ئۇ كۈنلەردە...
ئۇ كۈنلەردە قۇشلار سۈبھىنىڭ قانىتىدا ئولتۇرۇپ، غەمسىز ناۋا قىلاتتى. سۈپسۈزۈك تاغ سۇلىرى قىرغاق چىشلەپ ئېقىپ، ھاياتلىقنىڭ پاك كۈيىنى ياڭرىتاتتى. كېچە ئاسمىنىدىكى سانسىز يۇلتۇزلار مەسۇم بالىلارنىڭ كۈلكىسىدەك جىلۋىلىنەتتى. مېھىر − مۇھەببەت ۋە سەمىمىيەتنىڭ خۇش ھىدلىرى يۈرەكتىن − يۈرەككە قۇيۇلاتتى.
ئۇ كۈنلەردە ئادەملەر ئالا ئەمەس ئىدى. ئىس - تۈتەكسىز ساپ ھاۋا جىمى جانلىقلارنى تاتلىق سۆيۈپ، ئۇلارنىڭ دېمىقىغا شىرنىلىك ئاتا قىلاتتى. يۇمران دۇنيا ھەسەل ھەرىلىرىنىڭ غۇبارسىز قاناتلىرىدا گۈزەللىك ناخشىسىنى ياڭرىتاتتى.
ئۇ كۈنلەردە تەپكۈچنى بالىلار ئىنتايىن شادلىق ئىچىدە ئويناتتى. شەپكىلىك، دوپپىلىق، كۆزەينەكلىك يىلانلارنىڭ تىللىرى ئانچە ئۇزۇن ئەمەس ئىدى. تەبىئىيلىك ۋە چىنلىقنىڭ رەڭگارەڭ گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىپ، گۈلىستانلىق باغلارغا ھۆسىن قوشاتتى. تۇپراق سۇلياۋ، خىمىيىۋى ئوغۇتتىن تولىمۇ يىراقتا ئىدى. شادىيانىلىك قەلبلەر ئارا دولقۇنلايتتى.
ئۇ كۈنلەردە ياخشىلىقنىڭ تەمى كۆڭۈللەر ئارا ئۇچۇشۇپ يۈرەتتى. پەمىدۇرلار ياز ئاپتىپىدا قان رەڭگىگە كىرەتتى. يېشىللىق شامالنىڭ چېچىنى ئاستا تارايتتى. باھار قارلىغاچلىرى پېشايۋانغا ئۇۋا سېلىشىپ، غەمسىزلىكنىڭ ئالتۇن قۇڭغۇرىقىنى جىرىڭلىتىپ، لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشۈشەتتى.
ئۇ كۈنلەردە ئىپپەت سارايلىرى ئىنتايىن مۇستەھكەم ئىدى، چاچلارمۇ، قەلبلەرمۇ ئۆز رەڭگىدە، يېرىم يالىڭاچلىق تىرىلمىگەن. ئېتىقاد، ۋىجدان، ئىنسانىي خىسلەت ئۆز دۇنياسىدا يېقىملىق ئاۋاز چىقىرىشىپ، كىشىلەرنى ئىزگۈلۈككە چىللىشاتتى. قاشاسىز باغلار، قۇلۇپسىز ئىشىكلەر كۆڭۈللەردەك ئوپئوچۇق ئىدى، ھازىر يوتىلار ئوچۇق بولغان بىلەن ئۆيلەر مېھىرسىز ئىدى.
ئۇ كۈنلەردە توخۇلىرىم تاتلىمايتتى، چوقۇشمايتتى. مەنمۇ مەست ئەمەس ئىدىم، ئەتراپىم غەم − قايغۇ، ۋەسۋەسە، ھەسەتنىڭ قاراڭغۇلۇقى بىلەن ئەمەس، سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشنىڭ يارقىن نۇرلىرى بىلەن يوپيورۇق ئىدى.
ئۇ كۈنلەردە ساختىلىق كەلكۈنلىرى ئۈن سېلىپ شاۋقۇنلاپ ئاقالمايتتى. ئادەملەر ئادەمدىن، تەبىئەتتىن سۆيۈنەتتى.
ئاھ، يىراقتا قالغان ئۇ كۈنلەر...
|