كۆرۈش: 1479|ئىنكاس: 0

ئەسئەت ئابدۇرېشىت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
4978副本.jpg
ئەسئەت ئابدۇرېشىت 1967– يىلى 11 – ئاينىڭ 22- كۈنى توققۇزتارا ناھىيە كالا فېرمىسىدا ئۇقۇمۇشلىق
زىيالىي ئائېلىسىدە تۇغۇلغان. 1988 – يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسېتى تىل- ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ، توققۇزتارا ناھىيىلىك رادىئو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدا مۇخبىر-مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەيدۇ. كەسىپتىكى ئالاھىدىلىكى بىلەن 1992 – يىلى ‹‹ئىلى كەچلىك گېزىتى›› ئىدارىسىگە يوتكىلىپ كىرىپ، مۇخبىر -مۇھەررىرلىك خىزمىتى بىلەن گېزىتچىلىك ھاياتىنى باشلايدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەدەبىي ئاخپارات ۋە قىسقا ھىكايىلىرى ئېلان قىلىنىپ، جامائەتچىلىك بىلەن كۆرۈشىدۇ ھەم ياخشى ئىنكاسلارنى پەيدا قىلىدۇ.1996 –  يىلى ئىلى  ئوبلاستلىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى ئالاھىدىلىكى ۋە مۇھەررىرلىك خىزمىتىدىكى تەجىربىسىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنى ‹‹ ئىلى دەرياسى›› ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلىمىگە يۆتكەپ كېلىدۇ.  
    ئۇنىڭ  ئەدەبىي  ئىجادىيەت  ھاياتى  90 – يىللاردىن باشلانغان بولۇپ ھازىرغا قەدەر ھەرقايسى ژانىرلاردا پوۋېست،ھېكايە، نەسىر، ئەدەبىي ئاخبارات  ۋە  ئىلمىي  ماقالىلارنى  ئېلان قىلىپ كەلدى. ئۇ يازغان ‹‹ بىر تامچە ياش بولسىمۇ كەم تۆكۈلسۈن ›› ناملىق ئەدەبىي ئاخبارات 1993 – يىلى گېزىت ئەدەبىي بەتلىرىدىكى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى باھالاشتا ئاپتونوم رايۇن بويىچە 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا،‹‹ شەھەرنىڭ ھېكايىسى›› ناملىق ھېكايىسى ‹‹ئشچىلار ۋاقىت گېزىتى›› ئۇيۇشتۇرغان ‹‹كارۋان يولى›› بەدئىي ئەسەرلەرنى باھالاشتا 2 –دەرىجىگە ‹‹ ياقۇتقا قونغان توزانلار›› ناملىق ماقالىسى 7 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاخبارات ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 2 –دەرىجىگە ،‹‹دوقمۇشتىكى لەتىپە›› ، ‹‹ يەكپاي ئاياغ ›› ناملىق ھىكايىلىرى 1995-يىلى ئاپتونوم رايۇن بويىچە ئۇيۇشتۇرغان گېزىت ئەدەبىي بەتلىرىدىكى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى باھالاشتا 2 –دەرىجىگە ،‹‹ ئەركەكلەر ›› ناملىق ھېكايىسى 7 –نۆۋەتلىك ‹‹ خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى››غا،‹‹ئادىنوشكا›› ناملىق ھېكايىسى 3 –نۆۋەتلىك ‹‹ ئىلى دەرياسى ›› ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا،‹‹ ئاق رومال›› ناملىق پوۋېستى 3 –نۆۋەتلىك تەڭرىتاغ ئەدەبىيات -سەنئەت مۇكاپاتىغا، مەزكۇر ئەسەر خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ ‹‹مىللەتلەر ئەدەبىياتى›› ژۇرنىلىنىڭ 2011- يىللىق 1 –سانىدا ئېلان قىلىنىپ شۇ يىللىق مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ‹‹ شەھەرنىڭ ھېكايىسى›› ناملىق  ھېكايىسى تولۇق ئوتتۇرا تىل-ئەدەبىيات دەرىسلىگى ئۈچۈن تۈزۇلگەن يېزىقچىلىق يېتەكچىسى كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن. بىر قىسىم ئەسەرلىرى خەنزۇ،قازاق تىللىرىرىغا تەرجىمە قىلىنىش بىلەن بىرگە كوللىكتىپ توپلارغا  كىرگۈزۈلدى ھەم ئوبزۇرلار يېزىلىپ ئەسەرلىرىنىڭ مۇۋاپىقىيىتى ئوخشاش بولمىغان نوقتىلاردىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.‹‹ ئايدىكى داغ›› ناملىق ھېكايە-پوۋېستلار توپلىمى، ‹‹يەكپاي ئاياغ›› ناملىق ھېكايىلار توپلىمى نەشىردىن چىقىپ تارقىتىلدى.ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۆزىگە  خاس بەدىئي پەللە ياراتقانلىقى بىلەن ئالاھىدە خارەكتېرلىنىدۇ.


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش