ئېلى ھېمىت
مۇھەممەت خېۋىر ۋە توقسۇن
ئەسسلىسەم پىنھاننىمەن (1) ئوت يانار توقسۇن ساڭا،
ھېسلىرىم كەپتەر بولۇپ پەر قاقار توقسۇن ساڭا.
سەن بىلەن تاپقان زەپەر،ئۇ قەھرىمان مەرد ئەزىمەت،
كۈيلىرى ئۆركەشلىگەن، دەريا ئاقار توقسۇن ساڭا.
مەن ئۆزۈم ھەر جايغا بارسام كۈڭلۈمدىسەن ئاتەش ماكان،
شائىرىڭ روھى قىلۇر خوب ئىنتىزار توقسۇن ساڭا.
بۇ كېچە چۈشۈمدەمەن يول ئېلىپ كۆرجەي تامان،
ئوقۇدۇم ئەشئارىنى ھېجراندا زار توقسۇن ساڭا.
كۆرۈمەن قىيادا تىك،تەمكىن مۇلايىم تۇرقىنى،
قىل سۈكۈت دەيدۇ ساما، بەقارار توقسۇن ساڭا.
ئاق قۇناق بىرلە كارىز سۈيى ئېسىل زەمزەم بولۇپ،
خۇش ھىدى يارغان دىماق، تاپقان بازار توقسۇن ساڭا.
تاڭ قالۇر ئالەم بۈگۈن غول بويى قانچە گۈزەل،
سۈت بىلەن پۈتكەن نېنىڭغا بىقارار، توقسۇن ساڭا.
ئېلىشىپ بوران بىلەن رىزۋاننى(2) تاپتى ئەل بۈگۈن،
تاڭغا نۇر شولا بېرىپتۇ، ئاي نىگار توقسۇن ساڭا.
مەن سېنى تاپقان ئىدىم شائىر ئاكام مېھرى بىلەن،
ئاھ ئۇرۇپ دەردتە بىدار، داستان يازار توقسۇن ساڭا.
ئىزاھ:
(1)پىنھان-شائىر مۇھەممەت خېۋىرنىڭ ئەدەبىي تەخەلۇسى.
(2)رىزۋان-سەككىز جەننەتنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل جەننەتنىڭ بىرى.
|