يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 434|ئىنكاس: 3

ھوقسۇپى ھەققىدە چۆچەك-قۇتيار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-10-29 23:08:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ھوقسۇپى ھەققىدە چۆچەك
(چۆچەك)
-ئۆمەرمەتنۇرى قۇتيار
ھوقىسۇپى ئەسلىدە چېچەن، چاققانلىقى، ئوۋ ئوۋلاشتىكى ماھىرلىقى ۋە تولىمۇ ئاقكۆڭۈل، سەمىمىلىكى بىلەن قۇشلار ئارىسىدا زور ئىناۋەتكە ئىگە ئىكەن. ئۇنىڭ دۈپ-دۈگىلەك، يۇغان پال كۆزى، بۈركۈتنىڭكىدەك ئۆتكۈر، ئىلمەك تۇمشۇقى چاشقاننىڭ جېننى ئېلىپ جاڭگالغا قۇيىدىكەن. شۇڭا خىلۋەت ماكاندا خاتىرجەم ياشاۋاتقان بۇ قۇشلار ھوقىسۇپىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىكەن ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىدىكەن. دېھقانلارمۇ بۇ قۇشلارنىڭ ياردىمى بىلەن زىيانداش ھاشارەتلەردىن قۇتۇلۇپ، مول-ھوسۇل ئېلىشقىنىدىن ئىنتايىن خۇشال ئىكەن.
كۈز كۈنلىرىنىڭ بىر ئەتتىگىنى. ئىت پوق يىمەستە ھاڭگا تېرەكنىڭ ئۇچىغا بىر قاغا كېلىپ قونۇپتۇ ۋە سەت ئاۋازىنى بۇلۇشىغىچە قۇيۇۋېتپ:
قاق، قاق...قاق،
ھوقسىۇپى پوخاق.
بەسلىشەيلى بىز،
كېلە ئۇچۇپ باق!
-دەپ توۋلاپتۇ. ھوقسۇپى كۆزلىرنى پۇلتايتىپ دەرغەزەپكە كەپتۇ-دە:
قاغا دېگەن قارماتاق،
يۈزى قېلىن ئوغۇرسەن.
ئۇچساق ئەگەر يىراققا،
يېرىم يولدا ئۆلىسەن.
-دەپ بەسلەشمەكچى بۇلۇپتۇ. كۆڭلى بىرەر شۇملۇقنى تۇيغان پاختەك ناھايىتى سالماقلىق بىلەن:
-ھوقۇسىپى ئاغا، قاغىنىڭ سەھەردىلا كېلىشى ياخشىلىقتىن بېشارەت ئەمەس. ئۇ قېرى قاقۋاشنىڭ بىرەر مەقسىتى بولمىسا نېمىشقا سىز بىلەن قەستەن ئېتىشىدۇ؟ بىزدە:«يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس!» دېگەن ھېكىمەت بارغۇ؟-دەپتۇ. لېكىن ھوقۇسىپى گېپىدە چىڭلا تۇرۋاپتۇ. بىر ياندا كىتاب يادلاپ ئولتۇرغان ھۆپۈپ موللام پۇررىدى ئۇچۇپ كەپتۇ-دە:
ھۆپۈپۈپ كۇش،
تەس ئەمەس ئۇچۈش.
مۇھىمى بىزگە،
مەخسەتنى تۇنۇش.
-دەپ ھوقۇسىپىغا نەسىھەت قىپتۇ ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ» دېگەن ئۇلۇغ كىتابنى ئېچىپ: « غەزەپلەنمە ئىشتا ئۆپكەڭ بېسىۋال، غەزەپ كەلسە گويا گاچا بۇلىۋال» دېگەن مەشھۇر بېيىتىنى ئوقۇپ بىرىپتۇ. ئەمما ھوقۇسىپى:
-قاغا تازغا يېڭىلىپ، سىلەرنىڭ يۈزىڭلەرنى چۈشۇرگۈم يوق. ماڭا ئىجازەت قىلىڭلار،-دەپ قاغىغا ئەگىشىپ كۆككە كۆتۈرلۈپتۇ. ئۇلار بىر-بىرىدىن قالماسلىق ئۈچۇن جان-جەھلى بىلەن ئۇچۇپتۇ. بىر  دەرەخلىككە ئازراق قالغاندا قاغا قەستەن سۈرىتىنى ئاستىلىتىپتۇ. بۇنى سەزمىگەن ھۇقسۇپى غەلبە شاتلىقىدا ئالدىغا قاراپ شىددەت بىلەن ئۇچۇپتۇ ۋە ئادەملەر قورغان تورغا چۈشىپتۇ. ئارقىسىدىن كەلگەن قاغا :
قاق، قاق...قاق،
ئەقىللىق ئەخمەق.
دامىمغا چۈشتۈڭ،
قىلىسەن قانداق؟
- دەپ ئوۋچىلاردىن نېسىۋىسنى ئېلىپتۇ- دە، يەنە باشقا قۇشلارنى ئالداش ئۈچۈن يىراقلارغا ئۇچۇپ كېتىپتۇ. ئوۋچىلار ھوقسۇپنى قەپەزگە سولاپ قۇيۇپتۇ. يەنە بىر قەپەزگە تىرىك چاشقانلارنى سۇلاپ، سەل نېرىسىغا قۇيۇپ قويۇپتۇ. بىر كۈن ئۆتۈپتۇ. ھوقسۇپنىڭ قورسىقى ئېچىپ، ئۈچەيلىرى تارتىشىپ كېتىپتۇ. چاشقان يىيىش خۇمارى تۇتۇپ، ساراڭ بۇلايلا دەپ قاپتۇ ۋە ئوۋچىلارغا :
-ماڭا چاشقان بەر، نېمە مەقسىتىڭ بولسا دە!- دەپتۇ كۆپ-كۆك كۆزلىرىنى ئوينىتىپ.
-بەللى،-دەپتۇ ئوۋچىلار، ئەمدى ئەقلىڭنى تاپتىڭ. قانچىلىك چاشقان يىسەڭ مەيلى، شەرت شۇكى، سەن ياشاۋاتقان ماكاندىكى قۇشلارنى ئويۇن باركەن دەپ باشلاپ كەلسەڭلا كۇپايە. بىر ئۆمۈر جاپا تارتماي، راھەت- پاراغەتتە ئۆتىسەن،- دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ھوقسۇپى:
-مېنى تۇزكورلۇق قىل! دېمەكچىمۇ؟ تۇفى، نائەھلىلەر، ئۇخلاپ چۈش كۈرۈشمە!-دەپ ماكانى تەرەپكە قاراپتۇ ۋە پاختەك، ھۆپۈپنىڭ سۆزىنى ئەسلەپ، يەڭگىلتەكلىك قىلغىنىغا مىڭ پۇشايمانلارنى قىلىپتۇ. ئوۋچىلار:
قېنى كۆرەرمىز-دېيىشىپ، ھوقۇسىپنىڭ تىلدىن قىلدەك كىسىپ، مۈشۈككە تاشلاپ بېرىپتۇ. ھوقۇسىپى ئاغرىققا چىدىيالماي:
ھۇق..ھۇق..ھۇق،
نېمە يىدىم پۇق.
-دەپ نالە قىپتۇ ۋە كۈندىن-كۈنگە ھالسىراپ، شۆلگەيلىرى ئېقىشقا باشلاپتۇ. پۇرسەتنىڭ كەلگەنلىكىنى پەملىگەن تەجىربىلىك ئوۋچىلار تۆمۈرنى چوغدەك قىزارتىپتۇ-دە، ھوقسىپىنىڭ كۆزگە يېقىن ئاپىرىپ:
-شەرتكە كۆنسەڭ ساق قالىسەن ۋە خالىغىنىڭنى ئالىسەن. يەنە جاھىللىق قىلىپ تۇرۋالساڭ ئىككىلا كۆزىڭدىن ئايرىلىسەن. قېنى ئىككىسىدىن بىرنى تاللا،-دەپ تەھدىت ساپتۇ.  ھوقۇسۇپى كۆڭلىدە: « كۆزۈمدىن ئايرىلسام ئۆلگىنىمدىن بەتتەر ئەمەسمۇ؟ يەنە چاشقان خۇمارىم... ھەي، ماڭىمۇ نېمە ئامال، بىراق...؟» دەپ ئويلاپتۇ ۋە ماكانىدىكى قۇشلارنى باشلاپ كىلىدىغان بۇلۇپتۇ. ئوۋچىلار خۇشاللىقىدا ھوقسۇپىنى ياخشى توقلاپتۇ ۋە بوينىدىن كۈرۈنمەس يىپ بىلەن باغلاپ يولغا ساپتۇ.
-ئەجەپ ئەنسىرىدۇق – دېيىشىپ ھوقسۇپنىڭ ئالدىغا چىقىپتۇ قۇشلار. ھوقسۇپى چاندۇرماي:
ـ غېمىمنى يېگىنىڭلارغا رەخمەت! قاغا يېرىم يولدا بۇلالماي، يىڭىلگىنىگە تەن بەردى. مەن يەنە ئۇچۇپ باقاي دەپ ئۇچۇۋەردىم. بىر چاغدا قارىسام قۇيۇق سايە تاشلاپ تۇرغان ئاجايىپ گۈزەل باغ كۈرۈندى. باغدا تۆمەنمىڭ قۇشلار نەغمە-ناۋا قىلىشىپ، مەشرەپكە چۈشۈپ كىتىپتۇ. بۇ نېمە ئىش؟ -دەپ سورىسام، كۈز بەزمىسى قىلىۋاتىمىز دېيىشىپ مېنىمۇ قېتىۋالدى ۋە ئىززەت – ئىكرام بىلەن كۈتىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ قالدىم. كېيىن مېنىڭمۇ خىلۋەت ماكانىمنىڭ بارلىقىنى ۋە سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلارنى دەپ قايتماقچى بولدۇم. ئۇلارنىڭ ئاقساقىلى جىگدىچى:
-بىز قېرىنداشكەنمىز، دوسلۇق ئورنىتايلى، دەرھال كېلىڭلار- دەپ، ئېھتىرام بىلەن يولغا سېلىپ قويدى. قېنى ئەتىگە ئۇلۇغ-ئۇششاق، توڭ-پىششىق ھەممەيلەن يۇيۇنۇپ، تارىنىپ تەل بولسۇن! بىر بېرىپ قانغۇچە يايراپ كېلەيلى!- دەپتۇ يالغاندىن. قۇشلارمۇ سىرتلارغا چىقىپ باقمىغاچقا ماقۇل بولۇپتۇ ۋە ئەتىسى خۇشال يولغا چىقىپتۇ. ئۇلار ئۇچۇشۇپ ھېلىقى دەرەخ تۈۋىگە  كەلگەندە ناھايتى كۆپ قىسمى تورغا چۈشۈپ قېلىپتۇ. ئاز بىر قىسمى ئامان قېلىپتۇ-دە، ئالدانغانلىقنى بىلىشىپ ھوقسۇپىغا مىڭ لەنەت ياغدۇرۇپتۇ، ساددىلىقىدىن ئۆز گۆشىنى ئۆزى يېگۈدەك بولۇشۇپتۇ.
يىللار ئۆتۈپ ھوقسۇپىنىڭ ماكانىدا قۇرۇت ئاپىتى يۈز بېرىپ، دەل-دەرەخلەر قۇرۇپ، باغلار چۆللىشىپتۇ. دېھقانلارمۇ ھاشارەتلەرنىڭ زىيىنىدىن ھوسۇل ئالالماي بۇ ماكاننى تاشلاشقا مەجبۇر بولۇشۇپتۇ. بۇ ئىشتىن ئامان قالغان كەپتەر ، سوپىسوپىياڭلار قىساس ئېلىش ئۈچۈن ھوقسۇپىنى ئىزدەپ بېرىپتۇ ۋە ھەر تەرەپكە قىسماق قۇرۇپ، ئاخىرى ئۇنى تۇتىۋاپتۇ ۋە چوقىلاپ ئۆلتۈرمەكچى بولۇپتۇ .قىسماقتا لاغ-لاغ تىترەپ تۇرغان ھوقسۇپى:
-ھۇق...ھۇق...ھۇق،
مەندە گۇناھ يوق.
-دەپ ئىلاجىسىز قالغانلىقىنى دەپتۇ ۋە ناھايتى قايغۇرغان ھالدا:
-قېرىنداشلىرىمنىڭ نەق مەيداندا بۇغۇزلۇنۇپ، ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى كۆرۈپ ئىچ-ئىچىمدىن ئۆرتەندىم، شەخسىيەتچى، ئىرادىسىزلىكىمگە ئېچىندىم. مەندەك لەنەت تەككۈرنى مىڭ پارە قىلساڭلارمۇ ئازلىق قىلىدۇ. نەچچە يىل بىرگە يۈرگىنىمىزنىڭ يۈزىنى قىلىپ جېنىمدىن بىر قېتىم كەچكەن بولساڭلار. مەن سىلەرگە ئىككىنچى كۆرۈنمىسەم،-دەپ زار-زار يىغلاپتۇ. كەپتەر ۋە سوپۇسوپىياڭ:
-خەير، بىر قۇشۇق قېنىڭدىن كېچەيلى، ئىككىنچى كۆزىمىزگە كۆرۈنگۈچى بولما!-دەپ قىسماقتىن ئاجرىتىپ قۇيۇۋېتىپتۇ. شۇ كۈندىن بېرى ھوقسىپىمۇ ئۆزى قىلغان ئىشىدىن نومۇس قىلىپ كۈندۇزى ھېچكىمگە كۈرۈنمەي خىلۋەتتە ياشاپ، ئاخشاملىرىلا ھەركەت قىلىدىغان بولۇپتۇ. ئۇ گەرچە كەچلىرى« ھۇق...ھۇق، مەندە گۈناھ يوق» دەپ نالە قىلسىمۇ خەلق ئارىسىدا« ھوقسۇپى ھۇۋلىغان جاي چۆللىشىپ كېتىدۇ» دېگەن گەپ كەڭ تارقىلىپتۇ.
                          
قاراقاش ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىن: ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-10-30 10:19:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۆچەك ئوقۇمىغىلى ئۇزۇن بوپتىكەن . مۇمامنىڭ چۆچەكلىرىنى ئەسلەپ قالدىما !
بۇ چۆچىكىڭىز ماڭا يارىدى .

ۋاقتى: 2013-10-30 13:44:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  چۆچەك ئېلان قىلىنغانغۇ دەيمەن! ياخشى چىقىپتۇ.

ۋاقتى: 2014-10-14 10:49:26 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنلا ياخشى چىققان چۆچەك بوپتۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش