ئابدۇرۇسل مۇھەممەد ئەلتۇغ 1974-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى يەكەن ناھىيەسىنىڭ مىشا يېزىسى ياغاچچىلار كەنتىدە دوختۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يېزىسىدا تاماملىغاندىن كېيىن، 1989-يىلىدىن 1992-يىلىغىچە يەكەن پىداگوگىكا مەكتىپىنىڭ ئومۇمى پەن كەسپىنى پۈتتۈرۈپ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىگە تەقسىم قىلىنغان. ئىشتىن سىرت ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل_ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە ئالىي تېخنىكۇم ۋە تولۇق كۇرسنى تاماملىغان. ئۇ 2003-يىلى5-ئايدىن باشلاپ مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.
ئۇنىڭ ئىجادىيىتى 1991-يىلى <<يەكەن گېزىتى>> دە ئېلان قىلىنغان <<تەئەججۈپ>> ناملىق نەسىرىدىن باشلانغان بولۇپ، ئىلگىرى ئاخىرى <<قەشقەر ئەدەبىياتى>>، <<قۇمۇل ئەدەبىياتى>>، <<جوڭگۇ مىللەتلىرى>>، <<شىنجاڭ گېزىتى>>،<<قەشقەر گېزىتى>>، <<شىنجاڭ مائارىپى>>، <<تارىم غۇنچىلىرى>>، <<شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى>> ، <<كۈسەن مەدەنىيىتى>> قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا <<قويمىچى>>، <<مۇھەررىر>>، << خىلۋەتتىكى يارقىن چۈشلەر>> ، <<تاۋۇس ئەللەيىن>>، <<تور>> ،<<خىلۋەتتىكى مەھەللەم>>، <<يۇمىلاق خەرىتە>>ناملىق 200پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە،نەسر، شىئېرلارنى ئېلان قىلدۇرغان. ئەسەرلىرى <<زەرەپشان گۈلزارى>>، <<جەزبىدار گۈلدەستىلەر>> ناملىق كوللىكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن ۋە تەرجىمىھالى تونۇشتۇرۇلغان.ئۇ يەنە خەنزۇ تىلىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ جۇڭگو ۋە چەتئەللەرنىڭ <<كۆۋرۈك>>، <<ھېلالئاي>>، <<رەسىم تېرىش>>، << سۈيقەست>>، <<كىچىك بېكەتتىكى ناخشا ساداسى>> قاتارلىق ھېكايىلارنى خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىپ <<ئەدەبىي تەرجىمىلەر>>، <<ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى>>، <<ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى>> قاتارلىقلاردا ئېلان قىلدۇرغان.ئۇ تەرجىمە قىلغان <<مەكتەپكە بېرىش يولىدا>> ناملىق تېلېۋېزىيە ھېكايە فېلىمى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، يەكەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن تارقىتىلىپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.
ئۇ يەنە ئىزچىل تۈردە مائارىپ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ <<شىنجاڭ مائارىپى گېزىتى>>، <<پەن ۋە تۇرمۇش >> ژۇرنىلى قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا <<دەرسلىك يۇمشاق دېتالى لايىھىلەش ۋە ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە نۇقتا>>، <<ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشلىق، مېۋە_چېۋە ساقلاشتىكى ئەنئەنىۋىي ئۇسۇللىرى>> ، <<تىل_ئەدەبىيات دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى باھالاشنىڭ خاس ئۆلچىمىنى بېكىتىش كېرەك>> قاتارلىق ماقالىلارنى ئېلان قىلغان. <<ئەخلاق تەربىيەنى قانداق ئېلىپ بېرىش كېرەك>> ناملىق ماقالىسى <<شىنجاڭ مائارىپى گېزىتى>> تەرىپىدىن <<مۇنەۋۋەر ماقالە>> ، <<تىل_ئەدەبىيات دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى باھالاشنىڭ خاس ئۆلچىمىنى بېكىتىش كېرەك>> ناملىق ئىلمىي ماقالىسى قەشقەر ۋېلايەتلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات جەمئىيىتى تەرىپىدىن 1-دەرىجىگە ئېرىشكەن.
ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، يەكەن ناھىيىلىك ئەدەبىيات_سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، يەكەن ناھىيىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى.