ئەنۋەر قۇربان كۇرشاد
ئەنۋەر قۇربان كۇرشاد، 1970-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى چەرچەن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، ئوننەچچە يىللىق كەسپىي تەرجىمە تارىخى ۋە تەجرىبىسى بار. ئەدەبىي تەرجىمە بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقىلى ئالتە يىل بولدى. 2003-يىلى « بوكىس ۋە جامبازلىق» ژورنىلىدا خەنزۇچە يازغان « مەڭگۈ بوكس ھەۋەسكارى » دېگەن ماقالىسى مەملىكەت بويىچە 3-بولۇپ مۇكاپاتلانغان؛ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ كەسپىي جەھەتتە 2005-يىلى « تەرجىمىدە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك»، « بىرقانچە ئاتالغۇنىڭ تەرجىمىسى » دېگەن ماقالىلىرى چىققان؛ كروران ژورنىلىدا 2007-يىلى « چاتاق چىقتى » دېگەن ھېكايىسى، 2008-يىلى « ياقۇپ تاش » ناملىق ئەدەبىي خاتېرىسى، 2009-يىلى «ئەركەكلىك قانداق بولىدۇ؟» دېگەن ئىلمىي ماقالىسى، 2011 –يىلى « 22- ھەربىي بۇيرۇقتىن» تىن پارچە، 2012-يىلى « دوختۇر ژىۋاگو » دىن پارچە، 2013 –يىلى « پۇلنىڭ كۈچى ۋە سۆيگىنىڭ قۇدرىتى » نامىلق تەرجىمە ھېكايىسى بېسىلىپ، ياخشى باھالارغا ئېرىشكەن. 2006-يىلى سەھىيە نەشرىياتى تەرجىمە ئەسىرى « دەرەخ شاياتۇنلىرى» نى، 2009-يىلى تەرجىمە ئەسىرى « خارۋارد تالانتلىقلىرى» نى نەشىر قىلغان. بەش يىل مۇقەددەم تەرجىمە قىلغان « ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى ئومۇمىي تارىخى» دېگەن تەرجىمە ئەسىرى بىلەن « 22-ھەربىي بۇيرۇق» رومانىنى بۇ يىل نەشرىيات قوبۇل قىلدى، « گۈلنىڭ چۈشى » ناملىق رومانىنى نەشىرگە تاپشۇردى. ئۆمەرجان ئابدۇللا ئەرقۇتنىڭ « داۋۇت دىڭ قۇلاق » ناملىق پوۋىستىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ، 2012 – يىلى مىللەت ئەدەبىياتى ژورنىلىنىڭ 10- سانىدا ئېلان قىلىندى. « جانبازلىق دەستۇرى » ناملىق ئەسىرى بىلەن « توكچىلار قوللانمىسى » ناملىق كىتابنى نەشىرگە تاپشۇرۇش ئالدىدا. ئاپتونوم رايونلۇق تەرجىمانلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-28 14:06