كۆرۈش: 780|ئىنكاس: 7

تۇرپان ۋاڭلىرىغا ئائىت بىرپارچە نەسەپنامە ۋە ئۇنىڭغا شەرھ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-10-28 20:28:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
   
تۇرپان ۋاڭلىرىغا ئائىت بىرپارچە نەسەپنامە ۋە ئۇنىڭغا شەرھ

نەشىرگە تەييارلىغۇچىلار: ئەھمەد ئىمىن ئەلنەزەر، ھاجى مامۇت غازى

   ئىمىن خۇجا 1719-يىلى لۈكچۈننىڭ قارانچۇق بېگى ئەھمەتباقى بەگدىن بەگلىك ھوقۇقىنى تارتىۋلغاندىن كىيىن، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە  سادىق بولۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارىشى تۇرۇپ، ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قۇغداشتىكى تۆھپىلىرى ئۈچۈن چىيەنلۇڭ خان تەرىپىدىن  1759-يىلى ( چىيەنلۇڭنىڭ24-يىلى) تۇرپاننىڭ ۋاڭلىقىغا تەيىنلەندى. شۇندىن باشلاپ ئىمىن خۇجا ئەۋلاتلىرىن يەتتە ئەۋلات تۇققۇز كىشى تۇرپاندا 230يىل ۋاڭ، يەتتە ئەۋلات سەككىز كىشى ئىلىدا  159يىل ھاكىمبەگ، ئۈچ ئەۋلات ئالتە كىشى قەشقەردە 90يىل ھاكىمبەگ بولۇپ ئۆتتى. تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن تۇرپان ۋاڭلىرىغا ئائىت ماتىرىياللار دەۋرىمىزگچە يېتىپ كېلەلمىدى.
2010-يىلى2-ئايدا، پىچان ناھىيىلىك يېزا-ئىگىلىك بانكىسىدىن ئارامىغا چىقىپ ئۈرۈمچىدىكى ئۈيىدە تۇرۋاتقان 85ياشلىق مامۇت غازى ھاجىمنى يۇقلاپ بارغان چىغىمدا، تۇرپان ۋاڭلىرىغا ئائىت چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان نۇسخائالغۇدا نۇسخىلانغان بىرپارچە نەسەپنامنى ماڭا كۆرسەتتى. مەن بۇنىڭ كېلىش مەنبەسىنى سورىسام، مامۇت غازى ھاجىم ياشىنىپ قالغاچقا ئەسلىيەلمىدى. تۇرپان ۋاڭلىرىغا ئائىت بۇ بىرپارچە نەسەپنامنىڭ كىم تەرىپىدىن يېزىلغانلقى نامەلۇم، لىكىن مەزمۇنىدىن قارىغاندا 1904-يىلى يېزىلغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بۇلىدۇ . بۇ نەسەپنامە جەمئىي 13بەت، ئۈچۈنچى بەتتىن باشلاپ ھەر بەتكە 13قۇردىن يېزىلغان بۇلۇپ، بەلگىلىك تارىخي ۋە فۇلىكلۇر قىممىتى بار. ئوقۇرمەنلەر ۋە قىزىققۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بۇ نەسەپنامىنى نەشىرگە تەييارلاش بىلەن بىرگە چۈشۈنۈشلۈك بۇلۇشىنى كۆزلەپ قىسقىچە شەرھلىدۇق.
  يەشمىسى:
ھەزرەت ئىمىن خۇجىنىڭ پەرزەنىتلىرى نۇرمۇھەممەت خۇجا، سۇلايمانخان، ئەۋرازىپخان، سەيپۇللاخان، ئىسكەندەرخان، فەرىدۇنخان، موساخان، بەھرامخان. بۇلار جەمئىي سەككىز ئوغۇل ئىكەندۇق①. فەرىدۇن خاننىڭ ئوغلى مۇھەممەت سەئىد ۋاڭ بەگ، ئۇنىڭ ئوغلى ئەفرىدۇن ۋاڭ، ئۇنىڭ ئۇغلى سۇلتان مەھمۇد ۋاڭ، ئۇنىڭ ئوغلى ئىمىن ۋاڭ. فەرىدۇن ۋاڭ ئەلەيھىررەھمەنىڭ ھەزرەت مۇھەممەد سەئىد ۋاڭ دەپ بىر ئوغلى بارئىدى. فەرىدۇن ۋاڭ خۇدا ۋە رەسۇلنىڭ ئىرادىسى، كاشغەر دىيارى ئىچىدە ياتقان ئۇلۇغلار ۋە كاشغەر ئەھلىگە يىگرمە سەككىز يىل ھاكىمبەگ ۋە ئىگە بولغۇچى روھىنىڭ ②مەدىتى بىلەن، تەخىت سەلتەنەتتە مۇقىم ئولتۇرۇپ، مەركەز شاراپىتىدە چىڭ تۇرۇپ③، كاشغەرغە تەۋە ھەممە كەنت سەھرالاردا ياتقان ئەزىز ۋە بۇزرۇكۋارلارنىڭ مازارلىرىنى ياساپ، ئۇلارنىڭ ئاستانە ۋەكارخانىلىرىگە تۆگە، ئات -كالا، قوي، ئۇن-گۆرۈچ، يامبۇ، پۇل-مال بەخشەندە قىلىپ، ئۇلاردىن مەدەت تىلەيتتى. پۇقرالار ھالىدىن خەۋەر ئىلىپ، ئۆلىما-دۇرۋىشلارگە ئىززەت-ھۆرمەت، ئىكرام، ئېھسان قىلاتتى. كەنت- سەھرالارنىڭ سۈيى يېتىشمىسە، سۇ چىقىرىپ بېرىپ، پۇقرا ۋە ئاجىزلارنى ئاسراپ، يۇرتنىڭ ئەمىن بۇلىشىغا زور كۈچ چىقاراتتى.
بۇ سۇلتاننىڭ نىيىتىنىڭ ناھايتتى خالىسلىقىدىن، قىلغان دۇئالىرىنىڭ بەركىتىدىن، كاشغەرغە تەۋە ھەممە كەنت سەھرالاردىكى بەگ، ئاخۇن، شەيىخ، يۈز بېشىى، ئون بېشى، ئىمام، مۇئەززىن، پۇقرا، ئاجىز نامرات ئاۋام كۈندىن -كۈنگە تېنىچ- ئامان ۋە ئاۋات بۇلۇپ ھەرقەيسىلىرى ئات، كالا، پۇل مال تېپىپ ئاۋاتلىق ۋە باياشاتلىقا ئېرىشىپ، شاد-خۇرام بۇلۇپ سەھەر-ئاخشام، بەش نامازلىرىدا ھەققە يۈزلىنىپ شۈكۈر قىلىپ، بۇ بەرىكەتلىك زاتنىڭ دۆلەت ئىقبالىغا خەيرىلىك دۇئالار قىلاتتى. بۇ بەرىكەتلىك زات كۈندۈزلىرى روزا تۇتۇپ ،كېچەلىرى چىن نىيەت بىلەن ئىبادەتكە مەشغۇل ئىدى. بۇ مۇبارەك زاتنىڭ پەرزەنتى مۇھەممەد سەئىد ۋاڭ ئەلەيھىررەھمە ئىدى. ھەزرەت فەرىدۇن ۋاڭ④ ئۆز ھاياتلىقىدا <<تەۋفىق ئەزىز بەندىلەرگە ئاتا قىلىنغان قىلىندىغان نەرسە>> مەزمۇنىغا  ئەمەل قىلىپ، بۇئالەم ئىشلىرىنىڭ تۈگمەسلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ۋە ئۈمرنىڭ قىسقىلىقى ۋە بىۋاپالىقىنى ئويلاپ <<بۇ دۇنيا ئاخىرەتنىڭ ئېكىنزارلىقى>>دېگەن ھەدىسنىڭ مەنىسىدىن خەۋەردار بۇلۇپ، شەھەر ئىچىدە بىر مەدرىسە سالدۇرۇپ، بازار يۈزىدە نەچچىگەن كاتتا، يېڭى  ئۆيلەر ۋە شەھەر سىرتىدا كارۋان ساراي ياسىتىپ بۇ مەدرىسكە مەڭگۈلۈك ۋەخپە قىلدى. بۇ ھاكىمبەگ كاشغەرگە تەۋە ھەممە كەنت سەھرالارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بۇلۇپ سۈيى ئازلىق قىلسا، نۇرغۇن ھاشار قىلدۇرۇپ ئۈستەڭ – ئېرىقلار چاپتۇرۇپ سۈيىنى يەتكۈزۈپ بېرىپ، ھەممە خەلىقلەرنى كەڭتاشا قاندۇراردى. پىقىر ئاجىزلارنىڭ ھالىدىن خەۋەردار بۇلۇپ، ياخشىلارغا ئېلتىپات، ئېھسان قلىپ يامانلارغا جازا بېرىپ تۈزەتتى. بۇ ئادالەت ئىگىسى، ھۆكۈمەتنىڭ پاناھى، ياردەم بەرگۈچىنىڭ ياخشى نىيەتلىرى چوڭ –كىچىك ھەممە خەلقلەر كۈڭۈللىرىگە ئايان ۋە تەسىر قىلغانلىقتىن كىشلەرنىڭ ئوقەتلىرى كۈندىن-كۈنگە يۈرۈشۈپ، پۇلدار، مالدار، روزىدار بولدى. باياشاتلىق ۋە ئاۋاتلىق دەرىجىسىگە يېتىپ، تېنىچ ئامان بولغانغا ھەممە كىشىلەرر خۇش بۇلۇپ، ھەققە شۈكرى ئېيتتى. بۇ ئادالەتنىڭ ئىگىسى تەخىت سەلتەنەتتە ئولتۇرغاندا، كاشغەرغە تەۋە ھەممە يۇرت كەنىت سەھرالارنىڭ بەگ، ئاخۇن، ئاكابىر-ئەشرەپ، ئولۇغلىرى  سەھەر-ئاخشام ۋاقىتلىرىدا يىغىلىپ كېلىپ، تەزىم بىجا كەلتۈرۈپ، كۆرۈنۈش قىلىپ، يۇرتدارلىق ئىشلىرى تۇغرىسىدا قىلىنغان ھۈكۈملەرنى ئاڭلاپ ئۆز يۇرتىغا ياناتتى. دەۋا ئەھۋالىنى سورار ۋاقتىدا پېشىن نامازىنى ئۇقۇپ بۇلۇپ دەۋا ئەھۋالىنى سورايدىغان بەزىمگاھىغا چىقىپ ئولتۇراتتى، ئاندىن بىر-بىرلەپ ئالدىغا ئەكىرىپ ئەرز ئەھۋالىنى تەھقىقلاپ، چىچەن بەگلەرنى يۈگۈرتۈپ، ھەيۋەتكە كەلتۈرۈپ، ئەقىل پاراسىتىنى يۈرگۈزۈپ، كۆپ تەرەپلىمە ئويلاپ، ئۈتكۈر كۆزلىرى بىلەن قاراپ  ۋە سوراپ تۈگۈتۈپ چىقىراتتى. ۋە بەزىلىرىنى شەرىئەت قازىلرىنىڭ ئالدىغا ئادەم بۇيرۇپ، مەسلىھەتىنى ئىلىپ شەرىئەت بىلەن تۈگىتەتتى. بۇ ھاكىمبەگنىڭ بەزى ئالاھىدە ئادەتلىرى بۇلاردۇر: كىچىلىرى ئۇخلىماي قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ، زىكرى تەسبىھ ئېيتاتتى، ئاللاھقا يۈزلۈنۈپ، كۆزلىرىدىن ياشلىرىنى تۈكۈپ، ئاجىزلىقىنى ئىپادىلەپ، دۇئاغا قول كۈتۈرۈپ، پۇقرالار ھەققىگە دۇئا قىلاتتى. كىچىلىرىنى مۇشۇ تەرىقە بىلەن ئۈتكۈزۈتتى.گاھى ئۆلما-دۇرۋىشلەر بىلەن ھەم سۆھبەت بۇلۇپ كىتاپخانلىق ۋە تىلاۋەت قىلاتتى. ئاشكارا سىياسەتلىرى بىلەن ھاكىميەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ تۇراتتى. يۇشۇرۇن ھالىدا ھەمىشە نامرات، ئاجىز، دىلى سۇنغان، يېتىم-بىچارە، غېرىپ-جاپاكەش ئاۋام ئەھۋالىدىن خەۋەردار بۇلۇپ، بۇلارنىڭ ھالىغە يېتىپ ئەرزىنى ئاڭلاپ، سېخيلىق، مېرىبانلىق ۋە مەردانىلىق قىلاتتى.  ھەزرەت فەرىدۇن ۋاڭ ئەلەيھى رەھمەنىڭ ئۆز ھاياتلىقىدا مۇھەممەت سەئىدۋاڭ دەپ بىرلا پەرزەنتى بار ئىدى. مۇھەممەت سەئىدۋاڭ ياركەنتكە ھاكىمبەگ ئىدى⑤. ھەزرەت مۇھەممەت سەئىد ۋاڭ بەگنىڭ پەرزەنتى يۈرەك پارىسى،خۇشاللقى ھەزرەت ئەفرىدۇن ۋاڭ بەگ كىچىك ئىدى. كۈنلەردىن بىر كۈنى ھەزرەت فەرىدۇن ۋاڭ بېگىمگە كېسەل تېگىپ، بىر نەچچە كۈن يېتىپ قىلىپ، تېۋىپ ھەكىملەر كىلىپ كۆرۈپ سەۋەپكارلىق قىلدى. خۇدا  يولىدا نەزىر قىلدى. كېسلى كۈندىن –كۈنگە ئېغىرلىشىپ، ئۆلىمالارۋە بەگلەر، يۇرت - يۇرتلارنىڭ چوڭلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ۋىدالاشتى. ئايالىلىرى ۋە يېقىنلىرىغا نەسىھەت قىلىپ، ھەممە تەئەللۇقاتلىرىدىن كۆڭۈل رېشتىسىنى ئۈزۈپ، بەدەن قۇشى بۇ پانىي ئالەمدىن باقىي ئالەمگە كۈچتى. شۇ ۋاقتىدا، پەرزەنتى مۇھەممەد سەئىد ۋاڭ  بەگگە خەۋەر يېتىپ ياركەند شەھرىدىن كاشغەرغە يېتىپ كەلدى. بۇ زاتى شېرىپنىڭ نامىزىغا كاشغەرغە تەۋە ھەممە كەنت سەھرالاردىكى بەگ ،ئاخۇن، شەيىخ، يۈز بېشىى، ئۇن بېشى، ئىمام، مۇئەززىن، چوڭ-كىچىك خەلىقلەرگە خەۋەر بېرىپ ھەممە خەلقلەر توپلاندى. ئاخۇنلار ھەزرەت فەرىدۇن ۋاڭنىڭ بەدەنلىرىنى يۇيۇپ⑥، جەسەتلىرىنى جىنازىغا سېلىپ، نامازلىرىنى چۈشۈرۈپ، كۈتۈرۈپ ماڭدى. باشلىرىدىن بىرنەچچە خىزمەتكارنى ئۆرۈپ ئازات قىلدى، ھەسرەتلىك باشلىرىدىن ئالتۇن كۈمۈش پۇل ماللىرىنى چېچىپ سەدىقە بەردى. ھەممە چوڭ-كىچىك خەلقلەر يىغلىشىپ نالە-پىغان قىلىشىپ، ئارقىسىدىن ھەسرەت-نادامەت چېكىپ،  ھەزرەت سەئىد ئافاق خۇجا بۇزرۇكۋارنىڭ مازىرىغا ئاپىرىپ، گۈمبەز ئىچىگە دەپنە قىلدى. شەھەر-شەھەر، دىيارلاردىن كەلگەن بەگ، ئاخۇن، شەيىخ، ئىمام، مۇئەززىن، يۈز بېشى، ئون بېشى، ئاۋام، خەلىقلەرگە مال دۇنيالىرىدىن قىلغان خەير-ساخاۋاتلىرىنى چوڭ –كىچىك ھەممە خەلىقلەرگە نەچچە كۈنگىچە بەردى. ئىسقادلىرى ئۈچۈن ئالتۇن، يامبۇ، كۈمۈش، پۇل-مال، تۆگە، ئات، كالا قاتارلىقلارنى نامرات، ئاجىز، گادايلارغا يەتكۈزۈپ ئۈلۈشتۈرۈپ بەردى. نامرات ،ئاجىز،گاداي كىشىلەر كىلىپ، بۇلاردىن ئىلىپ باي بولدى. خەزىنىدىكى مال – دۇنيانى سەرىپ قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى قالمىدى. ئاندىن مۇھەممەد سەئىد ۋاڭ بەگ ئاتىسىنىڭ ئورنىدا ھاكىمبەگ بۇلۇپ ياركەند ئەھلىنى بىرنەچچە يىل ئادالەت بىلەن سوراپ، بەگلەر، نامرات ئاجىز پۇقرالارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىپ، مەرھەمەت ئەيلەپ، شەرىئەتنى جارىي قىلدۇرۇپ، ئاۋام – پۇقرالانىڭ دەۋا سوراقلىرىنى شەرىئەت ھۈكۈمى بىلەن مۇۋاپىق سوراپ پۇقرالار ھالىغا يېتىپ ۋە ياخشىلارغا ئىلتىپات، ئېھسان قىلىپ، يامانلارغا جازا بېرىپ، يۇرتنى تېنىچ ئامان قىلدى. شۇ تەرىقىدە كاشغەر، ياركەندلەرنى بىر نەچچە يىل سوراپ تۇرغان ۋاقىتلىرىدا، بۇ ئالەم بىۋاپالىق قىلىپ، غەليانچىلار پەيدا بۇلۇپ، ھەزرەت فەرىدۇن ۋاڭنىڭ پەرزەنتى، يۈرەك باغرى، خۇشاللىقى بولغان مۇھەممەد سەئىد ۋاڭنىڭ كاتتا گۈلشەنىگە قازايى قەدىر يېتىپ، ئاجىزلىق ۋادىسىدا ھەيران، غەملىك دەشتىدە سەرگەردان بولدى⑦. ئاندىن كېيىن ئەفرىدۇن ۋاڭ بېگىمگە خاندىن يارلىق چىقىپ، بۇ تۇرفاندا ئون يىل، ياركەندتە ئون ئىككى يىل تەخىتتە ئولتۇرغاندىن⑧ كېيىن ئالەم مالمانچىلىق بۇلۇپ، بۇ شەھەرلەر ئون تۆت يىل پادىشاھسىز قىلىپ⑨، ئاندىن خاندىن چېرىك چىقىپ بۇ شەھەرلەرنى ئىلكىگە ئالدى⑩. سۇلتان مەھمۇد ۋاڭ بېگىمنى تۇرفان دىيارىغا ۋاڭ قىلىپ، جاساقلىرىنى بەردى. ئون سەككىز يىل ئىنانچىخان بولۇپ، بۇ شەھەرلەرنى باشقۇرغاندىن كىيىن، بۇئالەم بىۋاپالىق قىلىپ، بۇ پانىي ئالەمنى تاشلاپ، ئاخىرەتنى ياخشى كۆرۈپ، جان قۇشى بەدەن قەپىزىدىن پەرۋاز قىلىپ كەتتى⑾. كېيىن ئۇنىڭ يۈرەك باغرى، خۇشھاللىقى ھەزرەت ئىمىن ۋاڭ بىگىمگە ئىنانچىخانلىق ⑿تېگىپ، بۇ يۇرتتىكى پىقىر، ئاجىز، نامرات، گادايلارغا مەرھەمەت ئەيلەپ، ئۈشرە زاكاتلىرىنى چوڭ-كىچىك كىشىلەرگە يىگۈزۈپ ، گەدىنىدىن ئادا قىلىپ، يۇرتنىڭ تېنىچ-ئامان بۇلۇشىغا كۆپ كۈچ چىقىرىپ ئادالەت بىلەن تۇتۇپ  تۇرغىلى تۆت يىل بۇلۇپتۇ⒀. خۇداۋەندە تائالا ئۈمرىنى تۆت مىڭ يىل ئۇزۇن، دۆلىتىنى زىيادە قىلسۇن .ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.

ئۇقۇلغۇسى:
   ھەزرەت ئەمىين خانلىقنىڭ فەرزەندلەرى، نۇرمۇھەممەت خۇجە، سۇلايمانخان، ئوۋرازىپخان، سەيپۇللاخان، ئىسكەندەرخان، فەرىدۇنخان، موساخان، بەھرامخان. بۇلار جەمئى سەككىز ئوغۇل ئىكەندۈك⑴. مۇھەممەت سەئىد ۋاڭ ئبنى ئەفرىدۇن ۋاڭ ئبنى سۇلتان مەھمۇد ۋاڭ ئبنى ئەمىين ۋاڭ. ھەزرەت فەرىدۇن ۋاڭ ئەلەيھى رەھمەنىڭ ئوغلانلارى ھەزرەت مۇھەممەت سەئىدۋاڭ دەپ بىرلا ئوغلانلارى بار ئىكەن. بۇ فەرىدۇن ۋاڭ دېگەنى خۇدا ۋە رەسۇل كاشغەر دىيارى ئىچىرە ياستانىپ ياتقان ئەرۋاھى ھەزرەتلەرنىڭ ئۈمدادى بىرلەن كاشغەر ئەھلىغە يىگىرمە سەككىز يىل پادىشاھ ھاكىم مۇتلەق ئىنان ۋە ساھىب مۇسەللەت⑵ ئۇلۇپ، تەخىت سەلتەنەتىن مۇقىم بەرقارار ۋە مەركەز شەراپەتتە مۇستەقىم فەيدار⑶ جانىشىن ئەيلەپ، كاشغەرغە تەۋە  ھەممە كەنت سەھرالاردە ياتقان ئەزىز ۋە بۇزرۇكۋارلارنىڭ مازارەت-ئاستانەلەرىنى ياساپ، ئۇلارنىڭ ئاستانە ۋە كارخانەلەرىغە تىيۋە، ئات، كالا، قوي، ئۇند-گۆرۈچ، يامبۇ، پۇل-مال نەزىرنىياز ئالىپ بېرىپ، دۇئا قىلدۇرۇپ ئۈتكەزىپ، ھەمىشە مەدەد ئىستىمداد تىلەر ئەردىلەر. ۋە بەگلەر، ۋە فۇقرالار ھالىدىن ئاگاھلىق ئەيلەپ، ئۆلىما-دۇرۋىشلەرغە ئىززەت ۋە ھۆرمەت، ۋە ئىكرام، ئېھسان قىلۇر ئەردىلەر. كەنت- سەھرالارنىڭ سۈيى تەغىر ئولسە، سۇ چىقارىپ بېرىپ، فەقىر، ئاجىز، نامراد ۋە رەئىييەتلەرنى تارتىپ، سىيراپ، ئەمىن، ئامان، ئابادلىق بۇلۇشىغە جىد جەھدۇ ۋە سەئىي كۇئىش قىلۇرئەردىلەر.
    ۋە ئول سۇلتاننىڭ نىھايەت نىيىتى خالىسلىقلەرىدىن، قىلغان دۇئالىرىنىڭ بەركاتىدىن كاشغەرغە تابە ھەممە كەنت سەھرالاردىكى بەگ، ئاخۇند، شەيىخ، يۈز بىشى، ئون بىشى، ئىمام، مۇئەززىن، فەقىر، ئاجىز، نامرات، ۋە رەئىييەتلەر رەۋزە بەرەۋزە سىيراپ ئەمىن ئامان ۋە ئاباد بۇلۇپ ھەرقايسىلەرى ئات، كالا، پۇل مال تافىپ، ئابادلىق ۋە مەئمۇرلۇق مەرتىبەسىغە ئۇلانىپ، شاد خۇررام بۇلۇپ، ساباھ ۋە مىسا فەرزۇخەمسەدە دەرگاھىھەق سارىغە باقىپ، شۈكۈرگۈزارلىق ئەيلەپ، ئول زات يابەرەكاتنىڭ دۆلەت ئىقبالەرىغە دۇئايى خەير قىلۇر ئەردىلەر. ئول زات يابەرەكات كۈندۈزلەردە ساھىم ۋە كېچەلەردە قايىم ۋە روكو ۋە خۇشۇدا ئەردىلەر. ئول زات شەرىفنىڭ فەرزەندلەرى مۇھەممەد سەئىد ۋاڭ ئەلەيھىررەھىمە ئەردىلەر. ئول شاھىنشاھى ئالەم پەناھ، يەئنى ھەزرەت فەرىدۇن ۋاڭ⑷ ئۆز ھاياتلىقىدە <<ئەتتەۋفىقۇ شەيئۇن ئەزىمۇن لايۇئتا ئىللا لىئەبدى ئەزىز>> مەزمۇنىغە  ئەمەل قىلىپ، بۇئالەم چەرخى غەدارىننىڭ بىي فايانلىغىن كۆزلەپ، ۋە ئۈمۈرىنىڭ قەلىيل ۋە بىي ۋاپالىغىين ئىستەپ << ئەددۇنيا مەزەرەئەتۇن ئاخىرەتى>> دېگەن ھەدىس نەبىۋى مەنىسىدىن ۋاقىف ئۇلۇپ، شەھەر ئىچىدە بىر مەدرىسە ئالي مۇنبەرى مۇتەئالي بىنا ئەيلەپ، بازار يۈزىدە نەچچە ئۆي نەزول سەففەلەر ۋە شەھەرتاشىيدە كارۋان ساراي قىلدۇرۇپ، بۇ مەدرىسغە ۋەخپە مۇتلەق قىلدىلەر. ۋە ئول سۇلتان كاشغەرگە تەۋە ھەممە كەنت سەھرالارنىڭ ھالىدىن خەۋەردار ئۇلۇپ، سۈيى ئازلىق قىلسە، نۇرغۇن ھەشىر قىلدۇرۇپ، ئۈستەڭ ئېرىقلارنى چاپتۇرۇپ سۈيىنى چىقارتىپ يەتكۈزۈپ بېرىپ ھەممە خەلىقلەرنى كەڭرۇ تارتىپ سىيراپ قىلۇر ئەردىلەر. فەقىر ئاجىزلارنىڭ ھالىدىن خەۋەردار ئۇلۇپ، ياخشىلارغا ھۆكۈم ئىلتىپات، ئېھسان ئەيلەپ يامانلارغا جەزا بېرىپ تۈزەتۇر ئەردىلەر. ۋە ئول شاھىنشاھ ئادالەت پەناھ، ۋە ھۆكۈمەت دۇستىگاھنىڭ ياخشى نىيەتلىرى ئاھەرى چوڭ –كىچىك ھەممە خەلقلەر كۈڭۈللىرىغە تابىيش ۋە تەئسىر ئولغانىدىن ئولۇس خىيللەرى رەۋزە بەرەۋزە ئوۋقات تېفىپ پۇلدار، مالدار، روزىدار ئۇلۇب مەئمۇرلۇق مەرتىۋىسىغە ۋە ئاۋادلىق دەرىجىسىغە ئولانىپ، تېنىچ ئامان ئولغانىغە ھەممە خەلىقلەر خۇشنود ئۇلۇب، دەرگاھى ھەققە شۈكۈرگۈزارلىق قىلۇر ئەردى. ۋە ئول شاھىنشاھى ئادالەت تەخىت سەلتەنەتىدە بەرقەرار ئولغانلىرىدە، كاشغەرغە تەۋە ھەممە يۇرت كەنت سەھرالارنىڭ بەگ، ئاخۇند، ئاكابىر-ئەشرەپ، ئولۇغلىرى سەباھ ۋە مىسا ۋاقىتىدە يىغىلىشىپ كىلىپ، تەئزىم تەھىييە ئەدا ئەيلەپ ،كۆرۈنۈش قىلىپ، يۇرتدارلىق ئىشتىغال ھالىتىدىن ئايغان ھۈكۈملەرىن ھەر قايسىلەرىن ئاڭلاپ، ئۆز يۇرتىغا يانۇر ئەردىلەر. دادخۇۋاھ ئەھۋالىين سورار ۋەقتىيندە نەماز فېشىن نامازىنى ئەدا ئەيلەپ، دادخۇۋاھ ئەھۋالىين سورايدۇرغان بەزىمگاھىغا چىقىپ ئولتۇرار ئەردىلەر، ئاندىن بىر-بىر ئالدىلەرىغە ئىلىپ كىرىپ ئەرز ھال ئەھۋالىدىن تەھقىقلاپ، خىرومەندىلىغ بەگلەرنى يۈگۈرتۈپ، جىلۋەگە كەلتۈرۈپ، ۋە فىراتوسنىيىن يۈرگۈزۈپ، ۋە ئىمتىھال خىيالەتلىرى، چەشمەلەرى ئىلە قاراپ ۋە سوراپ تۈگەتۈپ چىقارۇر. ۋە بەئزىلەرىن شەرئيكى ئاخۇندىلارنىڭ ئالدىغە كىشى بۇيرۇپ كۆرگۈزۈپ، شەرئي بىرلەن تۈگەتۇر ئەردىلەر. بۇ سۇلتاننىڭ بەزى خۇۋارقى ئادەتلەرى بۇ ئەردىيكىم: كېچەلىرىدە بىيدار ئۇلۇپ تىلاۋەت قۇرئان ۋە زىكرى سەنا ئەيلەپ، دەرگاھى ئالىيغە بۇيۇن قىسىپ، يۈز كەلتۈرۈپ، چەشمەسىدىن ئشكى دۇرلارنى  تۈكۈپ نىيازمەندىلىغ ئەيلەپ، دۇئا ۋە تەلەپ ئىلە ئولتۇرۇپ، فۇقرالار ھەققىدە دۇئا قىلۇر ئەردىلەر.كېچەلەرنى بۇ تەرىقە بىرلە ئۈتكۈزۈرئەردىلەر. ۋەگاھى ئۆلما-دۇرۋىشلەر بىرلەن ھەم سۆھبەت ئۇلۇپ كىتاپخوۋانلىق ۋە تائەتكارلىق قىلۇر ئەردىلەر، زاھىر سىياھلىق تەرىقەسى بىرلە ئالەم سازلىق ئىشلارنى ھۈكۈمرانلىق ئەيلەپ تۈگەتۇر ئەردىلەر. ۋە باتىندە ھەمىشە فەقىر، ئاجىز، شېكەستە دىل ۋە يېتىم بىچارە، ۋە غېرىپ ئەۋارە رەئىييەتلەر ھالەتلەردىن ۋاقىف ئۇلۇپ، بۇلارنىڭ ھالىغە يېتىپ ئەرزىن ئاڭلاپ، مەرھەمەت، ۋە شەپقەت ۋە مەرۇۋۋەت ۋە ۋە ئىلتىفاتلار قىلۇرئەردى.  ھەزرەت فەرىدۇن ۋاڭ ئەلەيھىررەھىمەنىڭ ئۆز ھاياتلىقلارىدا فەرزەندلەرى مۇھەممەت سەئىدۋاڭ بەگ ياركەنت شەھرىغە ھاكىم مۇتلەق ئىنان ئەردىلەر⑸. ھەزرەت مۇھەممەت سەئىد ۋاڭ بەگنىڭ فەرزەندى ۋە دىلبەندى ۋە جىگەر گۆشت خۇرسەندىلەرى ھەزرەت ئەفرىدۇن ۋاڭ بەگ كىچىك ئەردىلەر. كۈنلەردىن بىر كۈنى ھەزرەت فەرىدۇن ۋاڭ بەگكە كېسەل ئارز ئۇلۇپ، بىر نەچچە كۈن ياتىپ قىلىپ، تېبىپ ھۆكىمالار كىلىپ كۆرۈپ سەبەبكارلىق قىلدىلەر. خۇدا ۋە رەسۇل ھەققىدە نەزىرنىياز قىلدىلەر.كېسەللەرى كۈندىن –كۈنگە زىيان بۇلۇپ، ئۆلىمالارۋە بەگلەر، يۇرت - يۇرتلارنىڭ چوڭلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ۋىدالاشىپ، ئەھلى ئايال ۋە نەدىملار خىياللىرىغە پەند-نەسىيھەتلەرقىلىپ، ھەممە تەئەللۇقاتلارىدىن كۆڭۈل رېشتىسىىن ئۈزۈپ، بەدەن قۇشلارى بۇ ئالەم پانىيدىن ئالەم بالاغە رېھلەت قىلدىلەر. شول سائەتتە فەرزەندىيلەرى، پەرزەنتى مۇھەممەت سەئىدۋاڭ بەگگە خەبەر يېتىپ ياركەند شەھرىدىن كاشغەرغە يېتىپ كەلدىلەر. ئول زاتى شېرىپنىڭ نامىزلەرىغە كاشغەرغە تەۋە ھەممە كەنت سەھرادىكى بەگ، ئاخۇند، شەيىخ، يۈز باشىى، ئون باشى، ئىمام، مۇئەززىن، چوڭ كىچىك خەلىقلەرگە خەبەر بېرىپ ھەممە خەلىقلەر جەمئ ئولدىلەر. ئاخۇندلار ھەزرەت پەرىدۇن ۋاڭنىڭ بەدەنلىرىنى يۇپ⑹، جەسەتلەرىنى جىنازىگە سالىپ، نامازلىرىنى ئۈتەپ، كۈتەرىپ يۈردىلەر. باشلىرىدىن بىرنەچچە بەند خىزمەتكارلارنى ئۆرۈپ ئازاد قىلىپ، ۋە داغى باشلارىدىن ئالتۇن كۈمۈش پۇل ماللىرىنى ساچتىلەر. ھەممە چوڭ كىچىك خەلقلەر يىغلاىشىپ نالە فىغانلار تارتىپ، ئارقەلەرىدىن ھەسرەت ۋە نادامەت چېكىپ، ھەزرەت سەئىد ئافاق بۇزرۇكۋارنىڭ ئاستانىلىرىغە ئالىپ بېرىپ، گۈمبەز ئىچرە دەفىن قىلدىلەر. شەھەر-شەھەر، دىيارلاردىن كەلگەن بەگ، ئاخۇند، شەيىخ، ئىمام، مۇئەززىن، يۈز باشى، ئون باشى، ئاۋام خەلقلەرگە ئولۇئى مەتائلىرىدىن قىلغان خەيرىيات ۋە تەسەددۇقاتلارىنى چوڭ –كىچىك ھەممە خەلىقلەرگە نەچچە كۈنگىغىچە بەردىلەر. ئىسقاتلىرىغە ئالتۇن، يامبۇ، كۈمۈش، پۇل-مال، تىۋە، ئات، كالا چاغلىقلارنى ئاياغى فىقىر، ئاجىز،گادايلارغىچە يەتكۈزۈپ ئۈلۈشتۈرۈپ بەردىلەر. نامرات، ئاجىز،گاداي كىشىلەر كىلىپ، ئالىپ غېني بولدى. خەزىنە دەفنەلەرنى سەرف قىلىشنىڭ نىھايىتى قالمىدى.  ئاندىن مۇھەممەد سەئىد ۋاڭ بەگ ئاتىسىنىڭ ئورنىدا ھاكىم مۇتلەقىلئىنان پادىشاھ ئۇلۇپ ياركەند ئەھلىنى بىرنەچچە  يىل  ئەدىل-ئادالەت بىلەن سوراپ، ۋە بەگلەر، فەقىر، ئاجىز رەئىييەتلەر  ھالىدىن خەۋەر ئىلىپ، مەرھەمەت ئەيلەپ، شەرئنى جارىي قىلدۇرۇپ، رەئايە ۋە فۇقرالار داد سوراغلىرىنى مۇۋاپىق شەرئى ھۈكۈمى سوراپ فۇقرالار ھالىغا يېتىپ ۋە ياخشىلارغا ئىلتىفات، ئېھسان قىلىپ، ۋە يامانلارغا جازا بېرىپ، يۇرتنى ئەمىن ئامان قىلدىلەر. شۇبۇ تەرىقىدە كاشغەر، ياركەندلەرنى بىر نەچچە يىل سوراپ تۇرغان ۋاقىتلىرىدە، بۇ ئالەم بىۋاپالىق يۈز كەلتۈرۈپ، ۋە جاھان خياللارىن ئۇنىڭ سارى يۈزلانىپ، تەرفھا بۇ ئالەم ئىچىرە شۇرغەۋغايى ئەزىملەر ۋە ئەلاي مۇستەقىملەر فەيدا بۇلۇپ، ھەزرەت مۇھەممەت سەئىد بەگ ۋاڭنىڭ كۇللى گۈلشەنى، ھەزىرەت فەرىدۇن ۋاڭ بەگنىڭ فەرزەندى ۋە جىگەر گۇش خۇرسەندەلىرىغە، قازايى قەدىر يېتىپ، مەھزۇنلۇق ۋادىسىدا ھەيران، ئەندۇۋەلۇق دەشتىدە سەرگەردان بولدىلەر⑦. ئاندىن كىيىن ئەفرىدۇن ۋاڭ بېگىمگە خاندىن يارلىق چىقىپ، بۇ تۇرفاندا ئون يىل، ياركەنددە ئون ئىككى يىل ۋاڭلىق تەخىتىدە ئولتۇرغاندىن⑻ كىيىن ئالەم تەفرىقە بۇلۇپ، ئون تۆت يىل بۇ شەھەرلەر پادىشاھسىز قىلىپ⑼، ئاندىن خاندىن چېرىك چىقىپ، بۇ شەھەرلەرنى تەسەررۇفىغە ئىلىپ⑽، سۇلتان مەھمۇد ۋاڭ بىگىمنى تۇرفان مەزافاتىغە ۋاڭ قىلىپ، جەساقلارىنى بېرىپ ئون سەككىز يىل پادىشاھى ھاكىم مۇتلەقىلئىنان ئۇلۇپ، بۇ شەھەرلەرنىڭ ھەممەسىنى تەسەررۇفىغە ئالغاندىن كىيىن، بۇئالەم بىۋاپالىق ئىشلارنى يۈز كەلتۈرۈپ، تەرفىھا بۇ ئالەمىي فانىينى تاشلاپ، دارائاخىرەتنى خوشلاپ، جان قۇشى بەدەن قەفسىدىن فەرۋاز ئەيلەپ كەتكەندىن⑾ كىيىن، ئۇنىڭ فەرزەندى، دىلبەندى، جىگەرخوش خۇرسەندى ھەزرەت ئىمىن ۋاڭ بىگىمگە پادىشاھلىق يېتىپ⑿، بۇ يۇرتدە فەقىر، ئاجىز، نامراد، گەدايلارغە مەرھەمەت ئەيلەپ، ئۈشرە زاكاتلارىنى چوڭ-كىچىك خەلىقلەرگە يىگۈزۈپ بېرىپ، گەردىنىدىن ساقىت قىلىپ، ئادا ئەيلەپ، يۇرتنىڭ ئەمىن ئامان بۇلۇشىغە سەئىي كۈئىش قىلىپ، ئەدىل- ئەدالەت بىلەن تۇتۇپ تۇرغالى تۆت يىل بۇلۇپدۇر⒀. خۇداۋەندە تائالا ئۈمرىنى تۆت مىڭ يىل ئۇزۇن قىلىپ، دۆلەتلەرىنى فۇزۇن قىلسۇن .ۋەللاھۇ ئەئلەم.   
شەرھ:
⑴.بۇ نەسەپنامىدا ئىمىن خۇجىنىڭ سەككىز ئۇغلى ياش تەرتىپى بۇيىچە تىزىلمىغان، ياش تەرتىپى بۇيىچە تىزىلىشى مۇنداق: نۇرمۇھەممەت خۇجا، سۇلايمانخان، موساخان، ئەۋرازىپخان، سەيپۇللاخان، ئىسكەندەرخان، فەرىدۇنخان، بەھرامخان. نۇرمۇھەممەت خۇجا مەجرۇھلىقى ۋە ئانىسىنىڭ <<قارا ئۇستىخان>> بۇلۇشى سەۋەپلىك ھاياتىدا ئەمەل-مەنسەپ تۇتمىدى؛ سۇلايمانخان ئىمىن خۇجىنىڭ ئورنىغا تۇرپان ئىنانچىخانلىقىغا ۋارىسلىق قىلدى. خاتالىق ئۈتكۈزگەنلىكتىن1779-يىلى(چىيەنلۇڭنىڭ 44-يىلى) چىڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛ موساخان ئىلىدا ھاكىمبەگ بولدى. 1766– يىلى(چىيەنلۇڭنىڭ 31-يىلى) بېيجىڭغا بېرىش سەپىرىدە قۇمۇل يەتتە قۇدۇقتا تۇيۇقسىز كېسىلى قۇزغىلىپ ئالەمدىن ئۈتتى؛ ئەۋرازىپخان( غۇلام غۇجا دەپمۇ ئاتىلىدۇ) مۇساخاندىن كىيىن، ئىلىغا ھاكىمبەگلىككە تەيىنلەندى.ئىلىدىكى ھاكىمبەگلەر ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىدۇر؛ سەيپۇللاخان(ئىسراپىل خۇجا دەپمۇ ئاتىلىدۇ)ئەۋرازىپخان ئىلىغا ھاكىمبەگ بولغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ بوش قالغان ئورنىغا  خۇشۇن ئىشلىرنى باشقۇرىدىغان ياردەمچى ھاكىمبەگلىككە تەيىنلەندى.كىيىن ئىنىسى ئىسكەندەر كاشغەرگە ھاكىمبەگلىككە تەينلەنگەندىن كىيىن تۇرپاندىكى ۋاڭلىق ئىشلىرىنى سەيپۇللاخان باشقۇردى؛ بەھرامخان ئەمەل مەنسەپ تۇتماي ئۈتتى.
⑵بۇجايدا ئىشارەت قىلىنغان كىشى ئىمىن خۇجىنىڭ 1779-يىلى (چىيەنلۇڭنىڭ 44-يىلى) تۇرپاننىڭ ئىنانچىخانلىق مەرتىبىسىگە ئېرىشكەن ئالتىنىچى ئوغلى ئىسكەندەر ۋاڭ. بۇ نەسەبنامىدە يېزىلغان<< كاشغەر دىيارىغا يىگرمە سەككىز يىل ھاكىمبەگ..>> دىكى ۋاقت تۇغرا ئەمەس. ئىسكەندەر ۋاڭ 1788-يىلدىن 1811- يىلغىچە كاشغەردە 23يىل ھاكىمبەگ بولدى. 1788-يىلى  (چىيەنلۇڭنىڭ 53-يىلى)كاشغەر ھاكىمبېگى ئوسمان بەگ كېسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولغاندا، ئىسكەندەر ۋاڭ چىڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن كاشغەرنىڭ ھاكىمبەگلىكىگە تەيىنلەندى. ئىسكەندەر ۋاڭ قەشقەردە ھاكىمبەگلىك ۋەزىپىسىنى ئوبدان ئادا قىلىپ، ئاۋامنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىش بىلەن بىرىگە ئۈچ قېتىم مەنچىڭ خانىنىڭ قۇبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. ئىسكەندەر ۋاڭ 1811-يىلى (جىياچىڭنىڭ 16-يىلى) كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۈتكەندە، ئۇنىڭ ھايات چىغىدىكى ۋەسىيىتىگە ئاساسەن، جەسىدى تۇرپان ئاستانىدىكى ئالتۇنلۇققا ئاپىرىلماي، ھازىرقى قەشقەر شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئائىلىلىكلەر قوروسى ئىچىدىكى  ئۆز ھاياتلىقىدا ياساتقان ئاق مازار(ئىسكەندەر ۋاڭ مازىرى)غا دەپنە قىلىندى. مۇللا مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي يازغان <<تاجىنامەئى ئىسكەندەر>> ۋە ئەلى ئبنى ئاخۇند ئابدۇلئەزىز تۇرپانىي پارسچىدىن تەرجىمە قىلىغان، ئابلىمىت ئەھەت بۆگۈ، ئىلھام ئابدۇللا بىرلىكتە  نەشىرگە تەييارلاپ <<بۇلاق >>ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان<<ئىسكەندەرى ئايىنە>> دەل ئىسكەندەر ۋاڭنىڭ تەشەببۇسى ۋە قوللىشى  بىلەن بارلىققا كەلگەن دەۋرىمىزگىچە يەتكەن كىلاسسىك ئەسەرلەردور.
⑶.        جۈملە مەزمۇنىدىن قارىغاندا <<فەيدار>> ئەمەس <<پايدار>> بۇلۇشى كېرەك.
⑷بۇ نەسەپنامە فەرىدۇن ۋاڭنىڭ كاشغەردە ھاكىمبەگلىك مەنسىپىدە ئولتۇرغانلىقى تۇغرىسىدا تارىخىي ئوچۇر بولماسلىقتەك ماتىرىيال كەمچىلىكى تۇلۇقلايدۇ. ئىسكەندەر ۋاڭ ئالەمدىن ئۈتكەندىن كىيىن ئۇنىڭ ئوغلى يۇنۇس ۋاڭ ئاتىسىنىڭ مەرتىۋىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، 1811-يىلى(جىياچىڭنىڭ 16-يىلى)  تۇرپاندا ئىنانچىخانلىق مەنسىپىگە ئېرىشىپ، كاشغەر ھاكىمبەگلىكىگە تەيىنلەندى. 1814-يىلى(جىياچىڭنىڭ 19-يىلى) باشقىلارنىڭ تۆھمەتلىرى سەۋەپلىك يۇنۇس ۋاڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى. ئىمىن خۇجىنىڭ يەتتىنچى ئوغلى فەرىدۇن ۋاڭ 1815-يىلى(جىياچىڭنىڭ 20-يىلى) يۇنۇس ۋاڭنىڭ ئىنانچىخانلىق مەنسىپىگە ۋارىسلىق قىلدى. فەرىدۇن ۋاڭ بۇندىن بۇرۇن تۇرپاندا تەيجىلىك مەنسىپىدە تۇرغان بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئىنانچىخانلىق مەرتىۋىسدە، ۋە كاشغەر ھاكىمبەگلىك  مەنسىپىدە قانچىلىك ۋاقىت تۇرغانلىقى تۇغرىسىدىكى قاراشلار بىردەك ئەمەس.
⑸.نەسەپنامىدە يېزىلغاندەك فەرىدۇن ۋاڭنىڭ مۇھەممەد سەئىدۋاڭ دەپ بىرلا پەرزەنتى بار ئىدى. لىكىن <<مۇھەممەد سەئىد ۋاڭ ياركەندكە ھاكىمبەگ ئىدى>>تۇغرىسىدا ھازىرغىچە ھىچقانداق تارىخىي  ماتىرىيال ئۇچرىمىدى. تەخمىنەن 1880-يىللار ئەتراپىدا خانغا يوللاش ئۈچۈن خەنزۇچە يېزىلغان مەلۇماتنامىدىمۇ بۇنداق ئۇچۇر يوق. پەقەت كاشغەردە يۇنۇس ۋاڭنىڭ ھاكىمبەگلىك ئوردىسىدا ئەمەل تۇتقانلىقى قەيىت قىلىنغان. شۇڭلاشقا <<مۇھەممەت سەئىد ۋاڭ ياركەندكە ھاكىمبەگ ئىدى>>لىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئاساس يوق. مۇھەممەد سەئىد ۋاڭ 1819 -يىلى(جىياچىڭنىڭ 24-يىلى)ئاتسىنىڭ ئورنىغا ئىنانچىخانلىق مەرتىۋىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ كاشغەرگە ھاكىمبەگ بولغانلىقى تۇغرىسدا تارىخىي مەلۇماتلار ئېنىق. بۇ نەسەپنامىدە مۇھەممەد سەئىد ۋاڭنىڭ ھاكىمبەگ بولغان ئورنى بولغان كاشغەر ۋە ياركەند ناملىرىنى ئالماشتۇرۇپ قۇيۇلغان. ۋەياكى بۇ ئىككى شەھەرنىڭ ئەينى دەۋىردىكى مۇناسىۋىتى نەسەپنەمىنى قەلەمگە ئالغۇچىغا  تازا ئېنىق ئەمەس بولسا كېرەك
⑹.يۇپ- يۇيۇپ، تۇرپان شىۋىسى.
⑺. مۇھەممەد سەئىد ۋاڭ ئۆ‍زدەۋرىدىكى ئەلنى ئىدارە قىلشتىكى تەدبىركارلاردىن بولۇپ، ئىلى جاڭجۈن مەھكىمىسى ۋە قەشقەر ئامبىلىغا ماسلىشىپ،كاشغەرنىڭ ھاكىمبەگلىك ئىشلىرىنى ئوبدان ئىشلىدى. جاھانگىر خۇجىنىڭ  چىگرىدىن ئۈتۈپ ئېغۋاگەرچىلىك قىلغاندا، قەيسەرلىك بىلەن قارشى تۇرۇپ، خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن مەنچىڭ خانىنىڭ ئۈچ قېتىم تەقدىرلىشگە ئېرىشتى. 1826-يىلى7-ئايدا (داۋگۇڭنىڭ6-يىلى) جاھانگىر خۇجا قۇتراتقۇلۇق قىلىپ كاشغەردە تۇپلاڭ كۈتۈردى، جاھانگىر خۇجا كاشغەرشەھىرنى قورشاپ ھۇجۇم قىلغاندا ، ھاكىمبەگ مۇھەممەد سەئىد ۋاڭ ئەسكەرلىرىنى باشلاپ قۇچاقلاشما جەڭ قىلىش جەريانىدا تۇپلاڭچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. مۇھەممەد سەئىد ۋاڭ كۈچۈرگۈزگەن ياكى كۈتۈپخانىسىدا ساقلىغان نەۋائىينىڭ ئەسەرلىرىگە تەئەللۇق 802بەتلىك بىر قوليازما ھازىرشىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونلۇق مۇزىيدا ساقلىنۋاتقان بۇلۇپ بۇ قوليازمىغا <<جاھاننى ئىدارە قىلغۇچى، فەرىدۇن نەسەپلىك شاھ مۇھەممەد سەئىدنىڭ مۆھۈرى ھىجرىيە1237-يىلى>>دېگەن تامغا بېسىلغان. بۇ قۇليازما ئەلشىر نەۋائىينىڭ <<خەزائىنۇل مەئانىي>>نىڭ يېڭى نەشىرىنى تەييارلاشتا ئاساس قىلىنغان ۋە قۇشۇمچە پايدىلىنىلغان قوليازمىلارنىڭ بىرىدۇر.
  ⑻. ئەفرىدۇن ۋاڭ ئاتىسىنىڭ ئۈلۈمىدىن كىيىن داۋگۇاڭ خاننىڭ تەستىقى بىلەن، 1827-يىلى (داۋگۇاڭنىڭ3-يىلى) ئاتسىنىڭ ئورنىغا ئىنانچىخانلىققا ۋارىسلىق قىلىپ لۈكچۈندە ۋاڭلىق تەختىدە ئولتۇردى. بۇ ھەقتە لۈكچۈندە ئۆتكەن شائىر ئەھمەد خوجامنىياز ئوغلى قۇسسۇرى «رەۋزەتۇززۇھرا»ناملىق داستاننىڭ ۋاڭلارغا نەسىھەت قىسىمىدا توختۇلۇپ مۇنداق يازغانىدى :
  بولدى جۈنۋاڭ شاھى سەككىز يىشىدا ،
لەئەللىك تاجى ئەپىرىدۇن باشىدا .
1842-يىلى(داۋگۇاڭنىڭ 22-يىلى) ئەتراپىدا، ئەفرىدۇن ۋاڭ كاشغەردىكى تۇغقىنى زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ ئارقىلىق تالانتلىق شائىر ئابدىرىھىم نىزارى، نورۇزئاخۇن كاتىپ زىيائى قاتارلىق شائىرلارنى لۈكچۈنگە تەكلىپ قىلىپ ئەينى دەۋىردىكى مەدەنىيەت مەركەزلىرى بولغان بۇ ئىككى جايدىكى ئەدىبلەرنىڭ ئۇچرىششى ئۈچۈن ياخشى سورۇن، ئىجادىيىتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ياراتتى.
1852-يىلى (شىيەنفىڭنىڭ 2- يىلى) كۈزدە بېيجىڭغا خانغا كۆرۈنۈش قىلغىلى بارغاندا، ياركەند ھاكىمبەگلىككە تەيىنلىنىپ ياركەندگە ئەۋەتىلدى. شيەنفىڭ خان ئەفرىدۇن ۋاڭنىڭ ياركەندتىكى خىزمەتلىرىنى تارتۇقلاپ «قوش قوببۇلۇق ئامبال» مەنسىپىنى بەردى . 1862-يىلى4-ئايدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئەفرىدۇن ھاكىمبەگنىڭ مەنسىپى ۋە قوشۇمچە ئامباللىق ئۇنۋانى ۋە ۋەزىپىسىدىن ئىلىپ تاشلىدى. شۇندىن كىيىن ئەپىرىدۇن ۋاڭ تۇرپان لۈكچۈنگە قايتىپ كىلىپ داۋاملىق ئىنانچىخانلىق مەنسىپىدە ئولتۇردى. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى جەنۇبى شىنجاڭدا ۋەزىيەت جىددىيلەشكەن مەزگىلىدە، يەنىلا سادىق، سىنالغان ئادىمى بولغان ئەفرىدۇننى تاللاپ، 1863 -يىل 10-ئايدا قايتا ھاكىمبەگلىككە تەيىنلەپ كاشغەرگە ئەۋەتتى. 1864 -يىلى 7-ئايدا كاشغەردە سىدىق بەگ، جىن شىياڭيىن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ كاشغەر كونشەھەرنى ئىشغال قىلدى، ئەفرىدۇن ئەسكەر باشلاپ قوزغىلاڭچىلارنى تىنجىتماقچى بولدى ، نەتىجىدە ئۆزى ئەسىرگە چۈشۈپ قالدى. ئاندىن بۇزرۈك خۇجا تەرىپىدىن يەركەنگە ئەۋەتىلىپ، يەركەندە كۇچا خۇجىلىرىغا تۇتۇلۇپ كۇچاغا ئىلىپ بېرىلدى، كۇچادا ياقۇپبەگنىڭ نازارىتىگە تۇتۇلۇپ، كاشغەرگە ئاپىرىلدى ۋە سەۋدايى كىسىلىگە گىرىپتار بۇلۇپ 1872-يىلى يازدا 53 يېشىدا ئالەمدىن ئۈتتى. ۋاھىتجان غۇپۇر، ئەسقەر ھۈسەينىلەر نەشىرگە تەييارلاپ <<بۇلاق>> مەجمۇئەسىدە ئېلان قىلغان، لۈكچۈنلۈك شائىر مۇللا بۇساق نىيازىينىڭ خەتتات مۇللا فەتىھ قۇمۇلى تەرىپىدىن 1842-يىلى كۈچۈرۈلگەن <<دىۋانىي نىيازى>>نامىلىق دىۋانىغا << تۇرپان جاساق جۈنۋاڭى ھەزرەت ئەفىرىدۇن ۋاڭنىڭ نىيازى كىتابەتلەرى>> دېگەن ئۇچۇريېزىلغان.
⑼1864-يىلى ئەفرىدۇن ۋاڭ ھەپسىگە ئېلىنغاندىن تارتىپ 1878-يىلى چىڭ سۇلالىسى ياقۇپبەگنى يۇقىتىپ شىنجاڭنى قايتۇرۋالغىچە ئارلىقتا ياقۇپبەگ ئاتالمىش<<يەتتە شەھەر ھاكىمىيىتى>> قۇرۇپ جاي – جايلارغا بەگلەرنى تەيىنلىگەن بولسىمۇ بۇ نەسەپنامىدە << بۇ شەھەرلەر ئون تۇت يىل پادىشاھسىز قالدى>> دەپ يازغان
⑽.چىڭ سۇلالىسى1875 – يىلى(گۇاڭشۈنىڭ 2-يىلى) 5-ئايدا زۇزۇڭتاڭنىڭ قۇماندانلىقىدا، شىنجاڭغا 60مىڭ كىشىلىك قۇشۇن چىقىرىپ، ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتىگە زەربە بېرىشى ۋە شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت  خەلقىنىڭ قوللىشى نەتىجىسىدە، 1878-يىلى(گۇاڭشۈنىڭ 5-يىلى) 1-ئاينىڭ2-كۈنىگىچە ياقۇپبەگنىڭ تاجاۋۇزچى كۉچلىرى تەلتۉكۉس قۇعلاپ چىقىرىپ، شىنجاڭنى قايتۇرۋالدى.
⑾.چىڭ سۇلالىسى ياقۇپبەگنى يۇقۇتۇپ ، شىنجاڭنى يېڭىۋاشتىن قايتۇرۋالغان چاغدا، ئەفىرىدۇن ۋاڭنىڭ تۇرفاندىكى ئىنانچىخانلىق ئورنىغا ۋارىس بولمىغاچقا، ئەفىرىدۇن ۋاڭنىڭ ئاپىسى خۇشنارە خېنىم چىڭ سۇلالىسىنىڭ قۇشۇلىشى بىلەن ئەفرىدۇن ۋاڭنىڭ 1863-يىلى كۈزدە، كاشغەر سەپىرىدە نىكاھىغا ئالغان خۇتۇنىدىن تۇغۇلغان ئوغلى مەھمۇدنى ياركەندتىن ئىزدەپ تېپىپ تۇرپانغا ئەكەلدى. شىنجاڭنىڭ باش مۇپەتتىشى لىيۇجىنتاڭنىڭ خانغا يوللىشى بىلەن 1881-يىلى (گۇاڭشۈنىڭ7-يىلى)  تۇرپاننىڭ ئىنانچىخانلىقىغا ۋارسلىق قىلىدى. 1900-يىلى 4-ئايدا، مەجبورى نىكاھىغا  ئالغان بەشىنچى خۇتۇنى ئانارنۇرخان توي كىچىسى ئۇستۇر بىلەن سۇلتان مەھمۇدنى ئېغىر يارلاندۇرۇپ، ئۆزىنى ئىگىز ئوردىدىن تاشلاپ ئۈلىۋالدى. ئوردىدىكىلەر سۇلتان مەھمۇد ۋاڭنىڭ بۇ سەتچىلىكىنى يۇشۇرۇش ۋە لۈكچۈندىكى ئىسسىقتىن دالدىلىنىش ئۈچۈن، ئېغىر يارلانغان سۇلتان مەھمۇدنى تەڭرىتاغدىكى ئۆرتەڭ ئاشىڭىدا داۋالاش ئۈچۈن ئىلىپ مېڭىشىدا، كېچىسى تۇيۇقسىزكەلگەن سەل جىرغىدا ئۇخلاپ ياتقان سۇلتان مەھمۇد ۋاڭنى ئېقىتىپ كېتىپ، جەسىدى سۇنىڭ تۈۋەن ئېقىندىن تېپىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئون سەككىزيىللىق ئىنانچىخانلىق ھاياتى ئاخىرلاشتى.
⑿.ئىمىن ۋاڭ سۇلتان مەھمۇد ۋاڭنىڭ چوڭ ئوغلى بۇلۇپ، 1901-يىلى(گۇاڭشۈنىڭ27-يىلى) ئاتىسىنىڭ ئىنانچىخانلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلدى. قۇمۇل دېقانلار قۇزغىلىڭنىڭ تەسىرى بىلەن 1931-يلى 11-ئايدا، تۇرپان ئاستانىدىكى مەقسۇت مۇھىتى رەھبەرلىكىدە تۇرپان، پىچان، تۇقسۇنلاردا دېھقانلار قۇزغىلىڭى كۆتۈرۈلدى. مەقسۇت مۇھىتىنىڭ ئىنىسى مەھمۇت مۇھىتى، ئىمىن ۋاڭنىڭ ئوغلى مەتسايىت ۋاڭلار قۇمۇلغا بېرىپ خۇجىنىياز ھاجىنى تۇرپانغا تەكلىپ قىلدى. قۇمۇل-تۇرپان قۇزغىلاڭچىلىرى پىچانغا چىققاندا، مەتسايىت ۋاڭنىڭ تەكلىپى بىلەن لۈكچۈنگە كېلىپ توپلاشتى. دەل مۇشۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلگەن جىڭ شۇرىن تەرىپىدىن قۇمۇل-تۇرپان دېھقانلار قۇزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا ئەۋەتكەن شىڭ شىسەي قۇشۇنىنى باشلاپ لۈكچۈن شەھرىنى توپقا تۇتتى، لۈكچۈن ۋاڭ ۋاڭ ئوردىسىغا ئوت كېتىپ، ئىمىن ۋاڭنىڭ تۇتقاق كېسىلى قۇزغىلىپ ئوتتا كۈيۈپ ئۆلدى. مۇشۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا ۋاڭ ئوردا كۈتۈپخانىسىغىمۇ ئوت كېتىپ،بۇ يەردە ساقلىنىۋاتقان، ئۇيغۇر، ئەرەپ، پارس، مانجۇ، خەنزۇ تىل-يېزىقلىرىدىكى نۇرغۇن كىتاپ، ۋەسىيقىلەر كۈيۈپ كۈلگە ئايلاندى. لۈكچۈندە ياشاپ ئۆتكەن تەرجىمان، ھەكىم مۇللا مۇھەممەت سېتنىياز (1843-1927) دەل مۇشۇ ئىمىن ۋاڭنىڭ تەكلىپى ۋە قوللىشى بىلەن پارسچەدىن  چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان<<مەلوماتى ئافاق>>نامىلىق كىتاپ دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلدى. ۋە ئەركىن ئىمىنننىياز قۇتلۇق ۋە ئەجمەلخان ھاجىلارنىڭ نەشىرگە تەييارلىشى بىلەن <<بۇلاق >>ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى.
⒀.<<1900-يىلى4-ئايدا سۇلتان مەھمۇد ۋاپات بولغاندىن كىيىن، چوڭ ئوغلى ئىمىن ۋاڭ ئۇنىڭ ئىنانچىخانلىق ئۇرنىغا ۋارىسلىق قىلدى>> بىلەن نەسەپنامىدىكى <<ئادالەت بىلەن تۇتۇپ تۇرغىلى تۆت يىل بۇلۇپتۇ>>دېگەن بايانلاردىن بۇنەسەپنامىنىڭ يېزىغان ۋاقتىنىڭ 1904-يىلى ئىكەنلىكىنى بىلىنىدۇ.      

