ئاينىسا قادىر 1970- يىلى 6- ئايدا پىچان ناھىيە لەمجىن بازىرىدا خىزمەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1977 - يىلىدىن 1987- يىلىغىچە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملاپ 1987- يىلى 9-ئايدىن 1990-يىلى 7-ئايغىچە، شىنجاڭ رادىئو –تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى پىچان شۆبە سىنىپىدا ئوقۇغاندىن كېيىن، لەمجىن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1997- يىلى 9- ئايدىن 2005 –يىلى 12- ئايغىچە پىچان ناھىيىلىك مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئىلمى مۇدىر، پىئونېرلار يېتەكچىسى، ئوقۇتۇش- تەتقىقات مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن 2005- يىلى 12-ئايدىن تا ھازىرغىچە ناھىيىلىك ياش –ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزىدە ئىشلەپ كەلمەكتە.
1990 - يىلى «تۇرپان گېزىتى » دە ئېلان قىلىنغان «ئارزۇ» ناملىق شېئىرى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە قەدەم قويغان شۇندىن باشلاپ «تۇرپان» ژۇرنىلى،«تۇرپان گېزىتى»، «شىنجاڭ ئاياللىرى»، «ئاسىيا كىندىكى»، «تارىم»ژۇرنىلى قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا « ئۇچۇر»، «قارا ئەتىرگۈل»، «خوتۇن دېگەن شۇنداق بولسا»، «ئۈگرە»، «مۇھەببەت»، «ئاخىرقى قارار»، «ئىككى يۈزلۈك ئادەم»، «ئۇكام گەپلىرىمنى ئاڭلاپ قوي»، «تامغا»قاتارلىق 20 نەچچە پارچە ھېكايىسى «تۇرمۇش بەرگەن ئىلھاملار»، «تىۋىشسىز سىرلار»،«كەچمىشىمگە مىنگەشكەن ئويلار»... قاتارلىق 30نەچچە پارچە نەسرى، «ئاق كەپتەر»، « ئارزۇ»... قاتارلىق 10 نەچچە پارچە شېئىرى ھەمدە «ئىرادە»، «خىلۋەتتىكى كۈن نۇرى»... قاتارلىق 17 پارچە تەرجىمە ئەسىرى ئېلان قىلىنغان.
ئۇنىڭ 2007- يىلى تۇرپان گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «دادا، سىزگە نېمە بولدى» ناملىق ھېكايىسى. شۇ يىلى«تۇرپان گېزىتى» ئۇيۇشتۇرغان «ئىزچىلار» نامىدىكى مۇكاپاتلىق بەدىئىي ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدە 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
ئاينىسا قادىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، پىچان ناھىيىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.