قەلب تىۋىشلىرى (1)
بۈزوھرە تۇراپ
يۈرىكىم، سېنى ناھايتىى كۆپ ھەسرەتلىرىمنىڭ ھەمراھ ۋە گۇۋاھچىسى قىلغانلىقىمدىن كەچۇرۈم سورايمەن. ئازاپلىرىم كۆز ياشلىرىمغا ئايلانغاندا، ئۇ ياشلارنىڭ سېنىمۇ تىترىتىپ خۇددى ئەگىز سۈيىگە ئوخشاش ئەگىم – ئەگىم تالالىرىڭدىن سىرغىۋاتقانلىقىنى، قاناتسىز قۇشقا، گاچا بۇلبۇلغا ئايلانغىنىمدا، غۇرۇر ۋە ئادىمىيلىكىم، قەدىر – قىممىتىم ئىتىبارسىز قالدۇرۇلغاندا، مەن ھەممە پىغانلىرىمنى، ئازاپلىرىمنى، ئۈمدلىرىمنى، ئىستەكلىرىمنى پەقەت ساڭىلا ھاپاش قىلدۇرۇپ كەپتىمەن.
سېنىڭ بىر مىھرىبان ئانىغا ئوخشاش چىدامچانلىقىڭ، ئەپۇچانلىقىڭ، تەبىئەتكە ئوخشاش نۇرغۇن گۈزەللىك ۋە سىخىيلىق بىلەن تولغان ئىللىق باغرىڭ، ساداقەتمەن، ئىتىقاتلىق، ئاق كۆڭۈل ئىنسانغا ئوخشاش سەمىمىيلىكىڭ، بوۋاقلارغا خاس پاكلىقىڭ، سەھەردېكى يورۇقلۇق، قۇياش چىقىۋاتقاندېكى زەر رەڭلىك نۇر تالالىرىغا ئوخشاش نۇرانە تۇرقۇڭ مېنىڭ كۆڭۈلسىز ھەسرەتلىرىمنىڭ ئاستىدا تىندۇرما بولۇپ قاپتۇ. مېنى كەچۇر...نۇرغۇن كەچمىشلىرىمنىڭ ئازابىغا مەن بىللە ئاچچىق تولغىنىپ، ئازاپلىق تىۋىشلىرىمنىڭ بىر پارچىسى بولغان سۆيۈملۈك يۈرەك...
راستىنلا ئۇنتارمۇ داغى - ئازاپنى،
تولدۇرۇپ چوڭ جامدا ئىچسە مەي-شاراپ.
يۈرىكىم بېغىدىن ئۈزۈلۈپ كەتتى،
سۆڭىكىم ھەسرەتتىن سۇنغاچ قاراسلاپ.
سەن بىرىنىڭ سۆيگۈسىگە قۇل بولۇپ قالدىڭ. مەن سېنىڭ سۆيگۈڭگە قۇل بولۇپ قالدىم. سەن سۆيگۈڭدىن كېچەممىدىڭ، مەن ھەم سەندىن كىچەممىدىم. بەلكىم بىزنىڭ قۇللىقىمىز مۇشۇ يەردىن باشلانغاندۇ. بىز بىر - بىرىمىزنىڭ سۆيگۈ ۋە ئادىمىيلىكىمىزنى، غۇرۇرىمىزنى پايخان قىلىش بەدىلىگە بىر-بىرىمىزنىڭ قۇللۇق چەمبىرىكى ئىچىدە پىقىراشقا باشلىدۇق.
ئەي پەلەك مېنىڭدە نېمە ئۆچۈڭ بار،
سۆيگۈسىز ئاشىققا ئەيلەپ مېنى يار.
سەۋرەمنىڭ قاچىسى بەكمۇ چوڭ بولغاچ،
بىمەھەل ياغدىغۇ چاچلىرىمغا قار.
سەن ئۆزۈڭنىڭ ئىسسىمايۋاتقىنىڭنى ئېيتقاندا مەن قىزىشقا باشلىدىم. سەن تىترەشكە باشلىغاندا مەن گۈرۈلدەپ كۆيۈشكە باشلىدىم، سەن توڭلاپ قالدىڭ، مەن ئىچىمدىكى گۈلخاننى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن پۇرۇخلاپ قايناۋاتقان قىزىق سۈيۈقلۇقنى ئۈستى بېشىمغا تۆكتۈم. مەقسىدىم، كۆيۈۋاتقان روھىمنى جىسمىمنىڭ كۆيۈشلىرى بىلەن تەسەللى تاپقۇزۇش ئىدى ئەپسۇس، ئاقىبەتتە ئىچ ۋە تېشىمدىكى كۆيۈكلەر بىرلىشىپ ھۇررا سادالىرىنى ياڭرىتىپ ئاتاكىغا ئۆتتى.
ھەسرەتلىك گۈرۈلدەپ يېنىشلاردىن مەن،
يالىلداپ ئىچىلغان گۈلگە ئايلاندىم.
قالسىمۇ كۆيۈكنىڭ تارتۇقى دىلدا،
پارىلداپ تۇرغان بىر نۇرغا ئايلاندىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-16 16:23