ھەسرىتا ، كەتتىڭىز باغراش ئاكا !
رۇزى كېرەم يارى
مەن سىزنى قەلىمىڭىز - ئەسىرىڭىز ئارقىلىق تۇنىغان ، تۇنىغاندىن كىيىن ، سىزگە غايىبانە ھالدا كۆڭلۈمدە ھۆرمەت ۋە ھەۋىسىمنى ساقلىغان ئىدىم .
سىز ھىكايە ، پوۋېسىتلارنى قالتىس يازاتتىڭىز ، قەلىمىڭىز توختاۋسىز چاپچىپ تۇرغان ۋە ئالغا ئىلگىرلەۋاتقان بىر تۇلپار ئىدىكى ، ئۇ دىيارىمىزدىن چىقىپ ، پۈتۈن شىنجاڭنى ، پۈتۈن جۇڭگونى ۋە يەنە قانچىلىغان دۆلەتلەرنى كېزىپ ، قەلبىمىزدە شان – شەرەپ ھېس قىلدۇرغان بولسا ، ئەسەرلىرىڭىزدىكى ئاجايىپ ماھارەت ۋە ئۇيغۇرغا خاس ئۆرپ-ئادەت ، ئەخلاق ، ئېتىقاد ، ماددىي مەدەنىيەت ئامىللىرى بىزگە غورور ئاتا قىلغان ئىدى .
سىزنىڭ كىتابلىرىڭىز ، رەسىملىرىڭىز كىتاپ ئىشكاۋىمدا دائىملىق تۇرسىمۇ ، مۇبارەك جىسمىڭىزنى 2004 – يىلى چاقىلىقتىكى «يازغۇچىلار يىغىلىشى» ، سۇلايمان ئابدۇرېھىم رومان ئىجادىيىتى يىغىنىنىڭ ئالدى كەينىدە كۈرۈش نېسىپ بولغان ئىدى .
قەلبىمدىكى ھۆرمەت ۋە سۈيۈنۈش ھېسىياتى شۇ ۋاقىتتا تېخىمۇ چوڭقۇرلىغان ۋە كۈچەيگەن ، سىزنىڭ مەڭگۈ ئۆڭمەس سۆرىتىڭىز قەلب تۈرۈمگە شۇ ۋاقىتتا چېكىلگەن ئىدى .
ھەسرىتا ، مۇھەممەت باغراش ئاكا ! كەتتىڭىز ، يۈرەكلەر يىغلىدى ، كۆزۈم ئېتىشتى . يىغلاپ ئولتۇرۇپ بۇ يازمىلارنى يېزىش ماڭا ئېغىر كېلىۋاتىدۇ . بۇ بىر ۋىدالىشىش – خوشلىشىش يازمىسى بۇلۇپ قالسا ....
مەن سىز ئىمزا قۇيۇپ بەرگەن خاتىرىنى قەدىرلەپ ساقلاپ كەلدىم . شۇ ۋاقىتتا سىز ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ :
- نېمە دەپ يازىمەن ؟!
دىگەن ئىدىڭىز ماڭا . مەن سەل ئوڭايسىزلانغان . چۈنكى نېمە دىيىشنى مەن بىلمەيتتىم ، - دە !
«سىز ئەدەبىياتنى مەشۇقىڭىزنى سۆيگەن يۈرەكتىن سۆيەلىسىڭىزلا ئەدەبىيات چۇقۇم سىزنى تاللىۋالىدۇ .»
مەن بۇ سۆزىڭىزنى مەڭگۈ يادلايمەن . ئۇنۇتمايمەن .
چۈنكى ، بۇرۇن سىزمۇ بىر ھەۋەسكار ئىدىڭىز . سىز شۇنداق قىلىپ ، ئەدەبىيات سىزنى تاللىدى . مەنمۇ مۇشۇ يولنى تۇتسام بىر كۈنلەردە ئەدەبىيات مېنىمۇ تاللاپ قوينىدىن ئورۇن بەرسە ئەجەپ ئەمەس . ئەدەبىياتنى قانچىلىك سۈيۈشتە ئىككىمىز ئوخشىمىساقمۇ ، ئەمما ئەدەبىياتنىڭ قانداق ئادەملەرنى تاللىشىدا ئۆلچەم بىر بۇلۇشى مۇمكىن .
ھەسرىتا ، كەتتىڭىز مۇھەممەت باغراش ئاكا ! يۈرەكتە ئارمان قالدۇرۇپ ! بىر كۈنلەر پۇرسەت كەلسە سىزگە دەيدىغانلىرىم بۇنىڭدىنمۇ كۆپ بۇلۇشى مۇمكىن ئىدى ئەلۋەتتە !
مەن بۇ يىل 7 – ئايدا جەنۇبى تاغدىكى كۇرۇسقا قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم . بۇ پۇرسەت مەن ئۈچۈن قانچىلىك قەدىرلىك بولغان بولسا ، كۇرۇستا تۇنۇشقان بۇرادەرلەر ۋە بىزنى يوقلاپ ، لېكسىيە سۆزلىگەن ئەزىزلەر بىلەن كۈرۈشۈش ، ئۇلار بىلەن يۈزمۇ – يۈز ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىش ، بىللە تاماق يىشىش مەن ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك پۇرسەت بولغانىدى . ھالا بۆگۈنگە كەلگەندە شۇ ۋاقىتتىكى كۈرۈشۈشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈرۈشۈش بۇلۇپ قالىدىغانلىقىنى كىم ئويلىغان .
شۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ تۇرقىڭىزدىن مەردانىلىك ، جۇشقۇنلۇق چىقىپ تۇرسىمۇ ، جىسمىڭىزنى قاپلىغان كېسەللىك سىزنى جۈدەڭگۈ كۆرسىتەتتى . بىز پىچىرلىشىپ سىزنىڭمۇ شۇ نىجىس كېسەلگە گىرىپتار بۇلۇپ داۋالىنىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلگىنىمىزدە ، ھەممىمىز سىزگە ھېسداشلىق قىلغان ، سىزگە سالامەتلىك ، ئۇزۇن ئۆمۈر تىلىگەن ئىدۇق .
سۆھبەتلىرىمىزدە سىز ھاياتىڭىزغا بىرلەشتۈرۈپ ، يېزىقچىلىق تەجرىبىللىرىڭىزنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىنغاندا ، شۇنچە خوشال بولغان ھەم سۆزىڭىزنى باشلاپلا ، يىغا تۇتۇپ ، ئىختىيارسىز تۇرۇپ كەتكەن ئىدىڭىز ۋە ئېغىر خۇرسىنىپ ، سۆزلىرىڭىزنى داۋاملاشتۇرغان ئىدىڭىز .
مەن شۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ تولىمۇ ئىنچىكە ، نازۇك بىر ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلغان ۋە سىزگە قاراپ چوڭقۇر تىنغان ئىدىم .
مەن سىز قايىتارغا يېقىن ، خاتىرە قالدۇرغان دەپتەرنى چىقىرىپ ، ئىمزا قۇيۇپ بېرىشنى ئېيىتتىم . سىز ماڭا قاراپ ، ئىللىق جىلمايغان ۋە «نېمە دەپ يازىمەن» دىگەن ئىدىڭىز . مەن : «مەيلى نېمە دەپلا يېزىپ بەرسىلە بولىۋېرىدۇ » دىدىم ھۆپپىدە قىزىرىپ . ۋە يەنە خىياللىرىم قاناتلىنىپ ئەينى يىلى تۇنجى قېتىم ئىمزا قويدۇرۇش ئۈچۈن خاتىرىنى سۇنغان ۋاقتىمدىكى ھېس – تۇيغۇلار قايتىدىن جىسمىمنى قاپلىدى .
ئاخىرىدا ئۆزەم قۇلۇقۇم بىلەن ئاڭلاپ قالدۇرغان خاتىرىدىن سىزنىڭ دۇردانە سۆزلىرىڭىزنى كۆپچىللىكە ئاشكارىلىغۇم بار :
- نۇرغۇن ئادەملەر يازغۇچى بۇلۇشنى ئارمان قىلىدۇ . ئەدەبىيات ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بەزىلەرنى تاللىۋالىدۇ . بەزىلەر مەڭگۈلۈك ئارمان بىلەن ياشايدۇ .
- ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا دۇچ كېلىدىغان نۇرغۇن تاللاشلار ئەدەبىيات – ھېسىيات مەسىلىسى بۇلۇشى مۇمكىن .
- مودېرنىزىم – ئادەمنىڭ ھېسىياتىغا چىن مۇئامىلە قىلىدىغان ئېقىم .
- ئۈمۈدۈم يېڭىلىق جەھەتتە ئىزدەنسەك ، تېما مەسىلىسىنى ئېجتىمائىي تېمىلارغا يۈزلەندۈرۈش ھەممىدىن مۇھىم .
ھەسرىتا ، كەتتىڭىز مۇھەممەت باغراش ئاكا ! يۇلىڭىز قايان دەپ ئالدىڭىزنى تورىيالمايمىز . سىزنى كېلىپ قالىدۇ دەپ يۇلىڭىزغا قارىيالمايمىز . ئەمما ، سىز بىزنىڭ جىسمىمىزنىڭ ئاجايىپ بىر يېرىگە كۆچتىڭىز . يوقلۇق ئالىمى رەھىمسىز بولسىمۇ ، ئۇ تولىمۇ ئادىل ، سىزگە دوست – دۈشمەنلىرىڭىز ئادىل باھانى بېرىدۇ . سىز ئەجىر قىلغان يازمىللىرىڭىز خۇددى مەڭگۈ تاش ئابىدىلىرىدەك سىزنى كۈيلەيدۇ . ھەر بىر ئۇيغۇر سىزنىڭ نامىڭىزنى خۇددى مەڭگۈ توختىماس بۇرغىدەك ئۈنلەيدۇ .
كورلا
2013 – يىلى 12 – ئاينىڭ 4 - كۈنى
|