كۆرۈش: 901|ئىنكاس: 0

ئالىمجان نەسىردىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇت 1981-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيە يېڭئۆستەڭ يېزا غۇنچە ئېرىق كەنتىدە تۇغۇلغان.1987-يىلىدىن 2001-يىلىغچە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان.2005-يىلى قەشقەر پىداگوگكا ئنستتوتنىڭ تىل-ئەدەبيات فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن،يەكەن ناھىيە كاچۇڭ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە تەقسىم قىلىنغان.
ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇت 2005-يىلىدىن 2012-يىلىغچە يەتتە يىللىق ئوقۇتقۇچلۇق ۋە ئىجادىيەت مۇساپىسى جەرياندا  ئوقۇتۇش بىلەن ئىجادىيەتنى بىرلەشتۈرۈپ بىر قسىم نەتىجلەرنى قولغا كەلتۈردى.ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتى2003-يىلى ‹‹قەشقەر پىداگوگكا ئنستىتوتى گېزىتى››ئېلان قىلنغان ‹‹كەمتەرلىك ۋە سەۋرچانلىق مۇۋاپپەقيەت قازىنشىنىڭ ئاچقۇچى››ماقالىسى بىلەن باشلانغان.شۇنىڭىدىن تارتىپ،ئۇنىڭ ‹‹نىقاب››ھېكايە،‹‹قورقۇنۇشلۇق چۈش››،ھېكايە،‹‹(ئارتۇق) يولۇچى›› ھېكايە،‹‹ئەرشىكە چىققان ئىت›› ھېكايە،‹‹نوچى پەشۋا›› ھېكايە،‹‹مەخپى تارتىمىنىڭ ئاچقۇچى›› ھېكايە،‹‹ئەقىللىق ئوغۇل››چۆچەك،‹‹پوشايمان يېشى›› بالىلار ھېكايسى،‹‹ئۇستاز قەسىدىسى›› نەسىر،‹‹بەخت ئاچقۇچى قولىڭىزدا›› ماقالە،‹‹ئۈمىد-مۇۋاپپەقيەتنىڭ يولى››،‹‹ماختاش ۋە مەدھىيلەشنىڭ ئوقۇغۇچىلار پسخىكىسىغا كۆرستىدىغان تەسىرى››ئوقۇتۇش تەتقىقات ماقالىسى قاتارلىق ماقالە-ئەسەرلىرى‹‹‹‹قەشقەر گېزىتى››،‹‹قانۇنچلۇق گېزىتى››،‹‹ئشچىلار ۋاقىت گېزىتى››،‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى››ژۇرنلى،‹‹شىنجاڭ مائارىپى››ژۇرنلى،‹‹قىزىلىسۇ ئەدەبياتى››،‹‹جۇڭگو مىللەتلىرى››ژۇرنىلى قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان.
ئۇ  2007-يىلى يەكەن ئەدەبيات-سەنئەت بىرلەشمسىگە ئەزا بولغان.2011-يىلى 6-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەميئىتگە ئەزا بولغان.





ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش