كۆرۈش: 595|ئىنكاس: 6

ئادىل0998: 10-سىنتەبىردىكى مىننەتدارلىق(فىليەتون)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-11-24 19:40:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
              10- سىنتەبىردىكى مىننەتدارلىق

                         (فىليەتون)

                    ئادىلجان ئابدۇقادىر


   بۈگۈن 10-سىنتەبىر، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەركەزدىن يەرلىككىچە تەنتەنىلىك تەبرىكلەش يىغىنلىرى ئېچىلىپ، «ئىلغار مائارىپ خىزمەتچىلىرى»، «مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى»لار تەقدىرلىنىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش قىزغىنلىقى ئەڭ يۇقۇرى دولقۇنغا كۆتىرىلدى. مەن يۇقۇرىمۇ ئەمەس، تۆۋەنمۇ ئەمەس، دەل ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئاددىي بىر ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن مىننەتدارمەن!
   ئالدى بىلەن مەن ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ مېنىڭ ئىسمىمنى ئاشۇ «ئىلغار»لار، ياكى «مۇنەۋۋەر»لەر قاتارىدا ئوقۇپ سالمىغانلىقىغا ئالاھىدە مىننەردارلىقىمنى بىلدۈرىمەن. ئۇنداق بولمىغاندا، مەن مەندىنمۇ ئىقتىدارلىق ياش تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئالدىدا ، ياكى «تەرىتىم بوش» كەلگەندە ئالدىغا بارسام مۇرەككەپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ئىزىپ ئىچكۈزۈپ، ئىچىمنى چىڭداپ قويىدىغان پىشقەدەم ئۇستازلارنىڭ ئالدىدا «ئاسمان يىراق، يەر قاتتىق» بولۇپ، ئۆزۈمنى قويىدىغان جاي تاپالماي قالاتتىم.
    ھەممىدىن بەكرەك مىننەتدار بولىدىغىنىم شۇكى: ەھبەرلەر بىلەن تۇغقانچىلىق(مەسىلەن: ئەر_ئاياللىق؛ ئاتا-بالا، .ئاكا-ئىنى، ئاچا-سىڭىللىق؛ قۇدا-باجىلىق...) مۇناسىۋېتىمنىڭ يوقلۇقى. شۇڭلاشقا مەن بۈگۈن خوشامەتچى-تەخسىكەشلەرنىڭ يالاڭ قات يىپتا ئۇچۇرۇپ «شەرەپ سەھنىسى»گە چىقىرىپ قويۇشىدىن، ئاندىن كۆپچىلىكنىڭ: « ‹ئېگىسى ئەرشكە چىقسا، ئىت-مۈشۈكلىرىمۇ ئەۋلىيا بوپتۇ› دېگەن مۇشۇ-دە! » دەپ، ئاچچىق-ئاچچىق مەسخىرە قىلىشلىرىدىن مۇستەسنا ھالدا خاتىرجەم بايرام ئۆتكۈزىۋاتىمەن.
    مەن ئۆزۈمنىڭ ئايال ئوقۇتقۇچى، يەنە كېلىپ خۇش پېئىل، چىرايلىق ئايال ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالمىغانلىقىمدىن  ئۇ دۇنيا-بۇ دۇنيا مىننەتدارمەن! چۈنكى: ھەرقانداق بىر غۇرۇر-ۋىجدانلىق ئايال خىزمەتچى باشقىلارنىڭ ئارقىسىدا قېلىپ، «چۆچۈرىنىڭ ئارىسىدىكى موندەك»تەك، چۆكۈپ قېلىشنى خالىمايدۇ. شۇنداقلا ، رەھبەرلىك تەرىپىدىن ئەجرى مۇئەييەنلەشتۈرۈلىپ، تەقدىرلەنگەنلىكى سەۋەپتىن ئاياللىق پەزىلىتى، ئار-نومۇسى خۇسۇسىدا پەس-پۈچەكلەرنىڭ ئۆسەك سۆزلىرىگە قېلىشنى تېخىمۇ خالىمايدۇ...
    بۈگۈن 10-سىنتەبىر، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى. «مۇئەللىم، بايراملىرىغا مۇبارەك بولسۇن!» دەپ، ماڭا بايراملىق سوۋغات ئېلىپ كەلمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن سىلەردىن بەكمۇ مىننەتدارمەن-ئوقۇغۇچىلىرىم. ناۋادا شۇنداق قىلىپ قالساڭلار، سوۋغىتىڭلارنى رەت قىلسام «ھالى چوڭ»لۇق قىلغان ، ياكى  سىلەرنى «كۆزگە ئىلمىغان» بولۇپ قالماسمەنمۇ؟ سوۋغىتىڭلارنى قوبۇل قىلسام ئوتتۇرىمىزدىكى پاك-غۇبارسىز  ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىق مۇناسىۋىتىمىزگە داغ يۇقىدۇ-ئەلبەتتە! سۆيۈملۈك ئوقۇغۇچىلىرىم، مېنى ئاشۇنداق تەڭلىك-خىجالەتچىلىكتىن قۇتۇلدۇرۇپ قاغانلىقىڭلار ئۈچۈن بۈگۈن مەن سىلەردىن چەكسىز مىننەتدارمەن.
     ئاخىرىدا قاپ يۈرەكلىك بىلەن راست گېپىمنى دېسەم: كېلەر نۆۋەتلىك، شۇنداقلا ھەر نۆۋەتلىك ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى مۇشۇنداق ئۆچ-ئاداۋەتسىز ، غۇم- خۇسۇمەتسىز ھالدا  ئوچۇق-يورۇق، پاكىز ئۆتكۈزسەم، بولسا ھەر بىر كۈنۈممۇ مۇشۇنداق ئۆتسە شۇنىڭدىن ھەقىقەتەن مىننەتدارمەن.

                                                                         2011-يىل 10-سىنتەبىر. قەشقەر يېڭىئۆستەڭ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئادىل0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-24 19:52  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-11-25 21:04:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام دوستۇم!
قايسى كۈنى «بەرەڭگە» ناملىق نەسىرىڭنى ئوقۇپ ۋۇجۇدۇم لەرزىگە كەلگەن ئىدى. بۈگۈن بۇ فىلەتۇنۇڭنى ئوقۇپ يەنە بىر قېتىم سۆيۈندۈم. شۇڭا ئۆزۈمنىڭ مۇشۇ مۇنبەردە ئېلان قىلىنغان شېئىرىمنى سوۋغا قىلدىم:

                   مۇنبەر كەچمىشلىرى

                                1

ئەزەلدىن بار ۋە مەڭگۈلۈك ئىگەمنىڭ بىر قۇلىدۇرمەن،
دادام بىرلە ئانامنىڭ پاك مۇھەببەت مەھسۇلىدۇرمەن.

ئانا يەر مېھرىدىن قۇدرەت ئېلىپ ئاسمانغا بوي تارتقان،
سۆيۈملۈك تەڭرىتاغنىڭ ئارچا، قارىغاي ، سۇمبۇلى،...دۇرمەن.

ئۇلۇغ خەلقىم بۈيۈك مەقسەت بىلەن جەڭگاھقا چۈشكەندە
ھەمىشە جان كۆيەر ھەمراھ پىداكار دۇلدۇلىدۇرمەن.

ئەگەر كىم ئىزلىمەك بولسا ماكانىم بەشكېرەم باغى،
سەبى ئەۋلاد ئۈچۈن باغۋەن ــ مەرىپەت مەشغۇلىدۇرمەن.

ئوغۇل ۋە قىزلىرىم ھەر تاڭ مەرىپەت مارشىنى ئېيتسا،
غۇبارسىز روھىغا يانداش سېھىرلىك مەرغۇلىدۇرمەن.

ئەقىدەم ھەر كۈنى يۇلتۇز بولۇپ چاقنايدۇ مۇنبەردە
ھەقىقىي ئىزباسارلار كەلگۈسىنىڭ مەسئۇلىدۇرمەن.

قېنى تۇغلۇق، خەلقنىڭ ئالدىدا كۆكرەك كىرىپ ئېيتقىن:
ھەقىقەت ۋەسلىگە ئاشىق مەرىپەت بۇلبۇلىدۇرمەن!

                                2

ئانا مەكتەپ گۈزەل ئوردام، ئۆزۈم خان تەختى ــ مۇنبەردە،
خاقاندىن بەلكى ئارتۇقمەن قاراڭلار توغرا مۆلچەردە.

سىنىپلار ئۇ ــ تۇتاش كەتكەن بېھىش رەڭلىك قەسىرلەردۇر،
ھەمىشە خۇش پۇرايدۇ رەڭ بېرىلگەچ مۇشكى ئەنبەردە.

ئەنە ھەر بىر قەسىردە ئولتۇرار نەۋكەرلىرىم سەپراس،
ئۇنى ھۆكمىمگە باشلار قانچىلاپ مەردانە «سەركەردە».

ئەقىدە بىرلە ئىخلاستا ئۇلارنىڭ روھىغا سىڭدىم،
يۈرەكتىن قاندۇرۇپ ئۇسسۇزلۇقىنى ھەۋزىكەۋسەردە.

مۇئەللىم مەن دېمەككى نەچچە مىڭلاپ قىز ۋە ئوغلانغا،
ئۇلارنى تاۋلىدىم شامۇ سەھەر جەڭگاھتا قان-تەردە.

شۇڭا دەيمەن پەخىرلەنگەچ مۇئەللىم، ياق خاقاندۇرمەن،
قوشۇنۇم ھېچ يېڭىلمەستۇر تۈمەن مىڭ لاۋۇ -لەشكەردە.

ۋەتەن-خەلقىڭ ئۈچۈن تۇغلۇق پەقەت ئايرىلما مۇنبەردىن،
تېخىمۇ پارلىغاي چېھرىڭ قۇياشتەك روزى مەھشەردە!

                                3

نادانلىققا ئۇلۇغ ئۇستازلىرىم ئوت ياقتى مۇنبەردە،
ئۇلارنىڭ سۆزلىرى يارقىن سۈزۈك ياڭراقتى مۇنبەردە.

فارابى ھەم يۈسۈپ، مەھمۇد بوۋامنىڭ روھىغا يانداش
ھەقىقەت باغچىسىدا كۆكلىگەن بايراقتى مۇنبەردە.

مەرىپەت مەشئىلىنى يەتكۈزۈپ ئاخىرقى ئەۋلادقا،
جاھالەت قوينىدا نۇرلۇق چېقىندەك چاقتى مۇنبەردە.

ھەمىشە ئۆتسىمۇ ئۆمرى قاراڭغۇ-زەي سىنىپلاردا،
مۇھەببەت تۇيغۇسى ئوتلۇق ئەجەب قايناقتى مۇنبەردە.

بىلىمدىن پەرلىنىپ ئۇچماقچى بولغان ياش بۇغۇنلارغا
ئېگىلگەن يەلكىسى ئالتۇن-كۈمۈش قونداقتى مۇنبەردە.

سەبىيلەر كۆڭلىگە چوغ تاشلىغان ھەمدە يېلىنجاتقان،
ئىلىم-پەن پەسلىگە ئاھ، شۇ قەدەر مۇشتاقتى مۇنبەردە.

«بىلىم ئالماق پەرزدۇر»كى ئۆمۈرۋايەت تىرىش-تىرماش،
دېگەندەك سۆزلىرى شېرىن ھەسەل-قايماقتى مۇنبەردە.

يېرىم قەرنە بىلىم ئالدىم ئاشۇنداق ئوت يۈرەكلەردىن،
تىرىشقاچ مەن پېقىرغا ھەممىسى ئامراقتى مۇنبەردە.

مەرىپەت مەشئىلىنى تاپشۇرۇپ ئالغان چېغىم مەنمۇ
كۈلۈپ باشلاندى ئۆمرۈمنىڭ گۈزەل بىر ۋاقتى مۇنبەردە.

قەدەم قويغاندا مەكتەپكە دېدىم: مەن نەقەدەر قۇتلۇق!
زېمىننىڭ ئۈستىدە مەكتەپ ــ بېھىش ـ ئۇجماقتى مۇنبەردە.

سىنىپقا تۇنجى رەت كىرسەم تىكىلدى قاپقارا كۆزلەر،
ئۇزاقتىن ئىنتىزار دەملەر كۈلۈپ خۇش باقتى مۇنبەردە.

كۆڭۈلدىن «مەرھابا ئۇستاز» دېگەندە غۇنچىدەك لەۋلەر،
ئۈمىد-ئارزۇلىرىم جۇلغۇپ قاناتلار قاقتى مۇنبەردە.

لېۋىمدىن تامچىلاپ ئەجدادلىرىمدىن يادىكار سۆزلەر
سەبىيلەر باغرىغا نۇرلۇق ئېقىندەك ئاقتى مۇنبەردە.

ئىلى، تارىم سۈيىدەك ئۆتتىلەر ئۆركەش ياساپ يىللار،
ھالال ئەجرىم ئۈچۈن خەلقىم قىزىل گۈل تاقتى مۇنبەردە.

نېمە ئارمان پېقىر ئۆلگەندىمۇ خەلقىم دېسە ئەسلەپ:
ھەقىقەت ئىشقىدا تۇغلۇق ھامان ئويغاقتى مۇنبەردە!

                                 4

ئاھ، نېسىپ بولدى ئاجايىپ بىر ئۇلۇغ پۇرسەت ماڭا،
خۇش قۇچاق ئاچتى ئانا مەكتەپ ــ بېھىش-جەننەت ماڭا.

ئۇرغىدى قەلبىمدە مەڭگۈلۈك مۇھەببەت ئىپتىخار،
چۈنكى بەرگەن مېھرىدىن چەكسىز بىلىم-ھېكمەت ماڭا.

كەلگىنىمدە «مەرھابا تۇغلۇق» دېدى ئۇستازلىرىم،
پاك مۇھەببەت سۆيگۈسى بەردى يەنە غەيرەت ماڭا.

ئەسسالام بىرلە سىنىپقا كىرگىنىمدە غۇنچىلار
قارشى ئالدى چىن يۈرەكتىن بىلدۈرۈپ ھۆرمەت ماڭا.

خۇش كۈلۈپ مۇنبەرگە چىقتىم دىلدا بىر قۇتلۇق تىلەك،
كەلدى غايىبتىن ئاجايىپ بىر ئۇلۇغ ھىممەت ماڭا.

تۇنجى سائەت دەرسنى ئۆتتۈم شۇ قەدەر ئاچچىق-چۈچۈك،
نۇر يېغىپ تۇرغان چىرايلار ئەيلىدى رىغبەت ماڭا.

ھەقكە ئىخلاس ئەيلىسەم بولدى يەنە بىر-بىر نېسىپ،
دەرسنى بەك ياخشى ئۆتۈشتەك بىر گۈزەل سەنئەت ماڭا.

پاك ئەقىدەمدىن سەبىيلەر باغرىغا چوغ تاشلىسام،
ياغدى ئاتەشتەك كۆڭۈللەردىن مېھىر-شەپقەت ماڭا.

جەڭگىۋار ئەجدادىمىزنىڭ روھىدىن جەۋھەر سۈزۈپ،
ئىزباسار ئەۋلادقا يەتكۈزمەك بۈيۈك مەقسەت ماڭا.

ئۇشبۇ مەقسەتنى چۈشەنگەن ئوت يۈرەك ياشلار ئۈچۈن
«ئۆگىنىش پەرزدۇر»كى ئۆگەتمەك مۇھىم سۈننەت ماڭا.

دەل مۇشۇ مەقسەت بىلەن مۇنبەرگە چىقتىم ھەر كۈنى
خۇش پېئىل كەمتەرلىكىم بولدى ئېسىل زىننەت ماڭا.

بەك سۆيۈندۈم ئاڭلىغاچ پەرزەنتلىرىدىن تەۋسىپىم
ئېيتقىنىدا ئەھلى يۇرت چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ماڭا.

گاھ قەلەم سۈردۈم تەپەككۇر دەشتىدە سەرسان بولۇپ،
كۈلدى ئىلھام پەرىسى قىلغانچە ناز-سۈلكەت ماڭا.

مەن ئىجاد بوستانىدىن خەلقىمگە چاچسام گۈل-چېچەك
ھەسسىلەپ يۈزلەندى ئىنسانىي قەدىر-قىممەت ماڭا....

ئۆتتى ئون سەككىز باھارىم كۈندە مۇنبەر ئۈستىدە
خۇش تەبەسسۇم ئەيلىگەچ سۆيگەن ئىجاد-مېھنەت ماڭا.

دەرسخانامدىن ئايرىلىشنى ئىستىمەس كۆڭلۈم پەقەت،
مەيلى كەلسۇن كۈتمىگەن ئاچچىق-چۈچۈك قىسمەت ماڭا.

چۈنكى مەن ئاددىي مۇئەللىم ئەل-ۋەتەن پەرزەنتىگە
جان پىدا ئەيلەش ئەزەلدىن مەڭگۈلۈك خىسلەت ماڭا.

ئاغزىنى كىم تولدۇرۇپ ئېيتسا «مۇئەللىم!» مەن خۇشال،
نە كېرەكتۇر بۇندىن ئۆزگە نام -ئاتاق، شۆھرەت ماڭا.

شۇڭا ئەي تۇغلۇق بۇ مۇنبەردىن يىراقلاپ كەتمىگىن،
ناجىنىسلار گاھىدا يەتكۈزسىمۇ زەخمەت ماڭا!

                                 5

ئۇلۇغ ئەجدادلىرىم ياققان مەرىپەت مەشئىلى مەندە،
شۇڭا دائىم كۆيۈپ تۇرغاي جاھالەت چۈمبىلى مەندە.

قۇياش كۈلگەن ھامان ياش غۇنچىلار ئالدىمدا سەپراستۇر،
كۈلەر ئەۋلادىمىزنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك مەزگىلى مەندە.

ھالال ئەجرىم بىلەن نۇرلۇق سەھەردەك نۇرلىنار مەڭگۈ،
ئەقىدە بىرلە ئىخلاسنىڭ مۇھىم بىر ئۆتكىلى مەندە.

دېمەك، كۈن،ئاي ئۆتۈپ ئاستا يارالغاي شۇ قەدەر مەزمۇت،
ئۇلۇغ ئىنسانىي خىسلەتنىڭ نۇرانە ھەيكىلى مەندە.

جاكار ئەيلەپ پۈتۈن ئەلگە پەخىرلەن ھەر قاچان تۇغلۇق،
زېمىندا بارچە خىزمەتنىڭ ھەقىقىي ئەۋزىلى مەندە!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-8 23:31:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇغلۇق يوللىغان ۋاقتى  2013-11-25 21:04
سالام دوستۇم!
قايسى كۈنى «بەرەڭگە» ناملىق نەسىرىڭنى ئو ...

  كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ۋە تەشەككۈرلەر يەتكەي ساڭا-ئاداش! ھېكايە-شېئىرلىرىم بىلەنلا بوپ كېتىپ بۇ فىليەتۇنۇمغا يازغان ئىنكاسىڭنى، مۇنبەرداشلىق ۋە مەسلەكداشلىق يۈزسىدىن چىن كۆڭلۈڭدىن چىقىرىپ يوللىغان قىممەتلىك سوۋغاڭ __ بەش پارچە ئېسىل غەزىلىڭنى بەك-بەك كېچىكىپ كۆرۈپتىمەن. ئاللاھ قەلبىمىزگە دۇغ، قەلىمىمىزگە دات يولاتمىغاي!! مېنى سەندەك پىكىرداش دوستۇمنىڭ ئۆتكۈر نەزەرلىرىدىن ھېچقاچان ساقىت قىلمىغاي!!!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-9-10 16:52:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۈگۈن 10-سىنتەبىر __ئوقۇتقۇىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈشبۇ مۇنبەردىكى تۇغلۇق قاتارلىق بارلىق ئوقۇتقۇچى كەسپداشلارنىڭ بايرىمىنى قۇتلۇقلايمەن!

ۋاقتى: 2014-9-10 17:13:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا بۇ بۇ بايراملىق ئەڭ تاتلىق سوۋغا!
قېنى،قىزىرىپ تۇرۇپ قوبۇل قىلىلى!

ۋاقتى: 2014-9-11 05:01:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن !

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-5 19:26:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   رەھمەت ئەكبەرجان، ھەممىمىزنىڭ قەلبىمىزگە، ئاندىن قەلىمىمىزگە ئالدى بىلەن ئىنساب، ئاندىن بەرىكەت نۇرلىرى ياغقاي!
   مەمتىمىن، سېنىڭ 2-قەۋەتتىكى «مۇنبەر كەچمىشى»ىڭنى مۇشۇ ئىككى-ئۈچ  كۈندىن بېرى قايتا-قايتا ئوقۇۋاتىمەن. ساڭا يەنە بىر قېتىم رەھمەت

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش