ئىرىشش شادلىقى ۋە يوقۇتۇش ۋەھىمىسى
گۈزەلنۇر ھېيت
بۇ دۇنيادىكى بارلىق ئىشلاردا ھەمىشە ئېرىشىش ۋە يوقۇتۇش مۇقەررەرلىكى بولىدۇ. مۇھەببەت سىزگەخۇشاللىق ، بايلىق بەھرىلىنىش ئاتا قىلىدۇ ، ئەمما ئۇ سىزگە باش قېتىمچىلىقى ئىلىپ كېلىدۇ. مۇۋاپىقىيەت سىزنى خۇشال قىلىدۇ ئەمما ئايرىلىشتىن كىيىنكى ئازاب چىدىغۇسىز بولىدۇ.
مەلۇم بىر نەرسىگە تەقەززا بولسىڭىز ۋە ئۇنىڭغائىىرىشسىڭىز ئۇ بىر خىل خۇشاللىق بولىدۇ ئەكسىچە بولغاندا سىز نەرسىلىرىڭىزنى يوقۇتۇپ قويغاندا مۇناسىپ ھالدىكى ئازابقا ئۇچرايسىز . ئىرىشكەن چېغىڭىزدا قاتتىق خۇشال بولىسىز، يوقاتقان چىغىڭىزدىمۇ قاتتىق جازالىنىسىز.ئۇ لارنىڭ ھەممىسىنىڭ نەتىجىسى ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ، بەزى كىشىلەر بايلىققا ئېرىشسە بەلكىم سالامەتلىكىدىن، ئائىلىسىدىن، مېھرى - مۇھەببەتتىن ئايرىلىپ قىلىشى مۇمكىن. يەنە بەزىلەرنىڭ كەسىپتە ئىرىشكەن مۇۋەپپەقىيىتى ئازراق بولىدۇ،لېكىن تۇرمۇش سۈپىتى، سالامەتلىكى، ياكى ۋاقىت ئەركىنلىكىدە ئېرىشىدىغىنى كۆپرەك بولىدۇ.بەزى نەرسىلەر قارماققا ئادىل ئەمەستەك كۆرىنىدۇ. ئەگەر سىز تەپسىلى ئويلىنىپ باقسىڭىز ھەممىسى ئادىل ۋە باراۋەر بولىدۇ.
بەزى كىشلەر پۇلى كۆپ ئادەملەر خۇشال ئۆتىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇتامامەن خاتا ئۇقۇمدۇر.بىر نامرات ئادەم نەچچە يۈز يۈەن خەجلەپ خۇشاللىققا ئىرىشىش مۇمكىن. بىر باي ئادەم ئوخشاش پۇلنى ئىشلىتىپ ئوخشاش خۇشاللىققا ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن. سىزنىڭ ھەۋسىڭىز قانچە يۇقىرى بولغانسېرى ئۇ نەرسىلەرنىڭ قىممىتى شۇنچەتوۋەن بولىدۇ. سىزدە پۇل قانچە كۆپ بولسا ئۇ پۇللارنىڭ قىممىتى شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ.سىزنىڭ قورسىقىڭىز راسا ئاچقان چاغدا سىزگە بىرىلگەن بىر تال زاغرا شۇنچە مەززىلىك بولىدۇ ئەمما قورسىقىڭىز توق ۋاقىتتا پولو يىسىڭىزمۇ ئۇنداق مەززىلىك تېتىمايدۇ.
پۇلى بەك كۆپ ئادەم ئوغرىلىنىپ كېتىشتىن بۇلىنىپ كېتىشتىن ئەنسىرەيدۇ، زىيادە كۆپ يېگەن ئادەم سەمىرىپ كېتىشتىن ئەنسىرەيدۇ.قاراڭ پۇلى بار كىشىلەر نېمە يەۋاتىدۇ؟ ئۇلار قوناق يېمەكلىكلىرى مېۋە- چىۋە بەش خىل يىلتىزسىمان زىرائەتلىرىنى ئىستىمال قىلىۋاتىدۇ.چۈنكى كۆپلىرى سالامەتلىكىدىن ئايرىلغاچقا شۇنداق بولۇۋاتىدۇ.
ئادەملەرنىڭ ئىنسانلار دۇنياسىغا كېلىشى بىلىش ئۈچۈندۇر. ھەر بىر ئادەم بايلىق ئورنى ئېگىز پەسلىكىگە قاراپ ئايرىلىدۇ، لېكىن بەخت ۋە خۇشاللىقتا ئېگىز پەسلىك بولمايدۇ، پەقەت پۇلى بار كىشىلەرنىڭ خۇشاللىقى بىر قەدەر مۇرەككەپ ، نامرات كىشىلەرنىڭ خۇشاللىقى بىر قەدەر ئاددىيراق بولىدۇ، بۇ دەل مۇشۇ نۇقتىدىكى پەرق .
سىز خۇشال بولغان چاغدا ئازاب سىزنى ماراپ تۇرىدۇ، سىز ئازاب تارتقاندا بولسا ئۇنىڭ كەينىدىن كېلىدىغىنى خۇشاللىق بولىدۇ. ئاخىرىدا خۇشاللىق بىلەن ئازابنىڭ ياخشى ماسلاشقانلىقنى ھېس قىلىسىز. شۇنىڭغا ئوخشاش مەيلى سىز ئىرىشكەن ياكى يوقاتقان ياخشى يامان نەرسىلەر بولسۇن ئاخىرغا بارغاندا ئىنچىكە ھېسابلاپ كۆرسىڭىز ھەممىسىنىڭ ئوخشاش بولىدىغانلىقىنى بايقايسىز.
بەلكىم بەزىلەر بالدۇرراق ئېرىشىشى بەزىلەر كېيىنرەك ئىرشىشى مۇمكىن، ئاۋال ئىرىشكەن كىشى بۇرۇنراق كىيىن ئىرىشكەن كىشى كېيىنرەك يوقىتىدۇ.ئەمما ئۇلارنىڭ يىغىندىسى ئوخشاش بولىدۇ.
سىز قانچىلىك خۇشاللىققا ئېرىشسىڭىز شۇنچىلىك ئازابقا دۇچار بولىسىز ئۆلۈم ئالدىدا ھەممە ئىش باراۋەر بولىدۇ. ئۆلۈمدە باي ئادەم نامرات ئادەم دەپ ئايرىما بولمايدۇ، پۇلى بارلارنىڭ راھەت نامراتلارنىڭ ئازابلىق بولمايدۇ.
بەزىلەر ئىنتايىن كۆپ نەرسىگە ئېرىشىدۇ يوقاتقاندىمۇ شۇنچە كۆپ نەرسىنى يوقىتىدۇ، ئۇنىڭ دۇچ كېلىدىغىنى ئازاب ئوقۇبەت، مانا بۇ شەك شۈبھىسىز باراۋەرلىكتۇر.
بەزىلەر3 كە ئېرىشىدۇ ، بەزىلەر7 گە ئېرىشىدۇ 3 كە ئېرىشكىنى پەقەت 3ئۈلۈش تەخىتكە ئېرىشىپ 7ئۈلۈش خۇشاللىققا ئېرىشىدۇ،7 گە ئېرىشكىنى 7 ئۈلۈش بەختكە ئېرىشىدۇ 3 ئۈلۈش خۇشاللىققا ئېرىشىدۇ،بەزىلەر ئاۋال ئېرىشىدۇ بەزىلەر كىيىن ئېرىشىدۇ بەزىلەر ھىچنېمىگە ئېرىشەلمەيدۇ، ئاۋال ئېرىشكىنى ئاۋال يوقۇتۇش كىيىن ئېرىشكىنى كىيىن يوقىتىشى ئېرىشمىگىنى يوقالماسلىقى مۇمكىن،ئۇ سانلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بولىدۇ. شۇڭا ھاياتلىقتا بەك ھېسابلاپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق پەقەت بىلىپلا قويسىڭىز بولىدۇ.
جاھاننى كۈلدۈرگەن ، يەر-زېمىننى تىترەتكەن ، ئىنسان شۇنچىلىك قۇدرەتلىك ، شۇنچىلىك تەدبىركار تۇرۇپ ئېرىشكەندىن كىيىن، ئېھتىياجى قانغاندىن كىيىن چەكسىز خۇشال بولۇپ ،يوقاتقاندىن كىيىن ،قاباھەتلىك چۈش قوينىغا شۇڭغۇدى . بۇ ئىككى ئۇقۇمنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى چۈشىنىشنى خالىمىدى ۋە ئەتراپىدا يۇز بەرگەن ھەر قانداق مەغلۇبىيەتلەرگە ، يوقاتقانلىقىنى سىرتقى ئامىل ،سىرتقى كۈچلەرنىڭ قۇدرىتىدىن كۆردى . ۋاھالەنكى مەيلى بۇرۇن بولسۇن ، ھازىر بولسۇن تونۇشتىن ئىبارەت بۇ ئالى قۇرۇلما كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن ساقىت قىلىندى .شۇڭا روھىتىمىزدىكى رەزىل دۇشمەن كۇچلۇك بولغان ئېرىشىش ئىستىگىنىدىن قۇتۇلۇپ ،يوقۇتۇش ۋەھىيسىنى قەلبىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىپ ، ئەركىن – ئازادە ،شات - خۇرام ياشىشىمىز كېرەك .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا گۈزەلنۇر ھېيت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-22 00:27