لوپنۇركۆلىدىن ئۆتتۈم،
لوپنۇر كۆلىدىن ئۆتتۈم،
كونابىرتولۇم بىلەن.
مەن گۈلۈمدىن ئايرىلدىم،
ئازاپلىق زۇلۇم بىلەن.
چۆل باياۋان ئىچىدە،
يۈرۈرمەن كىمىم بىلەن؟
ئىشىكنى ئېچىپ قويسام،
شامال كىردى بۇلۇڭغا.
ئىچىمدىكى دەردىمنى،
قاچىلايمۇ تولۇمغا.
كۆزلىرىم بەسىر بولدى،
قاراۋىرىپ يولۇڭغا.
قۇرغۇيۇم ئۇچۇپ كەتتى،
سۇۋادان تېرەكلەرگە.
يار ئوتى يامان ئىكەن،
دەز كەتتى يۈرەكلەرگە.
ئۆلسەممۇ قاراماسمەن،
سەن ياردىن بۆلەكلەرگە.
قورسىقىمنىڭ ئېچىگە،
خام كۆمەچنى يەپتىمەن.
ئامرىقىم كۆرۈنمىسە،
سۇغا كەتتى دەپتىمەن.
چىلبۆرىنىڭ قەستىنى،
قىلچىمۇ بىلمەپتىمەن.
چولپان بىلەن تەڭ تۇرۇپ،
بەلنى مەھكەم باغلايمەن.
مەن گۈلۈمنى كۆرەلمەي،
كېچە-كۈندۈز يىغلايمەن.
گۈلۈم سىنىڭ ئىشقىڭدا،
يۈرۈكۈمنى تىلغايمەن.
كېچىسى خىيال قىلىپ،
تاغلار چۈشتى بېشىمغا.
ئىچىم تولغان دەردلىرىم،
چىقمايدىكەن تېشىمغا.
غېرىب بولدۇم زار بولدۇم،
گۈلۈم كەلگىن قېشىمغا.
ھاۋادىن ئۇچۇپ چۈشكەن،
ئۆردەكمىكىن،غازمىكىن؟
قىزىلگۈلۈم ئوتۇڭدا،
تارتقان دەردىم ئازمىكىن؟!
باغرىمنى يارىپ باققىن.
يارىممىكىن ①سازمىكىن.
ئوتلار كۆيەر ئىچىمدە،
دەردىن ئۆزۈم بىلەرمەن.
كۆزۈمدىن ئاققان ياشقا،
كېمە سېلىپ ئۆتەرمەن.
ئامان بولسام ئەبەتكە،
گۈلۈم سىنى كۈتەرمەن.
قىش پەسلى بۇلۇپ قالدى،
تارىم ياقىسى توڭلاپ.
پۇتلىرىم يېغىر بولدى،
لوپنۇر كۆلىنى بويلاپ.
يۈرۈكىمگە ئوت كەتتى،
يار سىنى تولا ئويلاپ.
ئۈكە يوللىرىم يارىم،
قادىۋالغىن باشىڭغا.
پەلەك رەھمى كەلمىدى،
كۆزدىن ئاققان ياشىمغا.
ئۇچار قاناتىم بولسا،
بارار ئىدىم قاشىڭغا.
قىزىلگۈلۈم قەلەمقاشىم،
دەريادەك ئاقار ياشىم.
چاڭقىسام لېۋى بىرلەن،
سۇ ئىچىرگەن ئاداشىم.
شۇم پەلەكنىڭ چەرخىدەك،
چۆرگىلەر غېرىپ باشىم.
ماڭدۇرغىلى قويمايدۇ،
كۆزلىرىمگە ياش تولۇپ.
ھەمراھىمدىن ئايرىدى،
ئەيسا② دېگەن باش بولۇپ.
قالدى ھەسرەت ئىچىمدە،
يۈرۈكۈمگە قان تولۇپ.
ئەسكەر تۇتتى لوپنۇردىن،
بۇ ئەيسانىڭ يارلىقى.
جاندىن ئۆتتى جاھالەت،
يوللىرىنىڭ تارلىقى.
شامال كىرسە پىرقىرار،
قىزىلگۈلۈم ياغلىقى.
ياغلىقىنىڭ ئۇچىدا،
جاڭغىرايدۇ قوڭغۇراق.
ئىچىم تولۇپ ئارمانغا،
باغرىم بولدى مىڭ قۇراق.
گۇناھىمنى بىلمەيمەن،
مېنى قىلار كۆپ سوراق.
قىزىلگۈلۈم شۇ تاپتا،
چۆل قۇدۇققا③ يەتكەندۇ.
ئەيسا دېگەن باغرى تاش،
دۆڭ قوتانغا④ يەتكەندۇ.
سەلدەك غەزەپ-قەھرىمىز،
يۈرۈكىگە تەككەندۇ.
سالجىلاردەك شورايدۇ،
لايسۇ لۇققۇ⑤ قانىنى.
ئەيسا دېگەن ئالۋاستى،
ماشەنجاڭنىڭ⑥ ياقىنى.
گۈلۈم ياتقا كۆرسەتمە،
چىشلىرىڭنىڭ ئاقىنى.
تىكەنلىكنىڭ قېشىدا،
قىلارىدىم قويچىلىق.
ھەمراھىمغا ئېيتىڭلار،
يامان ئىكەن بويچىلىق⑦.
پۇلۇم بولسا قولۇمدا،
قىلارمىدىم مۇنچىلىك.
ئىلدامشىدى ئەجەپمۇ،
بۇ قويلارنىڭ توياغى.
قارىسام كۆزۈم يەتمەس،
مەللىلەرنىڭ يىراغى.
باشنى تەشتى يارىلاپ،
ئەيسا بەگنىڭ تاياقى.
نەزمە سالدىم نامىڭغا،
دەرتنى كۆپلەپ تارتقانغا.
مىسكىن ئاتام تەڭلىكتە،
بايغا مېنى ساتقانغا.
ئاسىپ قويىدۇ ئاسقىغا،
بەگكە قوشاق قاتقانغا.
كېچە-كۈندۈز ئىشلەرمەن،
كىيگىنىم ياماق چورۇق.
قوينى بىزلەر سەمىرتسەك،
ئەيسا يەر يوغان قۇيرۇق.
دەيدۇ تېخى تەپ تارتماي،
《شۇدۇر تەڭرىدىن بۇيرۇق》.
جەۋرىگە گىرىپتاردۇر،
پادىچىنىڭ جانلىرى.
خىللاپ يەيدۇ قويلارنى،
ئاچكۆز زامان بايلىرى،
كېپەك بىلەن لويلىكەن،
كەمبەغەلنىڭ نانلىرى.
مەنبە:لوپتېكىن مەدەنىيەت مىراسلىرى تورى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قۇرۇلچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-4 16:20
|