ئاخىرقى قىش
ئېلى ھېمىت
تەرلىگەن جىلغىدىن كۆتۈرىلەر ھور،
چوققىلار مەستخۇش ئىشقىدا يانغان.
باقسام شۇ قىيادا يىراق ئوپۇققا ،
كۆيگەن ھۆل شاخ ئەينى پىژىلداپ تۇرغان.
سەن جىمجىت تۇراتتىڭ قېشىمدا گويا،
بىر تەنھا دەرەختەك شۇ جىلغىدىكى.
كۈلرەڭ پەلتويۇڭنىڭ پېشىنى ئويناپ،
پىغانلىق كۈي تۈكتۈم شۇ ئېقىندىكى.
كۆردۈم ئاھ شۇ سوغۇق كۆزۈڭدىن قىشنى،
زەر چېچىڭ قىراۋدا قاپتۇ،پاخپايغان.
مۇز سىياق شارپاڭغا يۆگەلدى قەلبىم،
ئالدىمدا تار جىلغا، غۇۋا نامايان...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Ali تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-3 19:34
|