كۆرۈش: 1337|ئىنكاس: 0

ئەركىن مۇھەممەت كامالى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                           DSC_1133.jpg
ئەركىن مۇھەممەد كامالى 1966- يىلى 1- ئاينىڭ 10-كۈنى قاراماي شەھرىدە ئىشچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، 1973- يىلىدىن 1981-يىلىغىچە غۇلجا ناھىيە سامىيۈز يېزا يېڭى ئاۋات كەنت باشلانغۇچ مەكتىۋى، قاراماي شەھەرلىك 4- باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە 2-ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، 1984- يىلى قاراماي تېخنىك ئىشچىلار مەكتىۋىنى پۈتتۈرۈپ ئاپتوموبىل رېمونت زاۋۇتىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان، ھازىر قاراماي رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى كېنو،تېلېۋىزىيە تەرجىمە مەركىزىدە ئىشلەۋاتىدۇ.
ئاپتورنىڭ «دوستۇمغا» ناملىق تۇنجى شېئىرى 1985- يىلى «شىنجاڭ نېفىت گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن ئۇنىڭ 700 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر،ئەدەبىي ئاخبارات ۋە باشقا ژانىردىكى ئەدەبىي ئەسەرلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدا چىقىدىغان گېزىت-ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان.ئۇنىڭ «ئانا يۇرت سۆيگۈسى» ناملىق شېئىرى تۇنجى نۆۋەتلىك «ئالتۇن چاغ» مۇكاپاتىغا ۋە 2- نۆۋەتلىك«خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.شائىرنىڭ يەنە «ئۈزۈلمەس نەپەسلەر»، «قەرزدار ئەمەس ئانىلار»، «ئون سونېت» قاتارلىق شېئىرىلىرى 7-، 10-، 16- نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەندىن سىرت، ئۇنىڭ «ماي ھىدى»، «يۇلغۇنلارنىڭ چېچىكىدە شېئىر»،«ئايال ئاپتورلارنىڭ قەلب دۇنياسىغا نەزەر»،«بۇ يەر ئەمەس شىيتان ماكانى» قاتارلىق بىرمۇنچە ئەسەرلىرى قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ «قارا ياقۇت»مۇكاپاتى ۋە باشقا مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن. ئۇ يەنە 2011- يىلى «تارىم» ژورنىلى ئۇيۇشتۇرغان مۇنەۋۋەر ئاپتورلارنى باھالاش پائالىيىتىدە «مۇنەۋۋەر ئاپتۇر» شەرىپىگە ئېرىشكەن.شائىرنىڭ «ئىزلىرىم»ناملىق شېئىرلار توپلىمى 2004-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.ئۇنىڭ«ئۈشۈك تەككەن مۇھەببەت»ناملىق رومانى 2012-يىلى 11-ئايدا شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.
ئەركىن مۇھەممەد كامالىنىڭ«جاۋاپ»ناملىق مېكرو ھېكايىسى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى تەرىپىدىن 1988- يىلى نەشىر قىلىنغان «يۈز ھېكايە»ناملىق تاللانما مېكرو ھېكايىلەر توپلىمىغا،بىر قىسىم شېئىر ۋە نەسىرلىرى شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى تەرىپىدىن 2008 - يىلى نەشىر قىلىنغان«گۈلۈم ئۈچۈن ياشايمەن»،«سۆيگۈ نىدالىرى»،«مايبۇلاق ئەسەرلىرىدىن تاللانما»، «ئۇنتۇلماس چاغلار» قاتارلىق شېئىر ۋە نەسىرلەر توپلىمىغا،«يۈرۈكىمىز يىغلايدۇ»ناملىق شېئىرى «قەشقەردىكى يەر شارى»ناملىق كوللىكتىپ شېئىرلار توپلىمىغا كىرگۈزىلگەن.
ئەركىن مۇھەممەد كامالى ھازىر قاراماي رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ كېنو-تېلېۋىزىيە تەرجىمە مەركىزىدە مۇھەرىرلىك خىزمىتىنى ئىشلەۋاتىدۇ،ئۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى،قاراماي شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، «مايبۇلاق» ژورنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئەت ئەزاسى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-28 14:11  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش