كۆرۈش: 832|ئىنكاس: 3

رەيھان قادىر: «ئەلىشىر نەۋايى تەتقىقاتى ماقالىلار توپلىمى»

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
«ئەلىشىر نەۋايى تەتقىقاتى ماقالىلار توپلىمى» ھەققىدە

رەيھان قادىر

(مۇھەممەتئېلى ئەنۋەر تەرجىمىسى)


تۈركشۇناسلىق گېرمانىيە شەرقشۇناسلىقىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ، بېرلىن براندېنبۇرگ پەنلەر ئاكادېمىيەسى تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقات ئورنى، بېرلىن ھۆرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى، بېرلىن خۇمبۇلدت ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە گيوتتېنگىن ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە تۈركشۇناسلىق تەتقىقات ئورگىنى تەسىس قىلىنغان. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق تەتقىقات ئوبيېكتى تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ تارىخى ۋە تىلى قاتارلىقلار بولۇپ، ئەلىشىر نەۋايى ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتىگە ئىنتايىن مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، گېرمانىيە ۋە ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ شەرقشۇناس مۇتەخەسسىسلىرى ئۇنىڭغا ئالاھىدە ئېتىبار بەرگەن.
ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى ۋېنگىرىيەلىك يانۇس ئېكماننىڭ «چاغاتاي دەۋرى تىل- ئەدەبىياتى» گېرمانىيەدىكى نۇرغۇنلىغان تۈركشۇناس مۇتەخەسسىسلەرنىڭ نەۋايىغا بولغان تونۇشىغا مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن. يانۇس ئېكمان 1905- يىلى ۋېنگىرىيەدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1937- يىلى بۇداپېشت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەرەب، تۈركىي ۋە ۋېنگىر تىللىرى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، 1942- يىلىدىن 1944- يىلىغىچە بېرلىندىكى داڭلىق تۈركىي تىللار تەتقىقات ئىنىستىتۇتىدا پوستدوكتۇرلۇقتا ئوقۇغان. 1961- يىلى زىيارەتچى ئالىم پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى لوس ئانژېلېس تارماق مەكتىپى يېقىنقى شەرق تىللىرى فاكۇلىتېتىغا كىرىپ، مەخسۇس شەرق تۈركىي تىل- ئەدەبىياتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1964- يىلى، گېرمانىيەنىڭ ۋىسبادېندا «تۈركىي تىل- ئەدەبىياتى ئاساسىي ئوقۇشلۇقى» نى نەشىر قىلدۇرغان، ئوقۇشلۇققا ئەينى دەۋردىكى دۇنيادا تەسىر كۈچى ئەڭ زور بولغان تۈركىي تىل- ئەدەبىيات تەتقىقاتچى، مۇتەخەسسىسلىرى مەركەزلەشكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە فون گابائىنمۇ بار. بۇ كىتابنىڭ تۆتىنچى بابى يانۇس ئېكماننىڭ «چاغاتاي دەۋرى تىل- ئەدەبىياتى» بولۇپ، ئاساسلىقى تۈركىي تىللىق مىللەتلەر تىل- ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىش ئەھۋالى بايان قىلىنغان ۋە بۇنىڭ ئىچىدە نەۋايى توغرىسىدىكى بايانلار ئەڭ مۇھىم سەھىپىنى ئىگىلىگەن.
ئۇ چاغاتاي دەۋرىدىكى تۈركىي تىللىق ئەدەبىيات نامايەندىلىك رولىغا ئىگە، بولۇپمۇ شېئىر ئىجادىيىتى بۇ مەزگىلدە ئەڭ يۈكسەك پەللە ياراتقان دەپ قارىغان. شۇنداقلا، بۇ مەزگىلدىكى شېئىرىيەت ئىجادىيەتچىلىكىنىڭ باشلامچىسى نەۋايى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى پۈتكۈل ماۋارائۇننەھر، خۇراسان بىلەن سەمەرقەنت، ھىرات، بۇخارا، قوقەند، قەشقەر، ھىندىستان ۋە ئوسمانىيە ئىمپېرىيەسىدە كەڭ تارقىلىشقا مۇيەسسەر بولغان. ئۇزۇندىن بۇيان، نەۋايىنىڭ شېئىرلىرى قەلەمكەش زىيالىيلارنىڭ شېئىرىيەت يېزىقچىلىقىدىكى نەمۇنىسىگە ئايلانغان.
يانۇس ئېكماننىڭ نەۋايىغا بەرگەن يۈكسەك باھاسى گېرمانىيەدىكى تۈركشۇناس ئالىملارنىڭ نەۋايىغا بولغان قىزىقىشىنىڭ داۋاملىشىشىغا سەۋەب بولغان. 2001- يىلى، بېرلىن ھۆرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركشۇناسلىق تەتقىقات ئورنى «ئەلىشىر نەۋايى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 560 يىللىقى ۋە ۋاپاتىنىڭ 500 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزگەن. باربارا كىلنېر  ھېيىنكىل بىلەن سىگرىت كىلىنمېكىل ئىلمىي ماقالىلەرنى رەتلەپ، «ئەلىشىر نەۋايى تەتقىقاتى ماقالىلار توپلىمى» نامىدا 2003-يىلى نەشىر قىلدۇرۇپ، گېرمانىيە، ئاۋستىرىيە، .ئەنگلىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى تۈركشۇناس ئالىملارنىڭ نەۋايىغا ئالاقىدار ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ بايان قىلغان.

داۋامىنى «تارىم» ژۇرنىلى 2013- يىللىق 9- سانىدىن كۆرۈڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەبىبۇللا مىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-1 21:26  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-1 21:30:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
20073279020142.jpg
رەيھان قادىر خانىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TANGRIKUT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-1 21:31  


ۋاقتى: 2013-12-3 01:59:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

ۋاقتى: 2014-6-5 10:22:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى،،،

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش