يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 894|ئىنكاس: 1

ۋۇخەن ئونۋېرسىستىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقى (ئا.باھايدىن )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-11-28 15:18:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
                                              ۋۇخەن ئونۋېرسىسىتېتى
  
                               ئابلەت باھايىدىن
. ?# i6 n1 ^+ h# `/ U2 i
2013- يىل 11- ئاينىڭ 29 -كۈنى ۋۇخەن ئونۋېرسىسىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىق
خاتىرە كۈنى ، نۆۋەتتە مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى بۇ مەكتەپتە قىزىپ
كەتتى ،مەنمۇ بۇ مەكتەپتە شۇ پائالىيەتلەرنىڭ ئىشتىراكچىسى بولۇش شەرىپىگە
ئېرىشكەنلىكىم ئۈچۈن   ‹‹ ۋۇخەن ئونۋېرسىتىتى ›› نى تورداشلارغا تۇنۇشتۇردۇم .
( y: k* C5 V; \5 I% {
  گۈزەل تاغ – دەريا شەھىرى ، لوجادىكى گۈزەللىك مۇجەسسەملەشكەن ، تاغ ئۈستىدىكى مەكتەپ  ۋۇخەن ئونۋېرسىسىتىدۇر .ۋۇخەن ئونۋېرسىسىتىتى دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاستە قاراشلىق نۇقتىلىق ئۇنۋېرسال خاراكتېردىكى ئالىي مەكتەپ بولۇپ ، دۆلەتنىڭ ‹‹ 985 ›› قۇرۇلۇشى ۋە ‹‹ 211›› قۇرۇلۇشىدىكى ئالىي مەكتەپ ھېساپلىنىدۇ . ۋۇخەن ئونۋېرسىسىتى دەسلەپتە 1893- يىل چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى خۇگاڭ باش مۇپەتىش جاڭ جىدۇڭنى چىڭ ھۆكۈمىتى  ئۆز- ئۆزىنى كۈچەيتىش كونىچە مەكتەپ قۇرۇشقا تەكلىپ قىلغان ،شۇنىڭ بىلەن بۇ مەكتەپ پەيدىن – پەي تەرەققىي قىلىپ ، 1928 – يىلى  دۆلەتلىك ۋۇخەن ئونۋېرسىسىتىتى دەپ نام بېرىلگەن ، يېقىنقى زاماندا جۇڭگودىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەتلىك ئالىي مەكتەپكە ئايلانغان . 1946 – يىلى  مەكتەپ ئەدەبىيات ، قانۇن ، تەبئى پەن ، ئىجتىمائى پەن ، يېزا ئىگىلىك ، تىبابەتچىلىك قاتارلىق كەسپلەردە ئونۋېرسىتېت ئىنىستىتۇتلىرىنى قۇرۇپ جا جىچۈدىكى مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى تەسىس قىلغان . يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ، ۋۇخەن ئونۋېرسىسىتى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشتى . 1958 – يىلى  رەئىس ماۋزېدۇڭ ۋۇخەن ئونۋېرسىسىتىتىنى كۆزدىن كەچۈردى . 1993- يىلى ، ۋۇخەن داشۆ قۇرۇلغانلىقىنىڭ  100 يىللىق مەزگىلىدە ، جاڭ زېمىن قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرى تەبرىك  بېغىشلىمىسى يېزىپ بەردى .ئىسلاھات ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان ، ۋۇخەن ئونۋېرسىسىتى دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئىچىدە ئىلغار مائارىپ ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ ، ھەر تۈرلۈك ئىشلاردا گۈللەپ ياشنىغان تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ ، بىر پۈتۈن گەۋدە بويىچە يۇقۇرى ئۆرلەشتەك ئەمەلىي كۈچىنى نامايەن قىلدى . 1999- يىلى دۇنيا نوپۇزلۇق ژورنىلىدا ۋۇخەن ئونۋېرسىسىتى ‹‹ جۇڭگودىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى ›› قاتارىغا تىزىلدى . 2000- يىلى ۋۇخەن ئونۋېرسىسىتى ۋە ۋۇخەن سۇ ئىنشائاتى ئېلىكتىر كۈچى ئونۋېرسىسىتى ، ۋۇخەن ئۆلچەش – سىزىش پەن – تېخنىكا ئونۋېرسىسىتى ، خۇبېي مىدىتسىنا ئونۋېرسىسىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ يېڭىدىن ۋۇخەن ئونۋېرسىىسىتى بولۇپ تەشكىللىنىپ ، مەكتەپ ئىسلاھات تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى . ئالىي مەكتەپلەر قوشۇۋېتىلگەن 10 نەچچە يىلدىن بۇيان ، مەكتەپ ئۇنۋېرسال كۈچى ۋە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كۈچى ئۈزلۈكسىز يۇقۇرى كۆتۈرۈلۈپ ، 2011- يىلى مەكتەپ ئەنگىلىيە ‹‹ تايمېس گېزىتى ›› نىڭ رەتكە تۇرغۇزىشىدا دۇنيادىكى 400 كۈچلۈك مەكتەپلەر قاتارىغا كىردى .
8 ^. j' c. M. q2 o0 {  بۇ مەكتەپتە جۇ ئېنلەي ، دۇڭ بىۋۇ ، چېن تيەنچۇ ، لو روڭخېڭ قاتارلىقلار ئىلىم تەھسىل قىلىپ ، ئۆزىگە خاس خاراكتېر  يېتىلدۈرگەن ؛ گۇ خۇمىڭ ، جۇ كېجىن ، لى سىگۇاڭ ، ۋېن يىدو ، يو دافۇ ، يې شېڭتاۋ ، لى دا قاتارلىقلارمۇ بۇ يەردە ئىلىم تەھسىل قىلغان. 100 يىلدىن بۇيان ،ۋۇخەن ئونۋېرسىسىتى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى نۇرغۇن قالتىس شېئىر ماقالىلىرىنى جەملەپ ، ئىسىل  ئىنقىلابىي ئەنئەنىلەرنى شەكىللەندۈرۈپ ، مول بولغان ئىنسانلار مەدەنىيىتىنى توپلاپ ، ‹‹ ئۆزىنى كۈچەيتىش ، تەۋرەنمەسلىك ، ئىزدىنىش ، يېڭىلىق يارىتىش ›› تەك ئونۋېرسىسىتىت روھىنى بارلىققا كەلتۈرگەن . ' l$ s- o* Y( v! T2 r! d8 ]
  ۋۇخەن ئونۋېرسىسىتى ئەتراپىنى دۇڭخۇ  كۆل  سۈيى ئوراپ تۇرىدۇ،  لو جاشەن تېغى ئالدىدا قەت كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، مەكتەپ مۇھىتى گۈزەل ، مەنزىرىسى سۆرەتتەك كۆرۈنىدۇ . شۇڭا ‹‹ جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل ئالىي مەكتەپ ›› دەپ تەرىپلىنىدۇ . مەكتەپنىڭ ئومۇمى ئىگىلىگەن  يەر كۈلۈمى 5167 مو كېلىدۇ ، قۇرۇلۇش كۈلۈمى ئىككى مىليون 560 مىڭ كۋادىرات مېتىر كېلىدۇ . جۇڭگو غەرىپ بىرلەشتۈرمىسىدىكى ئوردىسىمان قۇرۇلۇش توپى سىدام نەپىس بولۇپ ، ھەيۋەتلىك ۋە كۆركەم  كۆرىنىدۇ . 26  كورپۇس دەسلەپكى مەزگىللەردىكى قۇرۇلۇش  ‹‹ مەملىكەتلىك نۇقتىلىق مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش ئورنى ›› تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. يېقىنقى يىللادىن بۇيان ، قانۇنشۇناسلىق قەۋەتلىك بىناسى ، باشقۇرۇش قەۋەتلىك بىناسى ، چەتئەل تىلى قەۋەتلىك بىناسى ، كومېپيېتىر قەۋەتلىك بىناسى قاتارلىق بىنالار قەد كۆتۈرۈپ مەكتەپتىكى يېڭى ئەسىرگە قەدەم قويغان بەلگە خاراكتېرلىق ئىمارەتلەر بولۇپ قالدى . ۋۇخەن ئونۋېرسىسىتى مۇكەممەل ، ئۇنۋېرساللىق خاراكتېرى كۈچلۈك بولغان ،ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىك بولغان پەلسەپە ، سىياسەت ، مائارىپ ، ئەدەبىيات ،تارىخ ، تەبىئى پەن ، ئىجتىمائى پەن ، يېزا ئىگىلىك ، باشىۇرۇش قاتارلىق 11 پەننى تەسىس قىلدى .مەكتەپ ئىجتىمائى پەنلەر ، ئىجتىمائى پەنلەر ، تەبىئى پەنلەر ، ئۇچۇر پەنلەر ۋە مىدىتسىنا پەنلىرى قاتارلىق 37 ئىنۇستىتۇت ( فاكۇلتېت ) ،119 تۇلۇق كۇرس كەسپى ، بەش بىرىنچى دەرىجىلىك دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق پەنلىرى بولۇپ ، 29 ئىككىنچى دەرىجىلىك پەنلىرى ، ئۇندىن باشقا 17  ئىككىنچى دەرىجىلىك دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق پەنلىرى تەتقىقات ئورنى بار  . ئالتە دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق ( تەربىيىلەش ) پېنى بار . 43 پەن بىرىنچى دەرىجىلىك دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە . 250 پەن 2 – دەرىجىلىك مەخسۇس دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بېرىش ھوقۇقىغا ، 347 پەن مەخسۇس دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە . 32 دوكتۇر ئاشتى كۆچمە پونكىت بولۇپ، ئۈچىسى 3- دەرىجىلىك ئا دەرىجىدىكى دوختۇرخانىلاردا تەسىس قىلىنغان . ۋۇخەن ئونۋېرسىسىتى داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار يىغىلغان ، ئىقتىساسلىقلار تەرەپ – تەرەپتىن يىغىلغان مەكتەپ . مەكتەپتە ھازىر مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلار 3500 دىن ئاشىدۇ ، بۇنىڭ ئىچىدە مۇئاۋىن پىرافىسورلار 2500 دىن ئاشىدۇ . يەتتە نەپەر ئوقۇتقۇچى جۇڭگو پەنلەر ئاكېدىمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى ، 8 نەپىرى جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى ، ئۈچى ياۋرىپا ئاسىيا پەنلەر ئاكېدېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى ، 8 نەپىرى ئىجتىمائى پەنلەرنىڭ نوپۇزلۇق پارافىسورى ، 15 نەپىرى ‹‹ 973 ›› تۈرىنىڭ تۇنجى ئالىملىرى ( دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق ئاساسلىق تەتقىقات پىلانى ) ، تۆتىسى ‹‹ 863 تۈر ›› پىلانى سەھەسىنىڭ مۇتەخەسىسى ، تۆتىسى دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقاتى ئومۇمىي توپى ، 37 سى دۆلەتنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ياشلارنىڭ فوندى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ، 15 نەپىرى دۆلەت " M- Y; }8 k0 z
دەرىجىلىك ئوقۇتۇشتىكى تەلەپچان ئۇستازلاردۇر . ۋۇخەن ئونۋېرسىسىتىتى تەتقىقات ئەمىلىي كۈچى مول بولۇپ ، مۇۋاپىقىيەتلىرى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ . مەكتەپتە  دۆلەتنىڭ بەش نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى ،  دۆلەتنىڭ ئىككى قۇرۇلۇش تېخنىكا تەتقىقات مەركىزى ، دۆلەتنىڭ ئىكى دالا پەنلىرىنى كۈزىتىش تەتقىقات پونكىتى ، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ 12 نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ بەش  قۇرۇلۇش تەتقىقات مەركىزى بار ؛ ئۇندىن باشقا يەنە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ يەتتە ئىجتىمائى پەنلەر نۇقتىلىق تەتقىقات بازىسى ، دۆلەتنىڭ 10 ئاساسىي پەنلەر ۋە ئىقتىساسلىقلارنى تەربىيىلەش بازىسى ، دۆلەت دەرىجىلىك توققۇز تەجرىبىلىك ئوقۇتۇشتا ئۈلگە كۆرسىتىش مەركىزى ۋە دۆلەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەدەنىيەت ساپا تەربىيە بازىسىدىن بىرسى بار . ; T& t7 ]$ H$ N* w5 v& v  |' o2 ^
2000 – يىلدىن بۇيان ، مەكتەپ دۆلەتنىڭ تەبئى پەن مۇكاپاتى ، دۆلەتنىڭ كەشپىيات مۇكاپاتى ۋە دۆلەتنىڭ پەن – تېخنىكىدا ئىلگىرلەش مۇكاپاتى قاتارلىق چوڭ مۇكاپاتلاردىن 37 تۈرىگە ئېرىشكەن . SCI ئىلمىي ماقالىلىرى ۋە دۆلەتنىڭ تەبىئى پەن فوندى تۈرى سانى جەھەتتە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا تىزىلغان . 1- ، 2- ، 3-نۆۋەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئىجتىمائى پەن مۇنەۋۋەر ماقالىلىرىنى باھالاشتا مۇكاپات سانى جەھەتتە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر ئىچىدە 3- ئورۇندا ، 4- نۆۋەتلىكتە 2- ئورۇنغا تىزىلغان . دۆلەت ئىجتىمائى پەن فوندى تېمىسى ، مائارىپ مىنىستېرلىقىنىڭ ئىجتىمائى پەنلەر تېمىسى پۈتۈن مەملىكەتتتىكى ئالىي مەكتەپلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كەلگەن ھەم 10 تۈر دۆلەتنىڭ ‹‹ بەش بىر ›› قۇرۇلۇش مۇكاپاتىغا ، دۆلەتلىك كىتاپ مۇكاپىتىغا ، جۇڭگو كىتاپ مۇكاپىتىغا ، مەكتەپ ئۇدا 10 قېتىم شېنجىندا ئۆتكۈزۈلگەن يۇقۇرى يېڭى پەن تېخنىكا مۇۋاپىقىيەتلىرى كۆركەزمىسىدە مۇناۋۋەر مەھسۇلات ( كېلىشىم مۇكاپتىغا ) ۋە تەشكىللەش مۇكاپىتىغا ئېرىشكەن . 2 |8 V5 ^- F2 z- Q2 p/ l( B
  مەكتەپتە نۆۋەتتە ئادەتتىكى تۇلۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسى 32718 نەپەر ،ماگېستىر  ئاسپىرانتلار 13973 نەپەر ، دوكتۇر ئاسپىرانتلار 7640 نەپەر ، بۇنىڭ ئىچىدە شاڭگاڭ ، ئاۋمېن ، تەيۋەنلىك ئوقۇغۇچىلار 1022 نەپەر ، بۇندىن باشقا چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار 1465 نەپەر . مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان مەكتەپ 40 مىليوندىن ئوشۇق ھەر تۈرلۈك ئالىي دەرىجىلىك مەخسۇس ئىقتىساسلىقلارنى تەربىيىلىدى ، ئىككى ئاكادېمىك 100 دىن ئوشۇق ئاكېدېمىكنى يېتىشتۈرۈپ ، دۆلەت قۇرۇلۇشى ۋە ئىجتىمائى تەرەققىياتقا زور تۆھپە قوشتى . ئۇندىن باشقا مەكتەپ 44 دۆلەت ۋە رايۇندىكى 370 ئالىي مەكتەپ بىلەن تەتقىقات ئورگىنى قۇرۇش ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى .  
( ?1 g6 `9 v: |  P  [  G1 l$ }- ? IMG_20140313_070521_0.jpg IMG_20140313_070111_0.jpg
# g( @# b( [; ^, S+ [+ o9 q
$ s8 E5 e  P% I! v- O
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.باھايدىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-25 22:56  
2 h4 ~# `1 a: V0 h
# r% m+ K) }5 S2 q2 l. u

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-3-9 17:18:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىملادا غەلىتە شەرتلىك بەلگىلەر تۇرىدىغۇ؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش