ئىماملىرىمنىڭ كوچىسى
ئىبراھىم نىياز
1
سۈرەتتەك بىر قەدىمىي يۇرتنىڭ
ئىماملىرىم دەپ بىر گۈلى باردۇر .
بۇندا كېلىپ - كېتىپ تۇرغانلار
ئەسلىمىگە تولۇپ قايتقاندۇر .
مېھىر ئۆرلەپ تۇرغان كوچىسى ،
زاھىر ئابدۇراخمان دېگەن شائىرنى
كۈتۈۋالغان ئىللىق تەبەسسۇمىدا .
زاھىر ئابدۇراخمان بۇ كوچىنڭ دوقمۇشىدا
يۈرىكىنى سەگىتكەن مۇزدەك دوغاپتا .
ۋەتەن ئىسىملىك ئاپئاق توزانلار
قونۇۋېلىپ ئۇنىڭ چېچىغا
سۆيۈپ تۇرۇپ ئىسسىق چېھرىگە ،
شېئىر بولۇپ تۇيۇلغان .
ئۇ مۇشۇ دوقمۇشتا تۇرۇپ
ئىماملىرىمنىڭ تۆت كوچىسىغا
شېئىر بولۇپ يېزىلغان .
مەنمۇ ئاشۇ كوچىدا تۇرۇپ
يازنىڭ تومۇز ئىسسىقىغا چىلىنىپ
شېئىر يازغان قوللىرىم بىلەن
ئۆتكەن ئۇنىڭ قولىنى سىقىپ .
ئىماملىرىمنىڭ تۆت كوچىسى
تونۇمايتتى شائىر دېگەننى ،
تۇنۇمايتتى زاھىر دېگەننى
ھەم شائىرنىڭ قانداقلىغىنى .
مەن تۇنۇيتتۇم خېلى بۇرۇنلا
يۈرىكى ئوت
قەلىمى ھېكمەت ،
چېھرىدىن نۇر تامغان شائىرنى .
كىم بىلسۇن
ئۇنىڭ بىلەن بۇ كوچىدا
شائىرانە ئىلھامدا بېقىپ ،
كۆرۈشكىنىمىزنىڭ
ئاخىرقى رەت ئىكەنلىكىنى .
كېتىپ قاپتۇ
ئاشۇ كوچىغا يېقىن بىر جايدا ،
كەلمەيدىغان يىراق بىر جايغا .
زاھىر ئابدۇراخمان كېتىپ قاپتۇ دەپ
شۇنداق تۇيۇقسىز كەلگەندە خەۋەر
ئىشەنمەيلا قالدىم ئۆزەمگە .
ئۇ كەتمەيتتى
بەلكىم شېئىر يازغىلى كەتكەندۇ
ئۆزى تۇنۇش باراڭ ئاستىغا .
كىم بىلسۇن ئۇ
ئاشۇ جايدا ئايلىنىپتۇ شېئىرغا .
شۇندىن بۇيان
ئىماملىرىمنىڭ تۆت كوچىسى
تۇيۇلار ماڭا بىر شېئىردەكلا .
ئۇ شېئىر يېزىۋاتىدۇ
تۆت كوچىدا توزانلار ئارا
ئۇ شېئىرغا ئايلاندى
كارۋان يۈرگەن تەكلىماكاندا .
2
بۇ يەردە
بىلمەس ھېچكىم شائىر دېگەننى ،
شېئىر يازار شۇڭا ئۇچتېكىن
ئوتتەك يانغان ئارمانلىرىنى .
بۇ
مەن بالىلىقنى ئۆتكۈزگەن كوچا
تۇنۇمايدۇ تېخىچە ئەمما
بۇ كوچىغا قاراپ تالاي رەت ،
شېئىر بولۇپ كەتكەنلىكىمنى .
بۇ كوچىدىن كارۋان ئۆتمىگەن
شائىر ئۆتكەن كارۋاندەك ئەمما .
شېئىر يازغان بۇ يەردە شائىر
مۇشۇ يەرنى بىلىپ بىر دۇنيا !
3
ھەسەنكامنىڭ بېغىدا يەنە
شېئىر ھەققىدە سۆزلەپ
شېئىر يېزىۋاتىدۇ پەمىمچە زاھىر .
ئاشۇ ئاددى راۋاق ئىچىدە
ئۇنى كۆرگەن قۇشقاچلار بەلكىم
پىنھان ئەسلەپ يۈرگەندۇ ھازىر .
ئاشۇ كۈنى
ئۇنىڭ غەمگە پاتقان كۆزلىرى
نىمىنىدۇ ئېيتماق بولاتتى .
تېتىملىق گەپلىرى
شېئىر بولۇپ يۈرەككە ئاقاتتى .
ھاشىمكامنىڭ بېغى چىرايلىق
زاھىر ئابدۇراخمان يازغان شېئىردەكلا .
ئاشۇ يەرنى ئەسلەپ قالىمەن
خۇددى ئاشۇ يەردە باردەكلا .
4
ئەھەت دېگەن جان جىگەر دوستۇم
ئۆزى شائىر بولمىغان بىلەن
بىلەتتى ئۇنىڭ شائىرلىغىنى .
ـــ زاھىر ئاجايىپ شائىر ئىكەن – ھە ،
شېئىر ئوقۇپ جاننى ئالىدىكەن !
باغدىكى قۇشلار ئۇنىڭ ئاۋازىغا
ئاستاغىنا قۇلاق ياقىدىكەن .....
ئەھەت دوستۇم شۇنداق دېگەندە ،
تۇتتى بىردىن شېئىر خۇمارىم ،
ئىماملىرىمنىڭ ئاشۇ دوقمۇشىدا
زاھىر بىلەن سالاملاشقاندەك ،
يەنە شېئىر بولۇپ يېزىلدىم .
زاھىر ئابدۇراخمان شېئىر يېزىۋاتىدۇ
جەننەتتىكى پەرىزاتلارغا .
ئۇ شېئىر يېزىشنى توختاتمايدۇ
مېھرى ئوتلۇق تەكلىماكانغا .
ئىماملىرىمنىڭ تۆت كوچىسى
شۇندىن كېيىن تۇتۇشۇپ كەتتى
خىيالىمدا تەكلىماكانغا .
ئۇ يەردىكى ھېكمەت توغرىقى
سالام بېرىپ تۇرار شائىرغا .
5
بىر ئۇچى يىراققا كەتكەن كوچىنىڭ
يەنە بىر ئۇچىنى جەننەتتە دېگىن .
ئۇ يەردە شېئىرغا ئايلاندى زاھىر ،
ئاھ ، شېئىر سۆزلەيدۇ ھەممىنى كېيىن !
بىر ئۇچى يىراققا كەتكەن كوچىنىڭ
يەنە بىر ئۇچىنى يۈرەكتە دېگىن .
زاھىرنى چۈشىدەك كۆرگەن بۇ كوچا
چۈشىنىپ قالىدۇ شائىرنى كېيىن !
2012 – يىلى ئاپرېل ، قاراماي
|