يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 540|ئىنكاس: 2

تاجىك مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى يىشىل يىمەكلىگى ئەرزېق( بۇغۇرساق )تۇردىبەيىك تۇمۇربى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تاجىك مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى يىشىل يىمەكلىگى  ئەرزېق( بۇغۇرساق )
تۇردىبەيىك تۇمۇربىك
ئەرزېق( بۇغۇرساق ) تاجىك مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئەتىۋالىق يىمەكلىكلىرى ئىچىدىكى ئەڭ سەر خىلى،ئەڭ ئىسىل يىمەكلىگى بۇلۇپ  يىمەكلەرنىڭ پادىشاھى دەپ ئاتالغان.تاجىك مىللىتى ئۇزاق زاماندىن  بۇيان بۇ يىمەكلىكنى ئۆزىنىڭ بەخت يىمەكلىگى دەپ كۇرۇپ بۇنى ئىشلەپ، ئىستىمال قىلىپ ھۇزۇرىنى سۇرۇپ كەلگەن.شۇڭا بۇيمەكلىكنىڭ خۇسۇسىيىتى تاجىك مىللىتىنىڭ ئجتىمائي تۇرمۇشىدىكى رۇلى،ئەنئەنىۋى ئۇرپ –ئادەتى بىلەن بۇلغان زىچ مۇناسىۋىتىنى ئالاھىدە تۇنۇشتۇرۇشتۇرۇشنى لايىق تاپتىم. ئەرزېق( بۇغۇرساق )نى تۇۋەندە داۋاملىق تاجىكچە نامى بۇيىنچە ئەرزىق دەپئاتاپ  يىزىپ تۇنۇشتۇرۇلىدى .
ئەرزېق: تەبىيىىتى ئىسسىق،چۇرۇك پۇشۇرۇلغان بىر خىل يىمەكلىك بۇلۇپ ئۇ ئاق ئۇن،سۇ، سىرىقماي ،  شىكەر ياكى ناۋات، خىمىرتۇرۇچ  قاتارلىق خۇرۇچلار قۇشۇلغان،يىلمان سۇدا خېمىر  يۇغۇرۇپ كەينىدىن قازانغا، سىرىق ماي ياكى سۇزۇك سو يىغى قۇيۇلۇپ ماي چۈچۈتۈلۈپ،ئۇتنىڭ تىمپتراتۇرۇسى نۇرمال ھالەتكە يەتكەندە ئىككى- ئۇچ  تالدىن ئۇۋلاپ  تەيارلانغان ئەرزېق خىمېرى  قازانغا سىلنپ، ھەر  قىتىملىغىنى 10 مىنۇت ۋاقىت  ئەتىراپىدا تۇرغۇزۇلۇپ، پشۇرۇلىدىغان بىر خىل مايلىق يىېشىل يىمەكلىك.ئو ئككى خىل شەكىلدە پۇشۇرۇلىدو ئەگەر شېكەر ياكى ناۋات قۇشۇلوپ پۇشۇرۇلغان  بۇلسا ،تۇز قۇشۇلمايدۇ، تۇز قۇشۇلۇپ پۇشۇرۇلغان بۇلسا شېكەر ياكى ناۋات قۇشۇلماي پۇشۇرۇلىدو.ئەرزېق تاجىكلەرنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بۇلسا بۇلمايدىغان ئەتىۋارلىق يىمەكلىك بۇلۇش سۈپۈتى بىلەن ئۇنىڭ ئىشلىتىشچانلىغى، ئۇزاق- مۇددەت ساقلىنىشچانلىغى يەنى، (6 ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ساقلىغىلى بۇلىدو ) تەمىنىڭ تاتلىق يىيىشچان بۇلۇشى، رەڭگىنىڭ كۇركەم، شەكلىنىڭ ئۇزگىچىلىگى بىلەن ئۆزلىرى ياقتۇرۇپ يەيدىغان يىمەكلىك بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى دۆلەت ئىچى -سېرتىدىكى ساياھەتچى مھمانلارنىڭمۇ ياقتۇرۇپ يەيدىغان ئىسىل  يىمەكلىك بۇلۇپ كەلمەكتە .
تاجىك مىللىتى ئۇتكۇزۇدىغان تۇرلۇك ئەنئەنىۋى پاھالىيەتلەردە، مەرىكىلەرنىڭ دائرىسىنىڭ چۇڭ، داغدۇغۇلۇق بۇلۇشى سەۋىۋىدىن ئەرزېقدىن ئبارەت بۇ يىمەكلىكنى تۆردىن كەم قىلمايدۇ.مەسىلەن:
تۇي-تۇكۇن،قىز -يىگىتنىڭ چاي ئىچۈرۈش تۇيى، ھيىېت بايرام قاتارلىق پاھالىيەتلەردە ئەرزىق ئەڭ ئالدىن تەيارلىنىدىغان مەرىكە يىمەكلىكى بۇلۇدۇ. قۇلى چىۋەر تاجىك ئاياللىرى مەرىكە باشلىنىدىغان كۇندىن بىر ئىككى كۇن بۇرۇن ئۆز قۇشنىلىرنى ئۆيگە چىلاپ ئەڭ كىچىككەندە تۇينىڭ ھارپا كۇنى پىشۇرۇپ تەيارلايدۇ.شۇڭا تاجىكلاردا :‹‹تۇي بۇلسا بۇلىۋەرسۇن.بىز ئەرزېق يەيمىز›› دىگەن تەمسىل قەدىمدىن ھازىرغىچە ئېيتىلىپ كەلمەكتە.ئەرزېقنى گەرچە ھەر قايسى ئاھالىلەر،خۇلۇم- خۇشنىلار  ئۇز ئالدىغا پۇشۇرالىسىمۇ لىكىن چۇڭ مەرىكىلەردە ئۇنىڭ سۆپۇتىگە،تەمىگە  كاپالەتلىك قىلىش ناھايتى تەس شۇڭا ئۇنى مەھەلىدىكى،قۇشنا كۇيلار ئىچىدە 200،300دىن ئارتۇق ئاياللار تۇپىدىن پەقەت 3ياكى4 كىشىنىلا ئۇستا دەپ كۇرۇپ شۇ مەرىكە بۇلغان ئاھالىنىڭ ئەرزىېقىنى پۇشۇرۇپ بىرىشكە ئالدىن تەكلىپ قىلىنىدۇ ،ئۇلارنى ئەرزېق پۇشۇرۇش ئۇستىسى دەپمۇ ئاتايدۇ.پۇتۇن مەرىكىنىڭ ئەرزېقىنىڭ سۇپۇتىنىڭ كۆركەم شەكلىنىڭ تەكشى بىر خىل،رەڭگىنىڭ چىرايلىق سىلىق بۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۇچۇن يۇقۇرىدا ئۇستا دەپ قارالغان چىۋەر قۇل ئاياللار ناھيتى يۇقۇرى  مەسئۇليەتچانلىق  پۇزۇتسىيىسىدە تۇرۇپ ھەم ئۇزىنىڭ‹‹ چىۋەر قۇل ئۇستىلا ›› دىگەن نامنى نامايەندە قىلىش يۇزىسىدىن،  ئەستايدىللىق بىلەن ئىنچىكە تەيارلىق قىلىپ ئەرزېق پۇشۇرۇشنىڭ ئالدىن تەيارلىق خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ.بۇ ئۇچ قەدەم باسقۇچقا بۇلۇنۇپ ئشلىنىدۇ.ئەرزېق پۇشۇرغۇچىلار كۇنكىرىتنى ئىش تەخسىملەپ،گۇرپىلارغا ئايرىلىپ ھەر قايسى گۇرپىلار ئۇزلىرىگە تەخسىملەنگەن ئىشنىڭ دائرىسى بۇينچە ئۇز خىزمەتلىرگە كىرىشىپ كىتىدۇ، ھەرگىز بىر- بىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئارلاشمايدۇ،ئۆزىگە تەخسىملەپ بىرىلگەن خىزمەتنى بىجانىدىل ئىشلەپ ئادا قىلىدۇ. مەسىلەن بىرىنچى قەدەمدە: خېمىر تەيارلاش گۇرپىسدىكىلەر،يۇقۇردا ئەييىلغان خۇرۇچ تەركىۋىنى ئاساس قىلغان ھالدا خېمىرنى قۇلدا 30مىنۇت ئەتىراپىدا تۇختىماستىن يۇغۇرۇپ تەييارلىۋالىدۇ.