سەن
(«بەخت كېلىپ ئىشىكنى چەكسە»ناملىق تېلىۋزىيە تىياتىرىدىن)
سەن ئايىقىم سۆيۈپ ئۆتكەن بىر دەريا،
ۋۇجۇدۇمدىن ئازابلارنى ئېپ كەتكەن.
سەن مەن غىڭشىپ ئېيتىپ يۈرگەن بىر ناخشا،
ھىجران بىلەن ۋىساللارغا تەڭ يەتكەن.
شېرىن چۈشسەن ياستۇقۇمنى ھەم سۆيگەن،
مېنىڭ بىلەن تاڭ سەھەرگە ئۇلىنىپ.
بىر چىراغسەن پىلىكلىرى بەك كۆيگەن،
ھەممە يېرىم ئاشۇ تامان نۇرلىنىپ.
سەن بىر دەريا ئاقار سەندە مۇھەببەت،
زەمزەملىرى يۈرىكىمنى سۇغارغان.
بەخت بىلەن چەككەندىمۇ مۇشەققەت،
قۇياش چىقىپ پۈتۈن دۇنيا ئاقارغان.
سەن بېرىسەن مۇھەببەتنى بىر ماڭا،
بىلدۈرىدۇ سۆيگۈڭ يەنە ھەممىنى.
بەخت يولى سوزۇلسىمۇ ئۇزۇنغا،
قولۇم تۇتۇپ يېتىلەيسەن سەن مېنى.
سەن بېرىسەن مۇھەببەتنى بىر ماڭا،
بىلدۈرىدۇ سۆيگۈڭ يەنە ھەممىنى.
بەخت يولى سوزۇلسىمۇ ئۇزۇنغا،
قولۇم تۇتۇپ يېتىلەيسەن سەن مېنى.
|