كۆرۈش: 1074|ئىنكاس: 0

ئابدۇجاپپار ھامىدىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-10-27 15:17:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
abdujappar.jpg


ئابدۇجاپپار ھامىدىننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان ئابدۇجاپپار ھامىدىن 1967-يىلى 2-ئايدا كەلپىن ناھىيەسىدە ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن، ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1987-يىلى «ئاقسۇ گېزىتى»دە ئېلان قىلىغان «قوبۇل قىلساڭ كۆڭلۈمنى» دىگەن شېئىرى بىلەن باشلانغان بولۇپ ھازىرغا كەلگىچە «تارىم»، «ئاقسۇ گېزىتى»، «ئاسىيا كىنىدىكى» قاتارلىقلاردا بىر قىسىم شېئىر، ھېكايە، نەسىرلىرى ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدە تەرجىمە ئاساسي ئورۇندا تۇرىدۇ، «ئاسىيا كىندىكى»، «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، « شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى»، «شىنجاڭ گېزىتى» «دۇنيا ئەدەبىياتى»، «تەڭرىتاغ»، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر»، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»قاتارلىقلاردا نۇرغۇن تەرجىمە قىلغان جوڭگو، چەتئەللەرنىڭ ھەر خىل ژانىردىكى ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىغان. 1000پارچىدىن ئارتۇق پەننىي ئومۇملاشتۇرۇش ماقالىلىرى جەھەتتە تەرجىمە ۋە ئۆزلەشتۈرمە ماقالىلىرىنى يېزىپ ئېلان قىلدۇرغان. «شىنجاڭ گېزىتى» «شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى»، «شىنجاڭ پەن تېخنىكا گېزىتى» قاتارلىق ئاخبارات ئورۇنلىرى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم مۇنەۋۋەر ئىختىيارى مۇخبىر بولۇپ تەقدىرلەنگەن.
«تارىم ناۋاسى» ناملىق كوللىكتىپ توپلامغا ئۇنىڭ «باشلىق توقۇغان لەتىپە» دىگەن ھېكايىسى كىرگۈزۈلگەن. 1997-يىلى ئۇ تەرجىمە قىلغان «تافېن» ئىككى قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئاقسۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا قويۇلغان. 2013-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن «تەرەققىي قىلىۋاتقان شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرى» ناملىق تەرجىمە كىتاۋى، شىنجاڭ سەھىيە نەشىرىايتى تەرىپىدىن «روھىيىتىڭىزگە قۇلاق سېلىڭ» ناملىق تەرجىمە كىتاۋى نەشىر قىلىندى. «ئىلمىنىتلار ھەققىدە ھېكايە»، «60 يىلدىن بۇيانقى جۇڭگو مۇنەۋۋەر ياشلىرى ھەققىدە ھېكايە»، تولۇقسىز 2-يىللىقلارنىڭ «گۈزەل سەنئەت» دەرسلىك كىتاۋى، «جاپاكەش سەرگاندار بالىنىڭ كەچۈرمىشلىرى»، «ياشانغانلارنىڭ كەيپىيات ساغلاملىقى ۋە ئۇنىڭدىكى ئۆزگىرىشلەرگە تاقابىل تۇرۇش»، « قەھرىماننىڭ ئۆلىمى»ناملىق تەرجىمە كىتاپلىرىنى نەشىرىياتقا تاپشۇردى.  2012-يىلى، 2013-يىلى ئۇدا ئىككى قېتىم ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە «جېجياڭ لوڭقىسى» بويىچە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى باھالاشتا ئىككى پارچە ئەسىرى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
ھازىر ئۇ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ  ئەزاسى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-28 14:11  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش