كىرىش
QQ ئارقىلىق كىرىش
تىزىملىتىش
پارول قايتۇرۇش
تىزىملىك
باش بەت
Portal
مۇنبەر
BBS
ھويلا
Space
مىكروبىلوگ
تور خاتىرىسى
يازغۇچىلار لۇغىتى
خەنزۇچە
قازاقچە
يازغۇچىلار تورى
»
مۇنبەر
›
ئۇيغۇر ئەدەبىياتى رايونى
›
خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى
›
ئالتە شەھ ھەققىدە قوشاق(ئامىنە ئابدۇۋايىت)
تىزىملىككە قايتىش
كۆرۈش:
752
|
ئىنكاس:
5
ئالتە شەھ ھەققىدە قوشاق(ئامىنە ئابدۇۋايىت)
[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئامىنە
ئامىنە
توردا يوق
ۋاقتى: 2013-11-11 15:29:43
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
|
كۆرۈش شەكلى
شىنجاڭدىكى مەرۋايىت،
نامى مەشھۇر ئالتە شەھ.
ئاقسۇ ،كۇچا ،ئۇچتۇرپان،
يەكەن،خوتەن ھەم قەشقەر.
تەڭدىشى يوق قەشقەرنىڭ،
ئەزىزلىكتە يىگانە.
مەخمۇت كەبى ئالىملار،
پەن كۆكىدە نۇرانە.
كوزۇر قىلدى يەكەننى،
مەشھۇر ئۇيغۇر مۇقامى.
ئاماننىسا خېنىمدەك،
شىرىن زۇبان جانانى.
شەھىدانە خوتەنمو،
تىبابەتنىڭ بۆشىگى.
گۇھەردىنمو ئەتىۋا،
ئەدلەس،گىلەم قاشتېشى.
ئۇچتۇرپاننىڭ كوزورى،
توققۇز بۇلاق مۆلچەر تاغ.
يەتتە قىزنىڭ قەبرىسى،
ئېغىر پاجە،ئەمسىز داغ.
ئاقسۇ بىلەن كۇچانىڭ،
خەلقارادا نامى بار.
قىرمىش ئاتام مازارى،
قىزىل مىڭ ئۆي غارى بار.
كاتتا ئۆتكەن ئەزەلدىن،
كۇچانىڭ بەگ،ۋاڭلىرى.
چىن ئەينىگى تارىخنىڭ،
قىزىل قاغا تاملىرى.
ئالتە شەھنى تەن دېسەك،
قەشقەر قېنى،يۇرىگى.
ئۆپكە بولسا ئاستانە،
خوتەن يېغى بۆرىگى.
جىگە دېسەك ئاقسۇنى،
گۇزەل كۇچا پۇت-قولى.
بەش ئەزاسى ئۇچتۇرپان،
مۇستەھكەمدۇر يۇرت ئۇلى.
2013-11-11-ئاقتۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامىنە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-11 15:43
ئىنكاس
جابدۇق
پاش قىلىش
ق.ئوسمان غازى
ق.ئوسمان غازى
توردا يوق
ۋاقتى: 2013-11-11 17:13:51
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامىناچامنىڭ نۇرغۇن قوشاقلىرى ئىچىدە مۇشۇ ياراپتۇ ماڭا
بۇنى قىسمەن تارىخى ئىزاھاتى بىلەن قوشۇپ، يەنە ئازراق ئىشلەپ «جۇڭگو مىللەتلىرى» ياكى «كۈسەن مەدەنىيىتى» ئەۋەتىپ قويسىلا.
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
jallat
jallat
توردا يوق
ۋاقتى: 2013-11-11 18:11:00
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يىقىندىن بىرى مۇنبىرىمىزدىكى كۇندە قوشاق توقۇيدىغان قوشاقچىلارغا ھەسەت قىلىدىغان بولۇپ قالدىم .مەنمۇ قايسى دەۋىرگە بارغاندا ئاشۇلاردەك مەشھۇر شائېر بولالايمەن -دەپ .بىراق ئوزۇمدىكى ئەسنى ،سۇزۇك تۇيغۇلىرىمنى كىتاپخانلاردىكى ھوزۇرغا ئايلاندۇرۇش ئۇچۇن ،بارلىق كىتاپخانلارنىڭ سەزگۇسىدىكى بايقاشقا ھورمەت بىلدۇرگەنلىگىم ئۇچۇن ،شېئىريەتنىڭ زاماننىڭ تۇرلۇك يولىنىشلىرىدىكى چىچىلغان ئىمالىرىغا بولغان ئىنىرگىيەلىرىم ئۇچۇن ،شىئېريەتنىڭ ئىنسانلار توپى بىلەن كەلگۇسى ،زىمىن ۋە ئاسمانلار بىلەن بولغان سۇزۇكلۇك مۇناسىۋىتنى قۇرۇپ چىقىش ئۇچۇن قەلەملىرىمنى گاللاشتۇرۇشقا توغرا كىلىدىكەن .«ئوزبىك شائېرى خەلىمەنىڭ ،ئوزبىك شائېرى مۇھەممەت يۇسۇپنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇرۇپ ۋە ئۇنىڭ شىئېرلرىغا باھا بىرىپ -ئۇنىڭ قەلىمىدە بەركەت بار .ئۇ ئويناپ -ئويناپ يىزىپ بىز ئويلىمىغان دەرىجىدىكى تالانتى بىلەن ئوزبىك خەلقىنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالدى .بىز ئويلاپ -ئويلاپمۇ ئۇ يەتكەن پەللىگە يىتەلمىدۇق .»باھاسى بويۇچە بەزىلەردىكى شېئىريەت تالانتىغا ھەيران قالىمەن .بولۇپمۇ مۇشۇ ئامىنەگە.ئۇنىڭ شىئېريەتتىكى تىرىشچانلىغىغا قول قويىمەن،ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺕ ﯲﺯﯨﻨﯩﯔ ﯮﻗﯘﺭﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻨﻰ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻜﻪ ﺯﯨﭻ ﯪﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭘﻠﯩﻚ، ﺗﯜﺭﻟﯜﻛﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﻣﯘﺟﯩﻤﻪﻟﻠﯩﻜﺘﻪﻙ ﺑﯩﺮ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﯖﯩﻼﻳﺪﯗ.ئامىنەمۇ ئىجادىيەتتە ئوزىنى يىڭىلاپ تۇرىشى كىرەك .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا jallat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-11 18:18
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
مۇڭلان
مۇڭلان
توردا يوق
ۋاقتى: 2013-11-11 18:57:15
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامىنە ھەدە ھارمىغايلا.
مېنىڭچە بولغاندا سىلى ئىشلەتكەن »ئالتە شەھ» سۆزىدە خاتالىق بار دىيىشكە بولىدۇ. ئەگەر يەرلىك شىۋە بويىنچە ئالغاندا «شە» دەپ ئېلىنىشى كېرەك. بولمىسا تولۇق ھالدا «شەھەر» دېيىلىشى كېرەك. ئەڭ بولمىغاندىمۇ شە+ھەر ... دېگەن ئىككى بوغۇملۇق سۆزنىڭ بوغۇم تۈزۈلىشىگە دىققەت قىلىش كېرەك.
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
ھېكمەت
ھېكمەت
توردا يوق
ۋاقتى: 2013-11-12 01:40:48
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇڭلان توغرا دەيدۇ ئىملا خاتالىقى شىئېرنىڭ گۈزەللىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ بۇلۇپمۇ بۇ شەھەر دېگەن شىئېرنىڭ مۇھىم بىر قىسمى شۇڭا توغرا ئاتىلىشى كېرەك
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
ئامىنە
ئامىنە
توردا يوق
ئىگىسى
|
ۋاقتى: 2013-11-12 10:34:25
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكلىپ پىكىرىڭلاردىن سۇيۇندۇم ئاقىللىرىم!!!!!بولسا خەلىق ئېغىز ئەدىبىياتىغا ئەڭ يېقىن قىلىپ ئىملايىمنى تۇزەپ قويساڭلا، تىرىشىپ تىرمىشىپ مىڭ تەستە مۇشۇنچىلىك يازدىم،ياردىمىڭلارغا مۆھتاجمەن ئەزىزلە!!!!!!!!!
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
تىزىملىككە قايتىش
ئالىي ئىنكاس
B
Color
Image
Link
Quote
Code
Smilies
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز
كىرىش
|
تىزىملىتىش
سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى
ئىنكاس يوللاش
ئاخىرقى بەتكە ئاتلاش
ستاتىستىكا
|
يانفون نۇسخىسى
|
新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
Powered by
Discuz!
X3.2
(
NurQut Team
)
© 2001-2011
Comsenz Inc.
For
www.xjzjxh.com
جۇغلانما 0, دەرىجە ئۆسۈش ئۈچۈن جۇغلانما
چوققىغا قايتىش