۇ» بىراق، كىشىلىك غۇرۇر، ئائىلە ۋە پەرزەنىتلرىىگە بىغىشلايدىغان مۇكەممەل ۋىجدانى ۋە مۇھەببىتى بولىدۇ. جۈملىدىن كىلىپ-كىتىدىغان دۇنياغا كىرەكلىك بولغان زۆرۈر لازىمەتلىكلەرنىڭ بىرەرسىمۇ ئۇنىڭ ھاياتىدا كەم بولمايدۇ. ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ كىينكى دۇنياغا ئىشەنچ بىلەن ئىلىپ كىتىدىغان نەرسىلىرى ھەم كەم بولمايدۇ.
ئۈچىنچىدىن ئوقۇتقۇچى باشقىلارنى تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئۆزىنى تەربىيلەيدۇ. باشقىلارنىڭ دىلىنى يورۇتۇشتىن بۇرۇن تىنىمسىز رەۋىشتە ئۆز روھىنى، دىلىنى يورۇتۇپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزگىرىۋاتقان ھەربىر دەرىسلىرى، توختىماي ئالمىشىۋاتقان ھەربىر سىنىپ ۋە شۇ سىنىپلاردىكى ھەربىر ئوقۇغۇچىلىرى، ھەتتا مەكتەپتىكى خىزمەتداشلار، رەھبەرلىرىنىڭ ھەربىرىسى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك ۋە خاراكتىرلەرگە ئىگە بولغان ئەقىل بۇلاقلىرى بولۇپ، بۇلار ئۆزلۈكسىز رەۋىشتە بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ تەپەككۇرىنى غىدىقلاپ ئۇنىڭغا يىڭىچە تەپەككۇر شەكىللىرىنى، ئۇنتۇلماس دوستلۇق، ئاخرلاشمايدىغان مۇھەببەتلەرنى ئاتا قىلىدۇ. بۇ ئۇلار يۈكسىلىشىنى ھەرقانداق كەسىپ ساھەسىدىكىلەردىنمۇ تىزلىتىۋىتىدۇ. نەتىجىدە ئوقۇتقۇچىدا ھىېچ كىشىدە بولمىغان بىر ئۇلۇغلۇق ھاسىل بولىدۇ.
تۆتىنچىدىن، تىنمسىز بىيىش، ئۆزلۈكسىز ئىشەنچىگە ئىگە بولۇش، ئۆمىتۋارلىق ۋە ئىپتىخار ئوقۇتقۇچى ئۆمرىنىڭ ئۇزارتىپ، ئۇنىڭ ھۆسنىگە ھۈسۈن قوشۇش بىلەن بىرگە ھاياتىغا تۈگىمەس مەنىلەرنى، قىرىلىققا خۇشال ئەسلىمىلەرنى قاتىدۇ. ھاياتتا دۇنيابىلەن خوشلىشىنىڭ يىقىن پەيىتلىرىدە «مەن بۇ جەمئىيەت ئۈچۈن، خەلىغىم ئۈچۈن مۇنداق ئىشلارنى قىلىپ بىرەلىدىم، ئەتىراپتىكىلەرنىڭ مۇنچىلىك نەرسىلەرنىڭ بىرەلىدىم» دىيەلەيدىغانلار كۆپ ئەمەس. ئەمما ئوقۇتقۇچىلار دەل موشۇ سالاھىيەتكە، موشۇ خىل ھوقۇققا ۋە پۇرسەتكە ئىگە كىشىلەردۇر. جەمئىيەتنىڭ نەتىجىسى ئۇلارنىڭ نەتىجسى، دۇنيانىڭ گۈزەللىكى ئۇلارنىڭ گۈزەللىكىدۇر. بۇ گۈزەللىك، بۇ نەتىجە ئىنسانىيەت ئالىمىدىكى مەلۇم شەخىسنىڭ ئۇلۇغلۇقنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زۆرۈر ئامىللار بولۇپ، بۇ ئامىللار دەل ئوقۇتقۇچىنىڭ چىكىسىدىن ئاققان ھەربىر تامچە تەرى، ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئاققان ھەربىر تىمىم يىشى، ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى ئۈچۈن ئىگە بولىدىغان، تولۇقلىندىغان، خوراپ تۈگەيدىغان ھەربىر تىمىم قىنى بەدىلىگە كىلىدۇ. ئىنىقكى بۇ ئامىللار سەۋەبىدىن ئاپرىدە بولىدىغان ھەرقانداق ئۇلۇغلۇق ۋە شان شەرەپ ئەڭ ئاۋال شۇ ئۇلۇغلۇق، شەرەپكە ئىگە بولغۇچىنىڭ ئۇستازىغا، ئاندىن ئەشۇ شەخىسنىڭ تەلىيى ۋە تىرىشانلىغىغا مەنسۇبتۇر ئەلۋەتتە.
  گىپىمىزنىڭ خۇلاسىسى سۈپىتدە يەنە شۇنى تىلغا ئىلىشقا ئەرزىيدۇكى ئەگەر ئەشۇ ئۇلۇغلۇق ئىگىسى بولمىش ئوقۇتقۇچى بىزدەۋاتقان بىر ئايال، جۈملىدىن بىر ئانا بولسىچۇ؟...
بۇيەردە شۇنداق بىر ئۇلۇغلۇق ئۆزىنى نامايەن قىلىدۇكى گاھ بىر ئائىلىنىڭ تۈۋرىكى سۈپىتىدە ئانلىق سالاھىتىدە ئەقلىمىزنى قايىل قىلسا، گاھ بىر ئانا سۈپىتدە بىرقولىدا بۆشۈكنى يەنە بىرقولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ. گاھ نازاكەتلىك بىر مەھبۇب سۈپىتدە دۇنيانى ھەركەتلەندۈرگۈھى يىگىتلەرنىڭ يۈرىكىنىڭ رىتىملىق سوقۇشلىرىغا سەۋەب بولۇپ تۇرسا، گاھ قاراڭغۇ كىچىدە پىلدىرلاپ يىنىپ تۇرغان بىر شام سۈپىتدە تەشنا قەلىبلەرنىڭ، سەبىي بالىلارنىڭ قەلبىدىكى قاراڭغۇلۇقنى يورۇتۇپ، ئۇلارنىڭ بەخىتكە، كىلەچەككە، پارلاق ئىستىقبالغا يىتەكلەپ، دەۋەت قىلىپ تۇرىدۇ.
ئەگەر شۇ ئۇلۇغلۇقنىڭ ئىگىسى بىر ئەر بولۇپ قالسا، -ھەيھات، خۇددى دۇنيانى ئۆز ئالقىنىدا ئويناتقان ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ ئۇستازى ئارستوتىلدەك، چىڭگىزخاننى- مەسلىھەتچىسى، بالىلىرىنىڭ خاس يىتەكچىسى تاتاتۇڭا دەك، ھۆسەيىن بايقارانىڭ بۇرادىرى، باش مەسلىھەتچىسى ئەلشىر نەۋايىدەك، ھەسەن بۇغرا قاراخاننىڭ خاس ھاجىپى يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك، ئاماننىسا، ئابدۇرەشىتخننىڭ ئۇستازى يۈسۈپ قىدىرخاندەك پۈتۈن دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشىگە، ئىنسانىيەت تەقىدىرىنىڭ قايتىدىن بەلگىلىنىشگە سەۋەب بولۇپ، ئۇلارنىڭ نامى شاگىرىلىرىنىڭ نامى بىلەن تەڭ يادلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ نامى بىلەن تەڭ ياشايدۇ.
مانا موشۇنداق ھېكمەتلەر يوشۇرۇنغان پاكىتلار ئەقلىنى لال قىلىپ تۇرغان قايسى بىر ئىنسان ئوقۇتقۇچىلىقنى ئۇلۇغ دىمەي تۇرالايدۇ. ھەممىگە مەلۇمكى كىشلىك تۇرمۇشتا ھەممە ئادەمنىڭ ئۇلۇغ ئادەم بولغۇسى كىلىدۇ. مەنمۇ بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتىمدە ھەرقاچان بىر ئۇلۇغ ئادەم بولۇشنى خالايمەن. ئەمما مەن بىر ئايال بولغان بولسام ئىدىم بۇ ئۇلۇغلۇقنى ھەرگىزمۇ «ئۇلۇغ بىر ئەرگە ئايال بولۇش يولدىن ئەمەس بەلكى ئۇلۇغ بىر ئادەمگە ئۇستاز بولۇش، ئۇلۇغ بىر مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى بولۇش، ئۇلۇغ بىر مەكتەپ مۇدىرىنىڭ تايانچىسى بولۇش، ئۇلۇغ بىر ۋەزىنىڭ ئادا قىلغۇچىسى بولۇش» ئارقىلىق ئىرىشىشنى خالايىتتىم. ياراتقۇچىنىڭ ھېكمەتلىرى سەۋەبىدىن بىر ئەر، ئائىلە ئاتىسى، ۋەتەننىڭ قوغدىغۇچىسى، ھەقىقەتنىڭ جارچىسى بولۈش سۈپىتىمدە مەن بۇ ئۇلۇغلۇقنى ھەرگىزمۇ مال-دۇنيا، ئەمەل-مەنسەپ، ئاتاق-ئابرۇي، رەزگى قىلمىشلار بابىدىن ئەمەس بەلكى تولىمۇ ئاددى-ساددا، تولىمۇ سەمىمى، تولىمۇ مىھنەتكەش، بور-توزاندىن تون كەيگۈچى بىر ئۇستاز سىماسىدىن ئىرىششنى تاللايمەن.بىر ئۇلۇغ پەرزەنىتكە دادا، بىر ئۇلۇغ ئىسانغا قىرىنداش، بىرئۇلۇغ ئوقۇغۇچىغا ئۇستاز بولۇش يولىدىن ئىزدەيمەن.
دېمەك مەن ئۇقۇتقۇچىلىك كەسپىنى سۆيىمەن، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۈزۈمنى سۆيىمەن. ھاياتىمدىكى ھەربىر مىنۇتنى سۆيىمەن ۋە قەدىرلەيمەن. مانا بۇ مېنىڭ ئۇلۇغلۇق يولۇمدۇر.


مەزكۇر ئەسەر «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى 2013-يىللىق 12-سانىدا ئىلان قىلىنغان.


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-12-5 22:52:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ.بەرىكەتلىك بولغايسىز.مەنمۇ ئۇلۇغلۇق يولۇمنى تاپقاندەك بولدۇم.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-19 01:57:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسىرىمنىڭ يىگانە ئوقۇرمىنىگە تەشەككۇر!...

ۋاقتى: 2014-1-27 04:45:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ياخشى ماقالە ئىكەن بۇ . پايدىلنىش قىممىتى ھەم ئويلۇنۇشقا يىتەكلەش ئىددىيەسى ئۆزىنى جۇلالاندۇرۇپ،«ئۇلۇغلۇق يولى»نى ياخشى ياخشى يۇرۇتۇپ بىرىپتۇ.

ۋاقتى: 2014-11-18 16:43:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى مۇندا تىمىدىكى ئەسەرلەرمۇ ئىلان قىلىندىكەن بۇ مۇنبەردە،جاسارىتىڭىزگە ئاپىرىن

ۋاقتى: 2014-11-18 19:17:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر رىئاللىققا ئۇيغۇن ھەم ناھايتى قايىل قىلارلىق، دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. ئىزدىنىشلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-8 14:01:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز تەمكىن ئەپەندىگە رەھمەت، سىلى ھەم باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئۈلگىلىرىدىن بىرى ئىدىلە...

ۋاقتى: 2016-3-6 18:42:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۇ   بىر  ياخشى ماقالە ئىكەن  . پايدىلنىش قىممىتى ھەم ئويلۇنۇشقا يىتەكلەش ئىددىيەسى خىلىلا كۈچلۈك ئىكەن . ئاپتورغا تەشەككۇر !

ۋاقتى: 2016-3-6 21:38:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ ماقالىدىن ئوقۇتقۇچىلىقنىڭ بۈيۈك ، ئۇلۇغلىقىنى تولۇق ھېس قىلغىلى بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى قانداق ياشاشنىڭ ھەقىقىي ئۇلۇغلۇق يولى ئىكەنلىگىنىمۇ ھەقىقىي ھېس قىلىپ يەتكىلى بولىدىكەن .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش