قەلەندەر
تىلىسەڭمۇ تىلەرسەن ناننى،
ئالالمايسەن ئەمما جاھاننى.
سېنىڭ يۈدۈۋالغىنىڭ خۇرجۇن، كۆتۈرۈۋالغىنىڭ ساپايىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ غېمى. باشقىلارنىڭ ئەمەس ئۆزۈڭنىڭ كىچىككىنە جېنى. شۇڭىمۇ سايەڭدەك يەڭگىل بەخت قوينىدا ئۆزۈڭنى قەتلە قىلىپ، ئەڭ ئاجىز بەندىلەر سىياقىدا دۇنياغا يۈكۈنىسەن، تاش ئادەملەرگە قول سۇنىسەن. بىر بۇردا نان، پارچە - پۇرات پۇل- پۈچەك ئۈچۈن سۈبھىدىن شامغىچە غۇرۇرىڭنى مىڭ مەرتەم پايخان قىلىسەن. ئادەم تۇرۇپ ئادەملەرگە ئېگىلىسەن، پۈكۈلىسەن، تۈگۈلىسەن. گاھىدا تېخى تىل - ھاقارەت، دەشنام ئوقلىرىدىن مىڭ تىرىلىپ، مىڭ بىر ئۆلىسەن.
ئۆلىسەنۇ، ئۆلىسەن، بەزەن - بەزەن كۈلىسەن،
ئېتىقادنى قۇل قىلىپ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن.
شۇنداق، سەن ھەربىر قەدىمىڭدە خۇنۈك تەبەسسۇم جىلۋىسىدىن تاشتەك قېتىپ كەتكەن باغرىڭنى دارغا ئېسىپ، ئىپپەت سارىيىڭنى تەرك ئېتىسەن، شۇڭا ئوق يېسەڭمۇ، پوق يېسەڭمۇ سايەڭگە ئەگىشىپ، چۈشۈڭنىڭ پىشىگە ئېسىلىسەن. ئەمەلىيەتتە چۈشلىرىڭمۇ شۇنچە بىچارە. ئۇنىڭدا قۇياش بولۇپ نۇر چاچىدۇ نان، سېتىلسىمۇ ئىززەت - ئېكرام، شان! شۇڭىمۇ سەن كۈچۈكلىنىسەن، تەلمۈرىسەن، كىشىلەر ئىشىكىدە قار بىلەن يۇيۇنۇپ، ئاپتاپ بىلەن قاقلىنىسەن، ئەمما بىر ئۆمۈر تىلسەڭمۇ ئادەملىكنى ئىسپاتلىيالمايسەن. چۈنكى خۇرجۇنۇڭدىكى ئېتىقاد ئەمەس نان، تىلىگىنىڭ ھېكمەت ئەمەس نان. چالغىنىڭ ھاياتلىق مارشى ئەمەس، نان تېپىش كۈيى.
ناننى يېسەڭ قۇتقۇزار جاننى،
پاكلالمايسەن ئەمما ۋىجداننى.
تىلەپ باق! خۇرجۇنىڭ توشسا توشىدۇكى، ئەقلىڭ تولمايدۇ. ئۇ سەن ئۈچۈن ھاياتنىڭ بېشارىتى بولسىمۇ، ئەمما مىللەتنىڭ نومۇستىن ئازابلانغان لىپمۇلىق پىغانى. قولۇڭدىكى سىر پايدا چېلىنغىنى سېنىڭ ئۈچۈن بەخت قوڭغۇرىقى بولسىمۇ، ئەمما مىللىتىڭنىڭ ئۆلۈم ئازابىدۇر. بىلىشىڭ كېرەككى، سەن تىلەپ جېنىڭنى قۇتقۇزغان بىلەن روھىڭنى ئۆلتۈرىسەن. سېنىڭ قول كۆتۈرۈشلىرىڭ، پىچىرلاشلىرىڭدا بىچارىلىك، ئاجىزلىق ۋە مەغلۇبلۇق تۆكۈلۈپلا تۇرىدۇ. تەڭرى ئەزەلدىن لالما ئىتقا ياخشى كۈننى بەرگەن ئەمەس. ئەمدى سەن ئېتىقادىمنىڭ ئىنئاملىرىغا قۇلاق سال! ئۆزۈڭنى باشقىلارنىڭ قەلبىدىن ئىزدىمەي، ئۆزۈڭدىن ئىزدە، رېئاللىقنىڭ قۇرۇپ كەتكەن قىسمەتلىرىگە ئوت قوي! مەينەت ئارزۇيۇڭ ۋە سارغايغان بىچارە يۈرىكىڭ كۆيۈپ كۈل بولسۇن! خۇرجۇن ۋە ساپايەڭدىن بىخسىپ، كۆكىرىپ كەتكەن تۇيغۇلىرىڭ ئەمەس، قۇياشنىڭ تال - تال نۇرلىرى چېچىلسۇن! شۇندىلا يوللىرىڭدىن ئۆزۈڭنى تاپالايسەن، ئىزلىرىڭدىن سىماھىڭنى كۆرەلەيسەن. بولمىسا ئۆمۈرۋايەت ئىززەت − ھۆرمەتكە نائىل بولالمايسەن.
|