پايدىلانغان ماتىرىياللار :
1.سۇبېيخەي ، خۇاڭ جيەنخۇا ،‹‹قۇمۇل ،تۇرپان ئۇيغۇر ۋاڭلىرى تارىخى ››،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2001-يىل ئويغۇرچە نەشىرى ،ق تۇران ،ئە ئەرشىدىن تەرجىمىسى .
2.ئابدۇرىشىت ئەھمەد:<<لۈكچۈن تارىخى>>،مەخسۇس توپلام، پىچان تارىخي ماتىرىياللىرى 16-قىسىم.
3.موللاموسا سايرامى :«تارىخى ھەمىدى » ،2007-يىل 9-ئاي مىللەتلەر نەشىرياتى 1- نەشىرى .
4.«شىنجاڭ يەرلىك تارىخى » ئالىي مەكتەپلەر ئۈچۈن دەرىسلىك ،شىنجاڭ ئونۋىرسىتى نەشىرىياتى  2001-يىل 7- نەشىرى .
5.  «تۇرپان جاساق جۇنۋاڭى پەرىدۇنلارنىڭ نەسەبنامىسى »، تۇرپان ژۇرنىلى 2005-يىل 4- سان .مەتنىياز قۇربان تەرجىمىسى .
6. شېرىپ نىياز خۇشتار:<<شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن شەخىسلەر>>،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2003-يىل 1-ئاي نەشىرى.
7.<<بۇلاق>> ژۇرنىلىنىڭ  مۇناسىۋەتلىك سانلىرى.


بۇ ماقالە ‹بۇلاق » ژۇرنىلى 2013-يىل3-سانىدا ئېلان قىلىنغان.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-10-29 01:47:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى ئەسەرلەردىن ۋاڭلارغا ئائىت مەسىتخۇش ماختاشلارنى ئاڭلايمىز، قۇللۇق تۈزۈمنى ئۇزاققىچە ساقلاپ قالغان بۇ چوڭ ئەزگۈچىلەردىن پەخىرلىنىش مىنىڭچە توغرا بولمىسا كىرەك.  بۇ نەسەپنامىدىن پارچىلارمۇ ئوردا پۈتۈكچىلىرىنىڭ قولىدىن چىققان ئەسەرلەر بولسا كىرەك. ئەلۋەتتە ھىچكىم ئۆز تارىخىنى يامان يازمايدۇ.

ۋاقتى: 2013-10-29 09:53:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيا ئاپىرىدە بولۇشى بىلەن تەڭلا سوتسىيالىزىممۇ تەڭلا پەيدا بولغان بولسا،بەلكىم شۇ چوڭ ئەزگۈچىلەرمۇ بولمىغان بولار ئىدى.ھەر قانداق نەرسىنىڭ ئىككى تەرىپى بولغۇنىغا ئوخشاش شۇ چوڭ‹‹ئەزگۈچىلەر››دەۋرىدىمۇ يۇرتىمىزدىن نۇرغۇنلىغان داڭلىق تىلچى،ئالىملار يېتىشىپ چىققان ئىدى....

ۋاقتى: 2013-10-29 10:25:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1900-يىلى 4-ئايدا، مەجبورى نىكاھىغا  ئالغان بەشىنچى خۇتۇنى ئانارنۇرخان توي كىچىسى ئۇستۇر بىلەن سۇلتان مەھمۇدنى ئېغىر يارلاندۇرۇپ، ئۆزىنى ئىگىز ئوردىدىن تاشلاپ ئۈلىۋالدى. ئوردىدىكىلەر سۇلتان مەھمۇد ۋاڭنىڭ بۇ سەتچىلىكىنى يۇشۇرۇش ۋە لۈكچۈندىكى ئىسسىقتىن دالدىلىنىش ئۈچۈن، ئېغىر يارلانغان سۇلتان مەھمۇدنى تەڭرىتاغدىكى ئۆرتەڭ ئاشىڭىدا داۋالاش ئۈچۈن ئىلىپ مېڭىشىدا، كېچىسى تۇيۇقسىزكەلگەن سەل جىرغىدا ئۇخلاپ ياتقان سۇلتان مەھمۇد ۋاڭنى ئېقىتىپ كېتىپ، جەسىدى سۇنىڭ تۈۋەن ئېقىندىن تېپىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئون سەككىزيىللىق ئىنانچىخانلىق ھاياتى ئاخىرلاشتى.
  بۇ قاراش ھەققىدە مۇنداقمۇ گەپ بار ئىكەن. ئوردىنىڭ تۈزۈمىدە خانغا يارىغان كېنىزەكلەرنى ئاۋال 3-قۇۋۇقتىن ئۆتكەندە كىيىمىنى چوڭ كېنىزەكلەر ئالماشتۇرۇپ «شەربەتخانا» دەپ ئاتالغان كۈتۈش ئۆيىدە بىرەر ئاي تاتلىق-تۈرۈم، شېرىن-شەربەرلەر بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇپ، پات-پات ھاممامدا يۇيۇندۇرۇپ تېنىدىن خۇش پۇراق ھىد تارقاتقاندا ئاندىن ۋاڭنىڭ تاۋى بولسا ئىپەككە ئوراپ ئاسما كۆۋرۈكتىن ئۆتكىزىدىكەندە، ھەرەمخانىغا ئاپىرپ بېرىدىكەن. دېمەك، ئانانۇرخاننىڭ ئوردىغا تىغ ئېلىپ كىرىشى مۇمكىن ئەمەس.

ۋاقتى: 2013-10-29 10:49:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ماقالىكەن، يەشمسى بەك چۈشنشلىك بولۇپتۇ. ئەجرىڭىزگە رەھمەت!

ۋاقتى: 2013-10-29 11:15:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ دەۋرلەردىمۇ ئىقتىسادى ياخشى بولغان، نوپۇزى بولغانلارنىڭ پەرزەتلىرى چەتئەللەرگە چىقىپ ئىلىم ئىگەللىيەلىگەن ئىكەن. نامراتچىلىق قوساق تويغۇزۇشتىن باشقىنى ئويلىمايدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدىكەن ئادەمنى.


نېمىلا دېگەن بىلەن مېنىڭ ئۇيغۇرلاردىن چىققان شۇ ۋاڭلارغا، بايلارغا قايىللىقىم بار.

ۋاقتى: 2013-10-29 13:10:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sahar يوللىغان ۋاقتى  2013-10-29 11:15
شۇ دەۋرلەردىمۇ ئىقتىسادى ياخشى بولغان، نوپۇزى بولغانل ...

پاھ،سۈپسۈزۈك سەھەردەكلا گەپ قىلدىڭىزغۇ؟!...ئەجەپ سۈيۈندۈم....

ۋاقتى: 2016-4-7 18:59:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بىر تېمىنى يوللاپسىز، ئىزدىنىش قەدەملىرىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن!...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش