لايىق تونۇشتۇرۇش
(ھېكايە)
[ياپونىيە]سۇتسۇكى كېنجى
ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى
-ئاكا، ماڭا تۈزۈكرەك يىگىتتىن بىرنى تونۇشتۇرمامسىز، - دېدى نەۋرە سىڭلىم مىساكى ئاغرىنىپ.
بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا دوستۇم يامازاكى جۇنىچىنى ئۇنىڭغا تونۇشتۇرۇپ قويغانىدىم. نەۋرە سىڭلىم خىيالىدا بالدۇرراق توي قىلىۋالسام، تويدىن كېيىن دۆلەتمەن خانىم بولۇپ ياشىسام دەپ ئويلايتتى.
-شۇنداقمۇ؟ ئاغىنەم بولمامدىكەن؟
-بولدى قىلىڭە، - دېدى مىساكى ئاناردەك قىزىل لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ، - بىرگە تاماق يېگەنىدۇق، پارىڭىمىز پەقەت بىر يەردىن چىقمىدى.
-يامازاكى كەم سۆزرەك.
-ئۇنى كەم سۆز دېگەندىن كۆرە، غەمكىن ئادەم دېگەن تۈزۈككەن.
-ئەمما ناھايىتى سەمىمىي، - دېدىم چۈشەندۈرۈپ، - ياۋاش ھەم ئاق كۆڭۈل. ئۇنىڭ ئانىسى بالدۇرلا قازا قىلىپ كەتكەچكە، دادىسى بىلەنلا تۇرمۇش كەچۈرۈۈپ مۇشۇنداق بولۇپ قالغان بولسا كېرەك.
-ھە، مەيلى نېمىلا دېمەڭ، ئۇ بەك سۆرۈن تەلەت ئادەمكەن. دائىم تاللا بازىرىدا باھاسى چۈشۈرۈلگەن كىيىملەرنى كىيىۋالىدىكەن، - دېدى مىساكى چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ،– مەن ئۇنداق پۇلى يوق قەلەندەرنى ياقتۇرمايمەن. بۇنداق ئادەم بىلەن توي قىلسام ئۆمۈر بويى جاپا تارتىدىغان گەپ، بۇ نېمە دېگەن بىچارىلىك-ھە. شۇڭا مەن پۇلدار، مەرتىۋىلىك ئەرلەرنى ياخشى كۆرىمەن.
-كىم دەيدۇ يامازاكىنى نامرات دەپ؟
-ئەجىبا ئۇنداق ئەمەسما؟
-ئۇلار ناھايىتى پۇلدار، دادىسى چوڭ بىر شىركەتنىڭ دېرىكتورى! ئۇلارنىڭ ئۆيى سېتېگيا رايونىنىڭ ئەڭ ئاۋات جايىدا. ئۆيدە نەچچە خىزمەتچىسى بار.
-شۇنداقمۇ تېخى؟ - مىساكىنىڭ كۆزلىرىدىن ئوت چاقناپ كەتتى.
-پۇلدارلار بېيىغانسېرى، شۇنچە ئاددى يۈرىدۇ.
-بۇنى نېمىشقا بالدۇرراق دېمەيسىز؟
-ئەستا، ئەخلاق پەزىلىتى ھەممىدىن مۇھىم.
-كاتتا شىركەتنىڭ دېرىكتورىمۇ مۇھىم ئەمەسما؟
-ھەي، ئۇ دېگەن ......
-سېتېگيادا كاتتا سارايلىرى بار دەڭ، - دېدى مىساكى كۆرەڭلىك بىلەن، - بوپ قويىدىكەن-ھە.
بىرنەچچە ئايدىن كېيىن يامازاكى جۇنىچىنى ئۇچرىتىپ قالدىم.
-بۇرادەر، مىساكى بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرۇۋاتامسەن؟
-ھەئە، ئانچە-مۇنچە، - دېدى يامازاكى پەرۋاسىز ھالدا، ئۇ يەنىلا روھسىز كۆرۈنەتتى.
-ئۇنداقتا، ئىشلار قانداقراق؟
-ئۇ ھەر كۈنى ئۆيىمىزگە كېلىدۇ، ھەپتە ئاخىرىدا قونۇپمۇ قالىدۇ.
-ھە، ئىشلار ياخشى يۈرۈشۈپتىغۇ! ئۇنداقتا، پات ئارىدا توي قىلىدىكەنسىلەر-دە؟
-بەلكىم.
-بۇ نېمە دېگىنىڭ؟ ئۆزۈڭنىڭ ئىشى تۇرسا ئېرەڭ قىلمايسەنغۇ، خۇشال بولغاندەك كۆرۈنمەيسەن؟
-خۇشال ئەمەس، غەلىتە بولۇپ قالدىم، - دېدى يامازاكى ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ، - مەندىن كىچىك تۇرۇپ ماڭا ئۆگەي ئانا بولىدىغان بولدى!
خەنزۇچە«تەرجىمىلەر» ژۇرنىلى 2013-يىللىق 6-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى
«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 2013-يىللىق 16-نويابىر سانىدىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Arghu تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-4 20:46