ئۇرسا خەندان توختىماي بۇلبۇل سەھەر گۈل ئىشقىدا،
گۈل بويۇڭنى كۆرگىنى ئارماندا كۈتتۈم ئامرىقىم.
رەنجىشىم يوق كەلمىسەڭ بۇلبۇلغا تەڭكەش ئەيلىدىم،
كۈي تۆكۈپ ۋەسلىڭ ئۈچۈن خەنداندا كۈتتۈم ئامرىقىم.
ساقلىدىم شامۇ-سەھەرلەر ، گۈل بويۇڭ مەندىن يىراق،
چوغ بولۇپ ياندى يۈرەك گۇلخاندا كۈتتۈم ئامرىقىم.
ئۇچرىتارمەن دەپ سىياقىڭ ئەل ئارا سالدىم نەزەر،
كەلمىدىڭ بىر نازغىتىپ ھەر ياندا كۈتتۈم ئامرىقىم.
نالىلەر قىلدى يۈرەك ھېجرىڭدە قان-ياش سىرغىتىپ،
داغى-ھېجران قىينىدى ئەفغاندا كۈتتۈم ئامرىقىم.
گۈل يۈزۈڭنى ئىزدىدىم سانسىز كېچە ئاي چېھرىدىن،
چۆل-ئارا چۆللەر ئارا نىمجاندا كۈتتۈم ئامرىقىم.
ئۈزمىدىم سەندىن ئۈمۈد ۋەسلىڭگە زار بولدۇم ئۇزاق،
ياشنىتىپ سۆيگۈڭ مېنى دەرماندا كۈتتۈم ئامرىقىم.
لەۋ يېقىپ ئۆتسۇن ۋىسالنىڭ جامىنى ھونساكقا بەر،
كۆز يېشىم دەريا كەبى گىرياندا كۈتتۈم ئامرىقىم.
2012-يىل 5-ئاينىڭ 23-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قۇربانجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-14 16:53