ئككىنچ قەدەمدە  ئەرزېق ئۇۋلاش گۇرپىسىدىكىلەر : تەيارلانغان خېمىرنى تەكشى كۆزلۇك غەلۋىردە ئۇخشاش بۇلغان چۇڭلۇقتىكى خېمىرنى غەلۋىر سەتكىسىدە دۇمۇلىتىپ ئۇۋلايدۇ،كەينىدىنلا ئۇۋللانىغان ئەرزىېق خېمىرىنى قۇرۇق لىگەنگە قاتار تىزىپ پۇشۇرۇشقا تەييارلەيدۇ.لىگەنگە تىزىشتىكى مەخسەت بۇلسا ئۇۋلانغان ئەرزىېق خېمىرنىڭ چۇڭ كىچىكلىگنى ئۇخشاش ھەم تەكشى چىقىرىش.قۇرۇق لىگەنگە ئالدىن تىزىۋىلىشتىكى ئاساسى سەۋەپمۇ ئەرزېق خېمىرنىڭ چۇڭ كىچىكلىگنى ئاسانلا بايقاش ھەمدە ئۇنى بالدۇر بايقاپ ئەرزېق شەكلىنىڭ چۇڭ كىچىكلىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت.شۇنى تەكىتلەپ قۇيۇشقا تۇغرا كىلىدۇكى ئەرزېق خېمىرنى غەلۋىر  سەتكىسىدە دۇمۇلىتىپ ئۇۋلاشنىڭ يەنەبىر سەۋەبى بۇلسا ئەرزېققا تەكشى گۈل چىقىرىلىش ھمدە ئۇنىڭ سىپتىلىغىنى ئاشۇرپ كۇركەم كۇرۇنىشنى  ئىشقا ئاشۇرۇش شۇنۇڭ بىلىن بىرگە خېمىرنى دۇمۇلىتىپ ئۇۋلاش ئارقىلىق خىمىرنىڭ يىيىلىشىنى تەكشىلەپ تاكى ئەرزىېق خېمىرى قۇلنىڭ دۇمبە تەرىپىنى تۇلۇق ياپقىچە ئۇۋلاپ خىمىرنىڭ ئىچكى قىسمنى ھەم نىپىز ھەم كاۋاك چىقىرش،ئەرزىېق خېمىرنى قازاندىكى قىزىتىلغان مايغا سالغاندا ھەم ئىچكى تەرىپنى  ھەم تاشقى تەرىپنى بىر تۇتاش تەكشى پۇشۇرشدىن ئىبارەت.ئۇچۇنچى قەدەمدە: ئەرزېق پۇشۇرۇش گۇرپىسىدىكىلەر بۇلۇپ قازانغا ئۇتتۇرھال ھالەتتە سىرىق ماي ياكى سو ماي قۇيۇپ،ماي چۇچۇتۇلۇپ بۇلغاندىن كىيىن ئۇتنىڭ تىمپتراتۇرۇسنى نۇرمال ھالاتكە كەلتۇرۇپ پۇشۇرۇشنى باشلايدۇ،بۇنىڭدا ئۇتنىڭ ھارارىتىگە بەك دىققەت قىلىنىدۇ،ئۇندىن باشقا مايدا پۇشۇرۇلۋاتقان ئەرزېقنىڭ رەڭگىمۇتۇلۇق نەزەرگە ئىلىنىدۇ.ئەرزېق قازاندىن سۇزىۋىلىنغىچە بىر كىشى قازان بىشىدىن ئايرىلماي تۇختىماستىن چۇيلا بىلەن ئۇرۇپ تۇرۇدۇ، رەڭگى قىزىرىىش باسقۇچىغا كەلگەندا قازاندىن سۇزۇۋىلىنىدۇ ھەمدە تۇقۇلغان چىېغ ياكى يىڭى پاختا تاغار ئۇستىگە يىيىلىپ شاماللىتىلىپ ئاندىن پاختا رەختىن تىكىلگەن خالتىغا قاچىلىنىپ   قۇيۇلۇدۇ.
(1) ئەرزېق تاجىكلەرنىڭ تۇي-تۈكۈن،قىز-يىگىتلەرنىڭ چاي ئىچۈرۈش تۇيى قاتارلىق پاھالىيەتلىردە تەۋەرۇك يىمەكلىك دەپ قارىلىپ، تۇي قىلغۇچى قىز-يىگىتكە بەخت تىلەش يۇزىسىدىن  ئالدى بىلەن  ئەرزېق پۇشۇرۇلىدىغان ئۇننى داسقان ئۇستىگە كەلتۇرۇپ ئۇنى پاك قەلىب،ساپ مۇھەبەتنىڭ بەلگۇسى سۇپىتىدە كۇرۇپ يۇرت ئاقساقىلى ياكى خەلىپە ئۇنغا دۇئا قىلىپ ئۇنىڭدىن بىر جۇپ ئىككى چىمچىنى قۇلىغا سىلىپ تۇي بۇلىدىغان ئۇينىڭ تىمىغا سىپىدۇ.ھەمدە يىڭىدىن تۇيى بۇلىدىغان قىز- يىگېت ئىككى ياشقا بەخت تىلەپ ئۇلارنى مۇبارەكلەيدۇ.بۇ تەرتىپ  تۇي قىلىشقا چاي ئۇچۇرۇلگەن قىز- يىگېت ئىككى ياشنىڭ ئاساسى رەسمېيەت تەرتىۋى بۇلۇپ تاجىكلار ئۇنى چۇڭ تۇيدىنمۇ ئەتىۋار بىلىدۇ.تۇي-تۇكۇنلەردە،تۇي قىلىشقا پۇتۇشكەن،تۇي چىيى ئىچۇرۇلىدىغان ئۇغۇل تەرەپ ئۇزىنىڭ ئۇرۇق–تۇققان دۇست- بۇرادەرلىرىنى تەكلىپ قىلغان ئاساستا،چاي ئىچۇرۇدىغان كۈنى،چاي ئۇچۇرۇلىدىغان قىزنىڭ ئۆيىگە 40دىن 50 جىڭ ئەتىراپىدىكى ئۇندا،ئەرزىېق پۇشۇرۇپ ئاپىرىپ بىرىشى شەرت.بۇنى تاجىكلەر پارە دەپ ئاتايدۇ.قىز تەرەپ ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرى يۇرت بىرلىكتە  ئۇغۇل تەرەپكە قىزنى ياتلىق قىلىپ چىقىرىشقا قۇشۇلغانلىق تۇغرىسدا پۇزۇتسىيە بىلدۇرگەندىن كىيىن يۇقۇرىدا دىيىلگەن ئەرزىېقگە يەنە تۇت كىيىملىك رەخ،بىر تۇياق قۇينى قۇشۇپ قىز تەرەپگە شۇ كۈنىدىكى چاي ئۈچۈرۈش مەرىكىسىگە ئۇزى بىلەن بىرگە ئاپىرىدۇ.قۇدالار قۇينى سۇيۇپ،داستىخان ھازىرلاپ كەلگەن ئىككى تەرەپ بارلىق مىھمانلارنى بىرگە مىھمان قىلىپ كۇتۇۋالىدۇ.ئەرزېقنى مىھمانلار ئۇلۇشۇپ  ئۇزىنىڭ نىسىۋىسىنى بۇخچىسىغا سېلىپ ئۆيلىرىگە ئىلىپ كىتىدۇ.شۇڭا ھەمەيلەن  بۇ ئەرزېقنى قىز-يىگىت ئىككەيلەنگە بەخت ئاتا قىلغۇچى تەۋەرۇك دەپ تەرىپلىشىدۇ.چۇڭ تۇي بۇلغان كۈنىمۇ ئۇغۇل تەرەپ قىزنى يۇتكەپ كىلىشقا بارغاندا ،يۇقۇرىدا ئەيتىلغان ئۇلچەم بۇيىنچە قىز تەرەپكە تۇيلۇق كىيىم- كىچەكلەر بىلەن بىرگە قۇشۇپ يەنە بىر قىتىم ئەرزىېق پۇشۇرۇپ ئاپىرىدۇ.3-كۈنى قىزتەرەپنىڭ ئايال تۇققانلىرى،ئۇغۇل تەرەپ قۇدىنىڭ ئۆيىگە ناۋرى (يۇز ئاچقۇسى)غا بارغاندا ئۇلار كاتتا كۈتىۋىلىنىدۇ ھەمدە ئەرزېقتىن نىسىۋىسى بۇيىچە  تەكشى بۆلۈپ ئۇلارغا زەللە قىلىپ بىرىلىدۇ.مانا بۇ ئەرزىېقنىڭ كۇندۇلۇك تۇرمۇش،ئۇرپ-ئادەت مەدىنيىتىمىز بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىشلىق مۇناسىۋىتى بارلىغىنى ئۇنىڭ پۇتكۇل تاجىك مەدىنيىتىدە كەم بۇلسا بۇلمايدىغان قىممەتلىك مەدىنىيەت مىراسى ئىكەنلىگىنى ئۇبىكتىپ كۇرسۇتۇپ بىرىدۇ.
(2) ئەرزېق ئۆزىنىڭ قۇۋۋەتلىكلىگى،سىپتا ۋە ئەپچىل شەكلى، ئۇززاق مۇددەت بۇزۇماسلىقتەك ئالاھيىدە خۇسۇسىيىتى بىلەن تۇرلۇك سەپەر پاھالىيىتى،خىزمەت مۇناسىۋەت بىلەن ئىچكىرى ئۇلكىلەرگە كاماندۇرۇپكىغا چىقىش قاتارلىق پاھالىيەتلەردە ئىلىپ يۇرۇشكە ئەپچىل،ئىسسىققا چىداملىق يىمەكلىك بۇلوپ ئادەتتە تىز كۆكىرىپ كەتمەيدۇ. ئۇندىن باشقا ئسلاھات-ئىچىۋىتىشنىڭ ئۇزلىكىسىز چۇڭقۇرلاشتۇرۇلۇشى،پۇتۇن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە ھاللىق سەۋىيىگە قەدەم قۇيۇپ جۇڭگۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرولۋاتقان چۇڭ ياخشى ۋەزىيەتتە،خەلىقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىمۇ ئۇزلىكىسىز يۇقۇرى كۇتۇرۇلۇپ،يىمەك-ئىچمەك مەدىنيىتىمۇ تەرەققى قىلىش،گۇللۇنۇشكە قاراپ يۇزلەندى.كەڭ دىھقان- چارۋىچىى ئاھالىلەر ساياھەتچىلىك كەسپى  مۇلازىمىتى ۋە ‹‹ چارۋىچىلار ئائلە شاتلىغى›› كەسپى مۇلازىمىتى  بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئەرزېقتىن ئىبارەت بۇ ئەتىۋار يىمەكلىكنى   بازارغا سىلىپ ئۆزىنىڭ كىرىمىنى يۇقۇرى كۇتۇرۇدىغان ئالتۇن ئەڭگۇشتەرگە ئايلاندۇردى.
(3)تاجىك مىللىتى ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا چارۋىچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇلۇنۇپ، چارۋا مەھسۇلاتلىرنى پىشىقلاپ ئىشلەش ئۇنۇڭدىن يىمەكلىك تەيارلاش جەھەتلەردە كۆپ ئىزدەنگەن ۋە ئۇنى تەرەققى قىلدۇرغان. چارۋا مەھسۇلاتلىردىن ئىشلەپ چىقىرىلغان يىمەكلىكلارنىڭ تۇرلىرى ئۇن نەچچە خىلدىن ئارتۇق بۇلۇپ ھازىر بۇ يەردە پەقەت ئەرزېقنىلا تۇنۇشتۇرۇلدى.
تاشقۇرغان ناھيىلىك  خەلق  دۇختۇرخانىسىنىڭ  پىنسىيىنۇرى
جانئارا جۇۋۇر 2009-يىلى 9- ئايدىن باشلاپ تاجىك مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى يىمەكلىگى ئەرزېق ئۇستىدە يىڭىچە ئىزدىنىش ئىلىپ باردى ھەمدە ئۇنىڭغا  بىرخىل ئالاھيىدە  قىزىقىش بىلەن قاراپ كەلدى. كۆپلىگەن پىشقەدەم يۇلداشلاردىن قايتا-قايتا پىكىر ئىلىش،بازارنى كۆزۇتۇپ ئەنئەنۋىلىقنى ساقلاش ئاساسىدا،مەھسۇلاتقا شەكىل جەھەتتىن ئۇزگەرتىش كۇرگۇزۇش ۋە ئۇنى دۇلەتنىڭ يىمەكلىك بىخەتەرلىك ئۇلچىمىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش يۇزىسىدىن نۇرغۇن ئەمىلى ئىزدىنىشلەرنى ئىلىپ بىرىپ،5يىل تىرشىش نەتىجىسىدە،،ئىلگىركى ئەنئەنىۋىلىق بىلەن ھازىرقى زامانىۋىلىقنى،دەۋر رۇيىغا ماسلاشتورغان،يىڭىچە ئەنئەنىۋى ساياھەتچىلىك يىمەكلىگنى بەرپا قىلىپ،ئىلگىركى يەككە شەكىلدىكى ئاددى بۇلغان ئەنئەنىۋى  ئىستىمال شەكلىنى يىڭىچە بازار تەلىۋىگە لايىقلاشقان، كۇلەملەشكەن ھەم تاۋارلاشقان مىللى ئەنئەنىۋى خاسلىققا ئىگە مەھسۇلاتقا ئايلاندۇردى. شۇنڭدەك، ‹‹مەخسۇس كەسپى تېخىنكا  ئىقتىدارغا ئىگە خادىم››  دىگەن لاياقەتكە ئىرىشتى.بۇ مەھسۇلات ئىلگىرى-كىيىن 2011-يىلى قەشقەر ۋىلايىتى ۋە تاشقۇرغان ناھيىسىدە  ئىچىلغان يەرمەنكىلاردە‹‹تاجىك مىللىتىنىڭ ئالاھيىدە خاسلىققا ئىگە مەھسۇلاتى››ۋە‹‹يىزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرىنى ئۇبرۇت قىلىشتىكى 10 مۇنەۋۋەر  مەھسۇلات  ۋاستىچسى›› دىگەن نامغا ھەمدە  2012-يىلى  مەملىكەتلىك سۇدا – سانائەتنى مەمۇرۇى باشقۇرۇش باش ئىدارىسى،ماركا ئىدارىسى تەرىپىدىن ‹‹جانئارا ئەرزىېقلىرى›› نامىدا ماركا بىرىلىپ ئەنگە ئىلىنغان. بۇنىڭ بىلەن مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكى جۇڭگۇلۇق ۋە چەتئەللىك ساياھەتچى مھمانلار ياقتۇرۇپ يەيدىغان  بەس-بەستە سىتىۋالىپ ئۆزى بىلەن بىرگە ئىلىپ كىتىدىغان سۇۋغات يىمەكلىككە ئايلاندى،ھازىر بۇ شۇ جايدىكى يىزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنڭ ئوبرۇتىنى ئىلگىرى سۇرۇپ،دىھقان- چارۋىچىلار ئامىسىنىڭ كىرىمىنى يۇقۇرى كۇتۇرۇشتە ئۇنۇملۇك،كۇۋرۇكلۇك رۇل ئۇينىماقتا.




ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-11-4 22:28:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ، ئىزدىنىشلىرىڭىز توختاپ قالمىغاي!

ۋاقتى: 2014-1-24 18:45:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاجىك مەدەنىيىتى بىلەنمۇ چوقۇم تونۇشۇپ قويۇش كېرەك، ياخشى تېمىكەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش