كۆرۈش: 1188|ئىنكاس: 0

سالى ئىبراھىم خالىس

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-10-27 15:10:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
01.jpg

سالى ئىبراھىم خالىس

سالى ئىبراھىم خالىس

سالى ئىبراھىم خالىس 1937-يىلى 5-ئاينىڭ1-كۈنى كەلپىن ناھىيىسىنىڭ ھازىرقى گەزلىك يېزا گەزلىك كەنتىدە ئۇقۇمۇشلۇق دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتىسى ئىبراھىم سابىر ئۆز دەۋرىدە ماھىر ئەل-نەغمىچى بولۇپ، ئۇ يەنە خەلق ناخشىلىرى، خەلق چۆچەكلىرىنى ئېيتىشتا ئالاھىدە ماھارەتلىك ئىدى. ئاكىسى سېتىۋالدى ئىبراھىم ئەل ئىچىدە تۇنۇلغان سەنئەتكار ئىدى، شۇنداقلا يەنە مەشھۇر خەلق قوشاقچىسى ئايۇپ سامساق، مەشھۇر لەتىپىچى ئىسكەندەر ھەققۇلىلەر، سالى ئىبراھىم خالىس بىلەن بىر كەنتدىن بولۇپ، ئۇلار ئۇنىڭ ئاتىسى بىلەن قويۇق باردى-كەلدى مۇناسىۋىتىدە بولىدىغانلار ئىدى. مۇشۇنداق ئىجدىمائى مۇھىت سالى ئىبراھىم خالىسنىڭ يۇمران قەلبىگە خەلق ئېغىز ئەدىبىياتىنىڭ ئىشتىياق- ئۇتىنى تۇتاشتۇرغان. ئۇ شۇنداق مۇھىتتا 14 ياشقىچە ئائىلە تەربىيىسىدە بولدى. بۇ جەرياندا ئۇ ئاتىسىدىن ئاڭلىغان چۆچەكلەرنى، ئىسكەندەر ھەققۇلى لەتىپىلىرىنى ئېيتىش، ئايۇپ سامساق قوشاقلىرىنى يادقا ئوقۇش ماھارىتىنى ئالاھىدە يىتىلدۈرۈپ، تەڭتۈشلىرى ئارىسىدا تۇنۇلغان، شۇنداقلا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان دېمەتلىكلىرى ئارقىلىق ئۆزلىگىدىن ساۋادىنى چىقىرىۋالغان ئىدى. خەلق ئېغىز ئەدىبىياتىغا بولغان قىزىقىش ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا مەكتەپتە ئوقۇش ئىستىگىنى پەيدا قىلىدۇ. ئوغلىنىڭ بۇ ئارزۇسىنى چۈشەنگەن تەرەققىپەرۋەر، ئۇقۇمۇشلۇق ئاتا ئوغلىنى 1952-يىلى 1-ئايدا گەزلىك يېزىسىدىكى قاشئېرىق مەرگىزى باشلانغۇچ مەكتىۋىگە ئاپپېرىپ، پىشقەدەم ئوقۇتقۇچى سادىر ئېلىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. سادىر ئېلى سالى ئىبراھىمنى دوسكىغا خەت يازدۇرۇپ كۆرۈپ، ئۇنىڭ ساۋادى بارلىغىنى بىلگەندىن كىيىن ئۇنىڭغا شۇ چاغدا سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدا ئويغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنغان خىرۇستۇماتىيە (1-يىللىقتىن 4-يىللىقىچە ئوقۇشلۇق دەرسلىك) كىتاپلىرىنى بېرىدۇ. مەزكۇر كىتاپلاردىكى ئويغۇر شائىرلىرى ئۆمەر مۇھەممىدى، ھېزىم ئىسكەندورۇف، قادىر ھەسەنوف، ئىسمائىل ساتتاروف، ل. مۇتەللىپ، ئەلقەم ئەختەم، داۋۇت تۆرەخمەتوف....ۋە تىيىپچان ئىلىيۇف قاتارلىقلارنىڭ شېئىرلىرىنى بىرىلىپ ئوقۇپ، شۇلارنىڭ تۈرتكىسىدە بەدىئى ئەدىبىياتقا ئىشتىياق باغلاپ، تەقلىدى شېئىرلارنى يېزىشقا باشلايدۇ. 1953-يىلى 1-ئايدا گەزلىك يېزىسىنىڭ باغلىق، قاشئېرىق، قالما كەنىتلىرىدە ناھىيە بۇيىچە سىناق ئېلىپ بېرىلغان يەر ئىسلاھاتى خىزمىتىگە ياردەم بىرىپ، نوقتىدا تۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن ئاتاغلىق شائىر تىيىپچان ئېلىيۇف بىلەن تۇنۇشىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئۆزى يازغان تەقلىدى شېئىرلىرى بىلەن تولغان خاتىرىنى كۆرسىتىدۇ. تىيىپچان بۇ ياش ھەۋەسكارغا زوقمەنلىك بىلەن قاراپ«قارىغاندا سىزدە بەدىئى دىت باردەك قىلىدۇ، بىراق چوڭ بولۇپ مەكتەپكە كىرىپ قاپسىز ئەمەسمۇ، ھېلىمۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئەدىبىيات نەزىرىيىسىگە دائىر ساۋاتلارنى پۇختا ئىگەللەپ، تىرىشچانلىق كۆرسەتسىڭىز شائىر بولىشىڭىزدا ئۈمۈت بار ئىكەن» دەپ ئۇنى رىغبەتلەندۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ شېئىرىيەت قاينىمىغا چۆكۈپلا كېتىدۇ. ئەپسۇس 1954-يىلى 3-ئايدا (بۇ چاغدا ئۇ 4- يىللىقتا ئوقۇۋاتاتتى) رايۇنلۇق پارتىكومنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن ۋىلايەتتە ئېچىلغان 1 ئايلىق بۇغالتىرلار تەربىيلەش كۇرسىغا ئېبەرتىلىپ كەلگەندىن كىيىن ئۆز كەنتىدە قۇرۇلغان يېزائىگىلىك كوپىراتىۋىغا بۇغالتىر قىلىپ بەلگىلىنىپ مەكتەپتىن ئايرىلىپ كېتىدۇ. « جەنۇبى تىيانشان» گېزىتىنىڭ 1955-يىل 27-مارت سانىدا ئېلان قىلىنغان «ۋەتىنىم» ناملىق شېئىرى بىلەن مەتبۇئات سىپىگە قەدەم قويىدۇ. 1956-يىلى 5-ئايدىن 1957-يىلى 6-ئايغىچە ناھىيەلىك ئاشلىق ئىدارىسىدە، 1957-يىلى 6-ئايدىن 1958-يىلى 10-ئايغىچە ناھىيەلىك قوراللىق ساقچى ئەترەتتە خىزمەت قىلىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ «جەنۇبى تىيانشان» گېزىتى،«شىنجاڭ ياشلىرى» گېزىتى،« شىنجاڭ ئەدىبىيات سەنئىتى» (ھازىرقى «تارىم») «شىنجاڭ ياشلىرى»ژورنىلى (شۇ چاغدىكى«ياش كومۇنىست»ژورنىلى) قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا –جاسارەت-تەخەللۇسى بىلەن 20پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى ئېلان قىلىنىدۇ. ئەپسۇس سالى ئىبراھىم شېئىرىيەت دېڭىزىدا كاراپتەك شۇڭغۇپ ئۈزىۋاتقان بىر ۋاقىتتا شۇ چاغدىكى سولچىل سىياسەتنىڭ زىيانكەشلىكى بىلەن 1958-يىلى 10-ئايدا كومۇنىستىك ياشلار ئىتىپاقى تەشكىلى ۋە خىزمەت قوشۇنىدىن تازىلىنىپ،1979-يىلىغىچە مەتبۇئات ھۇقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، 21يىل (ئاز كەم چارەك ئەسىردەك) ۋاقىتى روھى بۇرۇختۇملۇقتا ئۆتىدۇ. 1979-يىلىنىڭ ئۇ ئاخىرى تۇلۇق ئاقلىنىپ، خىزمىتى ئەسلىگە كېلىپ، كەلپىن ناھىيەلىك مەدىنىيەت يۇرتىغا ئىشقا چۈشۈپ، ئاممىۋى مەدىنىيەت خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، قەلەمنى قايتا قولىغا ئېلىپ، ئىجادىيەت قوشۇنىغا قايتىپ كېلىدۇ. 1980-يىلدىن 1985-يىلىغىچە «كەلپىن ئەدىبىياتى» ژورنىلىنى چىقىرىپ، بىر قىسىم ياش قەلەم ئىگىلىرىگە سەھنە ھازىرلاپ بېرىشتە زور خىزمەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى ئويغۇر شېئىرىيىتىدىكى چولپانلاردىن ئابدۇرېھىم ئابدۇللا، ۋاھىتجان ئوسمان....قاتارلىقلار ئەدىبى ئىجادىيەتتىكى تۇنجى قەدىمىنى ئاشۇ ژورنالدىن باشلىغان. سالى ئىبراھىمنىڭ ھازىرغىچە «تارىم »نى مەركەز قىلغان 10 ئەدىبى ژورنال«شىنجاڭ گېزىتى» نى مەركەز قىلغان 13خىل گېزىتتا 650 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى، 6پارچە ئەدىبى ئاخباراتى،2پارچە ئوبزورى ئېلان قىلىنغان. «تارىم دولقۇنلىرى»«يۈرەك سوۋغىسى»«تارىم ناۋاسى»«تاغ بۇلاقلىرى»«تەكلىماكان چىچەكلىرى»......قاتارلىق 10كوللىكتىپ توپلامغا 32پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن.«ۋەتەنگە مۇھاببەت»«قەلب غۇرۇرى»«بىر تەخسىكەش ھەققىدە مۇخەممەس» قاتارلىق شېئىرلىرى «ئاقسۇ ئەدىبىياتى»نىڭ مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. قازاق خەلقنىڭ ئاتاغلىق ئوبزورچىسى ئويغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى قاۋسىلقان قامۇجان«تارىم بۇيىدا ئېچىلغان خۇشپۇراق گۈللەر» دېگەن ئوبزۇرىدا سالى ئىبراھىمنىڭ«ۋەتەنگە مۇھاببەت» ناملىق شېئىرىغا يۇقۇرى باھا بەرگەن. ئۇ «ئاقسۇ ئەدىبىياتى»نىڭ 100 سان چىقىش مۇناسىۋىتى بىلەن«تۆھپىكار ئاپتۇر» يەنە «ئاقسۇ ئەدىبىياتى»  نەشىر قىلىنغانلىقىنىڭ 30يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۆھپىكار ئاپتۇر، «كىرۇرەن» ژورنىلىنىڭ 100 سان چىقىش مۇناسىۋىتى بىلەن «تۆھپىكار ئاپتۇر» مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن. 2003-يىلدىن 2010-يىلىغىچە«كىرورەن»ژورنىلىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مەسلىھەتچىسى بولغان. ئۇ 1999-يىلى دەم ئىلىشقا چىققاندىن كىيىنمۇ جەمىيەتكە، خەلققە پايدىلىق بولغان ھەر خىل ئىجدىمائى پائالىيەتلىرى ئۈچۈن 12 قېتىم ئاپتۇنۇم رايۇن، ۋىلايەت، ناھىيە دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئىرىشكەن. سالى ئىبراھىمنىڭ يۇقۇرقىدەك ئىش-پائالىيەتلىرى ھەققىدە تالانتلىق ياش شائىر ئەيساجان تۇردى ئاچچىق«كىروران»ژورنىلىنىڭ2005-يىللىق3- ئېلان قىلغان« ئەدىبىيات يۇلى ۋە ئەدىبلەر ئەخلاقى» دېگەن ماقالىسىدا ئالاھىدە توختۇلۇپ ئۇنىڭ خاسلىققا ئىگە خارەكتىرى ۋە ئالاھىدىلىگىگە ماس كېلىدىغان-خالىس- دىگەن تەخەللۇسنى تەقدىم قىلغان. بۇ تەخەللۇس جامائەت تەرىپىدىنمۇ ئىتراپ قىلىنىپ، ئۇنىڭ نامىغا ئۆزلىشىپ كەتتى. سالى ئىبراھىم خالىس ھازىرغىچە «تاغ بۇلاقلىرى» (كوللىكتىپ توپلام) «ئىبراھىم سايىت لەتىپە-چاقچاقلىرى» باشقىلار (توختى سابىر، ۋاھىتجان ئوسمان) بىلەن ناملىق كىتاپلارنى نەشىرگە تەييارلاپ نەشىر قىلدۇرۇپ، خەلققە تەقدىم قىلغان. ئۇنىڭ يەنە «پەرۋايىم پەلەك»«بىر ئاداش» قا دىگەن ساترالىرىغا باشقىلارنىڭ مۇزىكا ئىشلىشى بىلەن ئۈن-سىن نەشىرىياتى«پەرۋايىم پەلەك» ناملىق مۇزىكىلىق VCD قاپلىق مۇزىكىلىق پىلاستىنكا نەشىر قىلغان. بۇ پىلاستىنكا جەمىيەتتە تەسىر قوزغىغان. سالى ئىبراھىم خالىس ياشىنىپ قالغىنىغا تەن بەرمەي قەلەم تۇلپارىدىن چۈشمەي ئەدەبى ئىجادىيەت سېپىدە ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرلىمەكتە. ئۇ يەنە «يۈرەك سۆزلىرىم» ناملىق شېئىرلار توپلىمنى نەشىرگە تەييارلاشقا تۇتۇش قىلدى. سالى ئىبراھىم خالىس ھازىر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمىيىنىڭ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى،«ئاقسۇ ئەدىبىياتى» ژورنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئەت ئەزاسى،كەلپىن ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ رەئىسى.ئۇ ھازىر«يۇرەك سۆزلىرىم »ناملىق شىئېرلار توپلىمىنى نەشىرگە تاپشۇرۇش ئالدىدا.   

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-28 14:10  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش