كۆرۈش: 699|ئىنكاس: 4

ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلى قەدىمى شەھىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلى شەھىرى (تۆۋەندە قىسقارتىپ «ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى» دېيىلدى) تۇرپان شەھىرى قاراغوجا يېزىسى تەۋەسىدە.ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرىنىڭ ئورنى دېڭىز يۈزىدىن 45 مېتىر تۆۋەن.ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرىنىڭ 3.5 كىلومېتىر شىمالىدا قاراغوجا ـ ئاستانە قەدىمىي قەبرىستانلىقى بار. غەربىي تەرىپى ئاستانە يېزىسى، يەنە قاراماي چېچىلغان يول بار، بۇ يول بىلەن بىۋاسىتە ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرىگە بارغىلى بولىدۇ. قەدىمىي شەھەرنىڭ ئەتراپى مەھەللە، تېرىلغۇ ئېتىز، دەل ـ دەرەخ قاتارلىقلار بىلەن قورشالغان. يەر شەكلى تۈز، توپا قاتلىمى سەل قېلىن، توپا قاتلىمىغا گەرچە مەلۇم نىسبەتتە قۇم ئارىلاشقان، شۇنداق بولسىمۇ تېرىقچىلىق قىلىشقا، دېھقانچىلىق ئۆسۈملۈكلىرىنى ئۆستۈرۈشكە ناھايىتى قولايلىق.ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى، شەھەر سېپىلىنىڭ ئايلانمىسى 5.4 كىلومېتىر كېلىدۇ. كۆلىمى تەخمىنەن 1.58 كۇۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئارخېئولوگشۇناسلار، تارىخشۇناسلار ۋە خەلقئارا بىر تۇتاش ئېتىراپ قىلغان كۆز قاراش بويىچە، تەبىئىي ئايرىسىمى يەنە بىر نۆۋەت دەلىللىنىپ، قەدىمىي شەھەر خارابىلىكى 2A دەپ بېكىتىلدى.ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى تا ھازىرغا قەدەر 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، شەھەرنىڭ سېپىل تاملىرى خېلى ياخشى ساقلانغان. شەھەر خارابىلىكىنىڭ يۈزىنى تۈز كۈزەتكەندە، رەتسىز چاسا شەكىلدە بولۇپ، سېپىللارمۇ، تاشقى شەھەر، ئىچكى شەھەر، ئوردا شەھىرى دەپ ئۈچ قاتلامغا بۆلۈنگەن. سېپىلنىڭ سىرتقى تەرىپى ئەگىمەچ شەكىلدە، ئۇزۇنلۇقى 5.4 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇلىنىڭ قېلىنلىقى تەخمىنەن 12 مېتىر كېلىدۇ. ئېگىزلىكى 10 مېتىر كېلىدۇ. قاڭداپ ياسالغان. شەھەرنىڭ سىرتقى قىسمىدا ئازگاللار بار، شەھەر سېپىلىنىڭ تۆت تەرىپىدە قۇۋۇقى بار، ھازىر خارابە ئىزلىرىنى ناھايىتى ئوچۇق كۆرگىلى بولىدۇ. شەھەرنىڭ ياسىلىش شەكلى، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، تاشقى شەھەرنىڭ غەربىي ـ جەنۇبىي ۋە شەرقىي جەنۇبىدا ئىككى ئورۇندا ساقلانغان بۇددىزم ئىبادەتخانىسى خارابىلىكى بار. شەھەرنىڭ شەرقىي ـ جەنۇبىي بۈرجىكىدىكى ئىبادەتخانا خارابىسى گەرچە كىچىكرەك بولسىمۇ، قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن. تېگى قىسمى چاسا شەكىلگە كەلتۈرۈلگەن. ئىككى قەۋەت توپا سۇپىسى بولۇپ، تۆرۈك ـ يۇمىلاق شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن.ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرىنى قېزىش، تەكشۈرۈش ئىشى ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىدىغان باشلانغان.1902ـ، 1907 ـ يىللىرى گېرمانىيىلىك فون. لىكوك ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ بۇ يەرنى 2 نۆۋەت تەكشۈرگەن. ئوغرىلىقچە قازغان. 1912ـ، 1913 ـ يىللىرى ياپونىيىلىك جىچۇەن شياۋيىلاڭ قاتارلىقلارمۇ بۇ قەدىمىي شەھەرنى قېزىپ باققان.1930 ـ يىللىرىدىن 1957 ـ يىللىرى ئارىلىقىدا، خۇاڭ ۋېنبى ئەپەندى شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە كېلىپ، كۆپ قېتىم بۇ شەھەرنى كۆزدىن كەچۈرگەن.1960 ـ يىللىرى يەن ۋېنرۇ ئەپەندى قاتارلىقلار ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرىنى مەخسۇس تەكشۈرگەن.1976 ـ يىللىرى 3 ـ ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق مۇزىينىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئەترىتى ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرىنى مەخسۇس تەكشۈرگەن.1988 ـ يىل 4 ـ ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى تەكشۈرۈش ئەترىتى بۇ قەدىمىي شەھەرنى مەخسۇس قايتىدىن تەكشۈرگەن.بۇ شەھەر ئەينى زاماندا ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي، ھەربىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، دىنىي مەركىزى بولغان.بۇ يەردە ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ، پارس پادىشاھلىقىنىڭ كۈمۈش تەڭگىسى ۋە 10 دانە «چۇڭنىڭ تۇڭ باۋ» پۇلى تېپىلغان ھەمدە كىچىك بۇت ھەيكىلى، كاھىش، ساپالدا ئىشلەنگەن ئىدىش تۇۋىقى، چوڭ چاقچۇق تەخسىسى قاتارلىقلار تېپىلدى. دېمەك، بۇ قىممەتلىك بۇيۇملار ئىدىقۇت شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت خاراكتېرىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان دەلىل ـ پاكىتلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى «خاقان قەلئەسى» Ⅴ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قۇرۇلغان. Ⅵ ئەسىرلەردە كېڭەيتىلىپ قۇرۇلۇپ ھازىرقى شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن. تاكى ⅩⅥ – ئەسىرگىچە ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، 900 يىلدىن ئارتۇقراق مەۋجۈت بولۇپ تۇرغان.================================مەنبە: «تۇرپان ئاسارەئەتىقىلىرى»، ئابلىم قېيۇم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
http://turpan.biz/blogview.asp?logID=28&cateID=5 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قۇرۇلچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-4 17:24  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-12-6 17:13:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىممەتلىك ماتىرىيال بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىزگە رەھمەت ، قەلەم تۇلپارىڭىز داۋاملىق چاپچىپ تۇرغاي !  

ۋاقتى: 2014-1-25 13:02:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى تېمىلار كۆپلەپ يېزىلىشى كېرەك.

ۋاقتى: 2015-5-10 14:18:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت '

ۋاقتى: 2015-5-10 17:11:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلى قەدىمى شەھىرى»دىكى « ئېلى» دېگەن سۆزنىڭ يېزىلىشى توغرىمۇ، دوستۇم؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش