ئاتا ئوغلى
-تاتار پەرزەنتى مەرھۇم رۇستەمگە مەرسىيە
بۇغدا ئابدۇللا
ئاھ، ئۈرۈمچى بىر ئوغلۇڭ كەتتى،
سەن تۇز بەرگەن ئۆتتى ھالاللاپ.
ئەزرائىلغا نېمە دىگۈلۈك،
ئايرىپ بىردىن ئالدى قاماللاپ.
ياش ئىدىغۇ، تېخى بىر نىھال،
بارچىمىزنى قويدىغۇ داغدا.
ئۇنى قانداق ئۇنتۇپ كەتكۈلۈك،
ئەجرى، ئىزى تۇرۇپتۇ ھەغدا.
مەرت، كۈيۈمچان،
سەمىمىي، ۋاپادار،
پەرىشتىدەك چىرايى، تۇرقى.
ھەممە دەيدۇ كۆز تەگدىمۇ يا،
بەرگەي ئىلاھىم جەننىتى باقىي.
2013-يىل 12-نويابىر. ئۈرۈمچى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ھەبىبۇللا مىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-13 10:30