كۆرۈش: 3343|ئىنكاس: 13

پەرھات تۇرسۇن: ئەپلاتۇننىڭ گۈرجىكى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  314
يازما سانى: 338
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 873
تۆھپە : 5
توردا: 143
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-20

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-12-4 08:35:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                                      

2013-يىلى 19-نۆۋەتلىك "خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى"غا ئېرىشكەن ئەسەر

ئەپلاتۇننىڭ گۈرجىكى


پەرھات تۇرسۇن


1

نەۋرە ئاكامنىڭ گۈرجىكىنى يوقىتىپ قويدۇم. بەلكىم يوقىتىپ قويمىغاندىمەن، لېكىن ئۇ يوقالدى دەپ تۇرۇۋېلىپ، ئەسلىدىكى گۈرجەكنىڭ قانداقلىقىنى ئەقىل بىلەن ئىدراك قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان ھالەتكە كىرگۈزۈپ قويغاچقا، ئۇنى يوقالدى دېمەي ئامال بولمىدى.
ئۇنى يوقالغان بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدىغان ئاشۇ كۈنى چۈشتە، نەۋرە ئاكامنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈۋېتىپ، ئۇنىڭ يوغان ئىككى قاناتلىق تۆمۈر دەرۋازىسىنى ئىتتىرىپ ئاچتىم - دە، ئۇنى چاقىردىم. ئەمەلىيەتتە، چاقىرىشىمنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى، چۈنكى ئۇنىڭ تۆمۈر دەرۋازىسىنى ئىتتەرسە چىققان ئاۋاز ھەرقانداق ئادەمنىڭ بار كۈچى بىلەن ۋارقىراپ توۋلىغان ئاۋازىدىن كۈچلۈك ئىدى.
− سادىقانىكا، ھەي، سادىقانىكا!
نەۋرە ئاكامنىڭ توم ۋە كۈچلۈك، قىسقا كەلگەن پۇتلىرى ئۇدۇلدىكى ئۆينىڭ ئىشىكىگە ئېسىلغان پەردىنىڭ ئاستىدا پەيدا بولۇپ، بوسۇغا ئالدىغا قويۇلغان، ئاپتاپتا ئۆڭۈپ، ئۇ يەر بۇ يەرلىرىدە يېرىق پەيدا بولغان ساپما كەشنى ئىزدەشكە باشلىدى.
−ھە، ئۇرايىمبايمۇ سەن ئۇكام؟ كەل، ئۆيگە كىر.
−خوش، مېنىڭ يەنە ئازراق ئىشىم بار ئىدى، − دېدىم مەن ئۇنىڭدىن باياتىن ئارىيەت ئالغان گۈرجەكنى ھويلىدىكى قېرى ئۈجمىگە يۆلەپ قويۇپ، −مەن ماڭاي.
ئاشۇ چاغدا مەن ئۈجمىگە يۆلەپ قويغان گۈرجەكنى تازا رۇس توختاتمىغان بولسام كېرەك، تاراڭلاپ يەرگە ئۆرۈلۈپ چۈشتى. مەن بۇنىڭدىن خۇددى ئاشۇ سىرلىق گۈرجەكنىڭ مەلۇم بېشارەتلىرىنى ھېس قىلغاندەك ئىتتىك ئۆرۈلۈپ كەينىمگە قارىغانىدىم. لېكىن، قايتىپ بېرىپ قايتىدىن يۆلەپ قويمىدىم. چۈنكى، بۇ دىققەتنى ئاغدۇرغۇدەك ئىشمۇ ئەمەس ئىدى. نەۋرە ئاكامنىڭ خىيالى بولسا، ماڭا تۇغقانچىلىقىنى بىلدۈرۈپ يېقىنچىلىق قىلىشتىلا ئىدى.
− كىرىپ بىردەم ئولتۇرۇپ چىقساڭ بولمامتى. يېقىندىن بېرى ئۆزى ھەممىمىز ئۆز ئالاڭچىلىقىمىز بىلەن بولاپ كەتتۇق. ئۇزاق بولاپتۇ ئۆزى، سەن بىلەنمۇ بىر ھال - مۇڭ بولمىغىلى.
− خوش ئاكا، بازارغا بارىدىغان ئىشىم بار ئىدى.
ئۇ ئايالىم ۋە ئىككى بالامنىڭمۇ دەرۋازا تۈۋىدە بارلىقىنى پەرەز قىلغان بولسا كېرەك، شۇنداق دېگىنىچە بىر تاسمىسى ئۈزۈلگەچكە قەدەمدە بىر پۈتىدىن چۈشۈپ قېلىۋاتقان ساپما كەشىنى قايتا - قايتا پۇتىغا سېپىپ، شىپىلدىتىپ دەرۋازىغىچە كەلدى ۋە ئەنجان تامغا گەۋدىسىنى تېگىشكۈدەك يېقىن تۇتۇپ، كۈننىڭ تىكلىشىشىگە ئەگىشىپ كىچىكلەپ كېتىۋاتقان تامنىڭ سايىسىدا تۇرغان ئايالىمنىمۇ ئۆيگە كىرىشكە تەكلىپ قىلدى.
− ھەي خانقىز سىزمۇ بارمىتىڭىز ئۆزى؟ تىنچلىقمۇ ئۇكام، ئىشىك تۈۋىدىلا تۇرغىنىنى قاراڭ. مۇشۇ خانقىززە نېمانچە قىزغانچۇقتۇ، خۇددى ئۆتنىسىگە بېرىشىمىزدىن ئەنسىرىگەندەك، زادىلا ئۆيگە كىرمەيدۇ.
− خوش ئاكا، قوتاندىكى ئۇلاغلارغا ئۇۋال بولۇپ كەتتى، −− ئايالىم شۇنداق دەپ قولتۇقىغا قىستۇرۇۋالغان ئوت - چۆپلەرگە قاراپ قويدى. ئۇنىڭ بەش ئەزاسى بىر - بىرى بىلەن تازا ماسلاشمىغان يۈزلىرى ئۇنى رەھىمسىز بىر ئايالدەك كۆرسىتىپ قويغانىدى، شۇڭا مېنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىم ئۇنىڭغا »مۇز تەلەت« دەپ ئات قويۇۋالغانىدى. ئەمەلىيەتتە، ئۇ بىزنىڭ جەمەتتىكى كېلىنلەر ئىچىدە ئانچە باغرى تاش ئەمەس ئىدى.
نەۋرە ئاكام ئىشلەپ ھېرىپ كەتكەن، ئۇزۇن بويۇنلىرىنى سىڭايان قىلىپ ئارقىسىغا قارىماي كېتىپ بارغان ئىككى ئوغلۇمنى كۆرۈپ تىللىرىنى چاكىلداتتى.
− ھەي، بۇ ئىككى جەڭچىنىمۇ ئېتىزغا ئەچچىقانمۇ؟ بىچارىلەر، كىچىك تۇرسا، شۇلارنى ئىشقا سالساڭلا ئۆزى، بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرى تۈگەپ كېتىدىغاندەك ئۆزى نېمانچە قىلىدىغانسىلەر. ئىش دېگەن يەنە يۈز ئادەمنى ئەچچىقساڭمۇ تۈگىمەيدۇ. پۈتۈن يۇرتقا بەگ بولغان ئۇلۇغ بوۋىمىز مەتقۇناخۇنمۇ تۈگىتىپ بولالمىغان، بوۋىمىز تۇداخۇندىنمۇ، تولا ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولاپ داجەيگە ئېكسكۇرسىيەگە بېرىپ، مامۇت داجەي دەپ نام ئالغان دادامدىنمۇ قالغان ئىشلار بۇ! بۇ ئىشلارچۇ بىز ئۆلگەندە تۈگەيدۇ. ئاشۇ بىچارە بالىلارنى قىينىمىساڭچۇ!...
مەن بالىلىرىمنىڭ ئوتتەك قىزىپ كەتكەن توپىنىڭ كۆيدۈرۈشىگە قارىماستىن، يالىڭاچ پۇتلىرىنى ئېرىنچەكلىك بىلەن يۆتكەپ مېڭىشلىرىغا قاراپ تۇردۇم. ئۇلار ئاخىر توپىنىڭ پۇتلىرىنى كۆيدۈرۈشىگە بەرداشلىق بېرەلمىگەن بولسا كېرەك، تامنىڭ يۆنىلىشى ئاز - تولا غەربكە بۇرالغان يېرىگە چۈشۈپ تۇرغان چوڭراق سايىغا تەڭلا سەكرەپ كىرىپ توختاپ بىز تەرەپكە قاراشتى. بىرى سەككىز، بىرى ئون بىر ياشتىكى بۇ بالىلارنى زادىلا ئىشقا سالغۇم كەلمەيتتى. شۇنداقتىمۇ ئېتىز ئىشلىرىغا بەزىدە مىجەزىم يوق بولۇپ سۆلۈم يېتىشمىگەندە ئۆزۈممۇ خالىمىغان ھالدا ئۇلارنى ئېلىپ چىقاتتىم. ئۇلارنىڭ كىچىككىنە قوللىرىنىڭ گۈرجەك تۇتقىنىنى كۆرۈش مېنى ئازابلايدۇ، لېكىن ئامال يوق. سالامەتلىكىم ياخشى بولغان بولسا، ئۇلارنى ھەرگىزمۇ ئىشقا سالماي، ئېتىز بويىدا لاي ئېتىپ ئويناشقا قويۇپ قويۇپ، ھەممە ئىشنى ئۆزۈم قىلاتتىم. ھېرىپ كەتكىنىمدە ئۇلارنىڭ لاي بولغان قوللىرى، لاي بولغان كىيىملىرى، بۇرۇنلىرىنىڭ چۆرىسىگە چاپلىشىپ قالغان لايلارنى كۆرسەممۇ ھاردۇقۇم چىقىپ قالاتتى.
− كىچىكىدىن ئىشقا پىشسا چوڭ بولغاندا قىينىلىپ قالمايدۇ، − دېدى ئايالىم، مەن نەۋرە ئاكامغا جاۋاب بېرەي دېگۈچە.
بىز خوشلىشايلى دەۋاتقاندا گۈرجەككە ئىللا - بىللا نەزىرىنى سېلىپ قويمىغان نەۋرە ئاكام بىردىنلا ھويلىسىغا تاشلاپ قويغان گۈرجەككە قاراپ ئېيتتى:
− ھوي ئۇكام، بۇ ئۆزى مېنىڭ گۈرجىكىم ئەمەسقۇ ئۆزى؟
مەن ئۈجمىنىڭ تۈۋىدە تۇرغان گۈرجەككە قارىدىم. خۇددى نەۋرە ئاكامنىڭ ئۆزىگىلا ئوخشاش گۈپچەك كەلگەن ئاشۇ گۈرجەكنى نەۋرە ئاكامدىن ئارىيەت ئالغانلىقىم ناھايىتى ئېنىق ئېسىمدە ئىدى. بىر قولىدا قولتۇقىدىكى ئوت - چۆپنى قاماللاپ تۇتقان ئايالىمنىڭ يەنە بىر قولىدىكى سېپى سۆگەت ياغىچىدىن قىلىنغان گۈرجەك بىلەن ئۆزۈمدىكى گۈرجەكنى دولامدىن چۈشۈرۈپ قاراپ باقتىم. بۇنىڭ ھەر ئىككىسى بىز ئىشلىتىپ كېلىۋاتقىلى ئۇزاق يىللار بولغان گۈرجەكلەر ئىدى. ئايالىمنىڭ قولىدىكى گۈرجەك قولغا بەك ياخشى چىقىدىغان بولغاچقا، تولا ئىشلىتىۋېرىش تۈپەيلىدىن ئۇپراپ يۈزى كىچىكلەپ ياي شەكلىگە كىرىپ قالغان، دائىم قول بىلەن تۇتىدىغان يېرىمۇ ئۇپراپ ئىككى يەردە بەلدەمچۈك پەيدا بولۇپ قالغانىدى. يەنە بىر مەزگىل ئىشلەتسىلا، ئاشۇ ئويمان بەلدەمچۈك بار جاي تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ سۇنۇپ كېتىدىغاندەكلا ھالغا چۈشۈپ قالغانىدى. مېنىڭ قولۇمدىكى گۈرجەكنىمۇ ئايالىم بىلەن توي قىلغان يىلى ئۆيدە يېڭى بىر ئەمگەك كۈچى پەيدا بولغانلىقى ئۈچۈن ئالغانىدىم. دادام رەھمەتلىك مېنىڭ قوپال، قولغا ياخشى چىقىپ بەرمەيدىغان گۈرجەكنى سېتىۋالغىنىمغا كايىغانىدى. كېيىن ئۇزاق يىللار ئىشلىتىۋېرىش جەريانىدا ئۇنىڭغا كۆنۈپ قالدۇق ھەم ئۇ ئۆزىمۇ ئۇپراپ ئەپچىللىشىپ كەتتى. شۇنداقتىمۇ ئايالىمنىڭ قولىدىكى گۈرجەك بىلەن مېنىڭ قولۇمدىكى گۈرجەكنى نەۋرە ئاكامغا كۆرسەتتىم.
− بۇلار ئەمەستۇ؟
− ياق، − نەۋرە ئاكام بىزنىڭ قولىمىزدىكى گۈرجەككە قاراپمۇ قويماي كېسىپلا ئېيتتى.
مەن شۇندا ئامالسىز ھارغىنىدىن پۇتلىرىنى ئاران سۆرەپ كېتىۋاتقان ئىككى بالامنى توۋلاپ ئارقىغا قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم.
− ھەي، جەڭچىلەر! قولۇڭلاردىكى گۈرجەكلەرنى ئېلىپ كېلىڭلارچۇ، سادىق داداڭلار قاراپ باقسۇن.
ئۇلارنىڭ قولىدىكى گۈرجەكلەر بولۇشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى، چۈنكى ئۇلار دادامدىن قالغان گۈرجەكلەر بولۇپ، تارىخى ئايالىم بىلەن ئىككىمىزنىڭ قولىدىكىدىنمۇ ئۇزاقراق ئىدى.
بالىلار سەن ئېلىپ بار دېسە سەن ئېلىپ بار دەپ، بىر - بىرىگە بەس قىلىشىپ ئورنىدىن قوزغالماي تۇرۇشاتتى.
− ئۇلارمۇ ئەمەس، ئەكەلمىسىمۇ ئۆزى، كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن، −− دېدى نەۋرە ئاكام چىرايىدا بىردىنلا پەرىشانلىق ئەكس ئەتكەن ھالدا.
مانا شۇنىڭ بىلەن نەۋرە ئاكامنىڭ گۈرجىكى بۇ پانىي ئالەمدىن ئىزسىز غايىب بولدى.
مەن ئىلاجسىز ئايالىم بىلەن بالىلىرىمنى يولغا سېلىۋېتىپ، نەۋرە ئاكام ئۆزىنىڭ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغان ھېلىقى گۈرجەكنى كۆتۈرگىنىمچە ئارقامغا يېنىپ نەۋرە ئاكامنى ئەگەشتۈرگىنىمچە ئارقىلىققا چىقتىم. ئارقىلىقتىكى بارغانسېرى تىكلىشىۋاتقان قۇياش نۇرىدا شۈدىگەر قىلىنغان بوزرەڭ ئېتىزلارمۇ كۆزنى چاقنىتىپ قاينىماقتا ئىدى. مەن قولۇمنى پېشانەمگە سايىۋەن قىلىپ يىراقلارغا قارىدىم. نۇرى بىلەن پۈتكۈل جاھاننى ئىلكىگە ئېلىپ تۇرغان قۇياشقا يۈزلىنىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ ئاستىدىكى كىچىككىنە نەرسىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، قۇياش ۋە يورۇقلۇق قايناپ تۇرغان ئاسماننى كۆرۈش دائىرىسى ئىچىگە كىرگۈزمەسلىك كېرەك ئىدى.
قاتار كەتكەن ئېتىزلىقلاردا بېشىغا ئاق ياغلىق ئارتىۋالغان بىر ئايالدىن باشقا ئادەمنىڭ گەۋدىسى كۆرۈنمەيتتى. يىراقتىكى بىر ئېتىزلىقنىڭ بويىغا ئوتلاش ئۈچۈن باغلاپ قويۇلغان بىر چامبۇل ئېشەكمۇ يالغۇزسىرىغاندەك سوزۇپ - سوزۇپ ھاڭراپ قويۇۋاتاتتى. ئېتىزلىقتا ئىشلەپ ھېرىپ - ئاچقان ئۇ ئايال ئىشتىن توختاپ، چاپىنىنىڭ پېشى بىلەن يۈزلىرىنى ئېرتىۋەتتى. ئاندىن ئېڭىشىپ، يەرنى تېپچەكلىگىنىچە قىرقىراپ يىغلاۋاتقان قىپيالىڭاچ بوۋاق بالىنى قولىغا ئېلىپ، ئۇنىڭ چاترىقىغا سۆيۈپ قويدى - دە، ئېلىپ ماڭدى. مەن ئۇنى يېقىن كەلگىچە ساقلاپ تۇردۇم. ئۇنىڭ ئوتتەك قىزىق توپا ئۈستىدە ئېنىق شەكىلگە ئىگە بولمىغان ئىز قالدۇرۇپ كېلىۋاتقان يېرىلىپ كەتكەن قاپقارا تاپانلىرى ئالدىمغا كېلىپ توختىدى.
−− بۈۋىھەجەرخان، باياتىن ئېتىزلىققا چىققىچە خانقىز بىلەن پاراڭلىشىپ ماڭغاندەك قىلىۋاتاتتىڭىز، شۇ چاغدا ئىككىڭلارنىڭ قولىدىكى گۈرجەك ئالمىشىپ قالمىغاندۇ؟
بۈۋىھەجەرخان كەتمەننى بوۋاق بالىسىغا تەگكۈزۈۋەتمەسلىك ئۈچۈن بىر قولىدا كۈچىنىپ تۇرۇپ ئۆشنىسىدىن چۈشۈرۈپ بىزگە كۆرسەتتى.
−مەن بۈگۈن ئېتىزغا گۈرجەك ئېلىپ چىقماي، كەتمەن بىلەن ئىشلىدىم.
بۈۋىھەجەرخان كەتمەننى قايتىدىن ئاۋايلاپ دولىسىغا ئېلىپ مېڭىپ كەتتى. مەن ئۇ يېنىمدىن ئۆتكىچە ئۇ كۆتۈرۈۋالغان بوۋاقنىڭ بۇدرۇق، لېكىن لاي بولۇپ كەتكەن قوللىرىنى ئاغزىغا سېلىۋېلىپ بېرىلىپ شوراۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.
بۈگۈن ئېتىز بېشىغا ئېلىپ چىققىنىمىز ناھايىتى ئېنىقكى بەش گۈرجەك ئىدى. شۇڭا گۈرجەكنىڭ ئېتىزلىققا چۈشۈپ قالغان بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. نەۋرە ئاكامنىڭ ئەمەس بولۇپ چىققان بۇ گۈرجەك نەدىن پەيدا بولۇپ قالدى؟ نەۋرە ئاكامنىڭ گۈرجىكى زادى كىمنىڭ گۈرجىكى بىلەن ئالمىشىپ قالغاندۇ؟ بىرەر كىممۇ بىزنىڭ ئېتىزلىققا گۈرجەك كۆتۈرۈپ كەلمىگەنىدى. نەۋرە ئاكامنىڭ گۈرجىكىنىڭ ئېتىزدا قالغان بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، لېكىن نەۋرە ئاكام:
− سەن ئۇنى ئۆزى ئېتىزدا ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايسەن، جۇغۇ بېرىپ قاراپباق، −− دەپ تۇرۇۋالدى. مەن ئېتىزغا قاراپ باقساممۇ بىكار ئىدى، لېكىن نەۋرە ئاكام تۇرۇۋالغاچقا، بېرىپ قاراپ بېقىشقا مەجبۇر بولدۇم.
قۇياش نۇرى مۈرىلىرىم ۋە مېڭەمگە تىك چۈشۈپ تۇرغان ھالدا، بېرىپ ئېتىزلىققا قارىدۇق. ئاپتاپ ئېتىزنىڭ بۇغداي ئېڭىزلىرى ئاندا - ساندا كۆرۈنۈپ تۇرغان شۈدىگەرلىرىنى تېزلىكتە تاتىراڭغۇ قىياپەتكە كىرگۈزۈپلا قالماي، يەنە مەن يوقىتىۋەتكەن گۈرجەكنىمۇ تېزلىكتە ئېرىتىپ كۆرگىلى، تۇتقىلى بولمايدىغان، پەقەت تەسەۋۋۇردا مەۋھۇم بىر ئورۇننى ئۇنىڭ ئورنى قىلىپ ئېلىپ قويۇشقىلا بولىدىغان ھالەتكە كىرگۈزۈۋەتكەندەك، ئېتىزلىقتا شۈدىگەرنىڭ قاتار چالمىلىرىدىن باشقا ھېچنەرسە كۆرۈنمەيتتى.
− سادىقانىكا، ئوبدان ئەسلەپ باق، سېنىڭ گۈرجىكىڭ باياتىنقى شۇمىكىن دەيمەن.
−ياق ئۇكام، ئۆزۈم دائىم ئىشلىتىدىغان گۈرجەكنىمۇ تونۇماي قالارمەنمۇ!


2

نەۋرە ئاكامنىڭ گۈرجىكىنى ئىزدەپ قىلمىغىنىم قالمىدى. بىرەر كىمنىڭكى بىلەن ئالمىشىپ قالغانمىدۇ دەپ، دەسلەپ ئالمىشىپ قېلىش ئېھتىمالى بولغانلارنى پەرەز قىلىپ، كېيىن بىر باشتىن كىرىپ مەھەللىدە ئىزدىمىگەن ئۆيۈم قالمىدى. مەن ئىلگىرى گۈرجەكلەر زاۋۇتتا تـۈركۈملەپ ئىشلەپ چىقىرىلغاچقا، بىر - بىرسى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، نەۋرە ئاكامنىڭ گۈرجىكىنىڭ يوقىلىپ كېتىشىنىمۇ مۇشۇ سەۋەبتىن دەپ ئويلىغانىدىم، لېكىن ئۆيمۇئۆي سۈرۈشتۈرۈش جەريانىدا ھېس قىلدىمكى، خۇددى ئادەملەرنىڭ چىرايى بىر - بىرىگە ئوخشىمىغاندەك، بىر - بىرىگە تامامەن ئوخشاش گۈرجەكنىمۇ تاپقىلى بولمايدىكەن. ھەممىدىن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، گۈرجەكلەرگە ئوبدان زەن سېلىپ قارىسىڭىز، ئىگىسىگە ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. قوللىرى ئىنچىكە ۋە ئۇزۇن كەلگەن ئوڭ تەرەپ قوشنىمىزنىڭ گۈرجىكىنىڭ سېپىمۇ ئىگىسىنىڭ قوللىرىغا ئوخشاش ئۇزۇن ۋە ئىنچىكە ئىدى. قوللىرى بۇدرۇق ۋە دىقماق كەلگەن سول تەرەپ قوشنىمىزنىڭ گۈرجىكىنىڭ سېپى توم ۋە كالتە بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ يوغان بېغىشىغىلا ئوخشاش گۈرجەكنىڭ يۈزىمۇ يوغان ۋە يۇمىلاق ئىدى. مەن توشقان كالپۇك ئارا قوشنىمىزنىڭ ئوتتۇرىسى ئۇچۇپ كەتكەن گۈرجىكىنى كۆرۈپ ئۆزۈمنى تۇتالماي كۈلۈپ تاشلىدىم. ئۇ ھەم ھەيران قالغان، ھەم ئوڭايسىزلانغان ھالدا ماڭا قارىدى. ئۇنىڭ گۈرجىكىنىڭ ئۇچۇپ كەتكەن يېرىنىڭ سۇنغان شەكلى ئۇنىڭ ئۈستۈنكى كالپۇكىنىڭ شەكلىگە ئوپئوخشاش ئىدى.
ئىشلىتىپ تۇراي دەپ قۇلىقىنى كېسىپ ئېلىپ چىقىپ كەتسىڭىزمۇ چاتىقى بولمايدىغان بىپەرۋا نەۋرە ئاكام، خۇددى بۇ دۇنيادا گۈرجىكىدىن باشقا ھېچنەرسىسى يوقتەك، گۈرجىكىنى ئىزدىتىشنى بولدى قىلىدىغاندەك ئەمەسىدى.
−− ئۇكام ئۇرايىمباي، تېرىقچىلىق مەزگىلىدە ئۆزى، دېھقاندا گۈرجەك بولمىسا ئۆزى، ئادەم چولاقتەك بولاپ قالىدىكەن ئۆزى. مېنى بىر چولاق قىلماي ئاشۇ گۈرجىكىمنى ئۆزى تېپىپ بەرسەڭ بولاپتىكەن.
مەن دەسلەپ ئۆيدىكى بارلىق گۈرجەكلەرنى ئېلىپ چىقىپ نەۋرە ئاكامغا كۆرسەتتىم.
− ئاكا، گۈرجىكىڭنى تاپالمىدىم، مۇشۇنىڭدىن قايسىسىنى ياقتۇرساڭ بىرنى تاللىۋالە.
ئۇ ئۆسكىلەڭ قاشلىرىنى ھىمىرىپ، چېقىر كۆزلىرىنى تىككىنىچە مېنىڭ كۆزۈمگە ئۇزاق بىر قارىۋېتىپ دېدى:
−ئۇكام قارا، مەن سەن بىلەن ئۆزى مىراس ئايرىشقىلى كىرمىدىم. داداڭدىن قالغان بۇ نەرسىلىرىڭنى ئۆزۈڭ ئىشلەت. ماڭا ئۆزى پەقەت ئۆزۈمنىڭلا گۈرجىكى كېرەك.
بەلكىم ئۇ بىزنىڭ ئائىلىنىڭ بۇ گۈرجەكلىرىنى كونا كۆرۈپ ياراتمىغاندۇ، بەلكىم مۇشۇ باھانىدە گۈرجىكىنى يېڭىۋالغۇسى كەلگەندۇ، دەپ ئويلاشقا مەجبۇر بولدۇم ئاخىر.
−مەن گۈرجىكىڭنى تېپىپ بېرەي، سەن ئاۋۋال مۇشۇ گۈرجەكلەرنىڭ بىرىنى ئىشلىتىپ تۇر.
مەن شۇنداق دەپ قويۇپ ئۇنىڭغا بازاردىن چىداپ تۇرۇپ ياخشىراق گۈرجەكتىن بىرنى ئېلىپ بېرىشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم. لېكىن نەۋرە ئاكام بۇ گۈرجەكلەرنى ئىشلىتىپ تۇرۇشنىمۇ رەت قىلدى. ئەلپازىدىن ئاشۇ بىر گۈرجەك ئۈچۈن تۇغقانچىلىقتىنمۇ ۋاز كېچىدىغاندەك تەھدىت بىلىنىپ تۇرسىمۇ، يەنىلا ئاغزىدىن تېخى ئامراقلىقنى ئىپادىلەيدىغان گەپلىرى يوقالمىغانىدى. مەن مۇشۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرۇشۇم لازىم. ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئۇرۇق - تۇغقانلىققا يات گەپنىڭ چىقىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتىم. چۈنكى، تا ھازىرغىچە ئۇنىڭ بىلەن بىرەر جۈملە گەپتە تىكلىشىپ قالغان يېرىم يوق ئىدى. بۇ مەھەللىدە باشقا ئۇرۇقتىكىلەرنىڭ قىيا - چىيالىرى پات - پات مەھەللە يوللىرى ياكى ئېتىزلىقلاردا ئاڭلىنىپ قالغاندا يۈگۈرۈپ چىقىپ قارىساق، بىر ئائىلە بىلەن يەنە بىر ئائىلىنىڭ ئورغاق - كەتمەنلەرنى كۆتۈرۈشۈپ ئىككى سەپ بولۇپ تۇرۇشقانلىرىنى كۆرەتتۇق، لېكىن بىر نەچچە كۈندىن كېيىنلا، بازار كۈنىدە ئاشۇ جېدەللىشىپ بىر - بىرىنى يېيىشكۈدەك بولغان ئىككى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بىر ئېشەك ھارۋىسىغا چىقىۋېلىپ كۈلۈشۈپ چاقچاقلاشقىنىچە بىمالال بازارغا كېتىۋاتقانلىقىنى ياكى ئېتىز بېشىدا بىر ئائىلە ئېلىپ چىققان تاماقنى يەنە بىر ئائىلىنىڭمۇ ئولىشىپ كېلىپ بىرلىكتە يەۋاتقانلىقىنى كۆرەتتۇق. لېكىن بىزنىڭ جەمەت باشقىلارغا ئوخشىمايتتى. بىز باشقىلاردەك قىيا - چىيا قىلىشىپ، قوللىرىمىزغا ئورغاق - بولقىلارنى ئېلىپ، سەپ تۈزۈپ جەڭگە چۈشۈپ كىشىلەرگە ئويۇن قويۇپ بېرىدىغان ئىشلارنى زادىلا سادىر قىلمايتتۇق. ئەمما، بىزنىڭ ئاداۋىتىمىز ھەممىدىن قاتتىق بولۇپ، يېقىن ئۇرۇق - تۇغقانلار بىر - بىرىمىز بىلەن ئازراقلا گەپ تالىشىپ قالدۇقمۇ بولدى، نۇرغۇن يىللارغىچە بىر - بىرىمىزگە گەپ قىلىشمايتتۇق. ھېيت - بايراملاردا يۇرت ئاقساقاللىرى مۇسۇلمانلار ئادەۋەت ساقلىسا يامان بولىدۇ، دەپ قىلغان نەسىھەتلەرمۇ بىكار ئىدى. شۇ تاپتا بىر ئەرزىمەس گۈرجەك نەۋرە ئاكام بىلەن ئىككىمىزنى ئۇزاق يىللار بىر - بىرىمىزنى كۆرسەك يانتۇ قاراپ ئۆتۈپ كېتىدىغان قىلىپ قويىدىغاندەكلا قىلاتتى.
مەن شۇنىڭ بىلەن دەرھال بازارغا بېرىپ، گۈرجەكنىڭ تۆمۈرى ئېغىر، پەنجىسى كەڭ، چۇلدىسىمۇ يوغان ھەم باھاسىمۇ ئەڭ قىممىتىدىن بىرنى ئېلىپ ئۆيگە ئەكەلدىم. ئۆگزىدىكى تازا قۇرۇغان، ئەڭ چىڭ بادرىدىن بىرنى ئاقلاپ، گۈرجەككە ساپ قىلىپ بېكىتتىم. گۈرجەكلەر چوقۇم ئىگىسىگە ئوخشاپ كەتمىسە بولمايدىغاندەك، ساپلىق ئۈچۈن تاللىغان بادرا نەۋرە ئاكامدەكلا مۇستەھكەم ۋە گۈپچەك ئىدى. لېكىن نېمە ئۈچۈندۇر نەۋرە ئاكامغا يەنىلا ئوخشىماي قالدى. بەلكىم، نەۋرە ئاكام ئۇنى ئېلىپ كېتىپ بىر مەزگىل ئىشلەتسە بىر - بىرىنىڭ چىرايىنى تارتىپ، بىر - بىرىگە ئوخشاپ قالار.
پېشايۋان ئاستىدا تاپانلىرى چوڭ - چوڭ يېرىلىپ كەتكەن پۇتلىرىغا سۇ قۇيۇپ تاھارەت ئېلىۋاتقان ئايالىم چەينەكنى بىر يانغا قويۇپ گۈرجەككە بىر دەم قاراپ تۇرۇپ:
− سادىقانىكام ئەمدىغۇ رازى بولار، − دەپ قويدى.
ئۇنىڭ تۇغقانلىرىمنى تىلغا ئېلىشىدىن دائىم ئەنسىرەپلا تۇراتتىم، شۇڭا دەرھال گۈرجەكنى ئېلىپ نەۋرە ئاكامنىڭ ئۆيىگە ماڭدىم.
جىگەررەڭ شەپكىسىنى چۆكۈرۈپ كىيىۋالغان نەۋرە ئاكامنىڭ چاچلىرىنىڭ شەپكە سىرتىغا چىقىپ تۇرغان قىسمى شەپكە جىيىكىنىڭ چىڭ كېلىشى سەۋەبىدىن تىكەندەك تىكلىشىپ كەتكەنىدى. بۇنىڭ بىلەن نەۋرە ئاكام ئۇزاق مەزگىل غەم - قايغۇغا قالغان كىشىگىلا ئوخشاپ قالغانىدى.
− ۋاي جېنىم ئۇكام ئۇرايىمباي، پۇل بۇزۇپ يېڭى گۈرجەك ئېلىپ يۈرگىنىڭنى قارا! بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟
−سادىقانىكا، بۇ قانچىلىك ئىشتى. گۈرجىكىڭنى تاپالمىدىم، شۇڭا مۇشۇنى ئىشلىتىپ تۇرساڭ.
− بۇ مېنىڭ گۈرجىكىم ئەمەس تۇرسا، ئۇكام.
− سېنىڭ ئەمەس بولسىمۇ ئىشلىتىۋەرسەڭ بولمىدىمۇ؟
− ئۇكام، سەنغۇ بىر زىيالىي، لېكىن دېھقانچىلىقتىن خەۋىرىڭمۇ يوق ئەمەستە ئۆزى. سەنمۇ ئۆزى مۇشۇ يېزىدا چوڭ بولغان، ئوقۇش پۈتكۈزۈپ كېلىپ يەنە مۇشۇ يېزىدا دېھقانچىلىق قىلىۋاتىسەن. نېمىشقا بىر دېھقان دېگەننى چۈشەنمەيدىغانسەن! ئەدىناسى سەنمۇ بىر قېتىم قەلىمىڭنى يىتتۈرۈۋېتىپ، نېمە دېگەنىدىڭ؟ دائىم ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغان قەلەم يىتىپ كەتسە، يەنە بىر قەلەمگە قولۇم كۆنمىگىچە ھېچنەرسە يازغۇم كەلمەيدۇ دەۋاتاتتىڭغۇ! دېھقان دېگەنمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش، دائىم ئىشلىتىدىغان گۈرجىكىنى يىتتۈرۈپ قويسا، يەنە بىر گۈرجەككە كۆنۈپ بولغىچە ئىش ئاينىمايدۇ. شۇڭا ئۆزى، ئۇكام خاپا بولماي مېنىڭ ئاشۇ گۈرجىكىمنى يەنە بىر ئىزدەپ باقە.
نەۋرە ئاكامنىڭ بۇ ئىشى ناھايىتى دۆتلۈك بىلەن قىلىنغان چاقچاقتەكلا ئادەمنى بىئارام قىلاتتى.
−ئاكا، ئىزدىمىگەن يېرىم قالمىدى.
− ئۆيۈڭگە يەنە بىر قاراپ باقە.
مېنى ھەممىدىن بىئارام قىلىۋاتقىنى نەۋرە ئاكامنىڭ ئۇ گۈرجەكنى ھەتتا تېخىچە مېنىڭ ئۆيۈمدە دەپ ئويلاۋاتقىنى ئىدى.
− بازاردىن گۈرجەك سېتىۋېلىشنى مەن ئۆزۈممۇ بىلىمەن تاتلىق ئۇكام، ئۇنى ساپلاي دېسەم ئۆزى، قارا ئۆزى، ئىشىك ئالدىدىكى بادرا دېگەن كېسىشكە ۋاقىت يوق دەرەخنىڭ غولىنى تارتىپ كېتىۋاتىدۇ.
ئۇنىڭ گەپ قىلغاندا جېنىم ئۇكام، تاتلىق ئۇكام دەپ يېلىنغاندەك تەلەپپۇزدا سۆزلەشلىرىدىن مەن زادىلا گەپ يېمەيدىغانلىقىنى بايقىغاندەك چۆچۈپ كەتتىم. نەۋرە ئاكامنىڭ كۆزلىرى ئاتنىڭ كۆزىگە ئوخشايدىغان ئايالىمۇ چىلاننىڭ ياكى قۇرۇتقان قىزىلمۇچنىڭ شۆپۈكى چاپلىشىپ قالغان ئۇدۇل چىشلىرىنى بىر شورىۋېتىپ گەپكە ئارىلاشتى:
−ئۇرايىمباي، سادىق ئاكىڭىز تۇغقانلار ئىچىدە ئەڭ كۆيۈملۈك. بۇ ئۇنىڭ سىزگە دۇبرۇس ① قىلغىنى ئەمەس جۇمۇ. ئاشۇ گۈرجەكنى سۈيلىگىنىنى يەنە يامانلىق دەپ ئويلاپ قالماڭ.
بۇ ئايالنىڭ گۈرجەكنى سۈرۈشتۈرۈشنى يامانلىق قىلىش بىلەن باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىشىنىڭ ئۆزىلا ياخشىلىقتىن بېشارەت ئەمەس ئىدى.
−يول ماڭسا پۇت بىلەن مېڭىۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىپ، ئۆزىنى ئېشەك ھارۋىسىدا كېتىۋاتقاندەك ئويلاپ، دائىم ئۇخلاپ ئورەككە چۈشۈپ كېتىدىغان شۇ قەدەر ئاق كۆڭۈل كىشى كىمگىمۇ يامانلىق قىلسۇن؟ −− مەن بۇ گەپلەرنى راستتىنلا ئۇنىڭغا دېدىممۇ ياكى بۇ گەپلەر پەقەت كاللامدا پ−ەيدا ب−ولۇپلا ئۆتۈپ كەتتىمۇ بىلمەيمەن.
بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئاشۇ گۈرجەكنى تېپىشقا ئۆزىنى بۇ قەدەر ئاتىۋېتىشى گۈرجەكنى تېخىمۇ سىرلىقلاشتۇرۇۋەتكەنىدى. ئۇ ئاشۇ گۈرجەكنى تاپمىسا ياشىيالمايدىغاندەك، كۈندە ئۇنىڭ خەقىشىنى قىلاتتى. مەن دەسلەپ ئۇنىڭ بۇنچە قىلىپ كېتىشىگە قاراپ، بۇ گۈرجەكنىڭ مەلۇم ئەستىلىك قىممىتى بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ:
− بۇ گۈرجەكنى بازاردىن سەن قاچان ئالغان؟ −دەپ سوراپ باققانىدىم.
−تۆت يىلدىن ئاشتى، − دېدى ئۇ.
دېمەك، ئۇ نەۋرە ئاكامغا تاغامدىن قالغان مىراس ئەمەس ئىدى. چۈنكى، نەۋرە ئاكام ئانىسىدىن كىچىكىدىلا ئايرىلىپ قالغان، دادىسىمۇ قازا قىلىپ كەتكىلى يەتتە - سەككىز يىل بولۇپ قالغانىدى.
مەن بۇ گۈرجەكنى ئۇنىڭغا ئايالى بىرەر خاتىرە كۈندە سوۋغا قىلغانمىكىن دەپ ئويلىسام ئۇنداقمۇ ئەمەس بولۇپ چىقتى. ئاشۇ گۈرجەككە مۇناسىۋەتلىك ئۇنتۇلغۇسىز بىرەر كەچۈرمىش ياكى مەخپىي ھاياجانلىق ئىشلار بارمىكىن دېسەم، ئۇنداق بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى. چۈنكى، كالىدەكلا ئېتىزدا ئىشلەشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان نەۋرە ئاكام، ئېتىزلىق بىلەن ئۆينىڭ ئارىسىدىكى كۈندە نەچچە قېتىم ئۆتىدىغان يولدا تۈنۈگۈن قالغان ئاياغ ئىزىنى بۈگۈن قايتا بېسىش ئۈچۈن ياشاۋاتقاندەك، بىر ئىزىدا مېڭىپ ياشايتتى. بۈگۈنكى ئاياغ ئىزى تۈنۈگۈنكىدىن قىلچىلىكمۇ قىيىق كەتمەيتتى. شۇڭا ئۇنىڭ ھاياتىدا خاتىرە قىلىدىغان بىرەر ئىشنىڭ بار بولۇشى ئەقىلگە سىغمايتتى.
−ناگۇيلا قىلمىغىنا ئادەمنى سادىقانىكا، −دېدىم ئۇنىڭغا ئاخىر سەۋرسىزلىك بىلەن، −− نېمانچە قىلىسەن ئاشۇ گۈرجەككە؟
مېنىڭ چېچىلىشىم نەۋرە ئاكامنى كېكەچلىتىۋەتكەندەك قىلاتتى:
− سەن ئۆزى ئۇكام ئۇرايىمباي، ئۆزى مېنىڭ ئۆزى ئاشۇ گۈرجىكىمنى ئۆزى زادى نەگە قويغانسەن؟ سەن ئۆزى ئوبدان ئويلاپ باق، ئىزدەشكە ئېرىنسەڭ ئېسىڭگە يەتكىنىنى ماڭا ئېيتىپ بەر، ئۆزۈم ئىزدەپ تېپىۋالساممۇ بولىدۇ.
بۇ گۈرجەكنى ئۇنىڭ بۇنچە ئىزدەپ كېتىشىدىكى سەۋەبنى بىلەلمىگەنسېرى، بۇ سەۋەبلەر چەكسىزلىككە ئىگە بولاتتى. چەكسىزلىككە ئىگە بولغانسېرى رېئاللىقتىن ھالقىپ، بۇ دۇنياغا تەۋە بولمىغان، تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىدىن ھالقىغان بىر نەرسىگە ئايلىنىپ كېتىۋاتاتتى.
نەلەردىندۇر ئايالىمنىڭ ئويۇنپەز ئوغلۇمنى سوزۇپ چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ قالدى:
− قۇناخۇۇۇۇۇۇۇۇۇن! قۇناخۇۇۇۇۇۇۇۇۇن! قۇناخۇۇۇۇۇۇۇۇۇن! بېشىڭنى يەرسەن جۇۋاينىمەككەتكۈر! ئۈن چىقارمايۋاتقىنىنى قارا، قۇناخۇۇۇۇۇۇۇۇۇن! قۇناخۇۇۇۇۇۇۇۇن!
بۇ يېزىدا ئاياللارنىڭ ئەرلىرىنىڭ ئىسمىنى بىۋاسىتە تىلغا ئېلىشى ئەدەپسىزلىك ئىدى. شۇڭا ئايالىم مېنى ئەزەلدىن »ئىبراھىم« دەپ ئۆز ئىسمىم بىلەن چاقىرمايتتى. مېنى چاقىرىشقا توغرا كەلسە دائىم چوڭ ئوغلۇمنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىراتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئايالىم مېنى چاقىرىۋاتقان بولۇپ قالمىسۇن يەنە دەپ، ئېلىپ كەلگەن گۈرجىكىمنى دولامغا سالغىنىمچە نەۋرە ئاكامنىڭ ئۆيىدىن قايتىپ چىقتىم. نەۋرە ئاكام ئىشىك ئالدىغىچە ئۇزىتىپ چىقتى، لېكىن ئۇنىڭ ئىشىك ئالدىدا مەن قانچىلىك ئۇزاپ كەتكىچە قاراپ تۇرغىنىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئارقامغا قاراي دېمىدىم.


3


مەن ھەرە كېپىكىنىڭ پۇرىقى كېلىپ تۇرغان ياغاچ بازىرىنىڭ ئالدىدا، بىر توپ كىشى بىرلىشىپ بىر پىتكۆز پاينەكباش ئادەمنى ئۇرۇۋاتقان كۈنى، ئاشۇ جېدەل بولغان جاينىڭ ئۇدۇلىدىكى ئاشخانىدا ئولتۇرۇپ لەڭمەن يەۋېتىپ، نەۋرە ئاكامنى كىشىلەر ئارىسىدا تۇرۇپ جېدەل كۆرۈۋاتقان ھالدا كۆرۈپ قالدىم. قېرىشقاندەك لەڭمەن يەۋېتىپ قۇرۇپ قالغان پىياز پوستى ئاغزىمغا چىقىپ قالدى. ئۇنى يان تەرەپكە تۈكۈرۈۋېتەي دەپ قارىشىمغىلا نەۋرە ئاكام بىلەن كۆزۈم ئۇچرىشىپ قالدى. لېكىن، دەل شۇ چاغدا مەن تىلىم بىلەن لەۋلىرىمنىڭ ئۇچىغا كېلىپ قالغان پىيازنى تۈكۈرۈۋېتىپ قالدىم - دە، ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ بۇنداق تۈكۈرسەم، ئۇ چوقۇم ماڭا تۈكۈرۈۋاتىدۇ، دەپ ئويلىغانمىدۇ دېگەن گۇمان مېڭەمنى چۇلغىۋالدى. نەۋرە ئاكامنى شەرەت قىلىپ چاقىرىپ كىرىپ مېھمان قىلىش ئارقىلىق بۇ ئۇقۇشماسلىقنى تۈگەتمەكچى بولدۇم. لېكىن، نەۋرە ئاكام باشقا تەرەپكە قارىۋېلىپ مەن تەرەپكە قارىمىدى. شۇنىڭ بىلەن يۈگۈرۈپ چىقىپ ئۇنى چاقىردىم. ئۇ قورسىقىم توق دەپ ئاشخانىغا كىرگىلى ئۇنىمىدى. ئۇنىڭ مەندىن قېيىداپ كىرگىلى ئۇنىمىغانلىقىنى ياكى راستتىنلا تاماق يەپ بولغانلىقىنى بىلەلمىدىم. مەن ئاشخانىغا قايتىپ كىرىپ تامىقىمنىڭ قالغىنىنى يەۋېتەي دېسەم، ئاشخانىدىكى كۈتكۈچى مېنى ئاشۇرۇپ قويغان ئوخشايدۇ دەپ، تېخى يېرىمىنىمۇ يەپ بولمىغان لەڭمىنىمنى يىغىشتۇرۇۋەتكەنىدى. نېمىشقىدۇر بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر كېلىشمەسلىكنىڭ بېشارىتىدەك قىلاتتى. شۇنداقتىمۇ مەن يەنىلا نەۋرە ئاكام بىلەن بازاردا ئۇچرىشىپ قېلىشنى گۈرجەك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئىنتايىن ياخشى پۇرسەت دەپ ئويلىدىم. شۇڭا ئاشخانىدىن تېزلا چىقىپ نەۋرە ئاكامنىڭ بىلىكىدىن تارتتىم.
− يۈر، سادىقانىكا! بازار ئايلىنايلى.
جېدەلمۇ ئۇرغۇچى كۆپ، تاياق يېگۈچى پەقەت بىر ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن قىزىماي قالغانىدى.
− ئۇكام نەگە بارىمىز؟
مەن ئۇنىڭ ئۇنىماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ گۈرجەكنى تىلغا ئالمىدىم.
−يۈر، بىردەم مۇڭداشقاچ ئايلىنايلى.
بىز كۈيە دورىسى پۇراپ كەتكەن بىر رەخت دۇكىنىنىڭ ئىچىنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى ھويلىغا جايلاشقان بەش خىل مېتال دۇكىنىغا كىردۇق. بۇ بىزنىڭ ناھىيە بازىرىمىزدىكى ئەڭ چوڭ دۇكان ئىدى. چىرايى ئادەمنى ئازابلىغۇدەك چىرايلىق بىر مال ساتقۇچى بىزنىڭ ئالدىمىزغا بارلىق شەكىللەردىكى گۈرجەكلەرنى تىزىپ كۆرسەتتى.
− سادىقانىكا، مۇشۇنىڭ ئىچىدىن ئەڭ ياخشىسىنى تاللىۋالغىنە.
سادىقانىكام بىر قارىسا ھاڭۋاقتىلارچە قاراپ تۇرغاندەك، بىر قارىسا ئاچچىقىدا نېمە قىلىشنى بىلەلمىگەچكە، چىراي ئىپادىسى غايىب بولۇپ، تۇرقى بىر بوشلۇققا ئايلىنىپ قالغاندەك قىياپەتتە، ئاغزىنى كاماردەك ئاچقىنىچە ماڭا بىر دەم قاراپ تۇردى:
−سەن ئۆزى، مېنى ئۆزى يىتكەن پالتىنىڭ سېپى ئالتۇن قىلىۋاتىدۇ دېمەكچىما؟ ماڭا كېرىكى پەقەت ئۆزۈمنىڭ گۈرجىكىم. جېنىم ئۇكام ئۇرايىمباي، مېنىڭ گۈرجىكىم ئۆزى يامان ئاددىي بىر گۈرجەك، سەن ئېلىپ بەرمەكچى بولغان مۇشۇ گۈرجەكلەرنىڭ ھەممىسىدىن ناچار. مەن ئۇنىڭ ئورنىغا سەندىن ياخشى گۈرجەك ئېلىۋالاي دېمىدىمغۇ! نېمىشقا مېنى ئۇنچىۋالا نىيىتى يامان دەپ ئويلايسەن؟ ماڭا ئۆزۈمنىڭ گۈرجىكىنى بەرسەڭلا بولدى.
مەن ئۇنىڭ گۈرجىكىنى يىتتۈرۈۋەتكەندىن بېرى، ئۇنىڭ زادى قانداق بىر گۈرجەك ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىپ كەلگەنىدىم. دەسلەپ ئۇنى نەۋرە ئاكامنىڭ چوققا تەرىپى كىچىك، يۈز تەرىپى چوڭ كەلگەن ئېللىپىس شەكىللىك چىرايىنى ئەندىزە قىلىپ تەسەۋۋۇر قىلاتتىم. كېيىن نەۋرە ئاكامنىڭ ئۇنى بۇ قەدەر ئىشتىياقى بىلەن ئىزدەپ كېتىشىگە قاراپ، ئۇنىڭ ئايالىغا ئوخشاپ كېتەمدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالدىم - دە، كۆزلىرى ئاتنىڭ كۆزىگە ئوخشايدىغان ئاشۇ ئايالنىڭ كۆپتۈرۈۋېتىلگەندەك ئادەتتىن تاشقىرى سوزۇنچاق ۋە ئېڭىكى ئۇزۇن چىرايى بىلەن ئوخشاش ھالەتتە تەسەۋۋۇر قىلىدىغان بولۇپ قالغانىدىم. لېكىن، ئەمدى ئۇنى خۇددى مۇقەددەس نەرسىلەرنىڭ كىشى تىلغا ئېلىشقا پېتىنالمايدىغان ئىسمىدەك ياكى كونكرېتلاشتۇرۇشقا بولمايدىغان ئوبرازدەك، نەرسە ھالىتىدە تەسەۋۋۇر قىلىشقا پېتىنالمايدىغان بولۇپ قالدىم.
نەۋرە ئاكامنىڭ ئاشۇ گۈرجىكىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىممىكىن دېسەم، خۇددى مەن تىلغا ئالمىساملا ئۇنتۇپ كېتىغاندەك، بىرەر قېتىممۇ مەندىن ئالاھىدە سۈرۈشتۈرۈپ ئۆيگە كىرىپ باققىنى يوق. بۇنىڭغا قاراپ بۇ گۈرجەك ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىم ئەمەسمىكىن دېسەم، لېكىن گۈرجەكنىڭ گېپى چىقسىلا، ئاشۇ گۈرجەكنى تېپىشتا شۇ قەدەر چىڭ تۇراتتىكى، خۇددى ئاشۇ گۈرجەك بولمىسا ياشىيالمايدىغاندەك قىلىپ كېتەتتى.
− سەن ئۆزى ئۇرايىمباي ئۇكام، نېمانداق قىلىپ كېتىدىغانسەن! بۇ كىچىككىنە كىچىككىنە كىچىككىنە كىچىككىنە كىچىككىنە بىر ئىشتا بىز ئۇرۇق - تۇغقانچىلىقتىن ئايرىلىپ قالساق سەت تۇرارمىكىن؟
− ئاشۇ كىچىككىنە كىچىككىنە كىچىككىنە كىچىككىنە كىچىككىنە بىر ئىشتا مېنىڭ جېنىمغا بۇنداق قادالمىساڭ بولمامدۇ، سادىقانىكا!
−بەرمىسەڭ ئۆزى، داداڭغا ئۆزى گۆر كولىغاندا ئىشلىتەرسەن ئۇكام!
− سادىقانىكا، ئۇنداق سەت گەپ قىلما، مېنىڭ دادام سېنىڭ نېمەڭ؟
مەن نەۋرە ئاكامنى ئىشىك ئالدىغىچە ئۇزىتىپ چىقتىم، لېكىن ئۇ كەينىگە قاراپ قويمىدى. ھويلىدىكى پېشايۋاننىڭ تۈۋرۈكلىرى ئارىسىغا تارتىلغان سىمغا كىر يېيىۋاتقان ئايالىم بۇنى كۆرۈپ بىردەم قاراپ تۇرۇپ غۇدىرىدى:
− بېشىڭنى يەرسەن!
بۇ گەپ دائىم مەندە غەلىتە تەسەۋۋۇرلارنى پەيدا قىلاتتى. بەزىدە ھەتتا بۇ تەسەۋۋۇرلىرىمدىن ئۆزۈممۇ قورقۇپ كېتەتتىم. بىر ئادەمنىڭ ئۆز بېشىنى پالتا بىلەن ئۆزى كېسىپ ئېلىپ ھەدەپ يېگىلى تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىنتايىن غۇۋا، لېكىن خۇددى راستتەكلا ۋەھىمىلىك ھالدا كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەتتىم.
بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئىش جېدەلگە ئايلىنىپ كېتىدىغاندەكلا تۇراتتى. شۇڭا مەن ئامال يوق بېرىپ كەنت باشلىقى تۇردىبەگكە يېلىنىپ، بىزنىڭ ئارىمىزدىكى گۈرجەك ماجىراسىنى بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشنى ئۆتۈندۈم.
−ھوي، بىر گۈرجەكنىڭ ئىشىكەنغۇ، نەۋرە ئاكاڭ بىلەن بۇنداق قىلىشىپ يۈرسەڭ ئەھلىمەھەللە ئالدىدا نى ئات، نى نومۇس!
كەنت باشلىقىغا بۇ يەردە نېمە ئىشنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بولۇش مۇمكىن ئەمەستەك قىلاتتى. بۇ ئىشقا مەن ئۆزۈممۇ ئىشەنمەي قېلىۋاتسام، ئۇ قانداقمۇ ئىشەنسۇن!
−قانداقلا بولمىسۇن، ئۇنىڭ ئۆزىگە بۇنى مېنىڭ چوڭ بىر مەسىلە دەپ ئويلىغانلىقىمنى بىلدۈرمىسەك بولاتتى، −− دېدىم مەن ئىنتايىن ئۈمىدسىز كەيپىياتتا.
− ئۇكام ئۇرايىمجان، ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشى گۈرجەكتىن بىرنى ئېلىپ بەرسەڭلا بولمىدىمۇ؟
−تۇردىبەگ ئاكا، بەلكىم سادىقانىكام ئۇ گۈرجەكنى بەك ئۇزاق ئىشلىتىپ كەتكەن بولسا، ئۇنى ئۆزىنىڭ تېنىنىڭ بىر قىسمىدەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالغاندۇ. بۇنداق تۇيغۇنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭغا باشقا گۈرجەك ئېلىپ بەرسەم، ئۇنىڭ ئۈچۈن بەدىنىدىكى بىرەر ئەزانى كېسىپ ئېلىۋېتىپ، ئورنىغا سۈنئىي ئەزا سېلىپ قويغاندەك بىلىنىدىغاندۇ.
مەن بۇ گەپنى بەلكىم ئۇنىڭغا دېگەندىمەن ياكى ئۇنىڭغا ئېيتىشنى ئويلاۋاتسام، ئايالىمنىڭ سوزۇپ - سوزۇپ چاقىرغان ئاۋازى خىيالىمنى بۆلۈۋېتىپ، تەييارلاپ قويغان گېپىمنى ئۇنتۇلدۇرۇۋەتكەندۇ.
− قۇناخۇۇۇۇۇن، قۇناخۇۇۇۇۇن! مۆرىمەيۋاتقىنىنى قارا!
مەن بۇ ئىشقا كەنت باشلىقى تۇردىبەگنى ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلدۇرۇش ئۈچۈن، بىر پارچە ئىلتىماس يېزىش لازىملىقىنى ئويلاپ قالدىم. ئېغىزدا ئېيتىلغان سۆزنى ئۆلچەملىك خەلقئارا تىرانسكرىپسىيە بويىچە ھېچقانداق تاۋۇشنى قالدۇرماي خاتىرىلەپ چىقسىڭىزمۇ، قەغەز يۈزىدىكى سۆزلەر بىلەن ئېغىزدىن چىققان سۆزلەر ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق پەرق قالدۇرمىسىڭىزمۇ، سۆزلەرنىڭ قەغەز يۈزىگە چۈشكەن ھامانلا باشقا بىر نەرسىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. ئەپلاتوننىڭ نەزەرىيەسى بويىچە، مەلۇم ئىدېئال نەرسە سۆزگە ئايلانغاندا بىر قېتىم ساختىلىشىدۇ، سۆزدىن يېزىققا ئايلانغاندا يەنە بىر قېتىم ساختىلىشىدۇ، شۇڭا پەقەت ئېغىزدا سۆزلەشنى ئاساس قىلغان سوقرات ئەڭ ساپ مۇتەپەككۇر، دېگەن قاراش ئېسىمگە كەلدى. ھازىر دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئىدىيەنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي ھالىتى ئىشەنچسىز دەپ قارىلىپ، ئەڭ ياسالما بولغان قەغەزدىكى ھالىتى ئىشەنچلىك دەپ قارىلىدۇ.
ئەپلاتون خىيالىمغا يېتىشى بىلەن يۈرىكىم نېمىنىدۇر سەزگەندەك قارتتىدە قىلىپ قالدى.
كەنت باشلىقى پۈتۈن كەنتتىكى ئاھالىنى بىرىمۇ قالماي گۈرجەك كۆتۈرۈپ ئېتىزلىققا چىقىشقا بۇيرۇدى. كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ نېمىشقا چاقىرتىلغىنىنى بىلمەي، گۈرجەكلىرىنى دولىغا سېلىشقىنىچە كەنت قورۇسىدا كەنت باشلىقىغا قارىشىپ تۇرۇشاتتى.
− ھەممىڭلار گۈرجىكىڭلارنى مۇشۇ ھويلىغا قويۇپ، يىغىن زالىغا كىرىڭلار!
كەنت باشلىقىنىڭ ئاۋازى بەكلا يۇقىرى چىقىدىغان بولغاچقا، ئۇ ئادەتتە كاناي ئىشلەتمەيتتى.
كىشىلەر گۈرجەكلىرىنى مەيدانغا رەتلىك قويۇپ، يىغىن زالىغا كىرىپ كېتىشتى. كەنت باشلىقى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ نەۋرە ئاكامغا ئېيتتى.
− سادىقاخۇن، پۈتۈن كەنتتىكى گۈرجەكلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ، ئۆزۈڭنىڭكىنى مۇشۇلارنىڭ ئارىسىدىن تېپىۋال. مېنىڭ مەخسۇس سېنىڭ گۈرجىكىڭنى تېپىش ئۈچۈن بۇ يەرگە دېھقانلارنىڭ ھەممىسىنى قىچقىرىپ چىققىنىمنى بىرىگە تىنماڭلار، ئېرىغ مال بىر نەۋرىلەر!
− تۇردىبەگ دادۈيجاڭ، مۇشۇ ئىشتىن مېنى بىر خالاس قىلىۋەتسىڭىز جامائەتكە تۇز قۇيۇۋېتىمەن جۇمۇ! −− دېدى نەۋرە ئاكام گۈرجەكلەرگە قارىغاچ.
بىرەر مىڭغا يېقىن گۈرجەك ئىچىدىمۇ نەۋرە ئاكامنىڭ گۈرجىكى چىقمىدى. دېمەك، ئۇ گۈرجەك بۇ دۇنيادا مەۋجۇت ئەمەستەك قىلاتتى. مەنمۇ بارا - بارا ئاشۇنداق بىر گۈرجەكنى مۇشۇ رېئاللىقتا نەۋرە ئاكامدىن سوراپ چىققىنىمغا ئىشەنمەس بولايلا دەپ قالدىم. بەلكىم ئۇ مېنىڭ ۋە نەۋرە ئاكامنىڭ خام خىيالىدۇر، كىم بىلىدۇ.
خۇددى چۆچەكلەردىكى بىر تەلۋە قېرى بۇلبۇلگويا دېگەن رېئاللىقتا مەۋجۇت بولمىغان قۇشنى چۈشىدە كۆرۈپ، ئۇنىڭ خەقىشىدە پۈتۈن ئائىلىسىنى سورۇقچىلىققا سېلىپ، بالىلىرىنى ئاشۇ قۇشنى تېپىپ كېلىشكە تەرەپ - تەرەپكە ئەۋەتىۋەتكەندەك، نەۋرە ئاكام بىزنى مەۋجۇت بولمىغان گۈرجەكنى ئىزدەشكە سالماقتا ئىدى.
مەن ئاشۇ چۆچەك ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم. مەۋجۇت بولمىغان قۇشنى ئىزدەپ چىققان ئۈچ ئاكا - ئۇكىغا يولبويى ئۇچرىغان قورقۇنچلۇق دىۋىلەر ۋە ئەجدىھالار، ئۇلار يېتىپ بارغان تىلسىملىق كۇھىقاپلار زادى نېمە؟ ئۇنىڭ ھەممىسى خىيالىي كۆرۈنۈش. بۇ، رېئاللىقتا مەۋجۇت بولمىغان نەرسىنى ئىزدەشنىڭ مۇقەررەر ئاقىۋىتى. مەنمۇ رېئاللىقتا مەۋجۇت بولمىغان نەرسىنى ئىزدەشكە مەجبۇرلىنىۋەرسەم، مېنىڭمۇ كۆز ئالدىمدا خۇددى ئاشۇ ئۈچ ئاكا - ئۇكىغا ئوخشاش خىيالىي مەنزىرىلەر كۆرۈنىدىغان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. كىم بىلىدۇ، بەلكىم ماڭا پەقەت شۇ چاغدىلا ئاشۇ گۈرجەكنى كۆرۈش نېسىپ بولار. رېئاللىقتا مەۋجۇت بولمىغان نەرسىنى سەگەك تۇرۇپ كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس.
مەن ئاشۇ كىچىككىنە نوتىلارنى ئېتىزغا ئېلىپ چىقىپ ئەمگەككە سالغىنىمغا مىڭ پۇشايمان قىلدىم. ئاشۇلارنى قىينىغىنىمنىڭ جازاسىمۇ يا بۇ؟ ئۇلارنى ئېلىپ چىقمىغان بولسام نەۋرە ئاكامدىن ھەرگىزمۇ گۈرجەك ئارىيەت ئېلىپ تۇرمىغان بولاتتىم.
ئىككى پاراللېل تۈز سىزىق مەڭگۈ بىر - بىرى بىلەن ئۇچراشمىغاندەك، بىز ئۇ ئىندىۋىدۇئال دۇنيادىكى گۈرجەك بىلەن مەڭگۈ ئۇچرىشالماسلىقىمىز مۇمكىن. پەقەتلا سۇغا كىرگەن تۈز نەرسىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىدۇ. قەۋەتمۇ قەۋەت سۇنىڭ سۇندۇرۇشىدىن ئۆتۈۋەرسە ياكى سۇنىڭ شەكلى كۆپۈنكۈ ھالەتتىكى ئەينەك قاچا ئىچىدە بولسا، ئۇنىڭ ئىچىدە كۆرۈنگەن تۈز سىزىق ئەمەلىيەتتە ئەمەس، بەلكى تۇيغۇدا كېسىشىشى مۇمكىن. لېكىن، پۈتكۈل دۇنيادىكى ھەممە نەرسىنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىپ قاراش ئۈچۈن، پۈتۈن ئەتراپىڭىز سۇ بىلەن تولىشى كېرەك، يەنى سىز سۇغا غەرق بولۇشىڭىز لازىم. رېئاللىقتىكى نەرسە بىلەن رېئاللىقتا مەۋجۇت بولمىغان نەرسىنى ئۆزئارا ئۇچراشتۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى خۇددى سۇدا تۈز نەرسىنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتكەندەك، مەلۇم نەرسە ياكى ئۇنىڭ ياكى مېنىڭ شەكلىمنى ئۆزگەرتىشى كېرەك. بۇنى ئۆزگەرتەلەيدىغان بىرلا نەرسە خىيالىي كۆرۈنۈش. ئۈچ ئاكا - ئۇكىنىڭ رېئاللىقى دۇنيادا مەۋجۇت بولمىغان ھېلىقى قۇش بىلەن مەڭگۈ كېسىشمەيدىغان ئىككى پاراللېل سىزىق، لېكىن ئۇلار كۇھىقاپتا كېسىشتى. كۇھىقاپ، ئادەم يەيدىغان دىۋىلەر، سېھىرگەرلىك... بۇلار رېئاللىقتىن ئىبارەت تۈز جىسىمنىڭ روھىي كېسەلدىن ئىبارەت سۇغا كىرگەندىن كېيىنكى ئەگرى ھالەتكە كىرىشىدىن ئىبارەت. شۇڭا نەۋرە ئاكامنىڭ گۈرجىكىنى تېپىش ئۈچۈن چوقۇم روھىي كېسەل بولۇش كېرەك.
نەۋرە ئاكامنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتساق نەۋرە ئاكام:
−− ئۆيشان كىرىڭلار جامائەت! −− دەپ خىتاب قىلدى، لېكىن بۇ جامائەت مېنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغاندەك، يېنىدا تۇرسام ئۇ ماڭا قاراپمۇ قويمىدى. ئەمما، ئۇنىڭ ئۆيىگە يەنىلا جامائەت ئەمەس، بەلكى مەنلا كىردىم. مېنىڭ مەقسىتىم يەنىلا ھەل بولمايدىغان يىتكەن گۈرجەك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىدى.
− سادىقانىكا، قانداق قىلىمىز گۈرجەكنىڭ ئىشىنى؟
− ئۇ دۇنياغا بارغاندا بېرەرسەن ئۇكام.
−ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ - دە، بۇ دۇنياغا تەۋە بولمىغان نەرسىنى بۇ دۇنيادا قانداقمۇ قايتۇرغىلى بولسۇن! سەن بۇنىڭدىن 2400يىللار ئىلگىرى ياشىغان ئەپلاتون دېگەن بىر كىشىنى ئاڭلاپ باقمىغان ھەقىچان ؟
بىچارە نەۋرە ئاكامنىڭ چىرايى قايناپ تۇرغان مايغا سېلىنغان گۆشتەك رەڭگىنى تېنىمسىز ئۆزگەرتىپ ئاخىرىدا كۆكىرىپ توختىدى.
−2400يىل ئەمەس، مەن كىچىك چاغلىرىمدا ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن دادامنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمىنى ئاران بىلىمەن.
− 2400يىل ئىلگىرىكى شۇ كىشى مۇنداق دېگەن: »بۇ دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەر ئىدېئال دۇنيادىكى ئەسلىي نەرسىنىڭ ئۈزۈكسىز تەقلىد قىلىنىشى بىلەن ياسىلىدۇ.« سېنىڭ گۈرجىكىڭ ئاشۇ ئىدېئال دۇنيادىكى گۈرجەك بولسا كېرەك.
−ئۇكام ئۇرايىمباي، مەن سېنىڭ بۇنداق ئىدېئال − پىدېئال دېگەن گەپلىرىڭنى چۈشەنمەيمەن.
−شۇنداق، سادىقانىكا، مەن ساڭا ئۇ گەپنى چۈشەندۈرمەكچى ئەمەس، پەقەت ئاغزىمدىن چىقىرىۋالساملا بولىدۇ. ئىدېئال دۇنيادىن ئۇ گۈرجەكنى ئېلىپ چىقالمىساممۇ، ھېچ بولمىغاندا مېڭەمدە شەكىللەنگەن ئىدىيەنى رېئال دۇنياغا بىر سۆزگە ئايلاندۇرۇپ سۆرەپ چىقىرىپ ئۆزۈمنى شادلانغىلى قوي.



"تارىم" ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىل 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەبىبۇللا مىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-4 13:21  


توپۇدا ياتسا گۆھەر،
بولماس باھاسىغا زىيان.
سۇئاقار ئاققان ئېرىقتىن،
سايدا ھەم تاشقىن قىيان.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  244
يازما سانى: 1294
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5397
تۆھپە : -1
توردا: 1161
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-4 11:19:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  بۇ  ھىكايىنى  ئۇقۇشقا  قىزىقىۋاتاتتىم. كۆڭلىمدىكىنى  بىلگەندەكلا  مۇنبەرگە  يوللاپ  قۇيۇپسىز.رەھمەت  سىزگە.
بۇ  يىل  تارىم ژورنىلىغا مۇشتىرى بۇلۇپ  ياخشى  ئىشنى يەنە  باشلىۋالدىم.ئەمدى قانداق ئەسەرلەر  بولسا   ژورنالنى تۇلۇق ئۇقۇپ ئاپتۇرلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن سۈيۈندىغان  بولدۇم.
بۇ ھىكايە رايۇنىمىز ئەدبىياتىمىزنىڭ  كاتتا  مۇكاپاتىغا نائىل  بولغان  نادىر ئەسەر  بولغاچقا  ئەستايىدىل  ئۇقۇپ چىقىمەن.
تېما  يوللىغۇچىغا  رەھمەت.

ئادەم ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خۇشاللىق،ئەڭ زور بەخت ئۆزىنىڭ مەنىۋى كۈچىنى باشقىلارغا تەغدىم قىلىشتۇر.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  512
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3615
تۆھپە : 2
توردا: 157
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-18

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-12-4 13:42:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەلىكە مۇھەممەت خانىمنىڭ بۇ قېتىملىق خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن  باشقا ئەسەرلەرنىمۇ يوللاپ قويۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  228
يازما سانى: 1725
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3969
تۆھپە : 3
توردا: 600
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-22

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-12-4 15:13:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەپلاتۇنكامنىڭ  گۈرجىكىنى ئوقۇماق يامان تەسكە توختىدى دىسە ئىش تۈگىمەي، ئوقۇپ يېرىمىغا كەلگەندىم، ئاخىرنى ئوقۇۋېتەي بۇ، داڭلىق، كاتتا ئەسەرنىڭ...

يامان كۆرمەڭ مېنى دوستلار ،ئىگەمنىڭ بىر قۇلىدۇرمەن ،
كىشى قەدرىمنى بىلمەيدۇ،ۋەتەننىڭ گۆھىرىدۇرمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4665
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 118
تۆھپە : 0
توردا: 24
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 18:03:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن. ئاددى،ئىخچام ۋەقەلىك ئارقىلىق يېزىلاردىكى دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى، كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرنى يارقىن ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىپتۇ.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2473
يازما سانى: 232
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1465
تۆھپە : 0
توردا: 238
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-23

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-12-6 00:16:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  ھېكايىنى  نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا سونۇپ باقسا بوپتىكەن....
  ئەپلاتۇن پەسلسەپىسىنىڭ  2400  يىلدىن كېيىنكى مۇلاھىزەكارلىرى ئىكەن ئەمەسمۇ ھېكايىدىكى ئاۋۇ دېھقان...

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2741
يازما سانى: 1077
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2015
تۆھپە : 0
توردا: 478
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-12-6 13:49:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

پەرھات تۇرسۇن  بۈگۈنىمىزدىكى  ئەڭ ئىستىداتلىق قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر...دىدارلىشىشقا ئاللا نىسىپ قىلسۇن...!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1877
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 130
تۆھپە : 0
توردا: 14
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-5-24

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-12-6 14:05:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياختۇردۇم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   د.ئا.نىگار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-10 19:01  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4652
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 101
تۆھپە : 0
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-8-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 16:50:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈرجەكلەر چوقۇم ئىگىسىگە ئوخشاپ كەتمىسە بولمايدىغاندەك، ساپلىق ئۈچۈن تاللىغان بادرا نەۋرە ئاكامدەكلا مۇستەھكەم ۋە گۈپچەك ئىدى. لېكىن نېمە ئۈچۈندۇر نەۋرە ئاكامغا يەنىلا ئوخشىماي قالدى. بەلكىم، نەۋرە ئاكام ئۇنى ئېلىپ كېتىپ بىر مەزگىل ئىشلەتسە بىر - بىرىنىڭ چىرايىنى تارتىپ، بىر - بىرىگە ئوخشاپ قالار.
                                                                                                                                                                                  پەرھات تۇرسۇن  بۈگۈنىمىزدىكى  ئەڭ ئىستىداتلىق قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  47
يازما سانى: 692
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1755
تۆھپە : 1
توردا: 851
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 17:46:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ياقتۇرۇپ ئوقۇغان ھىكايە بۇ..
‹دادامنىڭ 5- بالىسى› دىگەن ھىكايىنى يوللاپ قويسىڭىز بوپتىكەن.يىزىلغان ئوبزۇرمۇ ياخشى يىزىلىپتىكەن..

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6147
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 526
تۆھپە : 0
توردا: 209
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 15:39:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرھات تۇرسۇننىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئۆزگىچە پىخسىك تەسۋىرلەرنى مەن تېخى باشقا ئەسەرلەردە كۆرگۈدەك بولمۇدۇم

دىل بېرىپ بىرىپ بىر دىلنى ، قۇل قىلالىساڭ ، ئەۋزەلدۇر يۈز قۇلنى قىلغاندىن ئازات

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3724
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 105
تۆھپە : 0
توردا: 15
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-8-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-4 19:31:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىغاندا دېھقانلىرىمىزنى ھېچنىمە ئۇقمايدۇ ،شۇڭا كادىرلار ئىشقا ھەيدەيدۇ،دېسەك ئاغزىمىزغا يارا چىققۇدەك،يېرىمى پەيلاسوپكەن ئەمەسمۇ!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3724
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 105
تۆھپە : 0
توردا: 15
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-8-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-4 19:35:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەي يوللىغان ۋاقتى  2014-3-24 15:39
پەرھات تۇرسۇننىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئۆزگىچە پىخسىك تەسۋىر ...

پىخسىكمۇ ياكى پىسخىكمۇ؟باشقا ئەسەرلەردە زادىلا كۆرمىدىڭىزمۇ؟بوپتۇ،تۈرلۈك ئەسەرلەرنى ئوقۇسىڭىز كاللىڭىز قېيىپ كېتىدۇ،بىر ئادەمنىڭ ئەسىرىنى ئوقۇغانمۇ ياخشى

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8486
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 211
تۆھپە : 0
توردا: 32
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-20 17:08:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەر بۇ يەرگە يوللىنىپ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش بوپتۇ. مۇشۇنداق ھەقىقىي ئۇتۇقلۇق چىققان ئەسەرلەر بىلەن بىزنى تەمىنلەپ تۇرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش