يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1292|ئىنكاس: 4

تۇغلۇق: «بەشكېرەم» ئاتالغۇسى توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-11-24 17:21:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

. r8 Q0 Q( i- ^, B3 k9 B- b. e
  «بەشكېرەم» ئاتالغۇسى توغرىسىدا

( ~7 Q. E9 ?0 ~' M+ K  E
مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق
2 Y$ ]9 b# [! i3 T' _$ g. H9 J
ئەڭ قەدىمكى يۇرت ناملىرىدىن بىرى ــ «بەشكېرەم» ئاتالغۇسى تار ھەم كەڭ مەنىدە قوللىنىلغان بولۇپ، تار مەنىدە بۈگۈنكى قەشقەر شەھىرىنىڭ بەشكېرەم يېزىسىنى، كەڭ مەنىدە بۈگۈنكى بەشكېرەم يېزىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئاۋات، يېڭئۆستەڭ، قوغان، دۆلەتباغ، نەزەرباغ، ئاققاش قاتارلىق قەدىمكى بەشكېرەم بەگلىكى زېمىنلىرىدا مەۋجۇد بولۇپ كېلىۋاتقان يېزىلاردىن تەشكىللەنگەن چوڭ بىر دائىرىنى كۆرسەتكەن. تەتقىقات ماتېرىياللىرىدا ۋە خەلقنىڭ جانلىق تىلىدا بۇ ئاتالغۇ ھازىرغىچە تۆۋەندىكىدەك چۈشەندۈرۈلۈپ كەلدى.
% p% a& U8 M- L: a' S0 F, d1.        «بەشكېرەم» ئەسلى «بېھىشكەرەم» بولۇپ، «جەننەت» مەنىسىدىكى پارىسچە سۆز «بېھىشىت»[1] بىلەن «باغ، تال، تەك» مەنىسىدىكى ئەرەبچە سۆز «كەرەم»[2]نىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن. ئۇ «جەننەت بېغى» ياكى «بېھىشباغ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
9 ]7 U5 _  q; I2. «بەشكېرەم» ئەسلى «بېھىشكېرەم» ياكى «بېھىشكىرام» بولۇپ جەننەت مەنىسىدىكى پارسچە سۆز «بېھىشىت» بىلەن «ئۇلۇغ، كاتتا، سېخى، مەرد» مەنىسىدىكى ئەرەبچە سۆز «كەرەم» ياكى «كىرام»[3]نىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن. ئۇ «ئۇلۇغ بىھىشىت» ياكى «كاتتا جەننەت» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.4 [& N6 s2 r) l: {  [
3. «بەشكېرەم» ئەسلى «بېھىشكۆرەم» («بىھىشكۆرۈم») بولۇپ، جەننەت مەنىسىدىكى پارسىچە سۆز «بېھىشت» بىلەن «كۆرۈنۈش» مەنسىدىكى ئۇيغۇرچە سۆز «كۆرەم» («كۆرۈم»)[4] نىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن. ئۇ «بېھىشتەك كۆرۈنىدىغان ماكان» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
# n1 d: D9 V  ]9 s* v2 O/ f, l4 k' S4. «بەشكېرەم» ئەسلى «بېيىشكېرەم» بولۇپ «تال باراڭ، باراڭ ياغىچى» مەنىسىدىكى پارسچە سۆز «بىدىش»[5] بىلەن «باغ، تال، تەك(ئۈزۈم)» مەنسىدىكى ئەرەبچە سۆز «كەرەم»نىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، «د» تاۋۇشى «ي» تاۋۇشىغا ئالمىشىپ، «بىيىشكىرەم» بولغان.(بۇنداق «د» تاۋۇشى بىلەن «ي» تاۋۇشىنىڭ ئالمىشىشى قەدىمكى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئورتاق ھادىسە. مەسىلەن: ئاداققىچە-ئاياققىچە...) بۇ «بېدىشلىك باغ»، «تال باراڭلىق جاي»، «ئۈزۈمزار ماكان» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.1 c, D+ j( x0 `2 ^" }2 o
يۇقىرىدىكى چۈشەندۈرۈشلەردىن باشقا، بەزى تەتقىقات ماتېرىياللىرىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا[6] «بەشكېرەم» دېگەن سۆزنى «بەش» سانى بىلەن «باغ ۋە بېدىشكە ئارتىلغان ئۈزۈم» مەنىسىدىكى «كەرەم» سۆزىنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ يۇرتتا ئەڭ دەسلەپ «بەشلا باغ بارلىققا كەلگەندىن كېيىن قويۇلغان» دەپ چۈشەندۈرگەنلەرمۇ بار ئىكەن.# D! ?  {; n. z; H7 D6 f9 @
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، يۇقىرىدىكى چۈشەندۈرۈشلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشىتىش ۋە سۈپەتلەش مەنىسىدە بولۇپ، ئۇلار خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن رىۋايەتلەرگە ۋە باشقا كىشىلەرنىڭ ئىلمىي پەرىزىگە ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن باشقا، بۇ چۈشەندۈرۈشلەردە بەشكېرەمنىڭ «ھەممىلا يېرى باغ بىلەن قاپلانغان مېۋە-چېۋە ماكانى» بولۇشتەك ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى مەركىزىي ئورۇنغا قويۇلغان. شۇڭا، تەزكىرىلەردە يۇقىرىقى چۈشەندۈرۈشلەر ئومۇملاشتۇرۇلغان ھالدا: «بەشكېرەم ئەسلىدە ‹بېھىشكېرەم› دېگەن سۆز بولۇپ، ‹جەننەتكە ئوخشاش مېۋە-چېۋىلەر مول جاي› دېگەن بولىدۇ. بەشكېرەم خەلقى ئاتا-بوۋىلىرىدىن تارتىپ مېۋىلىك كۆچەت يېتىشتۈرۈپ، باغ بەرپا قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگەچكە، بۇ جايدىكى مېۋىلەرنىڭ تۈرى كۆپ، سۈپىتى ياخشى، ھۆل ھەم قۇرۇق مېۋىگە ئىش قوشىدۇ. بۇ جاينىڭ مەنزىرىسىمۇ ناھايىتى گۈزەل، ئۇزاق تارىختىن بېرى كىشلەر بۇ جاينى ‹مېۋە-چېۋە ماكانى› دەپ ئاتاپ كەلگەن. تىل يېزىقنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ‹بېھىشكېرەم› دېگەن بۇ سۆز ‹بەشكېرەم›گە ئۆزگىرىپ، شۇ بويىچە ئاتىلىپ كەلمەكتە» دەپ خاتىرىلەنگەن[7].
" P0 d1 A2 ?0 W4 r, C$ I; p6 }بىراق، دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم مەسىلە شۇكى، يۇقۇرىدىكى چۈشەندۈرۈشلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى بىر ئۇيغۇر يېزىسىنىڭ نامى «شالغۇت بېرىكمە» سۈپىتىدە شەرھلەنگەن. بۇ ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان دەسلەپكى چاغلاردىكى ئومۇميۈزلۈك «ئىسلاملىشىش» تەشەببۇسىنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئۇنداق ئىكەن، بۇ قەدىمكى يۇرت نامىنىڭ ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى تەلەپپۇزى، تىل تەۋەلىكى ۋە مەنىسى قانداق؟
& ]8 P  Z. w8 @- b% Eتارىخىي خاتىرىلەر ۋە بەزى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، «بەشكېرەم» ھەرگىزمۇ ئەرەبچە، پارسچە سۆزلەردىن بىرىككەن سۆز بولماستىن، بەلكى قەدىمكى ۋاقىتلاردا ئەجدادلىرىمىز «بەشكەرەم» دەپ تەلەپپۇز قىلىپ كەلگەن ئېنىق ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ[8]. كونكېرىت ئېيتقاندا «بەشكېرەم»نىڭ ئەسلى تەلەپپۇزى «بەشكەرەم» بولۇپ، ئۇ «بەش» بىلەن «كەرەم»دىن ئىبارەت ئىككى سۆزنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن. ئۇلۇغ تىلشۇناس ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي ئۆزىنىڭ شاھانە ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا، «بەش» دېگەن سۆزنى «ساناقتىكى بەش سانى»[9] دەپ ئىزاھلىسا، «كەرەم» دېگەن سۆزنى «گەمە»[10] دەپ ئىزاھلىغان. شۇڭا «قەدىمكى ئۇيغۇرتىلى لۇغىتى»دە «كەرەم» دېگەن سۆز «تۈركىي تىللار دىۋانى»غا يانداشقان ھالدا «گېرەم»، «گەمە» دېگەن مەنىدە ئىزاھلانغان[11]. بۇ يەردە ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر مۇھىم مەسلە شۇكى، ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي «گەمە» مەنىسىدىكى «كەرەم» سۆزىنىڭ قايسى دائىرىدە قوللىنىدىغانلىقىنى «يۇقىرى ۋە تۆۋەن چىنلىقلار تىلىدا» دەپ ناھايىتى ئېنىق ئەسكەرتىپ قويغان[12]. زامانىمىزدىكى يەنە بىر ئۇلۇغ ئالىم ئابدۈشكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا «مەھمۇد كاشغەرىنىڭ تۆۋەن چىن دېگەندە قەشقەرنى كۆزدە تۇتىدىغانلىقى كىتابنىڭ ئۈچ يېرىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن»[13] ئىكەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا «ساناقتىكى بەش سانى»نى كۆرسىتىدىغان «بەش» دېگەن سۆز بىلەن «گەمە» مەنىسىدىكى «كەرەم» سۆزىنىڭ قوشۇلىشىدىن تۈزۈلگەن ھەم «بەش گەمە» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «بەشكەرەم» ئاتالغۇسىنىڭ «تۆۋەن چىن» يەنى قەشقەردە مەۋجۇد ئىكەنلىكىدە گەپ يوق. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاتاقلىق ئۇيغۇر تارىخچىسى شاھ مەھمۇد جوراسىنىڭ «تارىخ» («سەئىيدىيە خاندانلىقى تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار» دېگەن نامدا نەشىر قىلىنغان) ناملىق ئەسىرىدە[14]، موللا مىرسالىھ كاشغەرىي«قەشقەر تارىخى» («چىڭگىزنامە» دېگەن نامدا نەشىر قىلىنغان) ناملىق ئەسىرىدە[15]  ھەم ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ يىرىك نامايەندىلىرىدىن مۇھەممەد سىدىق زەلىلىنىڭ «سەپەرنامە» داستانىدا[16] ۋە ئابدۇرېھىم نىزارى داستانلىرىنىڭ «دىباچە» قىسىمىدا[17] ۋە يەنە شۇنىڭدەك، شائىر ھۈسەينى ھاجى داموللامنىڭ 1940-يىللىرىنىڭ ئاخىرى يېزىلغان شېئىرلىرىدا بۇ ئەزىز يۇرتنىڭ نامى «بەشكەرەم» شەكلىدە خاتىرلەنگەن. مانا بۇ تارىخىي مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، «بەشكېرەم» («بەشكەرەم») ھازىرقى تىلىمىزدا «بەشگەمە» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ مەنە يەنە ئۆز نۆۋىتىدە بەشكېرەم خەلقىنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي دەۋرلەردىكى ئولتۇراق ئۆي مەدەنىيتىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىدۇ.
4 i/ p1 p! S, c9 z! K+ g7 a! Aئەمدى «بەشكېرەم»دىن ئىبارەت قەدىمكى ئۇيغۇرچە سۆزنىڭ خەلق چۈشەنچىسىدە ئەرەب، پارىس تىللىرىغا مەنسۇپ، دەپ قاراپ كېلىنگەنلىكىگە كەلسەك، ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە دىنىي ئۆلىمالارنىڭ ئەرەپ، پارس تىللىرىنى بىر تەرەپلىمە ھالدا كۈچەپ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن نۇرغۇن ئەرەپ، پارىسچە ئاتالغۇلار ئانا تىلىمزغا ئېقىپ كىرگەن. كىشلەر ئېڭىدىكى دىنغا بولغان ئىتقاد ۋە ھۆرمەت تۈپەيلىدىن نۇرغۇن ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنىڭ ئورنىنى تەدرىجى يوسۇندا ئەرەپ، پارسچە ئاتالغۇلار ئىگىلىگەن ياكى قەدىمكى ئۇيغۇرچە سۆز- ئاتالغۇلار زورلاپ ئەرەب، پارىس تىللىرىغا تەدبىق قىلىنىپ شەرھلەنگەن. يەنە كېلىپ، تارىخىي ماتېرىياللاردا ئېيتىلىشىچە، سۇتۇق بۇغراخان مۇسۇلمان بولۇپ، ئىسلام دىننىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بارغان مەزگىللەردە قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ پايىتەختى بەشكېرەم خانئۆيدە[18] بولغاچقا ئىسلام دىنى تەسىرى بۇ يۇرۇتتا تېخىمۇ قويۇق ئىدى. شۇڭا ئىسلام ئەقىدىسى نىسبەتەن كۈچلۈك بولغان بىر قىسىم ئۆلىمالار «بەشكېرەم» سۆزىنى «قۇرئان كەرىم»دە خەۋەر بېرىلگەن بېھىش باغلارغا يېقىن قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەرەب، پارس لۇغەتلىرىدىن جاۋاپ ئىزدىگەن. تاكى 20-ئەسىرگىچە بولغان تارىخىي ۋە ئەدەبىي خاتىرىلەردە «بەشكەرەم» تەلەپپۇزى بىلەن خاتىرىلەنگەن «بەشكېرەم» سۆزىنىڭ «بېھىشكەرەم»، «بېھىشكۆرەم»، «بېھىشكۆرۈم»، «بىدىشكەرەم»، «بېھىشكېرەم» ۋە «بېھىشكىرام» قاتارلىق شالغۇت بىرىكمىلەرگە ئاھاڭ جەھەتتىن يېقىن كېلىدىغانلىقى، يۇقىرىدىكى ئىزدىنىشلەرگە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «يول» ئېچىپ بەرگەن. ئۇندىن باشقا مېھنەتكەش ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ھالال ئەجرى بىلەن بۇ يۇرتتا مەيدانغا كەلگەن ئۇزاق تارىخقا ئىگە باغۋەنچىلىك ئىگىلىكى «بەشكېرەم» سۆزىگە ئەرەب، پارس تىلى تەۋەلىكى بويىچە بېرىلگەن باغ ۋە باغۋەنچىلككە دائىر مەنە ۋە شەرھىلەرنى تارىخى ئۇيغۇنلۇققا ئىگە قىلغان. شۇڭا، جەمئىيەت ۋە تىل تەرەققىياتى نوقتىسىدىن كىشلەرنىڭ ئىدىيە-ئېتقادىنىڭ يېڭلىنىشى نەتىجىسىدە «بەشكېرەم» سۆزىنىڭ تارىخى ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرنى ئەكس ئەتتۈرگەن ھالدا يۇقىرىقىدەك يېڭى مەنە ۋە شەرھىلەرگە ئىگە بولغانلىقىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ.+ z, Z% K' O2 S* K6 A7 T" I
يۇقىرىدىكى بايان ۋە مۇھاكىمىلەردىن، بۇ ئەزىز يۇرتنىڭ دەۋرلەردىن بۇيانقى تارىخىي قىسمەتلىرى ۋە ئىجىتىمائىي ئۆزگىرىشلىرى داۋامىدا «بەشكېرەم» ئاتالغۇسىنىڭ «بەشگەمە» دېگەندىن ئىبارەت ئېتنوگرافىيىلىك ئالاھىدىلككە ئىگە قەدىمكى مەنىسىدىن باشقا، ھازىرقىدەك كۆپ ئەسىرلىك باغۋەنچىلىك ئىگىلىكى تارىخىغا ماس كېلىدىغان «بېھىش باغلىرىدەك گۈزەل ماكان» دېگەن ئوخشىتىش ۋە سۈپەت خاراكتېرىدىكى يېڭى مەنىگە ئىگە بولغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.4 M- p' @* K. _8 w5 Y* W# I2 S
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ+ u3 f4 w' K! M* a) [
ئىزاھلار:" b1 M- V: r$ I1 z2 y
[1] «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن قىسقىچە سۆزلۇك» 73-بەت. مللەتلەر نەشرىياتى 1986-يىل نەشرى.
6 O  j. X0 s" c4 Z[2] مۇھەممەد سالىھ: «ئەرەپچە-ئۇيغۇرچە قىسقىچە لۇغەت» 311-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1992-يىل نەشرى.; @( l0 m9 n3 v: I$ s$ F2 a
[3] «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن قىسقىچە سۆزلۇك» 489-بەت. مللەتلەر نەشرىياتى 1986-يىل نەشرى.
' ^  P  c1 y/ _" h2 g% e4 {) M4 U' w[4] «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى» 351 –بەت. شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۇرلەر نەشرىياتى 1989-يىل نەشرى.1 I7 D7 S7 m! S
[5] «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن قىسقىچە سۆزلۈك» 74-بەت. مىللەتلەر نەشرىياتى 1986-يىل نەشرى.
  a% d  h5 [) ]0 s) R/ ~4 G[6] سۇلتان مامۇت: «يۇرتىمىزدىكى يەر ناملىرىغا دائىر ئىزدىنىشلەر» 49-بەت. قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1999-يىل نەشرى.$ [  V$ X4 \$ S5 @/ N
[7] «كوناشەھەر ناھىيسىنىڭ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرسى» 277- بەت. 1986-يىل باسمىسى.: T2 r( o! f/ b5 f, H* q
[8] سۇلتان مامۇت: «يۇرتىمىزدىكى يەر ناملىرىغا دائىر ئىزدىنىشلەر» 50-بەت. قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1999-يىل نەشرى.
, x" \! e1 y) z[9] مەھمۇد كاشغەرى: «تۈركىي تىللار دىۋانى» 1-توم 420-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1981-يىل نەشرى.
8 a7 r$ A# p+ P! @[10] يۇقىرىقى ئەسەر، 3-توم 172-بەت.$ }4 v8 `8 W( b* j* H3 @
[11] «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى» 338-بەت. شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۇرلەر نەشرياتى 1989-يىل نەشرى.
  O& P1 _" L- U9 r0 E) _+ ?[12] مەھمۇد كاشغەرى: «تۈركىي تىللار دىۋانى» 1-توم 517-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1981-يىل نەشرى.0 v- C% p* Q* v% l  y3 v! R  ]
[13] ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن: «قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا» 348-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002-يىل نەشرى.4 n4 g" D; z: @5 [7 `/ p
[14] شاھ مەھمۇد جوراس: «سەئىيدىيە خاندانلىقى تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار» 42-بەت. قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1988-يىل نەشرى.- N& V0 \, A1 v. Q0 d7 ~3 H) u
[15] موللا مىرسالىھ كاشغەرى: «چىڭگىزنامە» 112-بەت. قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1986-يىل نەشرى.1 i- X$ k+ c0 V, {2 U! l
[16] مۇھەممەد سىدىق زەلىلى: «دىۋان زەلىلى» 599-بەت. مىللەتلەر نەشرىياتى 1985-يىل نەشرى. 8 C8 f% O5 A8 d6 ?9 ]
[17] ئابدۇرېھىم نىزارى: «نىزارى داستانلىرى» 75-بەت. مىللەتلەر نەشرىياتى 1985-يىل نەشرى.
# M( J2 z! \& l! _9 U! m[18] مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق: «خانئۆي ـــ قەدىمكى قەشقەرنىڭ مەركىزى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» 2002-يىل 5-سان.
! ~- w) m& D6 u: e& [' f8 @6 c
مەنبە: «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» 2003-يىل 5-سان. «بەشكېرەمنىڭ تارىخ-جۇغراپىيەسى» ناملىق ماقالىدىن ئۈزۈپ ئېلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۇغلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-24 17:49  
! {+ k+ M6 X" n$ U& E* ~+ E+ Y: I) f' H9 V: D4 ]

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-11-24 20:14:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   " ~+ W- ]# \/ v4 V( F8 y
     ئەسسالام تۇغلۇق ئاداش
& h1 L, R2 m( w8 @4 e$ J     بۇ يازماڭنى توردا كۆرۈپ ، سەن بىلەن بىر قېتىم دىدارلاشقاندەك بولدۇم. بۇ يازماڭ بىز ھەممە تورداشلارنىڭ ئانا يۇرتقا، ئانا تىلغا بولغان سادىقلىقىمىزنى ۋە   چىن ئخلاسىمىزنى قۇۋۋەتلەيدۇ!  بىز ھەم سېنىڭ مۇشۇ يولدىكى تېنىم تاپماس روھىڭنى قۇۋۋەتلەيمىز. ئىزدىنىشلىرىڭ توختاپ قالمىغاي، قەلەم تۇلپارىڭ چارچاپ قالمىغاي.( Y1 H2 `. s4 e2 U
      ئاخىرىدا ئەزىز تېنىڭگە سالامەتلىك ، ئائىلەڭگە تېنچ-ئامانلىق تېلەيمەن.& x' B) u  p! U/ W. p2 S
   5 q% Y: z6 k  e0 y7 w
( مۇنبەر يۈزىدە بولسىمۇ ئەسرارلىشىپ تۇرايلى. ئەسەرلىرىمنى كۆرۈپ تەنقىدىي پىكىرلىرىڭنى ئايىمىغايسەن)

ۋاقتى: 2013-11-25 12:17:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
( J3 b" c! `4 C7 B# W3 r' A4 \
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .
! h6 [- Z: _/ dبۇ ھەقىقەتەنمۇ ئىلمي قىممىتى يۇقىرى ئەسەر بوپتۇ. بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلىرىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن. قەلەم تۇلپىرىڭىز ئىجادىيەت سەھنىسىدە داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلىسۇن.

ۋاقتى: 2013-11-27 15:59:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە دىگەن ياخشى يېزىلغان تەتقىقات ماقالىسى ھە!  ماقالىنىڭ دەلىللىرى قايىل قىلارلىق بولۇپلا قالماستىن يەنە تىلى گۈزەل، قۇرۇلمىسى ناھايىتى رەتلىك ۋە پۇختا بوپتۇ. تۇغلۇقنىڭ قەلىمى چارچىمىغاي!

ۋاقتى: 2014-2-16 20:07:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
6 X! R- h. N  p7 r* x
, ئەسسالامۇ ئەلەيكۇ م ھۆرمەتلىك مۇھەممەت ئىمىن تۇغلۇق ئۇكام ،بۇماقالىگە سىڭدۈرگەن ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت.بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئىلمي قىممىتى يۇقىرى ئەسەر بوپتۇ. بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلىرىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن. قەلەم تۇلپىرىڭىز ئىجادىيەت سەھنىسىدە داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلىسۇن.
3 B8 ?. i: e7 q7 U* g6 X مەن يازغۇچىلار تورىغا ئەزا بولوپ كىرگىنىمدىن بەك خۇشال بولدۇم.يەنى؛-ئۆزلىرى بىلەن توردا بولسىمۇ كۆرۈشۈپ،ئىجادەتلىرىدىن تەلىم ئالغانلىقىمدىن بەك خۇشال بولدۇم.0 H, m+ Q5 y0 v% o: \: `. E
  مەن قېرىپ قالغانلىقىمدىن ياخشى ئەسەرلەرنى يازالمىساممۇ ئۆزلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرىمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش