كۆرۈش: 1245|ئىنكاس: 15

پەلسەپە دېگەن نېمە؟ ئۇ نېمە ئىش قىلىدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-11-30 22:38:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
پەلسەپە دېگەن نېمە؟ ئۇ نېمە ئىش قىلىدۇ؟

گو جەن

ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

(بۇ ماقالە «مۇنبەر» ژۇرنىلىنىڭ 2012- يىللىق 6- سانىدا ئېلان قىلىنغان)


پەلسەپە بىر پەن بولۇش سۈپىتى بىلەن باشتىن- ئاخىر تاماملانمىغان ھالەتتە تۇرىدۇ، بۇ بەلكىم پەلسەپەنىڭ دائىملىق ھالىتى بولۇشى مۇمكىن. «پەلسەپە دېگەن نېمە؟ ئۇ نېمە ئىش قىلىدۇ؟» دېگەن سوئال ئۈستىدە ئۈزۈكسىز ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ. مانا بۇـــ پەلسەپەنىڭ كىشىنى گاڭگىرىتىپ قويىدىغان تەرىپى، شۇنداقلا ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن سېھرىي كۈچكە تولغانلىقىنىڭ سەۋەبى.
بىرىنچى، «پەلسەپە دېگەن نېمە؟» دېگەن سوئال ئۈستىدە ئويلىنىشنىڭ يولى
مەلۇم بىر شەيئىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سوئال ئەلۋەتتە مۇشۇ خىل شەيئىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر. بىز ئاۋۋال پەلسەپەنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بېكىتىۋېلىشىمىز كېرەك. بۇ، تارىخىي ۋە رېئال پاكىتتۇر. ئالايلۇق، ئۆتكەن يىللىرى قىزىق مۇنازىرە قىلىنغان «جۇڭگو پەلسەپىسىنىڭ قانۇنلۇقلۇقى» مەسىلىسى ئەمەلىيەتتە جۇڭگودا پەلسەپە مەۋجۇت ئەمەسلىكىگە ئەمەس، بەلكى جۇڭگو پەلسەپەسىنى قانداق چۈشىنىشكە بېرىپ چېتىلىدۇ. جۇڭگودا قەدىمدە غەربچە مەنىدىكى «پەلسەپە» بولمىغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە پەلسەپە چوقۇم بولغان. پەلسەپە ـــ ئىنسانلارنىڭ دۇنيانى ئىدراك قىلىشىدىكى بىر تۈرلۈك ئۇسۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن نۇرغۇن ئوخشىمىغان شەكىللەردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى تامامەن مۇمكىن. بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى تەرەققىي قىلىپ مۇئەييەن يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەندە مۇقەررەر مەلۇم بىر خىل پەلسەپىۋى ئىدىيە شەكىللىنىدۇ ھەمدە ئوي- پىكىرلىرى شۇ ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا، پەلسەپەنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ۋە كۆپ خىل شەكىلدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ھەققىدە شۈبھىلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق.
«پەلسەپە دېگەن نېمە؟» دېگەن سوئالغا ئۈچ خىل جاۋاب بېرىش مۇمكىن: (1) بىر خىل چۈشەندۈرۈش نەزەرىيەسى بويىچە جاۋاب بېرىش؛ (2) كۆپ خىل چۈشەندۈرۈش نەزەرىيەسى بويىچە جاۋاب بېرىش؛ (3) چۈشەندۈرگىلى بولماسلىق نەزەرىيەسى بويىچە جاۋاب بېرىش. مانا بۇ «پەلسەپە دېگەن نېمە؟» دېگەن سۇئال ھەققىدە ئويلىنىشنىڭ ئۈچ خىل يولى.
ئادەتتە بىز مۇئەييەن بىر مەسىلىنىڭ مۇئەييەن بىر چۈشەنچىسى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. كلاسسىك ئىلىم- پەن تەپەككۇر ئۇسۇلى بويىچە بولغاندا «پەلسەپە دېگەن نېمە؟» دېگەن سوئالغا بىر خىل چۈشەندۈرۈش نەزەرىيەسى بويىچە جاۋاب بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. لېكىن، بىر خىل چۈشەندۈرۈش نەزەرىيەسى بويىچە جاۋاب بېرىش ئەمەلىيەتتە بىر- بىرىنى يەكلەيدىغان ئوخشىمايدىغان چۈشەنچىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىر خىللا چۈشەندۈرۈش نەزەرىيەسى بويىچە تەپەككۇر قىلىش ئەندىزىسى بويىچە بولغاندا پەقەت بىر خىللا چۈشەنچە بېرىلگىنى توغرا، شۇڭا چۈشەنچىگە ئىگە بولغان كىشى ئاشۇ چۈشەنچىنى بىردىنبىر توغرىسى دەپ قارىۋالىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، مۇشۇ خىل تەپەككۇر ئەندىزىسىدە باشقا چۈشەنچە بىلەن زىت بولغان چۈشەنچە پەيدا بولىدۇ. پەلسەپە تارىخى ۋە رېئاللىقى ئەمەلىيەتتە مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدىكى بىر خىللا چۈشەندۈرۈش يولىنى ئىنكار قىلىدۇ.
بىر خىللا چۈشەندۈرگىلى بولمىغان ئىكەن، كۆپ خىل چۈشەندۈرۈش يولىنى سىناپ بېقىشقا بولامدۇ- يوق؟ ئەگەر كۆپ خىل چۈشەندۈرۈش تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرسا، بۇ- پەلسەپەنىڭ كۆپ ياقلىملىققا ئىگە ئىكەنلىكىدىن، ئۇنىڭغا ئوخشىمىغان نۇقتىدىن ئوخشىمىغان تەبىر بېرىش كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەسلىدىنلا بار بولغان ھەمدە ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن بولغان پەلسەپە ھەققىدىكى پەرقلىق چۈشەندۈرۈش ئېھتىمال پەلسەپە خاسلىقىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى تەبىرى بولۇشى مۇمكىن. ھەر بىرىنىڭ ئۆزىگە لايىق ئۇيغۇنلۇقى ۋە خاسلىقى بولىدۇ. پەلسەپە ھەققىدىكى تۈرلۈك چۈشەندۈرۈشلەر بەلكىم ئۆزىگە لايىق دەرىجىدە مۇۋاپىق بولۇشى مۇمكىن. پەلسەپە ھەققىدىكى ئوخشىمىغان چۈشەندۈرۈشنىڭ ئوخشاش ھەقىقەت ۋە قىممەتكە ئىگە بولۇشى ناتايىن. شۇڭا بىز ماركسىزملىق پەلسەپەنىڭ «پەلسەپە دېگەن نېمە؟» دېگەن سوئال توغرىسىدىكى تەبىرىگە بەكرەك ئىشەنگىنىمىزگە ئوخشاش، ھەمىشە مەلۇم خىل چۈشەنچىگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىمىز. شەرق- غەرب مەدەنىيىتى، جۈملىدىن پەلسەپەلەر ئۆزئارا ئۇچرىشىۋاتقان ۋە بىر- بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىشىۋاتقان، ماركسىزملىق پەلسەپە كۈنسېرى جۇڭگوچىلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ «پەلسەپە دېگەن نېمە؟» دېگەن سوئالغا بولغان چۈشەنچىمىز مۇقەررەركى جۇڭگو پەلسەپىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئامىللىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولىدۇ. شۇڭا، «پەلسەپە دېگەن نېمە؟» دېگەن سوئالغا بولغان كۆپ خىل تەبىرنى تەرتىپلەش ياكى يىغىنچاقلاش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدۇ. پەلسەپە ئەسلىدىنلا بىر پۈتۈنلۈككە، ئۇنىۋېرساللىققا ئىگە بولغاچقا، پەلسەپەگە بولغان چۈشەنچىمۇ بىر پۈتۈنلۈككە، ئۇنىۋېرساللىققا ئىگە بولۇشى كېرەك.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بىر خىل چۈشەندۈرۈش نەزەرىيەسى بىلەن كۆپ خىل چۈشەندۈرۈش نەزەرىيەسىنىڭ ئورتاق تەرىپى دەل ئۇنىڭ چۈشەندۈرگىلى بولۇش نەزەرىيەسىگە تەۋە بولغانلىقىدا. ئەمما چۈشەندۈرگىلى بولۇش نەزەرىيەسى بىلەن ھەقىقىي زىتلىق پەيدا قىلىدىغىنى چۈشەندۈرگىلى بولماسلىق نەزەرىيەسىدۇر. يەنى «پەلسەپە دېگەن نېمە؟» دېگەن بۇ سوئالغا «جاۋاب بەرگىلى بولمايدۇ» دەپ قارىلىدۇ، چۈنكى بۇ سوئالغا جاۋاب بەرگىلى بولمايدۇ. بۇنداق نۇقتىنەزەرنى ياقلايدىغان ئالىملار «پەلسەپە دېگەن نېمە؟» دېگەن سوئالنى «ئېنىق جاۋاب بەرگىلى بولمايدىغان سوئال» دەپ قاراپ، «بۇ سوئالنىڭ جاۋابى يوق، يەنى چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ» دېگەن يەكۈننى چىقىرىدۇ. مەسىلە شۇ يەردىكى، بىر سوئالنىڭ مۇقىم بىر جاۋابى بولمىغان ئىكەن، ئۇنداقتا بۇ – «بۇ سوئالغا جاۋاب بەرگىلى بولمايدۇ» دېگەنلىك بىلەن باراۋەرمۇ؟
ئەنئەنىۋى لىنىيەلىك قارارچىلىق نەزەرىيەسى بويىچە تەپەككۇر قىلغاندا، بىر خىل ئاددىي لىنيەلىك سەۋەب- نەتىجە مۇناسىۋىتىدە بىر سوئالنىڭ پەقەت بىرلا مۇقىم جاۋابى بولىدۇ. كىلاسسىك پەنلەر ئاددىي شەيئىلەرنىڭ لىنىيەلىك سەۋەب- نەتىجە مۇناسىۋىتى ئاسىدا شەكىللەنگەن. بۇ – ئىلمىي تەپەككۇرنىڭ تەرەققىياتى چوقۇم بېسىپ ئۆتىدىغان ئاساسىي باسقۇچ. لېكىن، دۇنيا مۇرەككەپ؛ پەلسەپە ئىنسانلار مەنىۋى دۇنياسىنىڭ «مېتافىزىكىسى» بولۇش سۈپىتى بىلەن تېخىمۇ مۇرەككەپ. ھازىرقى زاماندىكى مۇرەككەپ پەنلەر دۇنيانىڭ مۇرەككەپلىكىنى، غەيرىي لىنىيەلىك سەۋەب- نەتىجىلىك مۇناسىۋىتىنى بارغانسېرى چوڭقۇر ئېچىپ بەردى، شۇنداقلا بىزنىڭ بۇنداق مۇرەككەپ ھادىسىلەرنى مۇرەككەپ تەپەككۇر ئۇسۇلى بىلەن چۈشىنىشىمىزنى يېڭى پىكىر يولى بىلەن تەمىن ئەتتى. ئەمەلىيەتتە، ھەقىقىي، چوڭقۇر پەلسەپە ئەسلىدىنلا مۇرەككەپ تەپەككۇر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان بولىدۇ، مۇرەككەپ شەيئىلەرنى ئىدراكىي جەھەتتىن ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولىدۇ. مۇرەككەپ، غەيرىي لىنىيەلىك مۇناسىۋەت سىستېمىسىدا بىر سوئالنىڭ جاۋابى ئادەتتە بىر خىللا بولمايدۇ. پەلسەپە بىر تۈرلۈك مۇرەككەپ روھىي ھادىسە بولغانىكەن، ئۇنداقتا «ئۇ زادى نېمە؟» دېگەن بۇ سوئالغا بولغان چۈشەنچە تامامەن كۆپ خىل بولۇشى مۇمكىن. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، «پەلسەپە دېگەن نېمە؟» دېگەن بۇ مەسىلىدە بىر خىللا چۈشەندۈرۈش نەزەرىيەسىنى ئىنكار قىلغاندىن كېيىن كۆپ خىل چۈشەندۈرۈش نەزەرىيەسىنى تاللاشقا بولىدۇ، بۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ چۈشەندۈرگىلى بولماسلىق نەزەرىيەسى كېلىپ چىقمايدۇ؛ بىر خىللا چۈشەندۈرۈش نەزەرىيەسى بىلەن كۆپ خىل چۈشەندۈرۈش نەزەرىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چۈشەندۈرگىلى بولۇش نەزەرىيەسى يەنىلا يېتەرلىك نەزەرىيىۋى بوشلۇققا ئىگە. كۆپ خىل چۈشەندۈرۈش نەزەرىيەسىدىن ئىبارەت تەپەككۇر يولىغا كىرىش ئۈچۈن ئاددىي لىنىيەلىك قارارچىلىق تەپەككۇر شەكلىدىن ۋاز كېچىپ، تېخىمۇ مۇرەككەپ، سىستېمىلىق ۋە سىغىمچان چۈشەندۈرۈش رامكىسىنى قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئىككىنچى، «پەلسەپە دېگەن نېمە؟» دېگەن سوئالغا تەبىر
ھازىر پەلسەپەگە بىر خىللا چۈشەندۈرۈش نەزەرىيەسى بويىچە تەبىر بېرىشنى ۋاقتىنچە قويۇپ تۇرۇپ، «پەلسەپە دېگەن نېمە؟» دېگەن سوئالغا ھەر خىل نۇقتا ۋە قاتلاملار بويىچە بېرىلگەن چۈشەنچىنى تەبىر ئورنىدا كۆرۈپ تۇرايلى. تۆۋەندە «پەلسەپە دېگەن نېمە؟» دېگەن سوئالغا بىرقەدەر ۋەكىللىك قىلالايدىغان بەزى تەبىرلەرنى بېرىپ ئۆتىمىز. بۇ تەبىرلەرنىڭ ھېچقايسىسى مۇكەممەل ئەمەس، ھەتتا دەل توغرا بولماسلىقى، بىر تەرەپلىمە بولۇشىمۇ مۇمكىن. لېكىن، بۇ تەبىرلەرنىڭ ھەممىسى مۇئەييەن نۇقتىدىن پەلسەپەنىڭ بەزى خۇسۇسىيەتلىرى، ئالاھىدىلىكلىرى، قۇرۇلمىسى ياكى رولىنى ئېچىپ بېرەلەيدۇ.
1. پەلسەپە – بىر خىل مەدەنىيەت. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، پەلسەپە پەن- تېخنىكا مەدەنىيىتى، سىياسىي مەدەنىيەت، ئىقتىساد مەدەنىيىتى، دىن مەدەنىيىتى، سەنئەت مەدەنىيىتى قاتارلىقلاردىن پەرقلىنىدىغان ئالاھىدە بىر خىل مەدەنىيەتتۇر. ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۈرلۈك مىللەت پەلسەپىسىنىڭ تارىخى، رېئال مەۋجۇتلۇقى ۋە رولى ئۇنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان دەرىجىدە ئىسپاتلاپ بەردى. پەلسەپە مەدەنىيەتنىڭ تۈرلۈك فورمىسىدا «مېتافىرىكا» دىن ئىبارەت ئىدراكىي روھ بولۇش سۈپىتى بىلەن يادرولۇق ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر. مەدەنىيەت ئورنىدا سانىلىدىغان پەلسەپە بىزنى ئادەم بىلەن دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى مەدەنىيەت چۈشەنچىسى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.
2. پەلسەپە – بىر خىل تەپەككۇر شەكلى. تەپەككۇرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، پەلسەپە بىر خىل ئومۇمىي گەۋدىلىك، ھەرىكەتلىك، تەنقىدىي، قايتا ئويلىنىش خاراكتېرلىك تەپەككۇر شەكلىدۇر. پەلسەپە – كۈندىلىك تەپەككۇر، ئىلمى تەپەككۇر قاتارلىقلارغا ئوخشىمايدىغان بىر خىل تەپەككۇر شەكلىدۇر. پەلسەپە تەپەككۇر شەكلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەرگىزمۇ مۇقىم بولغان بىر خىل تەپەككۇر شەكلى ئەمەس، بەلكى كۆپ خىل ۋە بىر- بىرىنى ئۆزئارا تولۇقلىيالايدىغان تەپەككۇر شەكلىدۇر. پەلسەپىۋى تەپەككۇر ئۆزىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى تۈپەيلى ئۇنىۋېرسال، بىردەك يۈزلىنىشكە ئىگە بولىدۇ؛ ئۇ ھەرگىزمۇ شەيئىلەر ئۈستىدە قىسمەن، جۈزئىي ئويلىنىش ئەمەس. چۈنكى پەلسەپىۋى تەپەككۇر دۇچ كېلىدىغان بىر پۈتۈنلۈك ئاشكارا ھەم ھەرىكەت ھالىتىدىكى مەۋجۇتلۇق بولغاچقا، پەلسەپەمۇ ئومۇمىي گەۋدىدىن ئالغاندا ئاشكارا بولىدۇ، ھەرىكەتلىك ھالىتى ئۇنى مەڭگۈ بىر ئىزدا توختاتقۇزمايدۇ ھەم توختىماستىن ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ. تەنقىدلىك خۇسۇسىيىتى پەلسەپەنىڭ ئىچكى ماھىيىتى، ئىدراكىي ئانالىز ئىقتىدارىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشىدۇر. ئومۇميۈزلۈك، ئۈزۈل- كېسىل تەنقىد نەزەرىيىۋى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئەمەلىي بولىدۇ؛ ئوبيېكىتقىلا قارىتىلىپ قالماستىن، بەلكى ئۆزىگىمۇ قارىتىلىدۇ. تەپەككۇر ئۆزىنى تەنقىد قىلىش، يەنى ئۆزى ھەققىدە قايتا ئويلىنىش بولۇپ، پەلسەپە نۇقتىسىدىن ئاڭلىق يوسۇندىكى بىر تۈرلۈك قايتا ئويلىنىشتۇر. پەلسەپە – بىر پۈتۈنلۈك، ھەرىكەت ھالىتىلىك، قايتا ئويلىنىش خاراكتېرلىك، تەنقىدىي خاراكتېرلىك تەپەككۇر شەكلى بولۇپ، دۇنيا، ئادەم، شۇنداقلا ئادەم بىلەن دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىشكە تىرىشىدۇ.
3. پەلسەپە – دەۋر روھىنىڭ جەۋھىرى. ماركس: «ھەرقانداق پەلسەپە ئۆز دەۋر روھىنىڭ جەۋھىرىدۇر» دېگەنىدى. پەلسەپە – ئىدىيەدىكى دەۋردۇر. ھەقىقىي پەلسەپە ھەمىشە ئۆزى تەۋە بولغان دەۋرگە تەۋە بولىدۇ، ھازىرقى زاماندا كىشىلەر تونۇشى ۋە ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئۆزىنىڭ روھىي جەھەتتىكى جەۋھىرىنى تاۋلاپ چىقىدۇ. ماركسىزملىق پەلسەپە ئاڭلىق ھېس قىلىنغان ھەمدە روشەن دەۋر روھىغا ئىگە بولغان پەلسەپەدۇر. دەۋرنىڭ ئالمىشىشى ۋە ئۆزگىرىشى پەلسەپەدىن دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشنى ۋە شۇ ئارقىلىق ئۈزۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇرۇشنى، ئىجادىي ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. جۇڭگونىڭ ماركسىزملىق پەلسەپىسى ھازىرقى زامان جۇڭگو جەمئىيىتى ۋە ئادەملەرنىڭ تەرەققىيات تەلىپى ئۈستىگە قۇرۇلغان پەلسەپەدۇر. ئۇ دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە يەنە جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگىدۇر. جۇڭخۇا مىللەتلىرى ھازىرقى دۇنيادا قايتىدىن باش كۆتۈرگەن ئىكەن، شۇنىڭغا ماس ھالدىكى مۇقەررەرلىك ئۇنىڭ پەلسەپىسىدىمۇ ئەكىس ئېتىدۇ.
4. پەلسەپە – سىستېمىلاشقان، نەزەرىيەلەشكەن دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەدۇر. بۇ – پەلسەپىۋى تەپەككۇرنىڭ بىر پۈتۈنلۈك ئالاھىدىلىكىنى بىر قەدەر ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان كۆز قاراشتۇر. كۈندىلىك تەپەككۇر، ئىلمىي تەپەككۇر قاتارلىقلار كونكرېت شەيئى، مۇئەييەن ساھەلەرگە چېتىلغانلىقتىن، كىشىلەر ئەرزىمەس تەپسىلاتلار قاينىمىغا پېتىپ قېلىشى مۇمكىن. پەلسەپە دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالەم، جەمئىيەت، كىشىلىك ھايات، تەپەككۇرنىڭ سىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. پەلسەپە مۇئەييەن بىر دەۋر شەكىللەندۈرگەن مەلۇم خىل دۇنيا سىخېمىسىنى تەسۋىرلەپ بېرىدۇ ياكى شۇنداق سىخېما بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ، ئىلىم- پەن، سىياسىي، ئىقتىساد، دىن، سەنئەت قاتارلىق ساھەلەر تەسۋىرلىگەن سىخېما بىلەن ھەم باغلىنىشلىق، ھەم پەرقلىق بولىدۇ. پەلسەپە – دۇنيا قاراش، شۇنداقلا مېتودولوگىيەدۇر. مۇئەييەن بىر دۇنيا قاراش مۇئەييەن بىر مېتودولوگىيە بىلەن باغلىنىشلىق بولىدۇ. پەلسەپە مېتودقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، كونكرېت مېتود ئاساسىدا ئىنسانلارنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە تونۇشىدىكى ئاددىي مېتودلارنى يىغىنچاقلايدۇ ۋە خۇلاسىلەيدۇ. مانا بۇ مېتودولوگىيەدۇر. مېتودولوگىيە – مېتود ھەققىدىكى پەلسەپە نەزەرىيەسىدۇر.
5. پەلسەپە – دۇنيانىڭ ئەقىل- پاراسىتىدۇر. ماركسنىڭ ئېيتقىنىدەك، «بۇ دۇنيانىڭ ئەقىل- پاراسىتى پەلسەپە، ئۇ دۇنيانىڭ ئەقىل- پاراسىتى دىندۇر.» پەلسەپە دۇنيانىڭ ئەقىل –پاراسىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئومۇمىي جەھەتتىن دۇنيا (ئالەم) بىلەن ئادەمنىڭ، ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ ۋە ئادەم تېنى بىلەن قەلبىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئېچىپ بېرىدۇ، شۇنداقلا ئۇ يەنە كىشىنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى قايتا ئويلىنىشىدۇر. ئادەمگە بولغان تونۇش ھەققىدە غەربنىڭ قەدىمكى پەيلاسوپلىرى «ئۆزۈڭنى تونۇ» دېگەننى، جۇڭگونىڭ قەدىمكى زاماندىكى ئاقىللىرى «ئۆزگىنى چۈشەنگەن ئاقىل بولۇر، ئۆزىنى چۈشەنگەن دانا بولۇر» دېگەننى تەكىتلىگەن، يەنى كىشىلەرگە مۇئامىلە قىلىشتىكى، ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئەقىل- پاراسەتنى تەكىتلىگەن. كىشىلەرگە مۇئامىلە قىلىش بىلەن ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش، يەنى دائىم تىلغا ئېلىنىدىغان ئادەم بولۇش بىلەن ئىش قىلىش ئۆزئارا بىردەكلىككە ئىگە؛ ئادەم بولۇشمۇ ئىش قىلىش ئارقىلىق نامايان بولىدۇ. ئادەم بولۇش ۋە ئىش قىلىشتا تۈرلۈك مۇناسىۋەت ۋە زىددىيەتلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش- قىلالماسلىق كىشىدە ئەقىل- پاراسەت يېتىلدۈرىدۇ ۋە كىشىنى سىنايدۇ.
6. پەلسەپە – بىر خىل پەن. تارىختىكى بىخ ھالىتىدىكى پەنلەرنىڭ ھەممىسى بۇرۇن پەلسەپىگە تەۋە ئىدى؛ يېقىنقى دەۋردىن بېرى، پەلسەپەدىن تۈرلۈك پەنلەر ئايرىلىپ چىقىپ، مۇستەقىل پەنلەرگە ئايلاندى، شۇنداقلا تۈرلىرى تولۇق بولغان ھازىرقى زامان ئىلىم- پەن سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى. ئىلگىرى پەنلەر پەلسەپەگە تەۋە ئىدى، ھازىر بولسا پەلسەپە پەنلەرگە تەۋە بولدى، پەنلەرمۇ ئىنسانلار ئىدراكىنىڭ ۋەكىللىك فورمىسىغا ئايلاندى. پەلسەپە تەبىئەت، جەمئىيەت، تەپەككۇر ۋە بىر- بىرىگە ئالاقىدار ئىلىم- پەن ساھەلىرىدىكى ئومۇميۈزلۈك ۋە ئادەتتىكى خۇسۇسىيەتكە ئىگە مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەبىئەت پەلسەپىسى، جەمئىيەت پەلسەپىسى، ئىلىم- پەن پەلسەپىسى، تېخنىكا پەلسەپىسى، سىياسىي پەلسەپە، قانۇن پەلسەپىسى، ئىقتىساد پەلسەپىسى، باشقۇرۇش پەلسەپىسى، دىن پەلسەپىسى، مەدەنىيەت پەلسەپىسى، سەنئەت پەلسەپىسى قاتارلىق ماس ھالەتتىكى بىر يۈرۈش «تارماق پەلسەپە» ياكى «دائىرىلىك پەلسەپە» نى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ «تارماق پەلسەپە» ياكى «دائىرىلىك پەلسەپە» لەر ئىلىم- پەن ۋە پەلسەپە ئارىسىدا تۇرىدۇ. پەنلەر تۈرلەرگە ئايرىلغاندا ھەمىشە مۇناسىۋەتلىك پەن ساھەلىرىگە كىرگۈزۈۋېتىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى بىر خىل پەن ئورنىدا كۆرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ ئاساس تېپىلىدۇ.
7. پەلسەپە – بىر خىل سەنئەت. پەلسەپە بىر خىل سەنئەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىش- ھەرىكەت ۋە تىلنى ۋاسىتە قىلىدۇ، زېھىن بىلەن تۇيغۇ، ئىدراك بىلەن ئىدراكسىزلىق، دېگىلى بولۇش بىلەن دېگىلى بولماسلىق ئارىسىدا ئىپادىلىنىدۇ. پەلسەپەنى بىر خىل سەنئەت ئورنىدا كۆرۈش، ئۇنى پەلسەپەنىڭ ئىچكى سەنئەتلىك ماھىيىتى ئۈستىگە قويۇش – پەلسەپەنى ئىلمىي چۈشىنىش بىلەن تامامەن ئوخشىمايدىغان بىر خىل چۈشىنىشتۇر. ئىنتايىن سىرلىق ۋە تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان نەرسىلەرنى سەنئەت شەكلى ئارقىلىق ھېس قىلىشقا، ئىپادىلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنداق پەلسەپە دەل بىر خىل سەنئەتتۇر. ئىلىم- پەن ئىنسانلارنىڭ روھىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان دەۋردە كىشىلەر ئىلىم- پەنگە ئوخشاش ئاشۇنداق دەلىللا پەلسەپەنىڭ بولۇشقا تېگىشلىك ئىپادىلىنىش شەكلىدۇر. بۇنداق ئىدراكىي ئۆلچەم ئىشلارنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى توسۇپ قويىدۇ.
8. پەلسەپە- كىشىلەرنىڭ بىر خىل ھايات كەچۈرۈش شەكلىدۇر. خاراكتېرى ئەركىن كىشىلەر كۆپ خىل شەكىلدە ھايات كەچۈرىدۇ. خۇددى ئىلىم- پەن، سىياسىي، ئىقتىساد، دىن، سەنئەت قاتارلىقلارنى بىر خىل ياشاش شەكلى قىلغىلى بولغاندەك، پەلسەپەنىمۇ بىر خىل ياشاش شەكلى قىلىۋېلىشقا بولىدۇ. بۇنداق ياشاش شەكلىدە كىشىنىڭ ئىدىيەسى، ھېس- تۇيغۇلىرى، كەسپى، تۇرمۇشى قاتارلىقلار ئورگانىك ھالدا بىرىكىپ، روھىي جەھەتتە يۈكسەك ئەركىن بولغان بىر خىل كىشىلىك ھايات مەنزىلى ھاسىل بولىدۇ. پەلسەپە ياشاش شەكلى بولۇش سۈپىتى بىلەن كىشىلەرنىڭ ياشاش پائالىيىتىنى يېتەكلەيدۇ، قېلىپقا چۈشۈرىدۇ. خۇددى ئىلىم- پەن، سىياسىي، ئىقتىساد، دىن، سەنئەت قاتارلىقلار كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسەتكىنىگە ئوخشاش. پەلسەپە ياشاش شەكلى بولۇش سۈپىتى بىلەن كۆپ خىل بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىنى تاللىغىلى، ھەتتا ياراتقىلى بولىدۇ.
يۇقىرىدا ئېيتىلغان تەبىرلەر بىر- بىرىدىن پەرقلىنىدۇ، لېكىن بىر- بىرىنى چەتكە قاقمايدۇ، ئەكسىچە بىر- بىرىنى تولۇقلايدۇ. «پەلسەپە دېگەن نېمە؟» دېگەن سوئالغا بېرىلگەن بۇ تەبىرلەر، شۇنداقلا تېخى ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان سانسىزلىغان تەبىرلەر پەلسەپەگە بولغان تۈرلۈك چۈشەنچىلەرنى ھاسىل قىلىدۇ. ئەنە شۇ ئوخشىمىغان چۈشەندۈرۈشلەرنى ئومۇملاشتۇرغاندىلا ئاندىن «پەلسەپە دېگەن نېمە؟» دېگەن سوئالغا ھەقىقىي جاۋاب بەرگىلى ۋە ئۇنى چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ.
ئۈچىنچى، «پەلسەپە دېگەن نېمە؟» دېگەن سوئالدىن «پەلسەپە نېمە ئىش قىلىدۇ؟» دېگەن سوئالغا قەدەر
«پەلسەپە دېگەن نېمە؟» دېگەن بۇ سوئالغا ھەرقانداق دەۋر، ھەرقانداق پەيلاسوپ ئەڭ ئاخىرقى ۋە مۇتلەق جاۋابنى بېرەلمەيدۇ. شۇ ۋەجىدىن، بۇ سوئالغا «جاۋاب بەرگىلى بولمايدۇ» دېيىشكىمۇ بولىدۇ. لېكىن، بىز ھەرگىزمۇ بۇ گەپنى ئاڭلاپلا: «ھەر قانداق دەۋر، ھەرقانداق پەيلاسوپ بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشكە ئۇرۇنماسلىقى كېرەك. بۇ سوئالغا جاۋاب بەرگەن تەقدىردىمۇ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ، شۇڭا بۇ ھەقتە ئېغىز ئاچمىغان تۈزۈك» دېيەلمەيمىز. ئىنسانىيەت بىردەك تونۇشقا كەلگەن ھەرقانداق ھەقىقەت نىسبىيلىك ھەم مۇتلەقلىققە يۈرۈش قىلىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. مۇئەييەن دەۋر، مۇئەييەن بىر پەيلاسوپنىڭ بۇ سوئالغا ئەڭ ئاخىرقى، مۇتلەق جاۋابنى بېرەلىشى مۇمكىن بولمىسىمۇ، لېكىن ئۆزى ياشاۋاتقان شۇ دەۋرگە لايىق نىسبىي جاۋابنى بېرەلەيدۇ. ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كۇرمىڭلىغان پەيلاسوپلارنىڭ بۇ سوئال ھەققىدىكى سان- ساناقسىز جاۋابلىرىنىڭ يىغىندىسى بىز دەۋاتقان ئاشۇ ئەڭ ئاخىرقى، مۇتلەق بولغان جاۋابقا يېقىنلىشىدۇ. بۇنداق مەنىۋى ئەمگەكنىڭ ئەھمىيىتىنى ئىنكار قىلىش، نىسبىيلىك ئارقىلىق ئىنكارچىلىققا يۈزلىنىش پەلسەپە ئۈستىدە ئويلىنىشنى ئىنكار قىلىشتىن ۋە شۇ ئارقىلىق پەلسەپەنىڭ ئۆزىنىمۇ ئىنكار قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
«پەلسەپە دېگەن نېمە؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىش شەك- شۈبھىسىزكى «پەلسەپە نېمە ئىش قىلىدۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىشنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر. شەيئىلەرنىڭ خاراكتېرى ۋە قۇرۇلمىسى ئۇنىڭ رولى ۋە ئىقتىدارىنى بەلگىلەيدۇ. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، «پەلسەپە دېگەن نېمە؟» دېگەن سوئال «پەلسەپە نېمە ئىش قىلىدۇ؟» دېگەننى بەلگىلەيدۇ. يەنى «پەلسەپە دېگەن نېمە؟» دېگەن سوئالغا قانداق جاۋاب بېرىش «پەلسەپە نېمە ئىش قىلىدۇ؟» دېگەن سوئالغا قانداق جاۋاب بېرىش بىلەن بىردەكتۇر. «پەلسەپە نېمە ئىش قىلىدۇ؟» دېگەن سوئال، يەنى «پەلسەپە قانداق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ؟» دېگەن سوئال نۇرغۇن پەننىي ۋە ئىلمىي مەزمۇنلارغا ئىگە. كۆپ خىل چۈشەندۈرۈش نەزەرىيىسى بويىچە تەپەككۇر قىلغاندا كۆپ تەرەپلىمىلىك، كۆپ نۇقتىلىق، كۆپ قاتلاملىق جاۋابقا ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇ، يالغۇز پەلسەپە بىلەن ئوبيېكىت دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتىگە چېتىشلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە پەلسەپە بىلەن پەلسەپە سۇبيېكتىنىڭ مۇناسىۋىتىگە، بولۇپمۇ پەلسەپەنىڭ بىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە چېتىلىدۇ. لېكىن، پەلسەپەنىڭ بىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يالغۇز پەلسەپەنىڭ ئەسلى قانداق نەرسە ئىكەنلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىپ قالماستىن، بەلكى بىزنىڭ قانداق ئىكەنلىكىمىز تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. كىشىلەر: «پەلسەپەنىڭ نېمىگە پايدىسى بار؟» دېيىشىدۇ. بۇنداق سوئال ھەمىشە نوقۇل ھالدىكى «ئوبيېكتىپ» مەيداندا تۇرۇپ قويۇلغاندەك، خۇددى پەلسەپەنىڭ رولى تامامەن پەلسەپەنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى، سۇبيېكتى ھېسابلىنىدىغان بىز بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقتەك بىلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە پەلسەپەنىڭ رولى، يەنى قىممىتى مەلۇم سۇبىستانسىيىنىڭ خۇسۇسىيىتى ئەمەس، بەلكى مەلۇم مۇناسىۋەتنىڭ خۇسۇسىيىتى، ئوبيېكىت بىلەن سۇبيېكىتنىڭ قىممەت مۇناسىۋىتىدۇر. پەلسەپەنىڭ بىزگە نىسبەتەن پايدىسى بولۇش- بولماسلىقى ھەرگىزمۇ بىز ئۆگەنگەن پەلسەپەنىڭ قانداق پەلسەپە ئىكەنلىكى تەرىپىدىن بەلگىلەنمەيدۇ، بەلكى بىزنىڭ پەلسەپەنىڭ سۇبيېكتىنى قانداق ئىگىلىگىنىمىز تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. مەسىلىنىڭ ئاچقۇچى سۇبيېكىتنىڭ خاراكتېرى، ساپاسى ۋە ئىقتىدارىدا. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، پەلسەپە بىز ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەر بولالايدۇ:
1. پەلسەپە بىز ئۈچۈن تەتقىقات ئوبيېكتى بولالايدۇ. پەلسەپە ئىنسانلار مەنىۋىيىتىنىڭ قىممەتلىك بايلىقلىرىنىڭ جۇغلانمىسى بولۇپ، بىزنى ئۆگىنىش، بەھىر ئېلىش ئوبيېكتى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. پەلسەپە نېمە ئىش قىلىدۇ؟ بىرىنچى بولۇپ بىز ئۈچۈن تەتقىقات ئوبيېكتى بولۇپ بېرىدۇ. ئەگەر بىز پەلسەپەنى مۇئەييەن دەرىجىدە ئىگىلىيەلمىسەك، ئۆزىمىز بىلەن پەلسەپە ئوتتۇرىسىدا رېئال مۇناسىۋەت ھاسىل قىلالمىساق، ئۇنداقتا پەلسەپەمۇ بىز ئۈچۈن كېرەكسىز نەرسە بولۇپ قالىدۇ. مانا بۇ نۇقتا «پەلسەپە نېمە ئىش قىلىدۇ؟» دېگەن سوئالغا نىسبەتەن نېگىزلىك ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر. پەلسەپە ئۆگىنىش ۋە پەلسەپەدىن پايدىلىنىشتا ئالدى بىلەن پەلسەپەنى ئۆگىنىش كېرەك، ئۇنى ئۆگەنمىسە ئەلۋەتتە ئىگىلىگىلى بولمايدۇ، شۇنداقلا پەلسەپەدىن پايدىلىنىشمۇ بىر قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ.
2. پەلسەپە ئىدىيەرىمىز ئۈچۈن يېتەكچى بولالايدۇ. مەلۇم بىر پەلسەپەنى ئۆگىنىش، چۈشىنىش ۋە ئىگىلەش، شۇنداقلا مەلۇم بىر خىل تەپەككۇر شەكلىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق شۇ تەپەككۇر شەكلىمىز ئۈچۈن بىر يېتەكچىگە ئىگە بولالايمىز. پەلسەپىۋى تەپەككۇر ئارقىلىق شەيئىلەر ئۈستىدە ئەستايىدىل، ئىنچىكە، ئەتراپلىق تەھلىل ئېلىپ بارالايمىز، ھەم شۇ تەھلىلىمىزنى يۈكسەك دەرىجىدە يىغىنچاقلىيالايمىز، بۇ ھەم كىشىلەرنىڭ نەزەرىيىۋى تەربىيەلىنىشى ۋە ئىديىەۋى ئىقتىدارى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن پايدىلىق.
3. پەلسەپە ئىش- ھەرىكىتىمىز ئۈچۈن قىبلىنامە بولالايدۇ. ئىش- ھەرىكەت دېمەك – ئىش قىلىش دېمەكتۇر. ئىش قىلغاندا ئاۋۋال ئىشنىڭ توغرىسىنى تاللاپ قىلىش، ئاندىن ئىشنى توغرا قىلىش كېرەك. پەلسەپە- دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيە بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم رولى بىزنىڭ ئىشلارنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىشتۇر. توغرا ئىش قىلىش- ئىش قىلىش يۆنىلىشىگە بېرىپ چېتىلىدۇ ۋە دۇنيا قاراش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ؛ توغرا ئىش قىلىش بولسا ئىش قىلىشنىڭ ئۇسۇلىغا بېرىپ چېتىلىدۇ ۋە مېتودولوگىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. پەلسەپە ئىش قىلىشتىن ئاۋۋال ئەتراپلىق، ئىنچىكە ئويلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، شۇنداقلا ئىش- ھەرىكەت داۋامىدىكى ۋە ئىش- ھەرىكەتتىن كېيىنكى ئويلىنىشنىمۇ تەكىتلەيدۇ. بۇ، ئىش- ھەرىكەتكە بولغان ئاڭلىقلىقنى، تىزگىنلىنىشچانلىقنى ۋە ئۈنۈمدارلىقنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق.
4. پەلسەپە بىز ئۈچۈن تەنقىد قورالى بولالايدۇ. پەلسەپە ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تەنقىدىي ئويلىنىش بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇرۇن بار بولغان ئاڭ ھالىتى بىلەن كۇپايىلىنىپ قالمايدۇ، كەڭ تارقالغان تەنقىد قىلماسلىق قارىشىغا تەنقىدىي پوزىتسىيە تۇتىدۇ. تەنقىدنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ھەرگىزمۇ ئاددىي ھالدا ھەممىنى ئىنكار قىلىش بولماستىن، بەلكى ئىدراكىي ئانالىز قىلىش، دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇر شەكلىنى قوللىنىشتۇر. تەنقىدنى نىسبىي ھالدا نەزەرىيىۋى تەنقىد، ئەمەلىي تەنقىد ۋە ئۆز- ئۆزىنى تەنقىد قاتارلىقلارغا بۆلۈشكە بولىدۇ. تەنقىدكە قارىتا تەنقىد بېرىش، بولۇپمۇ ئۆز- ئۆزىنى تەنقىد قىلىش ئارقىلىق تەنقىدنىڭ بىر تەرەپلىمە بولۇپ قېلىش يۈزلىنىشىدىن ساقلانغىلى ۋە ئۇنى تۈزەتكىلى بولىدۇ. پەلسەپەنى تەنقىدىي تەپەككۇرىمىز ئۈچۈن يېتەكچى قىلىش ئارقىلىق ئىدراكىي ئانالىز ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، نەزەرىيىۋى تەپەككۇر ۋە ئەمەلىي پائالىيەتلىرىمىزدە تېخىمۇ زور ئەركىنلىككە ئېرىشەلەيمىز.
5. پەلسەپە ئەقىل- پاراسىتىمىزنىڭ مەنبەسى بولالايدۇ. ئەقىل- پاراسەت بەلگىلىك دەرىجىدىكى بىلىمنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، كىشىنىڭ تەپەككۇرى ۋە ئەمەلىيىتى جەريانىدا نامايان بولىدۇ. لېكىن، ئۇ ئەسلىدىنلا مۇقىمسىز، قېلىپلاشمىغان ھالەتتە بولۇپ، بىر قاراپلا ئىشلارنىڭ تېگى- تەكتىگە يېتەلەيدىغان، ئىشلاردىن توغرا يەكۈن چىقىرالايدىغان، قىيىن ئىشلارنىمۇ ئاسان ھەل قىلالايدىغان قابىلىيەت بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. بىلىم كىشىنى ئۆزى كۆنگەن ئۇسۇل بويىچە تەپەككۇر قىلالايدىغان ۋە ھەرىكەتلىنەلەيدىغان قىلىدۇ؛ ئەقىل- پاراسەت بولسا كىشىنى بىلىدىغان نەرسىلىرى ئارقىلىق بىلمەيدىغان نەرسىلەر ئۈستىدە ئىزدىنەلەيدىغان قىلىدۇ؛ مەسىلە بايقاش، مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، مەسلىنى تەھلىل قىلىشقا ماھىر قىلىپ، مەسىلىلەرنى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل، ئىجادىي ھالدا بىر تەرەپ قىلالايدىغان قىلىدۇ. پەلسەپىۋى ئىدىيە – ئىنسانلار ئەقىل- پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ، كىشىنىڭ ئۆزىدىكى ئەقىل- پاراسىتىنى قوزغىتىشقا، ئۇرغۇتۇشقا پايدىلىق.
6. پەلسەپە بىز ئۈچۈن ياشاش سەنئىتى بولالايدۇ. ياشاش شەكلى نۇقتىسىدىن پەلسەپەنى بىر خىل ياشاش سەنئىتى ئورنىدا كۆرۈشكىمۇ بولىدۇ. ئۇ يالغۇز تاشقىي تىل ياكى ئىش- ھەرىكەت سەنئىتى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بىر خىل «پەلسەپىۋى گۈزەللىك» كە ئايلىنىپ، باشقىلارغا ھوزۇر بېغىشلىيالايدۇ؛ بىر خىل ئىچكى تۇيغۇ، ئىدىيە، مىجەز- خۇلق، نىيەت- مۇددىئا بولۇش سۈپىتى بىلەن سەنئەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ، كىشىلىك ھاياتنى شېئىرىي تۇيغۇغا ئىگە قىلالايدۇ. پەلسەپە ياشاش سەنئىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۇرمۇشنى كۆزىتىدىغان، ھايات ئۈستىدە ئويلىنىدىغان، ھاياتنى تەنقىد قىلىدىغان بىر خىل ياشاش ھالىتىدۇر.
ئومۇمەن، بىز ھەممىمىز ئوخشىمىغان نۇقتا، ئوخشىمىغان قاتلامدىن پەلسەپە بىلەن ئۇنداق ياكى بۇنداق شەكىلدە مۇناسىۋەتلىشىپ تۇرىمىز، پەلسەپەنى يەنە ئوخشىمىغان شەكىلدە ئىدىيەرىمىز، تۇرمۇشىمىزنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلاندۇرۇۋېتىمىز. پەلسەپە – كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىنىڭ بىر خىل ھالىتى ياكى مەنزىلىدۇر. كىشىلەر كۈندىلىك تەپەككۇر ۋە ئىلمىي تەپەككۇر قاتارلىقلار ئاساسىدا داۋاملىق تەپەككۇر قىلسىلا مەلۇم خىل پەلسەپىۋى تەپەككۇر دەرىجىسىگە يېتەلەيدۇ. كىشىلەر «مېتافىزىكا» قەۋىتىگە چىققاندىلا ئاندىن پەلسەپەنىڭ قەسىرىگە قەدەم باسالايدۇ. «پەلسەپە دېگەن نېمە؟ ئۇ نېمە ئىش قىلىدۇ؟» دېگەن بۇ سوئالغا بىر خىللا چۈشەندۈرۈش نەزەرىيەسى بويىچە جاۋاب بېرىشتە قىيىنچىلىققا يولۇقساق، چۈشەندۈرگىلى بولماسلىق نەزەرىيەسىگە بۇرۇلۇپ كەتمەستىن، كۆپ خىل چۈشەندۈرۈش نەزەرىيەسى بويىچە جاۋاب بېرىشنى ئويلىنىپ باقساق بولىدۇ.
(«شىنخۇا تەرمىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2012- يىللىق 5- سانىدىن تەرجىمە قىلىندى. بۇ ماقالە «شىنخۇا تەرمىلىرى» ژۇرنىلىغا «پەلسەپە تەتقىقاتى» ژۇرنىلىنىڭ 2011- يىللىق 11-سانىدىن كۆچۈرۈپ بېسىلغان)

ئەسەرنىڭ ئاپتورى:گو جەن
دوستلارنىڭ ئورتاق كورۇپ پايدىلىنىشى ئۇچۇن يوللاندى،يوللىغۇچى:ئابدىغېنى ئىسمايىل ھىجرانى.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-12-1 13:30:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەلسەپە - ئالاھىدىرەك ئىلىم، ئۇنىڭ قەسىرىگە قەدەم باسقان كىشى ھەقىقەتەن ھاياجانغا تولىدۇ. ئېنىقكى، پەلسەپە ئۆگەنگەن، پەلەسەپ كىتابى ئوقۇغان كىشىنىڭ ھەممىسىلا پەيلاسوپ بولالمايدۇ، پەيلاسوپلۇقنىڭ ۋەزنى ۋە ئۇنىڭغا ئېرىشمەكنىڭ جەبرى ناھايىتى زوركى، ئۇ بىزدىكى ئىككى تال قوشاق توقۇپلا ناھايىتى ئاسان ‹‹شائىر›› ئاتىلىپ قېلىشلارغا زىنھار ئوخشىماس! مەنچە، پەيلاسوپ ئاتىلىشنىڭ شەرتلىرىدىن بىرى: پەلسەپە دۇنياسىدا يېڭىچە پەلەسەپىۋى قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ قامائەتچىلىككە  قوبۇل قىلدۇرۇشتۇر...

ۋاقتى: 2013-12-1 14:06:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچە بولغاندا شئېر يېزىشمۇ ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس. شئېر يېزىشقىمۇ  نۇرغۇن تەپەككۇر كېرەك. تۆت چاسا شەكىلگە كىرگەن ،قاپىيەنىڭ ئالدىغا  بىر قاتار سۆزلەرنى تىزىپ قويغانىڭ ھەممىسنىڭلا شئېىر  بولۇشى ناتايىن. قانچىلىك ئادەم شائىرلىق ماقامىغا مۇناسىپ كېلىدۇ، قانچىلىكى بۇنۇڭدىن يىراق  ، بۇ كۆڭلىمىزگە ئايان. ھەممە ئىلىمنىڭ ئۆزىگە چۈشلۇق قىيىن ۋە ئاسان تەرەپلىرى بولىدۇ. يەنە كىلىپ  شائىر بولۇشمۇ ئۇنداق ئاسان ئەمەس.  يەنە كېلىپ ئوخشاش بولمىغان ئىككى ئىلىم مەلۇم ئورتاق نوقتىغا ئىگە بولمىسا ، ئۇلارنى سېلىشتۇرغان تەقدىردىمۇ نۇرغۇن مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ.  

ۋاقتى: 2013-12-1 14:06:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچە بولغاندا شئېر يېزىشمۇ ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس. شئېر يېزىشقىمۇ  نۇرغۇن تەپەككۇر كېرەك. تۆت چاسا شەكىلگە كىرگەن ،قاپىيەنىڭ ئالدىغا  بىر قاتار سۆزلەرنى تىزىپ قويغانىڭ ھەممىسنىڭلا شئېىر  بولۇشى ناتايىن. قانچىلىك ئادەم شائىرلىق ماقامىغا مۇناسىپ كېلىدۇ، قانچىلىكى بۇنۇڭدىن يىراق  ، بۇ كۆڭلىمىزگە ئايان. ھەممە ئىلىمنىڭ ئۆزىگە چۈشلۇق قىيىن ۋە ئاسان تەرەپلىرى بولىدۇ. يەنە كىلىپ  شائىر بولۇشمۇ ئۇنداق ئاسان ئەمەس.  يەنە كېلىپ ئوخشاش بولمىغان ئىككى ئىلىم مەلۇم ئورتاق نوقتىغا ئىگە بولمىسا ، ئۇلارنى سېلىشتۇرغان تەقدىردىمۇ نۇرغۇن مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ.  

ۋاقتى: 2013-12-1 14:59:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.ساۋۇت يوللىغان ۋاقتى  2013-12-1 14:06
مەنچە بولغاندا شئېر يېزىشمۇ ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس. شئې ...

بەرھەق پىكىر!

ۋاقتى: 2013-12-1 15:00:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.ساۋۇت يوللىغان ۋاقتى  2013-12-1 14:06
مەنچە بولغاندا شئېر يېزىشمۇ ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس. شئې ...

بەرھەق پىكىر!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-1 18:33:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلىم مەرىپەت چەكسىز ئىكەن دىمەك ئەجىرسىزلا قولغا كېلىدىغان ھىچقانداق توھپە يوق دۇنيا مىقياسىدا تېىخى ئىلىم-مەرپەتنىڭ چېكىگە يەتكەن ھىچقانداق ئىنسان بولمىغىنىدەك بەدەلسىز ئەجىرسىز  ئاسان شەرەپ - ئۇتۇقمۇ  ئەلبەتتە بولمايدۇ. چەكلىك ئومۇر يۇكسەك غايىگە يېتىشكە يار بەرمەيدۇ،ئومۇر چەكسىز بولغىنىدا ئىدى، بەلكىم ھايات بۇنچە مۇشەققەت بولماس ئىدى ھاياتمۇ بىر ئىزىدا توىتاپ قېلىشىمۇ مۇمكىن ئىدى، بۇنداق ھاياتنىڭ بەلكىم ھىچ قىززىقى بولماسلىقى مۇمكىن.بىلگەنگە مۇشەققەتلىك ھايات، ھەقەقى ئومۇر بەرناسى ئەجىردىن شاتلىق ئىزدىگەن كىشى تاپۇر ئومۇر مەناسى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھىجرانى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-2 16:46  


ۋاقتى: 2013-12-3 02:50:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدىغېنى ئىسمايىل ھىجرانىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-20 22:22:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت دوستۇم سىزگىمۇ مەن پەقەت كوز قارشىمنىلا شەرھىلىدىم.

ۋاقتى: 2015-6-7 14:56:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىلغان ئەسەرلەرنى داۋاملىق تەرجىمە قىلىپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن ھىجرانى . سالامەت بولۇڭ.....

ۋاقتى: 2015-6-8 11:16:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئ‍ېسىل ماقالىكەن، كېچىكىپ كۆرگىنىمدىن ئ‍ەپسۇسلاندىم.

ۋاقتى: 2015-6-8 16:59:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

پەلىسەپە-تەجىربىدىن ئۆتكەن تويۇنغان ئەقىل-پاراسەتنىڭ جەۋھىرىدۇر!
                                                                            -خاتىرەمدىن

ۋاقتى: 2015-6-8 23:20:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەلسەپە بىر پەن بولۇش سۈپىتى بىلەن باشتىن- ئاخىر تاماملانمىغان ھالەتتە تۇرىدۇ.
پەلسەپىنى زۇلپىقار بارات ئۆزباش بىر قېتىملىق لىكسىيەسىدە «پەلسەپە بىر ئىلىم، ئەمما پەن ئەمەس» دېگەن ئىدى. ماقالىڭىزنىڭ بېشىدىكى بىر جۈملىنى ئوقۇپلا بۇ خىل سىلىشتۇرما تەبئىيلا كاللامدا پەيدا بولدى. مۇمكىن بولسا ماقالىنىڭ ئەسلى مەنبەسى ۋە ئۇلىنىش ئادرېسىنىمۇ قالدۇرغان بولسىڭىز، ماقالىگە ئىچكىرلەشتە ياردىمى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-16 14:47:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۇرسىز دوستۇم مېنىڭ تور ئارلاۋېتىپ ساقلاش قىممىتى بار تېمىلارنى كومپىيوتېرىمغا ساقلىۋېلىپ ۋاقتىم چىققاندا ئاندىن كورىدىغان ئادىتىم بار شۇنىسى بۇ ماقالىنىڭ ئەسلى مەنبەسىىگە دىققەت قىلماپتىمەن مەن ۋاقىت چىقىرىپ ماقالىنىڭ ساقىۋالغان نۇسخىسىدا بۇ توگرۇلۇق ئۇچۇر بولسا چوقۇم سىزگەيوللاپ بېرەي سالامەت بولىڭ ئەزىز

ۋاقتى: 2015-10-16 15:46:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىملانى ياخشى ئۆگىنىش ۋە تىل-يېزىق ئەمەلىيىتىدە توغرا ئىشلىتىشمۇ پەلسەپىدەكلا مۇھىم بولسا كېرەك. شۇڭا ھەممەيلەن ئاۋۋال مىللىتىمىزنىڭ گۆھىرى بولغان تىل-يېزىقنىڭ توغرىلىقىغا ۋىجدانى مەيداندا تۇرۇپ مۇئامىلە قىلايلى.

باھا سۆز

بەرھەق گەپ ئۇكام، مۇشۇ ئىشقا سەل قارىمايلى!  ۋاقتى: 2015-10-16 05:09 PM
توغرا. ئىملاغا سەل قاراش، ئەمەلىيەتتە ئۆزىمىزگە سەل قاراشتۇر!  ۋاقتى: 2015-10-16 05:07 PM
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش