يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 271|ئىنكاس: 3

دېرىزىدىن كۈزىتىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-11-12 12:25:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
دېرىزىدىن كۈزىتىش
موھەممەدروزى ئابدۇقادىر

يۇرتۇم تېرەكلىرى

يۇرتۇم تېرەكلىرىنىڭ باغرىدا كۆك نۇر
ئولتۇرار پەرىشتە شېخىغا قونۇپ،
ئوت يۈدكەن ئانىلار سايىدار يازدا
ئىسمىم تېنىدە تۇرىدۇ يورۇپ.
قۇياش گۈل چاچار كۆكتىن ھەر سەھەر
قۇشلار ئاۋازىدىن ياشىرار جانلار،
تونۇش قىزلارنى سالماقتا ئويغا
شۇ تىمتاس باغلاردىن ئۇچقان شاماللار.
ئۆستەڭ بويىدا بالىلىق چېغىم
كېپىنەك قوغلاپ يورۇيدۇ تەرلەپ
سالامدا ئېگىلدى يۇرتۇم تىرىكى
سۈ بولدى يۈرىكىم، كۆز ياشتەك تىترەپ.

2004-يىل 27-يانۋار






مۈشۈك كۆز

مۈشۈك كۆز ئۇ بىنانىڭ كۆزى
يوقالماقتا باغرىدىن تۇزى،
يوق يورۇقلۇق ئۆينىڭ ئىچىدە
تاتارماقتا ئىشىكنىڭ يۈزى.

تاماق سۇنسام ساڭا بىر قاچا
ئىشەنمەيسەن ئۆزۈڭگە قوشنام،
كۆرۈنىشى مۇمكىن كۆزۈڭگە
زەھەر باردەك شۇ تاتلىق تائام.

ئايلانماقتا سائىتىڭ غېرىب
قېرىماقتا بىچارە شەھەر،
ئاقارماقتا چاچ-ساقاللىرىڭ
ھايات سەندىن قاچماقتا بەدەر.

2004-يىل 29-يانۋار


قىش ئاسمىنى

قىش ئاسمىنى
گۈلدۈر گۈزەل قىزغۇچ ئېچىلغان،
سۈرۈلمەكتە خۇشپۇراقلىرى
ئاپئاق قارنىڭ ئۈستىگە ئاستا.
سەھرا ياتار ئېغىر ئۇيقۇدا
ئىتلار قاۋار يىراق بىر يەردىن
پارلاپ تۇرغان نۇرلۇق يۇلتۇزغا.
چۇققىلارنىڭ ئۈستىگە قاراپ
ئۇچۇپ كەتتى بىر توپ ئاققۇلار،
سۇغۇق سىلار  ئاپئاق قوللىرى
يالقۇنلىغان  ئىسسىق بىر تال چوغ
كۆيدۈرمەكتە جىمجىت ئىچىمنى.

2003-يىل 18-دېكابىر






دېكابىر چېچەكلىرى

سۇس ئىسسىق تارقالماقتا ئەتراپقا ئاستا
قىش قۇرسىقى تۇرار ئاقىرىپ
تۇرمۇش ئۆتمەكتە بىر خىلدا غېرىب،
ھارۋىسىغا روزىنى قېتىپ.
ئايالسىز  ئۆي قەبرىستان تامام
شامال يۈرەر باغرىنى كىزىپ.

سىناپ كەتتى ھايات بەك ئوزون
ئېتىم باردى ئاخىرى ھېرىپ،
مۈكچەيگىنى قەلبىمدۇر قېرىپ،
قاغجىرىغان تۇپراقلىرىمغا
ئاق چاپانلىق جۇل-جۇل ئىدىيە
ئۇرۇغىنى ئۆتمەكتە چېچىپ.

قۇياش ئوۋدىن قايتقان قىزىل يايلىق شىر
تاغلىق كەنت باغرىدا ياتقان،
موھەببەتنىڭ ھىدىنى پۇراپ
سېغىنىشىم باغرىنى ئاچقان.

2003-يىل 22-دېكابىر
دېرىزىدىن كۈزىتىش

قارلار ئېرىپ تۈگىگەن تامام
سۈكۈتىنى تىڭشار دەرەخلەر،
ئادەملەرنىڭ قەلبىدە ئەندىش
تۈكۈلمەكتە يۇلۇنغان پەرلەر.
ئوقۇلمىغان كىتابتۇر ئاسمان
ۋاقىت ئىزلىرى نەم چىغىر يولدا،
مەرۋايىتتەك تورىدۇ چاقناپ
قوياش قېنى تۆكۈلەر ئاستا .

مۇغەمبەردۇر ھايات شۇ قەدەر
كۆزەتمەكتە ھەممىنى جىمجىت،
كېڭەيمەكتە ماي يوللار يىراق
سۇس چاقنايدۇ سىقىلغان ئۈمىد.
سېغىنىشنىڭ چېچىكى بولۇپ
يۈرىكىمنى ئېزىدۇ پىراق،
ئادەملەرنى يېمەكتە شەھۋەت
غېرىبسىنغان كۆزلەر تېگىدە
ئازاب چاقناپ تورىدۇ پارلاق.

دېرىزىنىڭ ئالدىدىن بىردىن
ئۆتۈپ كەتتى ئىككىنچى ئەسىر ،
قىلىچ ئاسقان ھون ئەسكەرلىرى
تۇيۇقسىز
بىر خىشقا ئايلىنىپ دەزلەنگەن تامدا
توزۇدى قەلبىمنىڭ گۈل –چېچەكلىرى.

2003-يىل 23-دېكابىر



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-11-12 13:16:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېرىزىدىن كۈزەتكەندىكى ساپ تۇيغۇلىرىڭىزدىن سۆيۈندۈم. بۇ شېئىرلىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ.

ۋاقتى: 2013-11-12 13:43:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىش ئاسمىنىدىن زوقلاندىم ...

ۋاقتى: 2013-11-13 22:14:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ياخشى يېزىلغان شېئىرلار ئىكەن بۇ، ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم.  ئۆزىگە سىغدۇرغان مەزمۇن مېنىمۇ ئويلاندۇردى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش