غەلىبە، ئۇ سەندە
پاشاگۈل ئىسمايىل تۇردى ھاجى قىزى
(ئاسىيا بوكىس چېمپىيونى ئابدۇراخمان ئابلكىمىنىڭ سىدنېيدا ئۆتكۈزۈلگەن 27-نۆۋەتلىك ئولىمىپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسدىن قايىتىپ كەلگەنلكىدىن تۇغۇلغان ئويلار.)
سالام قەدىرلىك ئابدۇرخمان ،سالامەتمۇسېز؟! سىز ئارقىلىق ئالتاي دىيارىدىكى قەدىردان ئاتا –ئانىڭىزغا مىليونلىغان خانىم –قىزلار قەلىبىدىن ئوتلۇق سالام !
قەدىرلىك ئابدۇرخمان ،سىز سىدنېيدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەر تۆت يىلىدا ئاران بىر قېتىم كېلىدىغان 27-نۆۋەتلىك ئولېمىپ تەنھەركەت مۇسابىقىسگە ماڭغان ۋاقتتىڭىزدا ،بىز سىزنى نازۇك ،ئىچكى ھېسىياتقا باي قەلىبىمىز بىلەنلا ئۈزۇتۇپ قالغانىدۇق.بېيجىڭدا سىزنى بېىيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرىستىتىنىڭ قىزلىرى خاتىرىلىرىگە ئىمزايىڭىزنى قويغۇزۇپ ،خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ ،گۈل –دەستلەر بىلەن ئۇزۇتۇپ چىقانلىقىنى دوستۇمدىن تېلفۇن ئارقىلىق ئاڭلىغىنىمدا ، ئۇلار ئىچىدە ئۆزۈمىنىڭ يوقلۇقىدىن بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم ، تۇرۇپلا يەنە ئىچىمدە خۇش بولۇپ سىزگە مۇۋەپپەقىيەت تىلىدىم . بىز قىلالمىغاننى بېيىجڭدىكىلەر قىپتۇ، پايتەخىت دېگەن پايتەخىتتە .
قىزلىرىمىز سىزدەك تەن بىلەن روھىنى بىرلەشتۇرلىگەن ئات مىجەز ،جەسۇر يىگتلەرنى كۈتۈۋاتقىلى خېلى بولغانىدى.21-ئەسىرنىڭ بوسۇغىسىغا كەلگەندە سز شىددەت بىلەن پارتلاپ چىقىپ ،يىگىت روھىنىڭ تېخى ئۆلمگەنلىكىنى ئۆز ئەمەلىيتىڭزدە ئىسپاتلاپ ،ئۆز تەقدىرى ئۈستىدە مۇڭلىنىپ ،چوڭقۇر خىيالغا چۆكۈپ كەتكەن قىزلار كۆڭلىنى ئۈمىد نۇرى بىلەن يورۇتتىڭىز .تەشەككۈر سىزگە ﹗
ئەرلەر دۇنىيانى ئۆزگەرتگۈچىلەر ھەم ئاياللار قەلىبىنى بۇيسۇندۇرغۇچىلاردۇر. بىزگە مانا مۇشۇنداق يىگتىلەر كېرەك . تارىختىكى ئالىب ئەرتۇڭادەك يۇرت –ماكانىنى ،قىز –ئاياللارنى قوغداش يولىدا باتۇرلارچە كۆرەش قىلىپ ،مەرتلەرچە قۇربان بولغان ئەركەكلەر كۆز ئالدىمىزغا كەلگەنسېرى ،ھازىرقى يىگتلىرىمىزدىكى نازۇكلۇق ،بوشاڭلىق ،مەسئۇلىيەتسىزلىك ،قورقۇنچاقلىق گىرەلىشمە ھالەتتە تۇرۇپ بىزنى ئەپسۇسلاندۇرغاندى.
مانا ئەمدى سىزدىكى باتۇرلۇق ،شىجائەت ،جەسۇرلۇق ھەم پەم –پاراسەت بىزنى ئىلھاملاندۇرۇپ ،ئۆز يىگتلىرىمىزىگە بولغان قاراشلىرىمىزنى ئۆزگەرتىشكە باشلىدى.
ئابدۇرخمان ، سىز مىليۇن قىزلارنىڭ نازۇك يۈرىكىنى تىترەتتىڭىز . قىزلار ئىلگرى ياتاق ئۆيلىرىگە كىنو ۋە ناخشا چولپانلىرىنىڭ رەسىمىنى ئاسىسا ، ئەمدى سىزنىڭ رەسىملىرىڭىزنى بەس –بەس بىلەن تالىشىپ ئېسشىماقتا . قاراڭ قىزلارغا ، ئۇلار ساپالىق ، باتۇر ئوغلانلىرىنى قەدىرلەشىنى ، كۆككە كۆتۈرۇشىنى بىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى .
يېقىنىقى زامان تارىخىدىكى بېكىنمچىلىك ،شۈكرى -–قانائەتچىلىك ،تەپەككۇردىكى ئاددىيلىق ،ئەڭ مۇھىمى روھىيەتتىكى چۈشكۈنلىك ،ئىجىتمائىي ۋە تەبىئى ئاپەتلەر تۈپەيلى خەلقىمىز ئۆز ھاياتى ۋە تەقدىرىنى مەنا دېڭىزى بىلەن بېيىتالمىغان ھەم چۇڭقۇرلاشتۇرالمىغانىدى. دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات تۈرتكىسى مىللىتىمىز مەنىۋىيتىدىمۇ ئىسلاھات دولقۇنى پەيدا قىلىدى.
مىللىتىنىڭ ساپاسى مىللەت ئەزالىرى ساپاسىنىڭ يىغىندىسىدۇر .تەن بىلەن روھنىڭ بىرىكىشى –تەننى تەربىيلەش ،روھىنى تاۋلاش ئارقىلىق قات –قات ھۈجەيرىلەرىگە سىڭىپ كەتكەن باتۇرلۇق، قاراملىق ،قەھرىمانلىق روھىنى روياپقا چىقىرىدۇ.
21-ئەسىر بوسۇغىسدا خەلقىمىزدە بۇنداق يۈكسەك روھىنىڭ پەيدا بۇلۇشى پارلىنۋاتقان گۈزەل كېلەچىكىمىزدىن بىشارەت بەردى .چۈنكى ،بىزگە نۇپۇس ئەمەس ،ئادەم كېرەك .سىزدەك ئاتقا مىنەلەيدىغان ،ئاتنى ئۆز ئىرادىسگە بويسۇندۇرۇپ چاپتۇرالايدىغان باھادىر يىگىتلەر كېرەك .
سىز گەرچە نەتىجىگە ئېرىشەلمەي كەلگەن بولسىڭىزمۇ ،لېكىن ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىنىڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولغان مەۋجۇتلۇق يولىدىكى ساھەدە جۇڭگۇنى زىل –زىلىگە سېلىپ ،خەلقىمىزگە ئۈمىد ئاتا قىلىپ ،روھىنى تاۋلاپ ،روھ بىلەن تەنىنىڭ دېئالكىتكىلىق مۇناسۋىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشىقا چاقىردىڭىز .مىليون ئانىلار سىزدەك قورقماس ،ۋۇجۇدى پاكىز ئوغلىدىن سۆيۈنمەكتە .خانىم –قىزلار سىزدەك ئەمەلىيەتچىل ،قاتتىق سۆڭەك ،قاپلان يۈرەك يىگىتكە ،ئەڭ مۇھىمى ،ئادىميلىكىىنى تونۇپ ھەم ئېتىراپ قىلىپ دۇنياغا يۈزلىنەلىگەن ئىنسانغا بارىكاللا ئېيتىپ گۈلدەستلەر ئۇزاتماقتا .
ئابدۇراخمان ،سىز يېڭىلمىدىڭىز ،بەلكى يېڭىشىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئاچقۇچىنى تېپۋالدىڭىز .بەزى ئادەملەر 30-40ياشقا كىرىپمۇ يېڭىش ۋە يېڭىلىش دوئېلىغا چۈشەلمەي ئۆتۈپ كېتىدۇ.سىز بولىسڭىز ئەمدىلا 22ياشقا كىرگەندە ئۆزىڭىزنىڭ تېخى تولۇق قاتمىغان ئەزىز تېنىڭىز .كىرىستالدەك سۈزۈك روھىڭىز بىلەن دۇنيادىكى ئەركەكنىڭ ئەركىكىنى ،نوچىنىڭ نوچىسنى ،باھادىرلارنىڭ باھادىرىنى تاللايدىغان رەھىمىسىز جەڭ مەيدانغا دادىل قەدەم بىلەن مەغرۇر كىرىپ كەلدىڭىز ،مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى غەلىبە .
ئاڭلاۋاتىمەن ،تۆت ئەتراپىمىدىن سىزنىڭ ئېسمىڭىز جاراڭلاۋاتىدۇ. ھەممە قىزلار تەرىپىڭىزنى قىلىپ ،مۇبارەك ئىسىم –شەرىپىڭىزنى زىكرى قىلىشۋاتىدۇ.مەنمۇ شۇ تاپتا باھادىرلىق ،قاپ يۈرەكلىك يىگىتلىك ئۇچقۇنى چاچراپ تۇرغان كۆزلىرىڭىزگە(سۈرەتلىرىڭىزدىكى)قاراپ ئولتۇرۇپ بۇ سالامىنى يوللاۋاتىمەن .
ئابدۇراخمان، «مەغلۇبىيەت مۇۋەپپىقيەتىنىڭ ئانىسى»سىز مەڭگۈ يەڭگۈچى، مىليونلىغان خانىم –قىزلار سىزگە غەلىبە تىلەيدۇ. بۇ نۆۋەت سىز چوقۇم ئۇتۇپ چىقىسز ،تىرىشىقايسىز. غەلىبە سىزگە مەنسۈپ ھەم بىزگە!!!
«شىنجاڭ ئاياللىرى» ژورنىلى (2001-يىلى 2-سان)
( ژورنال تەرىپىدىن 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەر)
|