يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 731|ئىنكاس: 6

ئادىل 0998 : دەرسخانا سىرتىدىكى دەرس (ئىتوت)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-11-18 12:39:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
                          دەرسخانا سىرتىدىكى دەرس
        
                                        (ئىتوت)
           
                              ئادىلجان ئابدۇقادىر


قاتناشقۇچىلار:
ئا:ئەر،40~45ياش ئەتراپىدا،گۈزەل-سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى.
ب: ئەر، 25~30 ياش ئەتراپىدا، تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى.
س: ئەر، 60~65 ياش ئەتراپىدا، دېھقان.
د: ئايال، 25 ياش ئەتراپىدا، مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى.
ئې: ئەر، 25 ياش ئەتراپىدا، مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى.
ف:  ئەر، 25 ياش ئەتراپىدا، مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى.

ئورنى: مەلۇم يېزا ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئالاھىدە كەسپ ئوقۇتۇش گورۇپپىسى ئىشخانىسى.

ۋاقتى: مەلۇم بىر كۈنى خىزمەت ۋاقتى.

سەھنە كۆرۈنىشى:
(ئا تىكلىمە دوسكىغا چوڭ پەلكۈچ بىلەن ھۆسنخەت يېزىۋاتقان، ف تەمبۇر بىلەن «چىمبۇلاق» مۇزىكىسىنىڭ باشلىنىش كۈيىنى ئورۇنلاۋاتقان، ئې دۇتتار چېلىپ، د ئۈستەل يۈزىگە يەڭگىل تاكىت ئۇرۇپ مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىۋاتقان، ب چېنىقىش ئەسۋاپى بىلەن بىلەك كۈچىنى ئاشۇرىۋاتقان ھالەتتە ئىتوت باشلىنىدۇ).

مۇزىكا بىر مىنۇت داۋاملىشىدۇ.مۇشۇ ۋاقىتتا ئا پەلكۈچنى سىياھدانغا چىلاپ قويۇپ، ئاستا كەينىگە يېنىپ ھۆسنخەتكە تىكىلىپ قاراپ تۇرىدۇ.
د:  مۇئەللىم،دىققەتلىرىنى چېچىۋەتتۇقما؟
ئا: ياق-ياق،مۇزىكىنىڭ ئىلھامى بىلەن خەتنى تېخىمۇ چىرايلىق يېزىۋەتتىممىكىن؟
ئې: كېلە ئاداش، بۇ گۈزەل ھۆسنخەتنىڭ گۈزەللىكىدىن بىللە زوقلىنايلى.
(بۇ ئىككەيلەن دوسكىنى سەھنىنىڭ قىيپاچ بۇلۇڭىدىكى ئورنىدىن سەھنە ئوتتۇرىسىغا يۆتكەپ قويىدۇ).
د: (ھۆسنخەتنى ئۈنلۈك ئوقۇيدۇ)«بۇلغىمايلى مەكتەپنى». مۇئەللىم، ئەجەپ مۇنداق ھۆسنخەت يېزىپ قاپلىغۇ؟
ف: ”سەۋەبسىز قىل تەۋرىمەس“ دېگەن گەپ بار-مۇئەللىم. سىلىنىڭ مۇنداق بىر ھۆسنخەت ئەسىرىنى يېزىشلىرىنىڭمۇ مەلۇم سەۋەبى باردۇر-ھە؟
ئا: سىلەر مېنىڭ ئېنى-سىڭىل ئورنىدىكى خىزمەتداشلىرىم. مەن سىلەردىن گەپ يوشۇرمايمەن.  مەكتىپىمىزدىكى بىرنەچچە يۈز ئوقۇتقۇچى،بىرنەچچە مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ كىيىم-كېچىكىدىن يۈرۈش-تۇرۇشىغىچە، ھەتتا گەپ-سۆزىدىن، ئوي-پىكرىگىچە   ئەسلى نەسلىدىن ياتلىشىشى، بۇلغىنىشى مېنى مۇشۇنداق يېزىشقا، مۇشۇنداق دېيىشكە مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ-ئۇكىللىرىم.
(ھەممەيلەن بىر-بىرىگە قاراپ ئېغىر خۇرسىنىدۇ.مۇشۇ ۋاقىتتا ئې سىرتقا چىقىپ كېتىدۇ).
ب: مۇئەللىم، سىلى پارتىيە ئەزاسىى بولغاچمىكىن مەكتەپنىڭ پاكلىق قۇرۇلىشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىلا-جۇما؟
ئا: مەن مەكتەپنى،ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنى شۇ قەدەر ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن شۇنداق بولسا كېرەك. سىزمۇ ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ پاكلىقىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانسىز-ھە؟
ب: ئەلبەتتە. مەن ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ پاكلىقىنى جېنىم بىلەن قوغدايمەن دېسىلە!
ف: مۇئەللىم، سىلى مەكتەپنى بۇنچىلىك ياخشى كۆرۈپ كەتسىلىرى ئۆيدىكىلەر سىلىنى مەكتەپتىن كۈنلەپ قالمىسۇن يەنە؟
(ھەممەيلەن كۈلىدۇ.دەل شۇ ۋاقىتتا ئشىخانىنىڭ ئىشىكى رېتىمسىز چېكىلىدۇ.د كۈلكىسىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن بىر قولىنىڭ دۈمبىسى بىلەن ئاغزىنى توسۇپ، يەنە بىر قولى بىلەن ئىشىكنى ئاچىدۇ. سىرتتىن   س  كىرىدۇ).
د: كەلسىلە-تاغا، بىرەرسىمىزنى ئىزدەمتىلە؟
(س ئەر ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بىر-بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشىدۇ ).
س: تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى د مۇئەللىمنى ئىزدەيتتىم ئۇكىللىرىم.
د: (س نىڭ ئالدىغا كېلىدۇ) ماڭا بىرەر گەپ-سۆزلىرى بارمىدى-تاغا؟
س: (د نىڭ قولىنى قوش قوللاپ تۇتۇپ، قايتىدىن كۆرۈشىدۇ) د مۇئەللىم ئۆزلىرى بولاملا؟ خۇداغا مىڭ شۈكرى. مەن سىلىنىڭ ئالدىلىرىغا ھاجەتمەن بولۇپ كېلىپ قالدىم، ئاللاھ يولىدا ماڭا بىر ياخشىلىق قىلىپ قويسىلا-ئۇكام...(ئۇنىڭ ئاۋازى بوغۇلۇپ گېپىنى داۋاملاشتۇرالمايدۇ.ئا ئورۇندۇق قويۇپ بېرىدۇ. د چاي سۇنىدۇ).
ب: تاغا قانداق گەپلىرى بولسا ئۇدۇل دەۋەرسىلە،قولۇمدىن كېلىدىغان ئىش بولسىلا چوقۇم ياردەم قىلىمەن.
س: رەھمەت ئۇكام. مەن سىلىنىڭ توپ كوماندىلىرىدىكى ناسىرجاننىڭ دادىسى بولىمەن ئۇكام. ئۆزلىرىمۇ بىلىدىغانلا، بالام بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان،تەنتەربىيە كەسپ ئمتىھانىغىمۇ قاتناشقان،لېكىن... (ياندىن «چۆل يىراق» ناملىق مۇزىكا ئاڭلىنىدۇ) ئالغان نومۇرى سەل تۆۋەنرەككەن.( س بەلبېغىنىڭ ئۇچى بىلەن كۆز يېشىنى سۈرتىدۇ. بەلباغقا چېگىلگەن بىر بولاق پۇل يەرگە چۈشۈپ قالىدۇ) باشقىلاردىن سىلىنى ”ياردەم قىلالايدىكەن“ دەپ ئاڭلاپ ئىزدەپ كېلىشىم (ئۇ بەلبېغىنىڭ ئارىسىنى ئاختۇرىدۇ، ئاندىن يەردىكى پۇلنى ئېلىپ ب غا تەڭلەيدۇ) ئاڭلىسام سىلى شەھەرلىككەنلا، تونۇش-بىلىشلىرىمۇ كۆپتۇ؟ بۇ ئون مىڭ كوينى ئېلىپ، ئاشۇ بىچارە بالامنىڭ ئىشىغا بىر يول مېڭىپ قويسىلا–ئۇكام. قالغىنى مەندىن يانمىسا ئاللاھدىن يانار. (س ئۈن سېلىپ يىغلاپ تاشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا مۇزىكا بىر كۈچىيىپ، ئاستا-ئاستا پەسلەيدۇ).
ف: كۆڭۈللىرىنى بۇزمىسىلا-تاغا، بالىلىرى ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىسە كەسپىي ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرىگە بېرىپ ھۈنەر-كەسپ ئۈگەنسىمۇ بولىدۇ.قېنى ماۋۇ چايدىن بىر يۇتۇم ئوتلىۋالسىلا.
س:  (ئوڭ قولى بىلەن چاينى ئېلىپ، بىر يۇتۇم ئوتلايدۇ) سىلەر بىلمەيسىلەر -ئۇكىلىرىم. بالامنىڭ ئانىسى بۇندىن ئىككى يىل بۇرۇن ”بالىمىزنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇپ، قاتارغا قوشۇش»نى ۋەسىيەت قىلىپ... (مۇزىكا يەنە بىر قېتىم كۈچىيىپ،پەسلەيدۇ) بالىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتالمىسام ئۇ دۇنيادىكى رەھمەتلىك ئانىسىنىڭ يۈزىگە قارىيالمايمەن جېنىم ئۇكىلىرىم!  (مۇزىكا ئەۋجىگە كۆتىرىلىپ، ئاندىن پۈتۈنلەي توختايدۇ).
ب: ماقۇل-ماقۇل، كۆڭۈللىرىنى ھەرگىز يېرىم قىلمىسىلا-تاغا، مەن ئالاقىلىشىپ باقاي.ناسىرجان مېنىڭ تېلىفون نومۇرىمنى بىلىدۇ، ئەتىلا ماڭا تېلىفون قىلسۇن،مەن خەۋىرىنى بېرەي.
س: ئوڭ قولىدىكى چاينى ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ، پۇلنى ب گە ئىككى قوللاپ تەڭلەپ تۇرۇپ دۇدۇقلايدۇ) بۇ پۇلنى... (پۇلنى ب نىڭ يان يانچۇقىغا سېلىپ قويماقچى بولىدۇ)
ب: ياق-ياق،بۇنداق قىلساق ھەرگىز بولمايدۇ-تاغا (دەرسكە كىرىش قوڭغۇرىقى چېلىنىدۇ) ھازىر مېنىڭ دەرسىم بار ئېدى، مەن دەرسكە چىقىۋېرەي. ئەتە جەزمەن خەۋىرىنى بېرىمەن، سىلى خاتىرجەم بولسىلا. ماقۇل ئەمىسە شۇنداق بولسۇن .
(ب بىلەن س بىللە چىقىپ كېتىدۇ. ئۇلاردىن كېيىن ئا، د، ئې، ف لارمۇ كىتاپ،دەپتەرلىرىنى كۆتىرىپ چىقىپ كېتىشىدۇ. ب                   يەنە قايتىپ كىرىدۇ).
ب: (ئۆز-ئۆزىگە گەپ قىلىدۇ) توۋا-توۋا! مەن بۇ خەقنىڭ بالىلىرىنى ئالىي مەكتەپكە ئۆتكۈزۈپ قويۇشنى ھۆددە ئالسام بولامتىكى؟ ھەر قېتىملىق مانىۋېر ئىمتىھانىدا ئالغان ئەڭ يۇقۇرى نومۇرى  200 گىمۇ يەتمەيدۇ ئۇ دۆت گۇينىڭ بالىسىنىڭ! ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيمىش تېخى.”يانچۇقىدا تۆت تەڭگە يوق، تۆگىنىڭ چىشىغا قاراپتۇ“ دېگەن مۇشۇ-دە؟ نەخ كەلگەن ئون مىڭ كوي ئىدى، ئشخانىدا باشقا ئوقۇتقۇچىلار بار چاغدا ئالالمىساممۇ پەيتىنى كەلتۈرۈپ ئېپ كېتەتتىم .ئېسىت ئون مىڭ كوي-ئېسىت ئون مىڭ كوي.(دەل شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ يانفونى سايرايدۇ.ئۇ يانفوندا بىرى بىلەن سۆزلىشىپ، ئا نىڭ سىرتتىن قايتىپ كىرگەنلىكىگە دىققەت قىلمايدۇ). ۋەي-ۋەي، ھاجىمما؟ نېمىش قىلىۋاتىسەن، دەمسە؟ گولنى تېپىپ ئەپلەپ، يانچۇققا پۇلنى كەپلەپ يۈرىۋاتىمىز ئاداش! ئۆزەڭچۇ؟!
ياندىن بايان: ئىككى ئوقۇغۇچىنى بىرەر ئالىي مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە تولۇق كۇرس سىنىپىغا قوبۇل قىلدۇرۇشقا ئامال قىلغىنى بولارمۇ-ئاداش؟ پۇلى نەخ ئېدى دېگىنە!
ب: ئۇلار تەنتەربىيە كەسپ ئىمتىھانىدىن ئۆتكەنما؟
ياندىن بايان: ھەئە-ئۆتكەن.
ب: ئۇنداق بولسا، مەدەنىيەت  ئىمتىھانىدىكى ئۈچ ئاساسىي پەندىن 250 ، ھېچ بولمىسا 200دىن يۇقۇرى نومۇر ئالالىغىدەك بولسا بەرگەن پۇلىنى ئېلىۋەر. ئۆزى كەلگەن رېزقكەن-بۇمۇ؟
ياندىن بايان: ئۇ نېمىلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ مەدەنىيەت پەن ئىمتىھانىدا قانچە نومۇر ئالالايدىغانلىقىنى مەن قانداق بىلىمەن-ئاداش؟!
ب: ھەي-كالۋا ئاداش، شۇنىمۇ بىلمەمسەن؟ ئۇ ئىككىسىنىڭ  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئىلگىرىكى  بەش قېتىملىق  مانىۋېر  ئىمتىھان نەتىجىسىنى ماڭا قىسقا ئۇچۇر قىلىپ يوللاپ بەرگىنە، مەن ساڭا بىر دەرس ئۆتۈپ قوياي. قارا، مەنمۇ بىزنىڭ مەكتەپتىكى 6 ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن 10مىڭ كويدىن پۇل ئېلىپ قويدۇم.  ھەممىسى  ئۆزى   ئۆتۈپ كېتەلەيدىغان بالىلار ئېدى ئەسلى. لىكىن بۇ دۆت، قورقۇنچاق خەق ئۆزىگە ئىشەنمەي بىزگە يالۋۇرۇپ كەلگەندېكىن ”ماقۇل“ دېمەي بولامدۇ؟ ئەمما-زە، ھازىرلا بىر ئولجىنى قولدىن چىقىرىپ قويدۇم-دە. ئۇنىڭ مانىۋېر ئىمتىھانلىرىدىكى نەتىجىسى بەك تۆۋەن. بۇنداقلارنىڭ پۇلىنى   ئېلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ-ئاداش! ئەمەلىيەتتە ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچى ئۆزى ئۆتمىسە ،بىزنىڭ قولىمىزدىن نېمە كېلەتتى؟ ھە-راست،ھېلىقى ئىككى ئولجىنىڭ مانىۋېر ئىمتىھانىدىكى نەتىجىسىنى قىسقا ئۇچۇر قىلىپ يوللاپ بېرىشنى ئۇنتۇپ قالما-جۇمۇ؟ ئىش پۈتكەندە پايدىنى تەڭ بۆلىشىمىز.بۇ گول چامغۇر سەھرالىقلارنىڭ ئۆز گۆشىنى ئۆز يېغى بىلەن قورۇپ ئارىدىن پايدا ئالمىساق بىزگە نېمە بار دېگىنە بۇ سەھرايى قىيامەتتە؟ خوش، ئەمىسە گەپ شۇنداق بولسۇن.(ئۇ يانفوننى يانچۇقىغا سالغاچ ئارقىسىغا ئۆرىلىپ، ئۆزىگە تىكىلىپ قاراپ تۇرغان ئا نى كۆرۈپ قاتتىق چۆچۈيدۇ)
ب: ھە؟؟ مە…مە…مەن، سىلى…، دەرسلىرى يوقكەن-دە؟ مېنىڭمۇ دەرسىم يوقكەن.( دەرستىن چۈشۈش قوڭغۇرىقى چېلىنىدۇ)
ئا: نېمە؟ ھازىرلا تېخى بىرسىگە دەرس ئۆتىۋاتاتتىڭىزغۇ؟ مەن سىزنىڭ مەكتەپنىڭ ۋە بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پاك ئوبرازىمىزنى بۇلغايدىغان بۇنداق چاكىنا ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىڭىزنى ھەرگىز ئويلىماپتىكەنمەن-ئۇكام؟!
ب: يا…يا…ياق،بۇ…بۇ باشقا بىر گەپ مۇ…ئەل…لىم…
(ئىشخانىغا د، ئې، ف لار كىرىدۇ).
ئا: قانداق باشقا گەپ؟ ئاشۇ گەپلەرنى قىلغۇچە سىزنىڭ يۈزىڭىز چىمىلدىمىغىنى بىلەن ئاڭلىغۇچە مېنىڭ يۈرىكىم ئېچىشىپ كەتتى-ئۇكام! سىزنىمۇ ”ئىنسان روھىنىڭ ئېنژىنىرى“ دېگىنى بولامدا؟ ئاشۇمۇ بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاغزىدىن چىقىدىغان گەپمۇ؟! سىز بۇ سەھراغا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ ئادەم تەربىيەلىگىنى ئەمەس، مۇشۇ بىچارە دېھقانلارنى قاقتى-سوقتى قىلىپ جان باققىنى كەپتىكەنسىز-دە؟ ئەجەبا سىز مۇشۇ سەھرانىڭ سۈيىنى ئىچىپ، تۇزىنى يەۋاتقانلىقىڭىزنى بىلمەمسىز؟ ئۆزىڭىز تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئاشۇ چوڭ شەھەردىن خىزمەت ئورنى تاپالماي تېنەپ يۈرگەن ۋاقتىڭىزدا، سىزگە كۆكسى-قارنىنى  ئېچىپ  بىر  كىشىلىك خىزمەت ئورنى بەرگەن قۇچىقى كەڭ سەھراغا، مەرد-مەردانە سەھرا خەلقىگە قايتۇرىدىغان جاۋابىڭىز مۇشۇما-سىزنىڭ؟!
د: نىم بولدى-سىلەرگە؟ ئشخانىنىڭ ئىچى تېخى ھېلىلا ئاپتاپتەك قېلىۋېدى، مانا ئەمدى بۇ ئىككىڭلارنىڭ قاپاقلىرىدىن قار يېغىپ، ھەممە يەرنى مۇز قاپلاپ كېتىپتىغۇ؟ (ئاندىن ئا غا بۇرۇلۇپ سىيلىق تەلەپپۇزدا دەيدۇ) مۇئەللىم، خاپا بولمىسىلىرىچۇ، نېمە گەپ بولسا چىرايلىقچە دېيىشمەيلىمۇ؟
ئا: ئۇكىلىرىم، سىلەر چوڭ شەھەردىن كەلگەن، مەن بولسام مۇشۇ ياقا سەھرادا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. شۇڭا بۇ دېھقان خەلقنىڭ ھل-كۈنىنى سىلەرگە قارىغاندا خېلى ئوبدان بىلىمەن. خەلقىمىز ئۇزاق زامانلاردىن بېرى بىدئەت خۇراپىيلىقنىڭ ئالدامچىلىقىغا، مىللىي زۇلۇم ۋە سىنىپىي زۇلۇمنىڭ چىدىغۇسىز دەپسەندە قىلىشىغا، يۇرتۋازلىق ۋە جەمەتۋازلىقنىڭ قانلىق قىساسخورلىقىغا كۆپتىن كۆپ ئۇچراپ ، يۈرىكى مۇجۇلۇپ، مانا مۇشۇنداق قورقۇنچاق، مانا مۇشۇنداق ئۆز-ئۆزىگىمۇ ئىشەنمەس بولۇپ قالغان خەلق. بىچارە خەلقىمىز ئەمدىلەتىن  زاماننىڭ خوۋلىقىنى كۆرۈپ، ئۇچىسى ئىللىۋاتقاندا بۇ خەلقنى ئانىي تاپمىغان، خەلقنىڭ يىلىكىدە سۇ ئىچمىگەن بىز ئوقۇتقۇچىلار قالغانمۇ؟ ھەممىمىز ئۆز رېزقىمىزنى پاك-ھالال يەيلى-ئۇكىلىرىم. بۇ  ”ئالماقنىڭ بەرمىكى، كەلمەكنىڭ كەتمىكى“ بار جاھان.
ب:  ئۇستاز، مەن…مەن، مەن ھەممىڭلارغا يۈز كېلەلمەيمەن. بۈگۈن مەن ھېچقاچان،ھېچقانداق مەكتەپتە ئاڭلاپ باقمىغان بىر دەرسنى ئاڭلىدىم. مەن ئىنسانىي ۋىجدانىم بىلەن ۋەدە بېرەيكى،  بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق تۇزكورلىقنى ھەرگىز قىلمايمەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن ئالغان 60مىڭ كوينى ئۆسۈمى بىلەن قوشۇپ قايتۇرۇپ بېرىمەن. مېنى… مېنى كەچۈرىڭلار، مۇشۇ بىر قېتىم مېنى كەچۈرىۋېتىڭلار خىزمەتداشلىرىم.(ئا نىڭ ئالدىغا قول ئۇزىتىپ كېلىدۇ)
ئا: (بىر قولى بىلەن ب نىڭ ئىككى قولىنى، يەنە بىر قولى بىلەن ئۇنىڭ مۈرىسىنى تۇتۇپ تۇرۇپ دەيدۇ) بولىدۇ- ئۇكام، بىزدە ”گۇناھىنى تۈزەتكەن ئوغۇل ئاتىسىدىن ئۇلۇغ“ دەيدىغان ھېكمەت بار. بىز سىزنى ئەلبەتتە كەچۈرىمىز(ياندىن «مەكتەپ مارشى»نىڭ مۇزىكىسى ئاڭلىنىدۇ).سىزمۇ بەرگەن ۋەدىڭىزگە ئەمەل قىلارسىز-جۇمۇ. ھە-راست، ھېلى سەل ھاياجانلىنىپ كېتىپ  قوپال سۆزلەپ قالغان بولسام سىزمۇ رەنجىمەي مېنى كەچۈرىۋېتەرسىز-ھە؟
ب: مەن سىلىدىن ھەرگىز رەنجىمەيمەن-مۇئەللىم.
ئې: ھەببەللى، ئىككىڭلارنىڭ مۇشۇ گېپىڭلار راست بولسا ئون مىنۇتلۇق دەم ئېلىشتىن پايدىلىنىپ بىر كېلىۋەتمەيلىما؟
د: كەسپىي ئۆگىنىش قىلىدىكەنمىز-دە؟
ف: نەدىن كەلسەك بولار؟(«مەكتەپ مارشى»نىڭ مۇزىكىسى توختايدۇ)
د: ئارىمىزدا رەسساممۇ(ئا نى كۆرسىتىدۇ)، تەنھەرىكەتچىمۇ(ب نى كۆرسىتىدۇ)، مۇزىكانتلارمۇ(ئې، ف ۋە ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ) بار. شۇڭا ھەممىمىز بىلىدىغان يەردىن كەلمەينىمۇ؟
باشقىلار بىرلىكتە: بولىدۇ.
ئا داپنى، ب دۇتتارنى، د ئىسكىرېپكىنى، ئې غېجەكنى، ف تەمبۇرنى قولىغا ئېلىپ، بىرلىكتە مۇزىكا ئورۇنلايدۇ ۋە مۇزىكىغا ئەگىشىپ ناخشا ئېيتىدۇ:

                  پاكلىق بولماي  ھەق نەدە،
                  ھەق بولسىمۇ نەق نەدە،
               ھەق تىكلەنمەس مەكتەپسىز،
               بۇلغىمايلى مەكتەپنى.
               
               مەكتەپ بولماي پەن نەدە،
               پەنسىز سەن ۋە مەن نەدە،
               گۈللەنمەس ئەل مەكتەپسىز،
               بۇلغىمايلى مەكتەپنى.
ناخشا ئاخىرلىشىش بىلەن تەڭ ئۇلار سەھنە ئوتتۇرىسىغا كېلىپ تاماشىبىنلارغا بىرلىكتە سالام بېرىدۇ.

            2012-يىل ماي.يېڭىئۆستەڭ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئادىل0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-18 12:42  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-11-18 17:09:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

... تەۋپىق ئەپەندى ھەر ۋاقىت يادىمدا...........

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-18 19:15:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىبنۇرى يوللىغان ۋاقتى  2013-11-18 17:09
... تەۋپىق ئەپەندى ھەر ۋاقىت يادىمدا...........

   ئەرزىمەس يازمام  بىر  پىداكار  مەرىپەت   پىشىۋايىمىزنى  ياد ئېتىشىڭىزگە سەۋەپ بولغان بولسا  رازىمەن!

ۋاقتى: 2013-11-18 22:14:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەھنە ئەسىرى ئىجادىيتىدە تېخىمۇ تىرىشقايسىز! بۇ چوڭ بوشلۇقنى تولدۇرىدىغانلار بەكمۇ ئاز!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-17 17:32:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ئادىلجان ئىسىمدىشىم. يازغان ئۇچۇرىڭىزنى بەك كېچىكىپ كۆرۈپتىمەن. تەڭ تېرىشايلى.

ۋاقتى: 2014-11-7 18:11:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز، توۋا شۇنداقمۇ ئوقۇتقۇچىلار بارمىدۇ؟

ۋاقتى: 2016-3-20 22:46:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا مۇئەللىم، قەلىمىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش