يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 984|ئىنكاس: 9

تەۋەككۈل: ئانا قەدرى (نەسىر )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-10-31 17:17:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
                                                  ئانا قەدرى
                                                            (نەسىر)

                                                                1                          
       كۈندىلىك ئادىتىم بويىچە سەھەردىلا  رادىئۇنى ئېچىپ ، چاستۇدىسىنى تەڭشەشكە كىرىشكەنىدىم. قايسى بىر چاستۇتىدا تارقىتىلغان  ‹‹ئانا مېھرى ›› دېگەن  ناخشىا ئىختىيارسىز دىققىتىمنى تارتتى...
خىيال دەپتەرلىرىم  ۋاراقلىنىپ،كۆڭۈل ئىكرانىمدا زاھىر بولغان سېغىنىش ھېسياتى ئاستا – ئاستا ئۇلغايماقتا ئىدى .
‹‹ ئانا ! ...›› خۇرسىنىش ئىلكىدە ھەممەياقلارغا تەكشى سەپ سالاتتىم. كۆز ئالدىمدىن بىر نۇر‹‹ يالت ›› قىلىپ ئۆتكەندەك قىلىۋىدى ، ۋۇجۇدۇم مەسخۇشلانغاندەك بۇلدى . كىتاب جازىسىغا  قۇيۇلغان بىر پارچە سۈرئەتكە تىكىلگىنىمچە چوڭقۇر سۈكۈتكە پاتتىم . ..
     ــ ئانا ! جېنىم ئانا ! ــ قەلىب چوڭقۇرلۇقۇمدىن پارتىلاپ چىققان بۇ بىر جۈملە سۆز بىلەن تەڭ ئىككى تامچە ياش مەڭزىمنى بويلاپ سىرغىپ چۈشۈشكە باشلىدى . يۈرىكىم تىنىپ - تىنىپ مۇجۇلىۋاتقاندەك ئۈنسىز ئىڭرىماقتا ئىدى. ئېغىر ئازاپ ئىچىدە ئۆز – ئۆزەمگە سۆزلەيتتىم :  
    ئانا ! جېنىم ئانا ! بۈگۈن ئانىلار بايرىمى ، سىنىڭ بايرىمىڭ . ئانا ! ئېھ  قەدىرلىك ئانا ! ئاۋازىمنى  ئاڭلاۋاتامدىغانسەن ... بىرەر قېتىممۇ  ‹ئانىلار  بايرىمىڭغا مۇبارەك بولسۇن › دەپ سىنى تەبرىكلەپ ، ساڭا ئازدۇر – كۆپتۇر قەلىب ئىزھارىمنى بەخىش ئېتەلمىگەنلىكىمگە بەكمۇ ئېچىنىمەن ،ئانا !

                                                                 2

     ئەنە شۇ كۈندىن ئېتىبارەن  يۈرىكىم  ھەسرەت ئوتىدا پۇچلىنىپ ،كۆڭلۈم غەشلىككە تولدى .  ئانا ھەققىدە  باش – ئايىقى يوق چىگىش خىياللىرىم كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ باردى.
    ئۆز مېھنەت ھالاللىقى بەدىلىگە ئۆزگۈلەرنىڭ ماختاپ تەرىپلىشىگە نائىل بولالايدىغان ؛باشقىلارنىڭ ئازابىدا پۇچلۇنۇپ ، بەختىگە خوشاللىنالايدىغان ؛ بارلىقىنى پەرزەنت ئۈچۈن ئاتىغان ،ئۆزى ۋە بالىلىرنىڭ پاكلىقى، غورورى  ئۈچۈن ھاياتىنى قۇربان قىلغان ۋە قۇربان قىلىشقا ھەرۋاقىت تەييار تۇرالايدىغان جاپاكەش،ئىشچان ، باتۇر ئانىلار كۆڭۈل بېغىمنى ئاۋۇندۇرغان بولسا ، ۋۇجۇدىدا بۇرچ ،مەسئۇلىيەتتىن ئەسەر بولمىغان ، ئىشقى ھەۋىسى ياكى نەپسىنى دەپ ئۆزى ۋە جەمئيەتنىڭ ، جۈملىدىن، مىللەتىنىڭ پاكلىقىنى بولغىغان ، ياشلىقىنى دەپسەندە قىلىپ،ئانىلىق ئوبرازىنى پايمال ئىتىۋاتقان ،گۈلدەك باھار پەسلىنى خازان كەبئى چەيلەپ خارۇ – زارلىق كوچىسىغا كىرىپ كېتىۋاتقان بەڭباش ،بىغورور ئانىلار ... كۆڭۈل بېغىمنى ھەسرەت نادامەت ئۇتىدا پۇچلاندۇرغانىدى ...
     قەدىرلىك ئانا ! سىنىڭ جاھان  مەئىشەتلىرىدىن  ئانچە كۆپ بەھىر ئالالماي ، بىر ئۆمۈر جاپا – مۇشەقەت بىلەن كىتىپ قالغانلىقىڭغا قاتتىق قايغۇرىمەنيۇ،  يەنە سىنىڭ  پاك ، چىۋەر ، ئەپۇچان  ،سەمىمىيلىك بىلەن دۇرۇس ياشاپ ،پەرزەنتلىرىڭگە ئادىمىيلىكنىڭ توغرا يۇلىنى كۆرسۈتۈپ ، ھۈنەر ،بىلىم ئىگىلەشكە يېتەكلەپ ،ئۇلارنى جەمئىيەت ئۈچۈن تۆھپە قۇشالايدىغان مۇنەۋەر ئىختىساس ئىگىلىرىدىن  قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىپ ،جەمئىيەتكە ئانىلىق بۇرچىنىڭ ھەقىقىي مەناسىنى يۇرتۇپ بېرەلىگەنلىكىڭنى ئويلىغىنىمدا، پەخىرلىك ھېسياتىم بىلەن چەكسىز ئىپتىخارلىنىمەن... ئەمما ،‹‹ ئانا قەدرى ›› گە تولىمۇ كېچىكىپ يەتكەنلىكىمدىن كوڭلۈم بۇزۇلۇپ ، ئۆكسۈنۈش ئىچىدە تولغۇلىنىمەن. گەرچە مەن قىلمىش – ئەتمىشلىرى بىلەن ئانا ئوبرازىغا داغ يەتكۈزۋاتقان ۋاپاسىز غۇلانلاردەك لەنەتلىك ئىشلارنى قىلمىغان بولساممۇ ، قىلغانلىرىمنىڭ ، ماڭا بەرگەن زەرىچىلىك ئاپئاق سۈتىڭنىڭ ھەققى -ھۆرمىتىگە يارماق بولالمايدىغانلىقىنى ئويلىغىنىمدا ،ھاياتلىقىڭدا قەدرىڭگە كۆپرەك يىتىپ ،  ئارزۇ – ئارمانلىرىڭ ئۈچۈن پايپىتەك بولالمىغانلىقىمدىن  ئۆكۈنىمەن ،ئانا !  ...
ــ  ئھ ! قەدىرلىك ئانا ! مىنى كەچۈر ...

                                                                  3

    ئىنساننىڭ ھاياتىدا سېغىنىشتىنمۇ ئارتۇق ھەسرەت بولمىسا كېرەك، ئانا !
    ئانىنىڭ ئولۇغلىقىنى ھەر خىل ژانىردىكى ئەسەرلەردە ،كىنۇ ،رادىئو ،تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىدا  تەرىپلەنگەن ئوبرازلار  ۋە ئۇيغۇر ئانىلىرىغا خاس خىسلىتىڭ، ئىنسانىي پەزىلەت ،  كۈچ قۇدرىتىنىڭ نامايەندىسىدىن ؛ بىر ئۆمۈر جاپا تارتىپمۇ قىلچىلىك ۋايسىمىغان قەيسىرانە روھ ، چىدام ،  جاسارىتىڭدىن ھېس قىلغان بولساممۇ ،ئەمما، بۇ  ئۇلۇغلۇقنىڭ سېغىنىش ھىسياتى بىلەن قۇشۇلغاندا شۇ قەدەر يۇقۇرى پەللىگە يېتىپ،قەلىب ئېكرانىدا ئىنتايىن كۈچلۈك ھارارەت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئەسلا ئويلاپ باقماپتىكەنمەن ،ئانا !... مانا ئەمدى ھېس قىلىۋاتىمەنغۇ ئانا ! ئاھ ئانا ...

                                                                           
                                                               4

       ئەمدىلا ئۈچ ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان قىزىمنىڭ سېغىنىش ئىلكىدە ئېيتقان : ‹‹ ئانامنىڭ يەسىمىنى كۈيمەن ››  دېگەن تاتلىق سۈزىدىن كومپىيوتېرغا كىرگۈزۋالغان سۈرەتلىرىڭنى ۋاراقلاشقا كىرىشتىم .  
    يۈزلىرىڭدىكى يىللار يالدامىسى بولغان تال-تال قورۇقلاردىن ،لەۋلىرىڭدىكى كۆك ئارلاش قىزىللىقلار، كۆزلىرىڭدىكى ئۈمۈد ۋە ئىشەنچىدىن باتۇرانە جاسارىتىڭنى ، چىدام ، غەيرىتىڭنى كۆرگەن بولسام ، كۈمۈشتەك چاچلىرىڭغا قۇشۇلۇپ جىسمىڭغا پەرىشتە ھۆسىنىنى ئاتا قىلغان جىلۋەڭ بىلەن تەبەسسۇم يېغىپ تۇرغان جېھرىڭدىن ئۇلۇغلۇق سىيماسىنى كۆرگەندەك بولدۇم .
     ئانا ! بۇ مىنىڭ سۈرىتىڭنى تۇنجى رەت ۋاراقلىشىم ئەمەس. مەن ھەر قېتىم سۈرىتىڭنى ۋاراقلىغىنىمدا ، بىر كۈچنىڭ ماڭا مەدەت ،ئىلھام بولىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمەن ،شۇنداقلا ئىختىيارسىز ھالدا مۇنداق بىر ئويغا كىلىپ قالىمەن :
دۇنيادا پەرزەنت يۈزى كۆرۈپ ئانىلىق  مۇقامىغا يەتكەنلەر كۆپ بولسىمۇ ، بەخىت - سائادىتىنى  ھالال تەر مېھنىتىدىن ئىزدەيدىغان ،بالىلىرىغا ئۆز پەزىلىتى بىلەن ئۈلگە بولۇپ ، ئۇلارنى چىدام - جاسارەتتە ،توغرا يول ،توغرا ئېتىقاد ، توغرا پىكىر ،توغرا كۆزقاراشقا ،ئىنسانغا خاس ۋىجدان، غورور بىلەن ياشاش ئىستىكىگە باي ،كەلگۈسىگە ياراملىق ئەۋلادلاردىن قىلىپ تەربىيەلەپ چىقالىغان ھەقىقىي لاياقەتلىك ئانىلار  ئانچە كۆپ بولمىسا كېرەك . سەن ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاددىي بىرسى ، ئانا !  ناۋادا تۇرمۇشىمىزدا ساڭا ئوخشاش ئاددىي ئانلار كۈنسېرى كۆپەيگەن بولسىدى دۇنيا تېخىمۇ گۈزەللىككە ، شادلىققا تولغان بۇلاتتى ...

   
                                                                  5

     مەن قەددىمنى تىك تۇتۇپ ، يىراق ـ يىراقلارغا نەزەر سالدىم ...
ئۇپۇق سىزىقىنى بويلاپ كۈتۈرلىۋاتقان قۇياش  ئۆز ھارارىتىنى پۈتۈن كائىناتقا سېخىيلىك بىلەن چاچماقتا ،ئانا تەبئەت قۇياش ئاتا قىلغان ئىللىق ھارارەت تەپتى تاتلىق ئۇيقۇدىن ئويغۇنۇپ يېڭى بىر كۈنلۈك  ھايات بوسوغۇسىدىن ئاتلىماقتا ئىدى ...
    ــ قۇتقۇزۇڭلار ...
    ۋەھىمىلىك ئاۋازدىن چۆچۈپ كەتتىم .شۇنداقلا قارىدىميۇ ،قايتىلاپ قاراشقا پېتىنالماي كۆزۈمنى چىڭ يۇمدۇم .كۆڭۈل ئىكرانىمدا ، تېخى كىندىك قېنى قۇرىماي تۇرۇپ كۇچىغا تاشلىنىۋاتقان بالىلار ؛ ئاتا – ئانىسى تەل تۇرۇپ يىتىملىك كوچىسىدا تەمتىرەپ يۈرىۋاتقان بالىلار؛ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن خورلانغان ،ئىزىلگەن  بالىلار ؛ چىكىۋاتقان ،ئىچىۋاتقان ، جىنايەت پاتقىقىغا چۆكۈۋاتقان بالىلار ...ئادىمىيلىك كوردىناتىدىن چەتنەپ يۈرگەن سانسىزلىغان بىغۇبار بالىلار ئىدى .
    پۈتۈن ئەزايىم سوغاق سۇ قۇيۇلغاندەك مۇزلاپ ،چېكە تومۇرلىرىم چىڭقىلىپ ،كۆز چاناقلىرىم ئاغرىشقا باشلىغان شۇ دەقىقىدە خىيال كەپتەرلىرىم  يەنە تىپچەكلىدى . بىرھازا تىپچەكلەشتىن كېيىن ، كۆڭۈل قەپىزىمدىن چىقىپ كۆككە قانات قاقتى ...
    ئانىلار ! ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى ئۇلۇغ سانالغان ھەر بىر ئىنسان سىلەر ئارقىلىق دۇنياغا ئاپىرىدە بۇلغان ، سىلەر ئارقىلىق زورۇيۇپ ،قانات ياساپ ئۇچقان ، زەپەر قۇچۇپ ئەل – ۋەتەنگە تۇنۇلغان ... سىلەر ئەنە شۇ ئالەمشۇمۇل نەتىجەڭلار بەدىلىگە ئۇلۇغلۇق سىمايىڭلارنى نامايەن قىلىپ ، جاھان ئەھلىنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا ، تەرىپلىشىگە مۇيەسسەر بولغان ... سىلەر گۈزەلىكىنىڭ ياراتقۇچىلىرى .ئىنسانىيەتنىڭ ئۇزاق ئۆتمۈشىنى بۈگۈن ۋە ئەتىگە ئۇلۇغۇچى ، ھاياتلىق مەناسىغا مەنا قۇشقۇچى ئۇلۇغ كىشىلەردۇرسىلەر .
   ئۇلۇغلۇق سىلەرگە مەڭگۈ يار بولسۇن .قىلغان ، ئەتكەنلىرىڭلار ئىنسانىيەت ھاياتلىق بابىدا نۇر چېچىپ پارلانسۇن .كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىز ھەربىر ئىش ئىزلىرىڭلاردىن نۇر ئىمىپ كۆكلىسۇن ...


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-16 13:22  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-11-1 12:03:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا ئۈچۈن تەۋرەنگەن قوللار تالمىسۇن!

ۋاقتى: 2013-11-2 14:10:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ نەسىرىڭىزنى ئوقۇپ مەرھۇمە ئانامنىڭ سىماسى ككز ئالدىمدا قايتا نامايەن بولغاندەك بولدى-دە،... ... ھېچنىمە دىيەلمىدىم.
قەلىمىڭىزگە، ئانا ئۈچۈن قەلەم تەۋرەتكەن قولىڭىزغا دەرد كەلمىسۇن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-4 16:09:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ئانا ››__ مۇقەددەس تېما .....

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-16 11:47:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا ! بۇ مەن ئەڭ زورىقىدىغان ، كۆڭۈل بۆلىدىغان تېما ، چۈنكى مەن ئانامنىڭ ھامىيلىقىدا چوڭ بولغان .مەرھۇم ئانام 39 يېشىدا تۇل قېلىپ تاكى ئۆمۈرىنىڭ ئاخىرىغىچە توي قىلمىغان ، سەككىز  بالىنى بېقىپ قاتارغا قوشقان ئىدى .ئاللا ئۇنىڭ ياتقان يېرىنى جەنئەت قىلغاي !

ۋاقتى: 2014-1-30 10:51:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ بۇنەسىرڭىزنى ئوقۇپ يىراقتا قالغان ئانامنى بەك سىغىندىم .  نەسىر بەك ياخشىكەن ئۇلۇغ ئاللاە  قوللىرىڭىزغا دەرت بەرمەسىۇن .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-13 12:40:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىڭلىم بۇھەجەرنىڭ نەسىردىن زوق ئالغىنىدىن خۇرسەنمەن ،شۇنداقلا قەلبىدىكى ئەدەبىيات ئۇتىنىڭ يەنىمۇ يېلىنداپ گۈلخان بولۇپ مۇزلاش ئالدىدىكى سانسىز قەلىبلەرنى ئىللىتىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن .

ۋاقتى: 2014-11-17 19:49:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  ئانا ھەققىدە  يازغان نەسىرىڭىز  ھەقىقەتە  بەك ياخشى  يېزىلىپتۇ. مېنىڭ ئانام  مەن تۇغۇلۇپ ئالتاي بولغاندا ئۈلەپ قېپتىكەن.ئۆز ئانىنىڭ قانداق بۇلىدىغانلىغىنىمۇ بىلمەيمەن.

ۋاقتى: 2014-11-17 22:42:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
psbCAMDRKKL.jpg

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-7 18:04:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا ! ــ مەڭگۈلۈك تېما . سەھەر يوللىغان ئۇ بىر پارچە رەسىم مەن ئۈچۈن تولىمۇ گۈزەل تۇيغۇلارنى ئاتا قىلدى ....

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش