كۆرۈش: 1239|ئىنكاس: 0

ئېلى ھىمىت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
DSC_70~1.JPG
   ئېلى ھىمىت  1970-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى پىچان ناھىيە بازار مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1992-يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنى ئەللا پۈتتۈرۈپ، پىچان ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە خىزمەتكە كىرگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ،  شۇ مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئىجادىيىتى «تۇرپان»ژۇرنىلىنىڭ 1985-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان «گۈزەل پىچان»،«يولىمىز پارلاق»قاتارلىق ئىككى شېئىرى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا 150پارچىدىن ئارتۇق شېئىر،50پارچىغا يېقىن ئەدەبىي  ئوبزورى ئېلان قىلىنغان.1995-يىلدىن ھازىرغىچە «ماھىيەتتىكى روھ، ۋە روھتىكى ماھىيەت»،«يېڭى شېئىرلار توغرىسىدا مۇلاھىزە»، قاتارلىق ئوبزورلىرى،«ئىككىنچى قۇياش»،«قىزلىرىم»،«چېچەكلىدى ئۈچ خىل دەرىخىم»، ناملىق شېئىرلىرى،«تاسادىپىي ئامەت» ناملىق ھېكايىسى «تۇرپان گېزىتى»  ئۇيۇشتۇرغان تۈرلۈك ئەدەبىي ئەسەر مۇسابىقىلىرىدە 2-دەرىجىلىك،3 -دەرىجىلىك، ھەم «مۇنەۋۋەر ئەسەر»بولۇپ باھالانغان.«شائىر موللا بوساق نىيازى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش» دېگەن ئەدەبىي ئوبزورى«تۇرپان »ژۇرنىلى تەرىپىدىن2008 -يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 17-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى.
   ئېلى ھىمىتنىڭ «تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان مەسىلىلەر ۋە ئۇلارنىڭ پەرقى»ناملىق كىتابى شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن 2006-يىلى5-ئاينىڭ 1-كۈنى نەشر قىلىندى. «خەلقئارا شاھمات ئويۇنىدىن ساۋات» ناملىق كىتابى شىنجاڭ پەن- تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن 2007-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى نەشر قىلىندى. ئۇ نەسىرلەشتۈرگەن «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» ناملىق كىتابنىڭ بالىلار ئوقۇشلۇقى شىنجاڭ سەنئەت-فوتۇ سۈرەت نەشرىياتى، شىنجاڭ ئېلېكترون ئۈن-سىن نەشرىياتى تەرىپىدىن 2011يىلى 3-ئايدا نەشر قىلىنغان.  ئۇنىڭ «چۆل»ناملىق تۆت پارچە شېئىرى تۇرپان گېزىتى ئىدارىسى نەشرگە تەييارلىغان «ئاتەش نەپەسلەر» (1995يىل12-ئايدا، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان.) ناملىق كوللېكتىپ توپلامغا كىرگۈزگەن.«قۇمتاغ باغرىدىكى قىسسە»ناملىق داستانى «تۇرپان»ژۇرنىلى نەشرگە تەييارلىغان «ئاپرېلدىكى گۇگۇم پەسلى»(2006-يىلى 6-ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان) ناملىق توپلامغا كىرگۈزۈلگەن. «بالكوندىكى چۈش» قاتارلىق شېئىرلىرى «قۇمتاغ چاچقۇلىرى» (شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 2008-يىلى 10-ئايدا نەشر قىلىنغان) ناملىق كوللېكتىپ توپلامغا كىرگۈزۈلگەن.2012-يىلى 4-ئايدا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولدى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-28 14:25  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش